كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - جۇغراپىيە | - ماتېرىك سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ماتېرىك

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:24:05 كۆرۈلىشى: 15




يەر شارىدا ئالتە چوڭ قۇرۇقلۇق بۆلىكى بولۇپ، ئۇلار ياۋرو - ئاسىيا ماتېرىكى، ئافرىقا ماتېرىكى، شىمالىي ئامېرىكا ماتېرىكى، جەنۇبىي ئامېرىكا ماتېرىكى، ئاۋسترالىيە ماتېرىكى ۋە ئانتاركتىدا ماتېرىكىدىن ئىبارەت. بۇ ئالتە چوڭ ماتېرىكنىڭ تۆت ئەتراپىغا شاھمات ئۇرۇقىدەك يېيىلغان نۇرغۇن ئاراللار جايلاشقان بولۇپ، ماتېرىك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار قوشۇلۇپ «قىتئە» دەپ ئاتىلىدۇ. يەر شارىدا جەمئىي يەتتە قىتئە بار. ئۇلارنى كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بويىچە رەتكە تىزساق، ئاسىيا، ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئانتاركتىدا، ياۋروپا، ئوكيانىيىدىن ئىبارەت. بۇ يەتتە قىتئەنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى149  مىليون480  مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ29  پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. باشقا71  پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغىنى دېڭىز - ئوكياندىن ئىبارەت.
ماتېرىك يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ، شەكىل - ھالىتى خىلمۇخىل، ئۇنىڭدا ئېگىزلىك، تاغ تىزمىسى، تۈزلەڭلىك، دەريا ۋە ئويمانلىق قاتارلىقلار بار. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىك ئېلىمىزدىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى4000  مېتىردىن ئاشىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېگىزلىك جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە ئېگىزلىكى بولۇپ، يەر كۆلىمى5  مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ تىزمىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا ماتېرىكىدىكى كولدېليېر تاغ سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا ماتېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۇزۇنىغا كېسىپ ئۆتۈپ،15  مىڭ كىلومېتىر سوزۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئاند تاغ تىزمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن9000  كىلومېتىر كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھىمالايا تېغىنىڭ ئاساسىي چوققىسى بولغان − چومولاڭما چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى13 .8848 مېتىر كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىك جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئامازون تۈزلەڭلىكى بولۇپ، كۆلىمى5  مىليون600  مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ تەكشى تۈزلەڭلىك روسىيىدىكى غەربىي سىبىر تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت.
ئېگىزلىك ۋە تاغ تىزمىلىرى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرمىلىققا ئىگە بولغىنى ئويمانلىق بىلەن ئازگاللىقتىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ئەڭ پەس ئويمانلىق مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان ئويمانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ پەس يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى154  - مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ پەس ئازگاللىق ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى ئىئوردان بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى »ئۆلۈك دېڭىز« بولۇپ، ئۇنىڭ سۇ يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن397  مېتىر پەس.
يەر شارىدىكى ماتېرىكتا يەنە نۇرغۇنلىغان دەريا ۋە كۆللەر بار. دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6670  كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئامازون دەرياسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6400  كىلومېتىر كېلىدۇ. ئېلىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6300  كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئېگىزلىك رايونىدىكى سۇپېرىئور كۆلى بولۇپ، كۆلىمى82410  كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ؛ ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل ئاسىيانىڭ غەربىدىكى كاسپى  دېڭىزى بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن370  مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
گېئولوگلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئارخېئوزوي ئېراسىدا يەر شارىدىكى بارلىق قۇرۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسى تۇتاش ئىدى، كېيىنچە كۈچلۈك يەر پوستى ھەرىكىتى تەسىرىدە بۇ چوڭ بۆلەك پارچە - پارچە بولۇپ تارقىلىپ، لەيلەپ يۈرۈپ ھازىرقى دېڭىز - قۇرۇقلۇقلارنىڭ جايلىشىشىنى شەكىللەندۈرگەن دېگەن قاراشقا كەلدى. ئالىملار يەنە: يەر شارىدىكى يەتتە قىتئە ماتېرىكى خۇددى »يەتتە بۆلەك« كە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى مۇناسىپ ھالدا جىپسىلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا بىر جۈپ، ياۋروپا بىلەن ئافرىقا بىر جۈپ، ئاسىيا بىلەن ئاۋسترالىيە قىتئەسى بىر جۈپ، بۇ ئۈچ جۈپ ماتېرىكنى غەربتىن شەرققە قاراپ تەرتىپ بىلەن تىزساق ئىپتىدائىي چوڭ بۆلەك شەكىللىنىدۇ، قېپقالغان ئانتاركتىدا بولسا بۇ ئۈچ جۈپ ماتېرىكنىڭ جەنۇبىي يېرىم شاردىكى بوش ئورنىنى تولدۇرىدۇ. كېيىنچە بۇ يەتتە بۆلەكتە تەدرىجىي ئۈزۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ئاۋسترالىيە قىتئەسى، ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئافرىقا قىتئەسى، ئامېرىكا ماتېرىكى بىلەن ياۋروپا، ئافرىقا ماتېرىكى ئايرىلغان، ئانتاركتىدا ماتېرىكىمۇ يەككە - يېگانە ھالدا لەيلەپ بارغانسېرى يىراقلاشقان. تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ چوڭ بۆلەكلەر يەنە ئاستا - ئاستا يۆتكىلىپ ھەرىكەت قىلماقتا.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316