ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:ئۆگتىش سەھنىسى - بىئولوگىيە | - ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش

ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:08:54 كۆرۈلىشى: $$访问$$




ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش جانلىقلار دۇنياسىدا ئومۇميۈزلۈك بولىدىغان ھاياتلىق ھادىسىسىدۇر. خەلق ئارىسىدا: «نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن» دەيدىغان گەپ بار. بۇ گەپ ئەجداد بىلەن ئەۋلادنىڭ شەكلى، تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنىڭ ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، مانا بۇ ئىرسىيەت ھادىسىلىرىدۇر. پەرزەنتلەر گەرچە ئاتا - ئانىسىغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن ئاتا - ئانا ھەرقانداق بىر كونكرېت ئەزاسىنى بالىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان كۆۋرۈك پەقەت ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى خروموسومدىنلا ئىبارەت. خروموسوم ئىرسىي ماددا توشۇيدىغان تەنچە بولۇپ، سىرلىق بۇ ئىرسىي ماددا دېئوكسى رىبو نۇكلېئىن كىسلاتا دەپ ئاتىلىدۇ (قىسقارتىلىپ AND دېيىلىدۇ). AND مولېكۇلىسىدا بىرمۇنچىلىغان گېنلار بولىدۇ، مەسىلەن، چوڭ كۆز گېنى، كىچىك كۆز گېنى، ئۇزۇن كىرپىك گېنى، قىسقا كىرپىك گېنى، كۆز رەڭدار پەردىسى قوڭۇر بولۇش گېنى، كۆز رەڭدار پەردىسى كۆك بولۇش گېنى قاتارلىقلار. ئەگەر ئاتا-ئانىسى كىچىك كۆز بولسا، كىچىك كۆز گېنى پەرزەنتلىرىگە ئۆتۈپ، پەرزەنتلىرىمۇ چوقۇم كىچىك كۆز بولىدۇ. ئېلىمىز خەلقى ئارىسىدا: »بىر مېكىجىن توققۇز چوشقا كۈچۈكى تۇغسا، ئۆزى بىلەن قوشۇلۇپ ئون خىل بولىدۇ« دەيدىغان گەپ بار. بۇ گەپ ئارقىلىق ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئىندىۋىدلىرى ئوتتۇرىسىدا ھامان ئازدۇر - كۆپتۇر پەرقلەرنىڭ بولىدىغانلىقى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن، مانا بۇ ئۆزگىرىش ھادىسىسىدۇر. پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىغا ھەرقانچە ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن پەرقلەندۈرەلمەسلىك دەرىجىدە ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئاكا - ئۇكا ۋە ئاچا - سىڭىللار ئوتتۇرىسىدىمۇ ھامان ئازدۇر - كۆپتۇر پەرقلەر بولىدۇ. قوشكېزەكلەرنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كېتىشى ناتايىن. يەنى ئوخشىمىغان تۇخۇمدىن تۆرەلگەن قوشكېزەكلەر بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئوخشاش تۇخۇمدىن تۆرەلگەن قوشكېزەكلەر گەرچە ئۆزئارا ئوخشىسىمۇ، لېكىن مىجەز - خۇلقى، خاراكتېرى ۋە قىزىقىشلىرىدا يەنىلا پەرق بولىدۇ. ئۆزگىرىش ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. يەنى مۇھىت شارائىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆزگىرىش ئىرسىيەت بولۇپ قالمايدۇ. مەسىلەن، بىر ئىشچىنىڭ بىر قولىنى ئىستانوك ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن پەرزەنتلىك بولغان بولسا، پەرزەنتىنىڭ قولى چوقۇم تولۇق بولىدۇ. ئەگەر خروموسوم ياكى AND سىدا ئۆزگىرىش بولغان بولسا، ئىرسىيىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ.
جانلىقلاردىكى ئىرسىيەتچانلىق جانلىقلار دۇنياسىدا تۈرلەرنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا توخۇ توخۇ بولماي، كالا كالا بولماي ۋە ئادەم ئادەم بولماي قالىدۇ - دە، پۈتكۈل دۇنيا قالايمىقانلىشىپ بۈگۈنكىدەك نەسىللىرى كۆپ تۈرلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ. جانلىقلاردا ئۆزگىرىشچانلىق بولغاچقىلا، جانلىقلار ئىندىۋىدلىرى يېڭى بەلگىلەرنى پەيدا قىلىپ، يېڭى تۈرلەرنى شەكىللەندۈرەلىگەن. ئەگەر ئۆزگىرىشچانلىق بولمىسا، ھەر خىل جانلىقلارنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قېلىشى ئاددىي تەكرارلىنىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ - دە، ئالدىغا ئىلگىرىلىيەلمەي قالىدۇ. جانلىقلار مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇ ئۆزگىرىش مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا يەنە ئەۋلادلىرىغا ئىرسىيەت بولۇپ ئۆتىدۇ، مانا مۇشۇنداق بولۇپ تۇرغاچقىلا بۈگۈنكى رەڭگارەڭ ۋە خىلمۇخىل جانلىقلار دۇنياسى شەكىللەنگەن.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر