كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - خىميە | - «پاسسىپ گازلار» سىزنىڭ ئورنىڭىز:

«پاسسىپ گازلار»

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:19:13 كۆرۈلىشى: 14



گېلىي (He)، نېئون (Ne)، ئارگون (Ar)، كرىپتون (Kr)، كسېنون (Xr) قاتارلىق گازلارغا «پاسسىپ» گازلار دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئىنېرت گازلار دەپ ئاتىلىدۇ.1894
 - يىل8  - ئاينىڭ13  - كۈنى، ئەنگلىيە خىمىيە ئالىمى رامساي بىلەن فىزىكا ئالىمى رايلېي بىر قېتىملىق يىغىندا، خۇسۇسىيىتى غەلىتە بولغان بىر خىل يېڭى ئېلېمېنتنى بايقىغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇ خىل ئېلېمېنت گاز ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئېلېمېنتقا ئەڭ ئاكتىپ، تەسىرلىشىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ھەرقانداق ماددىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكتىن، ئۇنى ئارگون دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ مەنىسى «پاسسىپ» دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەچچە خىل ئېلېمېنت بايقالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئارگونغا ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان، خۇددى ئېلېمېنتلار ئىچىدىكى «دەرۋىش» كە ئوخشاش، باشقا ئېلېمېنتلار بىلەن زادىلا خىمىيىۋى رېئاكسىيىگە كىرىشمىگەن.
بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئەسلىدە گېلىي ئاتومى ئىككى ئېلېكترونلۇق تۇراقلىق تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغاندىن سىرت، باشقا گازلارنىڭ ئاتومى ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدە سەككىز دانە ئېلېكترون بولغان تۇراقلىق تۈزۈلۈشكە ئىگە. ئەينى ۋاقىتتىكى خىمىيە نەزەرىيىسى بويىچە، بۇ خىل تۈزۈلۈشكە ئىگە ئېلېمېنتلار خىمىيىۋى رېئاكسىيىگە كىرىشمەيدۇ دەپ قارىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىمىيە ئالىملىرى ئىنېرت(پاسسىپ) گاز ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىرىكمە ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى.1962  - يىلى ئەنگلىيىلىك ياش خىمىيە ئالىمى بارتلېت پلاتىنا گۇرۇپپىسىدىكى مېتاللار بىلەن فتورنى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش تەجرىبىسىنى ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، تاسادىپىي ھالدا بىر خىل توق قىزىل رەڭلىك قاتتىق ماددا ھاسىل بولغان، ئۇ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل ماددىنىڭ ئالتە فتورلۇق پلاتىنا كىسلاتاسىنىڭ ئوكسىگېنلىق بىرىكمىسى (O2PtF6) ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەمدە بۇ بىرىكمىدىن مۇنداق بىر پاكىتنى كۆرگەن: سەككىز ئېلېكترونلۇق تۇراقلىق تۈزۈلۈشكە ئىگە ئوكسىگېن مولېكۇلىسى بىر ئېلېكترونىنى يوقىتىپ، كاتىئون ھاسىل قىلىدۇ، ئەمما ئوكسىگېن ئېلېكتروننى ناھايىتى تەستە يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچى ئىئونلىنىش ئېنېرگىيىسى (يەنى ئاتومنىڭ ئېلېكترون يوقىتىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى) كسېنوننىڭ بىرىنچى ئىئونلىنىش ئېنېرگىيىسىدىنمۇ چوڭراق بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىنېرت ئېلېمېنت كسېنون كاتىئون ھاسىل قىلالامدۇ - يوق؟ يەنە كېلىپ ئالتە فتورلۇق پلاتىنا بىر خىل كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى، ئەگەر ئالتە فتورلۇق پلاتىنا كسېنون بىلەن تەسىرلەشسە يەنە قانداق بولىدۇ؟
بارتلېت ئالتە فتورلۇق پلاتىنا كىسلاتاسىنىڭ ئوكسىگېنلىق بىرىكمىسىنى سىنتېزلاشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇسۇلىغا تەقلىد قىلىپ، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ئالتە فتورلۇق پلاتىنا ھورى بىلەن ئارتۇق مىقداردىكى كسېنون گازىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاخىر قاتتىق ھالەتتىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئالتە فتورلۇق پلاتىنا كىسلاتاسىنىڭ كسېنونلۇق بىرىكمىسىنى ئالغان. بۇ دۇنيادا ئىنېرت گازلارنىڭ تۇنجى بىرىكمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كسېنوننىڭ فتورلۇق، خلورلۇق، ئوكسىگېنلىق بىرىكمىلىرى ئارقا - ئارقىدىن دۇنياغا كەلدى، ھازىر ئىنېرت گازلارنىڭ رادون فتورىد، ئارگون دى فتورىد قاتارلىق بىرىكمىلىرى نەچچە يۈز خىلدىن ئاشتى.
ئىنېرت گاز بىرىكمىلىرىنىڭ سىنتېزلىنىشى ئالىملارغا يەنە بىر قېتىم ئىلھام بولدى. ئىلىم - پەننىڭ چېكى بولمايدۇ، بۈگۈنكى ھەقىقەت ئەتىلا خاتا نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. پەقەت ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقەت تەرەپتە مەڭگۈ پۇت دەسسەپ تۇرغىلى بولىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316