كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - خىميە | - ھاۋا سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ھاۋا

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:18:23 كۆرۈلىشى: 14




يەر شارىدىكى جانلىقلار كۆرۈنمەس ھاۋاغا تايىنىپ ياشايدۇ. ئۇنداقتا ھاۋا دېگەن نېمە؟
ھاۋانىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئوكسىگېن گازى بىلەن ئازوت گازىدىن ئىبارەت. ئوكسىگېن گازى ھاۋا ھەجمىنىڭ تەخمىنەن %21 ىنى، ئازوت گازى تەخمىنەن % 78ىنى ئىگىلەيدۇ، يەنە ئاز مىقداردا ئارگون گازى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، كرىپتون، نېئون، گېلىي، سۇ ھورى، ئوزون قاتارلىقلارمۇ بار. ھاۋا يەر شارىنى ئوراپ تۇرغان بىر خىل ئارىلاش گاز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق.
مەسىلەن، ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد كۆپىيىپ كەتسە يەر شارى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، «پارنىك ئېففېكتى» كۆرۈلۈپ، كىلىمات نورمالسىز بولۇشتەك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئالىملارنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، مىلادىيە2030  - يىلىغا بارغاندا ئەگەر يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھازىرقىدىن %4.5ئۆرلىسە، بۇ چاغدا جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ مۇز قەۋىتى ئېرىپ، دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارى خاراكتېرلىك قىيانلىق تاشقىن يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى قىياس قىلىش تەس. شۇڭا، ئالىملار ئالدىنى ئېلىش چارىسىنى تەتقىق قىلماقتا.
ئىلمىي تەتقىقاتلار سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا قويۇپ بېرىلگەن زور مىقداردىكى گازلارنىڭ ھازىر ھاۋانى بۇلغاۋاتقان ئاساسلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. كۆمۈر ۋە نېفىت قاتارلىق يېقىلغۇ ماتېرىياللىرىنىڭ زور مىقداردا سەرپ قىلىنىشى سەۋەبىدىن ھاۋادىكى گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، دانچىسىمان لەيلىمە ماددىلار، ئازوتنىڭ ئوكسىگېنلىق بىرىكمىلىرى، كاربون (Ⅱ) ئوكسىد قاتارلىق زەھەرلىك ھەم زىيانلىق ئارىلاشما ماددىلارنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىپ، ئىنسانلارغا ئاپەت خاراكتېرلىك زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن.1952  - يىلى12  - ئايدىكى لوندوندىكى تۇمان ۋەقەسىدە، تۆت كۈن ئىچىدە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى ئادەتتىكى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانىدىن تەخمىنەن4000  ئادەم كۆپ بولغان. ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ھەپتە ئىچىدە كاناي ياللۇغى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە يۈرەك ئاجىزلىقى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ3 .9 ھەسسە،4 .2 ھەسسە،5 .5 ھەسسە ۋە8 .2 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان. ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە راكى، يۇقۇملۇق زۇكام، شۇنىڭدەك باشقا نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان.
ھاۋادىكى ئوكسىگېن گازى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ماددىلارنىڭ بىرى. ئىنسانلار ھاۋانىڭ پاكىزلىقى، ساپلىقى ۋە يېڭىلىقىنى ساقلىشى كېرەك. پەقەت پاكىز بولغان مۇھىتتىلا خۇشال  - خۇرام خىزمەت قىلغىلى، ئۆگەنگىلى ۋە تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316