باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
ئۆگتىش سەھنىسى
-
بىئولوگىيە |
-
ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشى ھۈجەيرە بۆلۈنۈشتىن ئىبارەت
ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشى ھۈجەيرە بۆلۈنۈشتىن ئىبارەت
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:08:18 كۆرۈلىشى: $$访问$$
تىرىك ھۈجەيرىمۇ ئورگانىزمغا ئوخشاش ئۆسۈش، قېرىش، ئۆلۈشتىن ئىبارەت بىرقانچە باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش شەكلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ھۈجەيرە بۆلۈنۈشى ئارقىلىق يېڭى ئىندىۋىدلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارمۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش شەكلى ئارقىلىق يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھاسىل قىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تېنىمۇ نورمال ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەن ئېغىرلىقى 3 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولسا نەچچە ئون كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ، مانا بۇلار ھۈجەيرە بۆلۈنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۆسۈملۈكلەرمۇ ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىگە تايىنىپ ئۆسىدۇ.
ئادەم ۋە كۆپ ساندىكى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەن ھۈجەيرىلىرى يىپلىق بۆلۈنۈش شەكلى ئارقىلىق سانىنى كۆپەيتىدۇ. بۆلۈنۈشتىن ئىلگىركى تەييارلىق مەزگىلى بۆلۈنۈش ئارىلىق مەزگىلى دېيىلىدۇ، بۆلۈنۈش بولۇۋاتقان ۋاقىت بۆلۈنۈش دەۋرى دېيىلىدۇ.
بۆلۈنۈش دەۋرىدە بىر قاتار مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. بۆلۈنۈش دەۋرىنى ئالدىنقى دەۋرى، ئوتتۇرا دەۋرى، كېيىنكى دەۋرى ۋە تۈگەنچى دەۋرىدىن ئىبارەت تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. لېكىن قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىكى خروموسوم نۇسخىلانغاندىن كېيىن ئىككى بالا ھۈجەيرىگە يەنە تەڭ تەقسىملىنىپ كىرىدۇ. نەتىجىدە، x=2÷2×x بولۇپ، مەيلى قانچە قېتىم بۆلۈنسۇن خروموسوم سانى ئۆزگەرمەيدىغان بولغاچقا، تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ قالىدۇ.
لېكىن، ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى ھاسىل بولۇش ۋاقتىدا، يىپلىق بۆلۈنۈش ئېلىپ بېرىشىدا سەل ئاۋارىچىلىك بولىدۇ. ئەگەر ئىسپېرما بىلەن تۇخۇمدا46 تالدىن خروموسوم بولسا، كېيىنكى ئەۋلادنىڭ خروموسومى92 تال بولۇپ قېلىپ، ئۇ ئادەمگە ئوخشىماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىيىشتە سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئېلىپ بارىدۇ، يەنى خروموسوم بىر قېتىم نۇسخىلىنىپ، ئىككى قېتىم تەڭ تەقسىملىنىدۇ. ئۇنداقتا x=2÷2÷2×x بولىدۇ، يەنى ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە خروموسوم سانىنىڭ يېرىمى كېمىيىدۇ-دە، كېيىنكى ئەۋلادتا يەنىلا46 تال خروموسوم بولىدۇ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر