ئاسماندىكى بۇلۇتلار خىلمۇخىل شەكىللەردە بولۇپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يەر يۈزىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇلار ئاستا - ئاستا يوقاپ كېتىدۇ؛ ھۆل كىيىملەرنى يېيىپ قويساق، ئۇزاق ئۆتمەيلا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ سۇلار نەگە كېتىدۇ؟ بۇ سۇلار ئەسلىي قۇياش رادىئاتسىيىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن سۇ پارىغا ئايلىنىپ ھاۋاغا چىقىپ كېتىدۇ. سۇ پارلىرى يۇقىرى بوشلۇققا چىققاندىن كېيىن سوغۇق ھاۋاغا يولۇقۇپ كوندېنساتسىيىلىنىپ، ئۇششاق سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ. بۇ سۇ تامچىلىرى ئاتموسفېرادىكى چاڭ - توزان، تۇز زەررىچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ھەر خىل بۇلۇتلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى دېڭىز - ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقتىن پارلىنىپ ئاتموسفېراغا چىقىدىغان سۇ پارى تەخمىنەن4 تىرىليون500 مىليارد توننىدىن ئاشىدىكەن. بۇلۇتنى تەشكىل قىلغۇچى سۇ تامچىلىرى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، دىئامېتىرى ئادەتتە01 .0 -02 .0 مىللىمېتىر، ئەڭ چوڭلىرىمۇ2 .0 مىللىمېتىرلا كېلىدۇ. ئۇلار كىچىك ھەم يېنىك بولغاچقا، تۆۋەنلەش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەنگە چۈشۈش جەريانىدا يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمى كۆتۈرۈپ كېتىشى ياكى يەر يۈزىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن پارلىنىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار پارچە - پارچە ھالدا ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدۇ. بىز ئادەتتە كۆرىدىغان بۇلۇتلار ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ. بەزىلىرى ئاپئاق، بەزىلىرى سۈزۈك، بەزىلىرى قارا، بەزىلىرى قارامتۇل كۈل رەڭ، يەنە بەزىلىرى قىزىل ياكى سېرىق رەڭلەردە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئاق رەڭدە بولىدۇ، بۇلۇت قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، شۇنداقلا بۇلۇت قاتلىمىنىڭ قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىشى سەۋەبىدىن خىلمۇخىل رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ. بۇلۇتلارنىڭ شەكىل - ھالىتى ھەر خىل بولىدۇ، شەكىللىنىش سەۋەبىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە ئۇلارنى توپسىمان بۇلۇت، قاتسىمان بۇلۇت، دولقۇنسىمان بۇلۇت دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. توپسىمان بۇلۇت كونۋېكسىيىلىك بۇلۇت دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ سۇس توپ بۇلۇت، پارچە توپ بۇلۇت، قويۇق توپ بۇلۇت ۋە يامغۇرلۇق توپ بۇلۇت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ سىرتقى شەكلى پاختا ۋە تاغ چوققىسىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاتموسفېرانىڭ كونۋېكسىيىلىك ھەرىكىتى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن. سۇس توپ بۇلۇت، پارچە توپ بۇلۇت ۋە قويۇق توپ بۇلۇت يەككە ھالەتتە بولۇپ، ئادەتتە يامغۇر شەكىللەندۈرمەيدۇ. ئەگەر ھاۋانىڭ كونۋېكسىيىلىك ھەرىكىتى كۈچىيىپ كەتسە، ئۇلار يەنىمۇ راۋاجلىنىپ توپ - توپ يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتقا ئايلىنىپ، ئاخىردا يامغۇر شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. قاتسىمان بۇلۇت بۇجغۇر قات بۇلۇت، يۇقىرى قاتلام بۇلۇتى ۋە يامغۇرلۇق قات بۇلۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار پەردىگە ئوخشاش ئاسماننى بىر ئېلىپ، نەچچە يۈز كىلومېتىر، ھەتتا نەچچە مىڭ كىلومېتىر دائىرىدىكى رايوننى قاپلايدۇ. بۇ خىل بۇلۇت ئىللىق نەم ھاۋا ماسسىسىنىڭ سوغۇق ھاۋا ماسسىسىنىڭ يۇقىرى قىسمىنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلىگەندىكى ئۇچرىشىش يۈزىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئىللىق نەم ھاۋا تاغ باغرىنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلىگەن ۋاقىتتىمۇ ئوڭايلا قاتسىمان بۇلۇت شەكىللىنىدۇ. بۇجغۇر قات بۇلۇت سۈتتەك ئاپئاق بىر خىل بۇلۇت پەردىسى بولۇپ، ئېگىزلىكى ئادەتتە5000 −6000 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ ناھايىتى ئۇششاق مۇز كرىستالىدىن تۈزۈلگەن. يۇقىرى قاتلام بۇلۇتى سۇس كۈل رەڭ بۇلۇت پەردىسى بولۇپ، ئېگىزلىكى ئادەتتە2000 ~6000 مېتىر بولىدۇ، ئۇ سۇ تامچىسى بىلەن مۇز كرىستالىدىن تۈزۈلگەن. يامغۇرلۇق قات بۇلۇت پەس ۋە تەكشى بۇلۇت پەردىسى بولۇپ، گورىزونتال سوزۇلغان دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ھەمىشە پۈتكۈل ئاسماننى دېگۈدەك قاپلايدۇ. يامغۇرلۇق قات بۇلۇتنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆپ مىقداردا سۇ تامچىسى ساقلانغان بولۇپ، دائىم ئاق يېغىننى شەكىللەندۈرىدۇ. دولقۇنسىمان بۇلۇت بۇجغۇر توپ بۇلۇت، يۇقىرى توپ بۇلۇت، قات توپ بولۇت ۋە قات بۇلۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ شەكىل - ھالىتى بېلىق قاسىرىقى ۋە ئۆگزىدىكى كاھىشقا ناھايىتىمۇ ئوخشايدۇ، ئۇلار ئاتموسفېرانىڭ دولقۇنسىمان ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن. ئەگەر بۇلۇتنى ئېگىزلىكىگە ئاساسەن بۆلسەك، يەنە تۆت چوڭ بۇلۇت ئائىلىسىگە، يەنى تۆۋەن بۇلۇت، ئوتتۇرا قاتلام بۇلۇتى، يۇقىرى بۇلۇت ۋە تىك ئۇلغايغان بۇلۇتقا بۆلۈشكە بولىدۇ. تۆۋەن بۇلۇت كۆپىنچە سۇ تامچىلىرىدىن تۈزۈلىدۇ، بۇلۇت تۈۋىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە2500 مېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ؛ ئوتتۇرا قاتلام بۇلۇتىمۇ كۆپىنچە سۇ تامچىلىرىدىن تۈزۈلىدۇ، بۇلۇت تۈۋىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە2500 ~6000 مېتىر بولىدۇ؛ يۇقىرى بۇلۇت كۆپىنچە ئۇششاق مۇز كرىستالىدىن تۈزۈلىدۇ، بۇلۇت تۈۋىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە6000 مېتىردىن ئاشىدۇ؛ تىك ئۇلغايغان بۇلۇت سۇ تامچىلىرى، زىيادە سوۋۇغان سۇ تامچىلىرى ۋە مۇز كرىستاللىرىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تۈزۈلىدۇ، بۇلۇت تۈۋىنىڭ ئېگىزلىكى ھەمىشە2500 مېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ. بەزى تىك ئۇلغايغان بۇلۇتلار گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇرنى، بەزىدە يەنە قارا بوران ياكى مۆلدۈرنى شەكىللەندۈرىدۇ. |