كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - مۇھىت | - تۇمان سىزنىڭ ئورنىڭىز:

تۇمان

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:28:42 كۆرۈلىشى: 9




تۇمان بىلەن بۇلۇت سۇ پارىنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن شەكىللىنىدۇ، پەقەت بۇلۇتنىڭ ئاستى قىسمى يەر يۈزى بىلەن تېگىشمەيدۇ، ئەمما تۇمان يەر يۈزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شۇڭا تۇماننى يەر يۈزىدىكى بۇلۇت دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز خۇاڭشەن تېغى، لۇشەن تېغى ۋە تەيشەن تېغىغا چىقسىڭىز مۇنداق تەسىراتقا كېلىشىڭىز مۇمكىن: بەزىدە تاغ ئاستىدىن قارىسىڭىز تاغ ئۈستىدىكى ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، تاغ تىزمىلىرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىغا مۆكۈنگەنلىكىنى كۆرىسىز، تاغ چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن تاغ تىزمىلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز، ئاپئاق بۇلۇتلار ئاستىڭىزدا ئۈزۈپ يۈرىدۇ، ئۆزىڭىزنى خۇددى تۇمان ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز.
گورىزونتال كۆرۈنۈش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تۇماننى ئېغىر تۇمان، قويۇق تۇمان، كۈچلۈك تۇمان، ئوتتۇراھال تۇمان ۋە سۇس تۇمان (مانان) قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئېغىر تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى50  مېتىرغا يەتمەيدۇ؛ قويۇق تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى50  ~200  مېتىر بولىدۇ؛ كۈچلۈك تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى200  ~500  مېتىر بولىدۇ؛ ئوتتۇراھال تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى500  ~1000  مېتىر بولىدۇ؛ يېنىك تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى1000  مېتىردىن ئاشىدۇ.
شەكىللىنىش سەۋەبىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تۇماننى يەنە رادىئاتسىيە تۇمانى، ئادۋېكسىيىلىك تۇمان، پار تۇمانى، دۆڭلۈك تۇمانى، فرونت يۈزى تۇمانى قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. رادىئاتسىيە تۇمانى يەر يۈزىدىكى ھاۋانىڭ كېچىلىك رادىئاتسىيە ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىپ سوۋۇپ، سۇ پارىغا زىيادە تويۇنغان ھالەتكە يەتكەندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل تۇمان كۆپىنچە ھاۋا ئوچۇق، شامال ئاجىز، يەر يۈزىگە يېقىن جايدىكى سۇ پارى بىرقەدەر مول بولغان كېچىسى ياكى ئەتىگىنى شەكىللىنىدۇ. رادىئاتسىيە تۇمانىنىڭ شەكىللىنىشى ئادەتتە شۇ كۈندىكى ھاۋا رايىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادۋېكسىيىلىك تۇمان ھاۋانىڭ گورىزونتال ئېقىشىدىن شەكىللەنگەن. ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى سوغۇق يەر يۈزى ياكى دېڭىز يۈزىدىن ئۆتكەندە ھاۋانىڭ ئاستىنقى قەۋىتى يەر يۈزى ياكى دېڭىز يۈزى بىلەن ئۇچرىشىپ سوۋۇيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇ پارى كوندېنساتسىيىلىنىپ تۇمانغا ئايلىنىدۇ. ئادۋېكسىيىلىك تۇمان ئادەتتە2  -3  كۈن ئىچىدە يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن  بېشارەت بېرىدۇ. فرونت يۈزى تۇمانى سوغۇق ۋە ئىللىق ھاۋا ماسسىسى ئۇچرىشىدىغان فرونت يۈزى بەلۋېغىدا شەكىللىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى قارىئۆرۈك يامغۇرى پەسلىدە دائىم بۇ خىل فرونت يۈزى تۇمانى شەكىللىنىدۇ، ئۇمۇ يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنىڭ بېشارىتىدۇر.
ئېلىمىزدىكى تۇمان ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئېمېيشەن تېغى بولۇپ،1953  ~1970  - يىللىرى ھەر يىلدىكى ئوتتۇرىچە تۇمانلىق كۈنلەر4 .323 كۈنگە يەتكەن، ھەر كۈنى دېگۈدەك تۇمان بولغان.
تۇمان دېڭىز قاتنىشى، ھاۋا قاتنىشى ۋە زىرائەتلەرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر پاراخوت دېڭىزدا قويۇق دېڭىز تۇمانىغا ئۇچراپ قالسا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىش، ھەتتا خادا تاشلارغا سوقۇلۇپ كېتىش، تېيىز سۇدا توختاپ قېلىش ۋە ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىشتەك ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؛ ئايروپىلان كۈچلۈك تۇمانلىق ھاۋا رايىغا دۇچ كەلسە ئۇچۇشى ۋە قۇنۇشى تەسلىشىدۇ؛  زىرائەتلەر تۇمانلىق، تۇتۇق ۋە سوغۇق ھاۋا رايىغا ئۇزاق مەزگىل يولۇقسا، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316