دېڭىز - ئوكيان پۈتۈن يەر شارى سىرتقى يۈزىنىڭ %71 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر دېڭىز - ئوكيانلاردىكى بارلىق سۇنى يەر شارى يۈزىگە تەكشى يېيىتساق، يەر شارى يۈزىدە قېلىنلىقى تەخمىنەن2700 مېتىر كېلىدىغان سۇ چەمبىرى ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەر يەر شارىنىڭ نامى خاتا قويۇلۇپ قالغان، ئەسلىي ئۇنى «سۇ شارى» دېيىش كېرەك ئىدى، دېيىشىدۇ. بىراق،4 −5 مىليارد يىللار ئىلگىرى يەر شارى ئەمدىلا پەيدا بولغان چاغدا، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدىن بىر تامچە سۇنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى، ھېچقانداق ھاياتلىق يوق ئىدى. كېيىنچە يەر شارىنىڭ تەدرىجىي سوۋۇشى بىلەن ئاتموسفېرادىكى سۇ پارلىرى كوندېنساتسىيىلىنىپ يامغۇر ھاسىل قىلىپ يەر شارىغا ئۈزلۈكسىز يېغىپ، پەس ئازگال جايلارغا سۇنىڭ توپلىنىشى نەتىجىسىدە تەدرىجىي ھالدا ئىپتىدائىي كۆللەر ۋە دېڭىز - ئوكيانلار شەكىللەنگەن. يەر شارىدا ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق ماددىسى ئىپتىدائىي دېڭىز - ئوكيانلاردا تۆرەلگەن. يەر شارىدىكى گىدروسفېرا ئاتموسفېرا بىلەن لىتوسفېرانىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇ دېڭىز - ئوكيان، كۆل، دەريا، سازلىق، يەر ئاستى سۈيى، شۇنىڭدەك مۇزلۇق قاتارلىق سۇيۇق ۋە قاتتىق ھالەتتىكى سۇلاردىن تەشكىل تاپقان. ئالىملارنىڭ تەخمىنىي ھېسابلىشىچە، يەر شارىنىڭ سىرتقى قاتلىمىدىكى سۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارى1 مىليارد400 مىليون كۇب كىلومېتىر ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز - ئوكيان سۈيى %3 .97 نى، مۇزلۇقنى ئاساس قىلغان قۇرۇقلۇقتىكى سۇ %7 .2 نى ئىگىلەيدۇ، ئاتموسفېرادىكى سۇنى يۇقىرىقى ئىككىسىگە سېلىشتۇرساق، ئۇنى ئازلىقىدىن ھېسابقا ئالغۇچىلىكى يوق دېيىشكە بولىدۇ. قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن يەر شارى گىدروسفېراسى ئۈزلۈكسىز ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. دېڭىز - ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقتىكى سۇ ئىسسىپ پارغا ئايلىنىپ، سۇ پارىنى شەكىللەندۈرۈپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، ئاتموسفېرا سۈيىگە ئايلىنىدۇ؛ ئاتموسفېرادىكى سۇ مۇۋاپىق شارائىتتا يەنە كوندېنساتسىيىلىنىپ يامغۇر، قارغا ئايلىنىپ، يەر يۈزىگە ياكى دېڭىز - ئوكيانلارغا ياغىدۇ. يەر يۈزىدىكى سۇ دەريا، كۆل، دېڭىزلارغا قۇيۇلىدۇ ياكى تۇپراق ۋە تاغ جىنس يوچۇقلىرىغا سىڭىپ يەر ئاستى سۈيىگە ئايلىنىدۇ ۋە ياكى بىۋاسىتە پارغا ئايلىنىپ ئاتموسفېراغا قوشۇلىدۇ، مۇشۇ تەرىقىدە تەكرار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئايلىنىش ھەرىكىتىدە ئاتموسفېرا سۇ تەركىبىنىڭ مۇھىم «توشۇش قورالى» بولىدۇ. يەر شارىدا چوڭ كۆلەمدىكى سۇ ئايلىنىشى توختىماستىن مەڭگۈ داۋام ئەتكەچكە، يەر شارى يۈزىدە دېڭىز تەسىرىدىن زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، بارلىق مەۋجۇداتلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. |