كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - خىميە | - ئامىنو كىسلاتا سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ئامىنو كىسلاتا

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:21:19 كۆرۈلىشى: 18



تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ھاياتلىق ئامىنو كىسلاتا بارلىققا كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن تەدرىجىي دۇنياغا كەلگەن ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. ھازىرغا قەدەر ئالىملار تىرىك ئورگانىزمدا80  نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا بارلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ20  خىلى ئاقسىللارنى تۈزگۈچى ئاساسلىق ماتېرىياللاردۇر. بۇ20  خىل ئامىنۇ كىسلاتا ئوخشىمىغان سان ۋە ئوخشىمىغان ئۇلىنىش شەكىللىرىدە بىرىكىپ، مىليون خىلدىن ئارتۇق ئوخشاشمايدىغان ئاقسىللارنى ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ خۇددى0  دىن9  غىچە بولغان رەقەملەرنى گۇرۇپپىلاش ئارقىلىق شەكىللەنگەن تېلېفون نومۇرلىرىغا ئوخشاش تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگەرگەن ھاياتلىقمۇ مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامىنو كىسلاتا ھاياتلىقنىڭ نامايەندىسى دەپ ئاتالغان.
ئامىنو كىسلاتا مولېكۇلىسىدا ھەم ئامىنو رادىىكالى (ئىشقارلىق)، ھەم كاربوكسىل رادىكالى (كىسلاتالىق) بولغاچقا، ئىككى خىل خۇسۇسىيەتلىك بىرىكمە ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ئۇ ئاق كرىستال ماددا بولۇپ، سىرتقى شەكلى تېتىتقۇ، قۇم شېكەر ۋە تازىلانغان ئاش تۇزىغا ئوخشايدۇ. ئامىنو كىسلاتالارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى سۇدا ئېرىيدۇ. ئامىنو كىسلاتالىرى نۇرغۇن ماددىلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىدۇ، بەزى رېئاكسىيىلەردە رەڭ ھاسىل بولىدۇ، ئوخشاشمىغان رېئاكسىيىلەردە ھاسىل بولىدىغان رەڭلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئالىملار ئامىنو كىسلاتالارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، ئاقسىللارنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتالارنىڭ تۈرلىرى ۋە سانىنى تەھلىل قىلىپ چىقالايدۇ، شۇنىڭدەك ئاقسىللاردىكى ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالارنىڭ جايلىشىش تەرتىپلىرىنى ئېنىقلىيالايدۇ.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە بارلىق مىكرو ئورگانىزملار ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتالارنى ئۆزلىرى سىنتېزلىيالايدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا بۇ خىل ئىقتىدار بولمىغاچقا، ئامىنۇ كىسلاتالارنى ئاساسەن تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتالار بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق تولۇقلىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەكلىكلەرگە بەزى ئامىنو كىسلاتالار قوشۇپ قويۇلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئوزۇقلۇقى ئىنتايىن مول بولغان ياخشى يېمەكلىككە ئايلىنىدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان لىزىنلىق بولكا شۇلارنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. بىز ئادەتتە قورۇما ۋە تائاملارنى تەييارلاشتا سالىدىغان تېتىتقۇمۇ بىر خىل ئامىنو كىسلاتا بىلەن ناترىينىڭ بىرىكمە ھاسىلاتى − ناترىي گلۇتامات بولۇپ، ئۇ تەم كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە ئادەم بەدىنى ئۈچۈنمۇ ئېھتىياجلىقتۇر.
ئامىنو كىسلاتانىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ماددىلارنىڭ سىنتېزلىنىشى، پارچىلىنىشى ۋە ئايلىنىشىدىمۇ مۇھىم رولى بار. ھىستىدىن ھىستامىنغا ئايلىنالايدۇ، تىروزىن تىرامىنغا ئايلىنالايدۇ. ھىستامىن قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. ترامىن قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ. ئەگەر بۇ تۈردىكى ئامىنلارنىڭ بەدەن ئىچىدە ھاسىل بولۇشى ئوشۇقچە بولۇپ كەتسە، نېرۋا ياكى قان تومۇر قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ فۇنكسىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، لېكىن نورمال ئادەملەردە ھەر خىل ئامىللارنىڭ مىقدارى ئۆزلۈكىدىن تەڭشىلىپ، تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316