ھەر خىل ياغلار ۋە فوسفاتىد، گلىكولىپىد، خولېستېرىن قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ياغ (ماي) دېيىلىدۇ. ياغ بارلىق تىرىك ھۈجەيرىلەردە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ جانلىقلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئورگانىك ماددىلاردۇر. ئادەمنى سەمرىتىدىغان ياغ ياغلارنىڭ بىر خىلى. ياغنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسلىق رولى ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلاش ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، خۇددى بىر «ئۆتەڭ» گە ئوخشايدۇ.1 گرام ياغ سەرپ قىلىنغاندا قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنېرگىيە1 گرام شېكەر ياكى1 گرام ئاقسىل سەرپ قىلىنغاندا قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنېرگىيىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدىنىدىكى ياغ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ10 − 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئادەم ياكى ھايۋانلار يېگەن يېمەكلىكلەر بەدەن ئىچىدە ئېنېرگىيىگە ئايلىنىپ ھاياتلىق پائالىيەتلەرنى تەمىنلىگەندىن سىرت، قېپقالغانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ياغقا ئايلىنىدۇ. سىرتقى مۇھىتتىن ئالىدىغان يېمەكلىكلەر يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ قىسىم ياغلار پارچىلىنىپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ - دە، بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. ئۈچەككە كىرىش ئادىتى بار بەزى ھايۋانلار ئۈچەك مەزگىلىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئۈچەككە كىرىشتىن ئاۋۋال ئارتۇق مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ ياغقا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىغا ئوخشاش بەزى ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاستىدىكى ياغ قاتلىمى ئالاھىدە قېلىن بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ يېتەرلىك ياغنى پارچىلاپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش ئارقىلىق سوغۇقتىن ساقلىنىشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئايلانغان ئېنېرگىيىسى ھاياتلىق پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيىدىن ئېشىپ كەتسە، ئوشۇقچە ئېنېرگىيىدىن ئايلانغان ياغلار بارغانچە كۆپىيىپ بارىدۇ. ئۆسمۈر بالىلارنىڭ سەمرىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەك كۆپىيىپ كېتىشىدىن بولىدۇ. ياشانغانلارمۇ لايىقىدا ھەرىكەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆزلەشتۈرگەن ئېنېرگيىسى كۆپ بولۇپ كەتسە، ئوخشاشلا سەمرىپ كېتىدۇ. ھۈجەيرە پەردىسى، يادرو پەردىسى ۋە ھەر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ پەردىلىرى بىئو پەردە دېيىلىدۇ. بىئو پەردىلەر ئاساسەن ياغ بىلەن ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ياغ %40 نى، ئاقسىل %60 نى ئىگىلەيدۇ. بىئو پەردىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق ياغلار فوسفاتىدلاردۇر. خولېستېرىنىمۇ ئاقسىل بىلەن بىرىكىش ئارقىلىق ياغ ئاقسىلى ھاسىل قىلىپ، قاندا ياغلارنى توشۇشتەك ھەر خىل بىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. جىنسىي ھورمون، بۆرەك ئۈستى بەز پوستلاق ھورمونى قاتارلىقلارمۇ خولېستېرىن بولۇپ، ئۇلار مېتابولىزمدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. |