چەكسىز ئالەم ماددىلاردىن تۈزۈلگەن. كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلاردىن تارتىپ، ئىشلەپچىقىرىشتا لازىم بولىدىغان ماتېرىياللارغىچە؛ كەڭ تەبىئەتتىكى دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ، ئۇچار - قانات، ھايۋاناتلاردىن تارتىپ، تاغ جىنسلىرى، ئېگىز تاغلار، دېڭىز - ئوكيانلارغىچە؛ يەر شارىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلاردىن چەكسىز ئالەمدىكى قۇياش، ئاي ۋە ئاسمان جىسىملىرىغىچە ... ھەممىسى ماددىلاردىن ئىبارەت. بۇ رەڭگارەڭ ماددىلار مولېكۇلا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مىكرو زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن. مەسىلەن، سۇ − سۇ مولېكۇلىسىدىن تۈزۈلگەن؛ ئوكسىگېن − ئوكسىگېن گازى مولېكۇلىسىدىن تۈزۈلگەن. ئەگەر ئىستاكاندىكى سۇ پۈتۈنلەي سۇ مولېكۇلىسىدىن تەركىب تاپقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل سۇ ساپ ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە تەبىئىي سۇدا ئاز مىقداردا ئېرىگەن ھەر خىل تۇزلار، يەنە كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە باشقا ئارىلاش ماددىلارمۇ بولىدۇ. تەبىئىي سۇدا يەنە باشقا ماددىلارنىڭ مولېكۇلىلىرىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ساپ بولمايدۇ. بۇ خىل ئوخشىمىغان مولېكۇلىلاردىن تەركىب تاپقان ماددىلار ئارىلاشما ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. ئارىلاشما ماددىنىڭ مۇقىم تەركىبى بولمايدۇ ھەمدە بەلگىلىك خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە ئەمەس. ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت بولغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەبىئىي ماددىلار مۇرەككەپ ئارىلاشمىلاردىن ئىبارەت، يەنى سېغىز توپا، گرانت تاش، دېڭىز سۈيى قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ساپ ماددىلارنىڭ بەزىلىرى بىر خىل ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار پارچىلىنىش رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلالمايدۇ، مانا بۇ خىل ماددىلار ئاددىي ماددىلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بىرنەچچە خىل ئوخشاشمىغان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ماددا بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ خىل ماددا بىرىكمە دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار بەلگىلىك شارائىتتا پارچىلىنىش رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلالايدۇ. مەسىلەن، سۇنى توك ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ھىدروگېن گازى بىلەن ئوكسىگېن گازىغا پارچىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىز سۇنى بىرىكمە دەيمىز، ھىدروگېن گازى بىلەن ئوكسىگېن گازى ئاددىي ماددىلاردىن ئىبارەت. ئاددىي ماددىلارنى يەنە مېتاللار ۋە مېتاللوئىدلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ھىدروگېن گازى بىلەن ئوكسىگېن گازى مېتاللوئىدلار ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن قاتارلىقلار مېتاللاردىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ماددىلار خىلمۇخىل شەكىلدە بولۇپ، ئۇلارنى ئىلمىي ئاساستا ئالدىنقى بەتتىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. |