يەر شارىنىڭ ئەتراپىنى قېلىن بىر قەۋەت يېپىنچا − ئاتموسفېرا ئوراپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار ئەنە شۇ ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ ئاستى قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان. كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولمايدىغان ئاتموسفېرا قاتلىمىدا خىلمۇخىل قىزىقارلىق تەبىئىي ھادىسىلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇلار ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئاتموسفېرانىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئوكسىگېن، ئازوتتىن باشقا يەنە ھىدروگېن، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، گېلىي، نېئون، ئارگون، كرىپتون، كسېنون، ئوزون قاتارلىق گازلار بار. ئازوت بىلەن ئوكسىگېن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھاۋا ئومۇمىي ھەجمىنىڭ %09 .78 ۋە %95 .20 ىنى ئىگىلەيدۇ. باشقا گازلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى ھاۋا ئومۇمىي ھەجمىنىڭ 1% ىگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاتموسفېرا قاتلىمىدا يەنە مۇئەييەن مىقداردا سۇ ۋە ھەر خىل چاڭ - توزان ئارىلاش ماددىلىرى بار، بۇلار بۇلۇت، يامغۇر، تۇمان، قارنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم ماددىلاردۇر. ئاتموسفېرادىكى ھاۋانى گەرچە كۆرگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ماسسىسىنىڭ چوڭلۇقىغا ئادەم ھەيران قالىدۇ. ئالىملارنىڭ تەخمىنىي ھېسابلىشىچە، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋانىڭ ئېغىرلىقى500 مىليارد توننىدىن ئاشىدىكەن. ئەگەر ئادەم تېنىدە سىرتقا قارىتا بېسىم كۈچى بولمىغان بولسا، مىجىلىپ كەتكەن بولاتتى. يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئاتموسفېرا ماسسىسىنىڭ10 /9 قىسمى يەر يۈزىگە يېقىن بولغان16 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، يەر يۈزىدىن قانچە ئېگىزلىگەنسېرى، ھاۋا شۇنچە شالاڭلاپ بارىدۇ. يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن2 -3 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاتموسفېرانىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىكلەردىكى ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، مېتېئورولوگلار ئاتموسفېرانى بىرقانچە قەۋەتكە ئايرىپ چىققان. يەر يۈزىگە ئەڭ يېقىن بولغان قەۋەت تروپوسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى ئوتتۇرا كەڭلىك رايونىدا10 ~12 كىلومېتىر، ئېكۋاتور رايونىدا16 ~18 كىلومېتىر، ئىككى قۇتۇپ رايونىدا7 ~10 كىلومېتىر كېلىدۇ. تروپوسفېرانىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، تېمپېراتۇرا ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، يەر يۈزىدىن قانچە يىراق بولسا، تېمپېراتۇرا شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. تروپوسفېرادىكى ھاۋادا كۈچلۈك بولغان ۋېرتىكال ۋە گورىزونتال كونۋېكسىيە ھەرىكىتى بولغانلىقتىن، سۇنىڭ ئۈچ خىل ھالەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قاتار فىزىكىلىق ئۆزگىرىش جەريانىنى ھاسىل قىلىدۇ. شامال، قىرو، يامغۇر، قار، بۇلۇت، تۇمان، مۆلدۈر قاتارلىق ھەرخىل ئۆزگىرىشچان ھاۋا رايى ھادىسىلىرى بۇ قەۋەتتە يۈز بېرىدۇ. تروپوسفېرادىن يۇقىرىغا قاراپ50 كىلومېتىرغىچە بولغان بوشلۇق ستراتوسفېرا بولۇپ، بۇ جايدا ھاۋا شالاڭ، سۇ پارى ۋە چاڭ - توزان ئىنتايىن ئاز، ھاۋا ئېقىمى گورىزونتال ھەرىكەتنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى مۇقىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. ستراتوسفېرادىن يۇقىرىغا قاراپ85 كىلومېتىرغىچە بولغان بوشلۇق مېزوسفېرا بولۇپ، بۇ قەۋەتتىكى تېمپېراتۇرا ئېگىزلىكنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. ئەڭ ئېگىز ئورنىدىكى تېمپېراتۇرا تەخمىنەن ℃90- قا يېتىدۇ. مېزوسفېرانىڭ يۇقىرى قىسمىدا ئاز مىقداردا سۇ تەركىبى بار، بەزىدە كۈمۈش رەڭ كېچىلىك پارقىراق بۇلۇتنى كۆرگىلى بولىدۇ.85 كىلومېتىردىن500 كىلومېتىرغىچە بولغان قەۋەت تېرموسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تېمپېراتۇرا ئېگىزلىكنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىلاپ بارىدۇ. يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى400 كىلومېتىر بولغان يۇقىرى بوشلۇقتا تېمپېراتۇرا ℃3000 −℃4000 قا يېتىدۇ. بۇ قەۋەتتىكى ئوكسىگېن ئاتومى بىلەن ئازوت ئاتومى ئىئون ھالىتىدە بولغانلىقتىن، ئىئونوسفېرا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر يۈزىدىكى مەلۇم جايدىن كەلگەن رادىئو دولقۇنلىرى ئىئونوسفېرانىڭ قايتۇرۇشى ئارقىلىقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلالايدۇ. تېرموسفېرانىڭ يۇقىرىسى ئاتموسفېرانىڭ سىرتقى قەۋىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىنقى چېگرىسى800 ~1000 كىلومېتىر ئەتراپىدا، ئۈستۈنكى چېگرىسى3000 كىلومېتىرغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ جاي يەر شارى ئاتموسفېراسى بىلەن يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقنىڭ ئۆتكۈنچى بەلۋېغىدۇر. بۇ قەۋەتتە ھاۋا ئىنتايىن شالاڭ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغانلىقتىن، يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدىغان بىر قىسىم ھاۋا مولېكۇلىلىرى ۋە ئاتوملىرى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن تىرىشىپ قۇتۇلۇپ ئالەم بوشلۇقىغا قېچىپ بارىدۇ، شۇڭا بۇ قەۋەت تارىلىش قەۋىتى (ئېكزوسفېرا) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. |