كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - خىميە | - ئۆزگىرىۋاتقان ماددىلار سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ئۆزگىرىۋاتقان ماددىلار

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:17:07 كۆرۈلىشى: 16




تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىلار ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار قورال ياساش ۋە ئىشلىتىشنى بىلگەندىن تارتىپلا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كەڭ بولدى. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەينى چاغدا ئىشلىتىلمەيدىغان ياكى ئانچە ئىشلىتىلمەيدىغان ئىپتىدائىي ھالەتتىن ھازىرقى سىرتقى كۆرۈنۈشى تامامەن ئوخشىمايدىغان ھەمدە ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھالەتكە ئايلانغان. ئۈستەل ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ياسىلىدۇ؛ ئىستاكان (پىيالە) چىنە توپىسىنى پىشۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ؛ قەغەز بامبۇك، ياغاچ، كەندىر، ئوت - چۆپ قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ...
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىلاردا يۈز بەرگەن بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى خىمىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشى بويىچە ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرى، ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە، ماددىلارنىڭ تەركىبى، خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىكلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدىغىنى خىمىيىۋى ئۆزگىرىش دېيىلىدۇ. مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقنىڭ سارغىيىشى؛ ئوكسىگېن بىلەن ھىدروگېننىڭ بىرىكىپ سۇغا ئايلىنىشى؛ تۆمۈرنىڭ داتلىشىشى؛ مىسنىڭ نىترات كىسلاتادا ئېرىشى؛ بېنزىننىڭ ئاپتوموبىل ماتورى ئىچىدە كۆيۈشى؛ تۆمۈر رۇدىسىدىن تۆمۈر تاۋلاش؛ ئاممىياكنىڭ ھىدروگېن بىلەن ئازوتقا پارچىلىنىشى قاتارلىقلار. يەنە بىرى، ئۆزگىرىش جەريانىدا يېڭى ماددا ھاسىل بولماي، پەقەت ئۇنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتىدىلا ئۆزگىرىش بولىدىغىنى فىزىكىۋى ئۆزگىرىش دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ھاۋادىكى سۇ ھورىنىڭ ئۇيۇشۇپ يامغۇر، قار، مۆلدۈرگە ئايلىنىشى؛ دېڭىز سۈيىنى كرىستاللاپ ئاش تۇزى ئېلىش؛ ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ئۆي جاھازلىرىنىڭ ياسىلىشى، تۆمۈرنىڭ سۇيۇقلىنىشى قاتارلىقلار.
ھەرقانداق خىمىيىۋى ئۆزگىرىشتە بىر خىل (ياكى بىر خىلدىن ئارتۇق) يېڭى ماددا ھاسىل بولىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزگە ئېھتىياجلىق بولسا، بەزىلىرى ئېھتىياجلىق ئەمەس، ھەتتا زىيانلىق. مەسىلەن، رۇدىلاردىن مېتاللارنى تاۋلاپ ئېلىشقا، ھەر خىل مېتاللارنى يەنە پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق مېتال بۇيۇملارنى ياساشقا بولىدۇ؛ خام نېفىتنى پارچىلاش ئارقىلىق ھەر خىل ئالكېنلىق ئورگانىك ماددىلارنى ئالغىلى بولىدۇ، يەنە ھەر خىل خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەر ئارقىلىق سۇلياۋ، سىنتېتىك تالا، دورا ۋە سىنتېتىك كاۋچۇك قاتارلىق ناھايىتى نۇرغۇن خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ياسىغىلى بولىدۇ، مانا بۇلار تۇرمۇشىمىزنى زور دەرىجىدە بېيىتماقتا.
لېكىن، ھەر قېتىملىق خىمىيىۋى ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلغان ئەكس تەسىرلەر، بولۇپمۇ كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ. مەسىلەن، كۆمۈر كۆيگەندە ھاسىل بولغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، بېنزىن كۆيگەندە ھاسىل بولغان كاربون (Ⅱ) ئوكسىد، ئازوتنىڭ ئوكسىگېنلىق بىرىكمىلىرىنىڭ ئاتموسفېراغا كىرىشى، يەنە دېھقانلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق ماددىلىرىنىڭ، ئوغۇتلارنىڭ دەريا - ئۆستەڭلەرگە ئېقىپ كىرىشى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىشى قاتارلىقلار. بۇلاردىن ئىنسانلار خىمىيىۋى ئۆزگىرىشتىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە بەخت يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئاپەتنىڭ تۈپ يىلتىزىمۇ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بىراق، خىمىيىۋى تەتقىقاتلار ئارقىلىق خىمىيىۋى ئۆزگىرىشنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا كونترول قىلغىلى، ئىنسانلارغا پايدىلىق بايلىقلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقارغىلى، زىيانلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلار ياكى كېرەكسىز ماددىلارنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316