ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، خەتەرلىك ھەم تىك قىيالىق، ئوڭغۇل - دوڭغۇل يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە ئېگىزلىكلەرنىڭ «يەر يۈزى سەھنىسى» دېگەن نامى بار. ئۇ كەڭ كۆلەمدىكى يەر پوستىنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋاملىق كۆتۈرۈلۈش ھەرىكىتىدە شەكىللەنگەن. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە1000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بەزى ئېگىزلىكلەرنىڭ يەر يۈزى كەڭ ۋە تەكشى بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ ئېگىز - پەسلىكى چوڭ بولمايدۇ؛ بەزى ئېگىزلىكلەر تىك ھەم ئاجايىپ چوققىلىق، ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاغ تىزمىلىرىغا ئىگە، ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ بولغان يەر تۈزۈلۈشكە ئىگە. ئېلىمىزدىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دېگەن نامى بار. ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردىن ئىسپاتلاندىكى، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى بۇنىڭدىن نەچچە10 مىليون يىللار ئىلگىرى قەدىمكى ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان بىپايان دېڭىز - ئوكيان ئىدى. كېيىنچە ماتېرىك بۆلىكىنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن ئۇنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھىندىستان - پاكىستان قەدىمكى ماتېرىكى داۋاملىق تۈردە شىمالغا سۈرۈلۈپ، ياۋرو - ئاسىيا ماتېرىكى بىلەن سوقۇلغان ۋە ياۋرو - ئاسىيا ماتېرىكى بۆلىكىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇلۇپ كىرىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنياغا داڭلىق چوڭ ئېگىزلىكنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ قېتىملىق تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى گېئولوگىيە تارىخىدا «ھىمالايا ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئەڭ يېڭى بولغان تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ، بۈگۈنگىچە ئاران10 −20 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە، شۇڭا چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياش ئېگىزلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك »ئۇچۇپ كەلگەن« سېرىق توپىنىڭ دۆۋىلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن، بۇ سېرىق توپىلارنىڭ ئەسلىي ماكانى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە موڭغۇلىيىدىكى قۇملۇق رايونلاردىن ئىبارەت. دۇنياغا داڭلىق بولغان ئېگىزلىكلەردىن يەنە تۆۋەندىكىلەر بار: موڭغۇلىيە ئېگىزلىكى، كۆلىمى2 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ؛ ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىكى دېكان ئېگىزلىكى، كۆلىمى تەخمىنەن2 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ؛ ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئىران ئېگىزلىكى، كۆلىمى تەخمىنەن2 مىليون500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئېگىزلىكى1000 ~2000 مېتىرغىچە كېلىدۇ؛ ئەرەب ئېگىزلىكى، كۆلىمى تەخمىنەن3 مىليون500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېگىزلىكى شەرق تەرەپتىكى200 مېتىردىن داۋاملىق تۈردە غەربكە قاراپ ئېگىزلەپ1000 مېتىردىن ئاشىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازىلىيە ئېگىزلىكى، كۆلىمى5 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، كۆلىمى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېگىزلىك ھېسابلىنىدۇ. پۈتكۈل ئافرىقا ئېگىزلىك شەكلىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن2000 مېتىر كېلىدۇ، باشقا كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ ئېگىزلىكى1000 −1500 مېتىرغىچە كېلىدۇ. شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكىدە ھەم چوڭ، ھەم چوڭقۇر كۆللەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، تانگانىكا كۆلىنىڭ كۆلىمى30 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. چوڭقۇرلۇقى1435 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ بايقال كۆلىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭقۇر كۆل ھېسابلىنىدۇ. ئېگىزلىكنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولۇپ، ئىگە بولىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى كۆپ، كۈننىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان لخاسا شەھىرى «ئاپتاپلىق شەھەر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئېگىزلىك رايونلاردا ھاۋا تۈزلەڭلىك رايونلارغا قارىغاندا شالاڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا بېسىمى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كىشىلەر ئېگىزلىك رايونىغا بارغاندا دائىم يۈرەك سېلىش تېزلىشىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ ھەمدە نەپىسى قىسىلىش قاتارلىق ئېگىزلىك ئىنكاسلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېگىزلىك رايونلىرىدا سۇنىڭ قايناش نۇقتىسى دائىم ℃100 تىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئېگىزلىكلەردە ئادەتتىكى قازاندا تاماق ئەتسە، دائىم چالا پىشىپ قالىدۇ. |