ئوتۇن كۆيگەندە ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ، ئوتۇندىكى ئېنېرگىيە ئوت ۋە ئىسسىقلىق ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئادەم تاماق يېگەندە تاماقمۇ ئادەم بەدىنىدە كۆيۈپ ئېنېرگىيە چىقىرىدۇ، بۇ مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ، بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتۇن كۆيۈپ تۈگىگەندە ئوتى ئۆچۈپ، ئىسسىقلىق چىقارمايدۇ. لېكىن، ئادەم بىر ۋاخ تاماق يېيىش ئارقىلىق، بىرقانچە كۈنلۈك ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. چۈنكى، تاماقتىكى كېرەكلىك نەرسىلەر ئاقسىل، شېكەر، ياغ قاتارلىق ماددىلارغا ئۆزگىرىپ ئادەم بەدىنىدە زاپاس ساقلىنىدۇ - دە، ئاندىن ئاستا - ئاستا بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش ئارقىلىق، داۋاملىق ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال پائالىيىتىنى قامدايدۇ. ئادەم بەدىنى بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىشتا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيىدىن بىراقلا پايدىلانماستىن، بەلكى ئېھتىياجىغا ئاساسەن قېتىم ۋە تۈركۈملەرگە بۆلۈپ پايدىلىنىدۇ، يەنى بۇ جەرياننى PTA ۋە PDA قاتارلىق ماددىلار تەڭشەيدۇ. PTAبولسا مولېكۇلىسى بىر ئادېنوزىن (ئادېنىن بىلەن رىبوزىدىن تەركىب تاپقان) بىلەن ئۈچ فوسفات كىسلاتادىن تەركىب تاپقان ماددا بولغاچقا، ئادېنوزىن ترىفوسفات دېيىلىدۇ.PTA دىكى A ئادېنوزىنغا، T بولسا ئۈچكە، P بولسا فوسفات كىسلاتاغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. PTA دىكى ئۈچ فوسفات كىسلاتا يانمۇيان تۇتاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خىمىيىۋى باغ فوسفات بېغى دېيىلىدۇ. PTA دا A دىن يىراق ئىككى دانە فوسفات بېغىنىڭ ئېنېرگىيىسى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئۇ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات بېغى دېيىلىدۇ. تەركىبىدە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات بېغى بولغان بىرىكمىلەر يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات بىرىكمىلىرى دېيىلىدۇ. ئەگەر PTA دىكى بىر دانە فوسفات كىسلاتا ئاجرىلىپ كەتسە، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك باغدىكى ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىپ، PTA ئۆزى ئادېنوزىن دىفوسفات − PDA قا ئۆزگىرىدۇ. PDA مۇ بىر دانە فوسفات كىسلاتا بىلەن بىرىكىپ، ئوخشاش مىقداردىكى ئېنېرگىيىنى قايتۇرۇۋېلىپ PTA غا ئۆزگىرەلەيدۇ. PTA نىڭ مۇشۇنداق خۇسۇسىيىتى بولغاچقىلا، ئۇ ئادەم تېنىدە ئېنېرگىيىنىڭ «يەتكۈزگۈچىسى» بولالىغان. بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىشتا ئېنېرگىيە پەيدا بولغاندىن كېيىن، بۇ ئېنېرگىيىنى ئالدى بىلەن PDA قوبۇل قىلىدۇ، يەنى PDA فوسفات كىسلاتا بىلەن بىرىكىپ PTA نى شەكىللەندۈرىدۇ، قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە بولسا فوسفات بېغىدا زاپاس ساقلىنىدۇ. مۇشۇ يوسۇندا ئادەم بەدىنىنىڭ قايسى ئورنى ئېنېرگىيىگە موھتاج بولسا، PTA ھەرىكەتلىنىپ شۇ ئورۇنغا بارىدۇ - دە، بىر دانە فوسفات كىسلاتا مولېكۇلىسىنى ئاجرىتىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ، يەنە PDA غا ئۆزگىرىدۇ. PTA نىڭ ئېنېرگىيىنى يەتكۈزۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاقسىل، شېكەر، ياغ ۋە ئېنېرگىيە ئامبىرىدىكى نەرسىلەرنى ئېھتىياجلىق يەرلەرگە ئۈنۈملۈك ھالدا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. |