كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - جۇغراپىيە | - تاغلىق سىزنىڭ ئورنىڭىز:

تاغلىق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:25:20 كۆرۈلىشى: 53




يەر شارى قۇرۇقلۇق يۈزىدە نۇرغۇنلىغان ئوڭغۇل - دوڭغۇل، ئاسمان - پەلەك ئاجايىپ غەلىتە تاغلىقلار بار، تاغلار تاغ چوققىسى، تاغ يانباغىرى ۋە تاغ ئېتىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى500  مېتىردىن يۇقىرى. ئۇلار تاغ چوققىلىرى كۆلىمىنىڭ كىچىك بولۇشى بىلەن ئېگىزلىكلەردىن پەرقلىنىدۇ. يەنە بىرقەدەر ئېگىز بولۇشى بىلەن ئېدىرلىقلاردىن پەرقلىنىدۇ، بۇ تاغلىقلار قاتمۇقات جايلىشىپ، بىر گەۋدە بولۇپ، چوڭ بىر تاغ ئائىلىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
تاغلىقلار سىرتقى يۈزىنىڭ شەكىل - ھالىتى ئاجايىپ - غارايىپ، كۆپ خىل بولىدۇ. بەزىلىرى بىر - بىرىگە پاراللېل ھالدا، نەچچە مىڭ كىلومېتىرغىچە سوزۇلىدۇ، بەزىلىرى ئۆزئارا  ئۈستمۇئۈست بولۇپ گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، تاغ ئىچىدە قاتلانما تاغ، تاغ سىرتىدا يەنە تاغ بولۇپ، بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كېتىدۇ. تاغلىقلار كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تاغنىڭ ئېگىزلىكىگە ئاساسەن تاغنى ئېگىز تاغ، ئوتتۇراھال تاغ ۋە پەس تاغ دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3500  مېتىردىن ئاشىدىغانلىرى ئېگىز تاغ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1000  −3500  مېتىر بولغانلىرى ئۇتتۇراھال تاغ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1000  مېتىردىن تۆۋەن بولغانلىرى پەس تاغ دېيىلىدۇ. تاغلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن تاغنى يەنە پۈرۈلمە تاغ، ئۈزۈلمە تاغ، پۈرۈلمە - ئۈزۈلمە تاغ، يانار تاغ، ئېروزىيىلىك تاغ قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. پۈرۈلمە تاغ يەر پوستىدىكى تاغ جىنس قاتلاملىرى گورىزونتال يۆنىلىشتىكى كۈچ تەسىرىدە قىسىلىپ، يۇقىرىغا قاراپ ئېگىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئۈزۈلمە تاغ تاغ جىنس قاتلاملىرى ۋېرتىكال يۆنىلىشتىكى كۈچنىڭ تەسىرىدە تاغ جىنس قاتلاملىرىدا ئۈزۈلۈش يۈز بېرىپ، ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن شەكىللىنىدۇ. ھىمالايا تېغى تىپىك بولغان پۈرۈلمە تاغ ھېسابلىنىدۇ، جياڭشىدىكى لۇشەن تېغى ئۈزۈلمە تاغ ھېسابلىنىدۇ. تەڭرىتاغ تىزمىسى بولسا پۈرۈلمە - ئۈزۈلمە تاغقا تەۋە.
تاغلىق چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئاساسلىق يەر شەكلى بولۇپ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان. بولۇپمۇ ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان. ئېلىمىزدىكى تاغلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، ھىمالايا تېغى، كوئىنلۇن تېغى، تاڭگۇلا تېغى، تەڭرىتېغى، ئالتاي تاغلىرىنىڭ ھەممىسى داڭلىق چوڭ تاغلاردىن ئىبارەت.
ئالدىنقىسى:ئېگىزلىك
.كىيىنكىسى: ئۇچۇر تۈگىدى

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316