يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدىكى ھاياتلىق بار بولغان بىردىنبىر ئاسمان جىسىمى. مەيلى قار - مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرغان جەنۇبىي قۇتۇپتا ياكى قۇياش چېقىپ تۇرىدىغان پىژ - پىژ ئىسسىق تروپىك بەلۋاغ رايونىدا بولسۇن؛ مەيلى قۇرغاق، ئىسسىق چۆللۈكلەردە ۋە ياكى دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىز - ئوكيانلاردا بولسۇن؛ مەيلى يەر قاتلىمىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا ياكى يۇقىرى بوشلۇقتا بولسۇن، ھەممىلا جايدا ھاياتلىق ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. كىشىلەر يەر شارىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ۋە مىكرو ئورگانىزملار ياشايدىغان ھەمدە پائالىيەت قىلىدىغان قاتلامنى يەر شارى بىئوسفېراسى دەپ ئاتايدۇ. ئۆسۈملۈك بىئوسفېرانىڭ مۇھىم ئەزاسى. نۇرغۇن ئالىملار يەر شارى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئاتموسفېرانىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بولۇپ، ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز ئىدى، ئۆسۈملۈكلەر كۆپ مىقداردا پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ فوتوسىنتېز رولىدىن زور مىقداردا ئوكسىگېن ھاسىل بولغان، بۇنىڭ بىلەن يۈكسەك ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە ئىنسانلار ۋە كۆپ مىقداردىكى ھايۋانلار ياشىيالىغان، دەپ قارايدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تەخمىنەن500 مىڭ تۈردىن ئاشىدۇ. بىرگە ئۆسكەن ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەر يېپىنچا ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكى، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكى، چۆللۈك يېپىنچا ئۆسۈملۈكى قاتارلىقلار. بىئوسفېراغا ھايۋانلار ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى ھايۋانلار تەخمىنەن1 مىليون500 مىڭ خىل ئەتراپىدا ئىكەن. ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي لاندىشافتتىكى ھايۋانلار تىپىنىڭ ئېكولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئورمان ھايۋىنى، ئوتلاق ھايۋىنى، چۆللۈك ھايۋىنى، تۇندىرا ھايۋىنى ۋە ئېگىز تاغ ھايۋىنى قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشتىكى ياشاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، بولۇپمۇ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، يەر ئاستىدىكى نەچچە يۈز مېتىر، ھەتتا بىر كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىمۇ باكتېرىيىلەر ياشايدىكەن. بىر قىسىم بېلىقلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك لەيلىگۈچى جانلىقلار ئون نەچچە كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىزلاردا ياشىيالايدۇ. ھاياتلىق جەريانى جانلىقلارنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا خىمىيىلىك ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر. كۆمۈر ۋە نېفىت بولسا جانلىقلار ئۆلگەندىن كېيىن قالدۇقلىرىنىڭ توپلىنىپ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان؛ تاغ جىنسلىرىنىڭ يىمىرىلىشى، تۇپراقنىڭ شەكىللىنىشى جانلىقلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتراك قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يەر شارى بىئوسفېراسى1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون يىللىق كېڭىيىپ راۋاجلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق بۈگۈنكى بارلىق جانلىقلار ياشىيالايدىغان مۇھىت بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ ئۇزاق تەرەققىيات ھەم ئۆزگىرىش جەريانىغا يەر شارى ئاتموسفېراسى، گىدروسفېراسى ۋە يەر پوستى سىرتقى يۈزى ئاكتىپ ئىشتراك قىلغان. شۇڭا بىئوسفېرانىڭ شەكىللىنىشى ئاتموسفېرا، گىدروسفېرا ۋە يەر پوستى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۇچرىشىش، ئۆزئارا سىڭىشىش، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. |