ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:ئۆگتىش سەھنىسى - بىئولوگىيە | - مېدۇزىنىڭ ئۇزۇن قۇلاقلىقى

مېدۇزىنىڭ ئۇزۇن قۇلاقلىقى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:07:43 كۆرۈلىشى: $$访问$$




«قارلىغاچ پەس ئۇچسا، يامغۇر ياغىدۇ؛ تومۇزغا سايرىسا، يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلىدۇ». جانلىقلار قىلىقلىرىنىڭ ھاۋا رايى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بار. دېڭىز بويلىرىدا ياشايدىغان بېلىقچىلارغا مەلۇمكى، دېڭىز ياقىسىدىكى بېلىق ۋە مېدۇزىلارنىڭ دېڭىزغا قاراپ توپ - توپ بولۇپ ئۈزۈشى ئۇزاق ئۆتمەي بوران - چاپقۇن بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مېدۇزا قەدىمكى كاۋاك ئىچلىك ھايۋان بولۇپ،500  مىليون يىل بۇرۇنلا دېڭىز - ئوكيانلاردا لەيلەپ يۈرگەن. بۇ خىل تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋاننىڭ بوران - چاپقۇننى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىغان تۇغما قابىلىيىتى بولۇپ، ئۇ بوران - چاپقۇن كېلىشتىن بۇرۇن دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئۈزۈپ بېرىپ پاناھلىنىدۇ.
ئەسلىدە، كۆپكۆك دېڭىزدا ھاۋا بىلەن سۇ دولقۇنلىرىنىڭ سۈركىلىشى پەيدا قىلغان ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى (چاستوتىسى سېكۇنتىغا8  ~13  قېتىم) بوران - چاپقۇن كېلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىنفىرا ئاۋاز دولقۇنىنى ئادەمنىڭ قۇلىقى ئاڭلىيالمايدۇ، كىچىككىنە مېدۇزا بولسا ئۇنىڭغا بەك سەزگۈر كېلىدۇ. بىئونىكا ئالىملىرى مېدۇزىنىڭ قۇلىقىدىكى رېزونانس كاۋاكچىسىدا بىر تال ئىنچىكە ساپاقنىڭ بارلىقىنى، ساپاقتا بولسا بىر كىچىك شارچىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شارچىنىڭ ئىچىدە كىچىككىنە بىر ئاڭلاش تېشىنىڭ بارلىقىنى، بوران - چاپقۇندىن بۇرۇنقى ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى مېدۇزىنىڭ قۇلىقىدىكى بۇ ئاڭلاش تېشىغا ئۇرۇلغاندا ئاڭلاش تېشى شارچە دىۋارىدىكى نېرۋا رېتسېپتورىنى غىدىقلايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن مېدۇزىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بوران - چاپقۇننىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بايقىغان.
بىئونىكا ئالىملىرى مېدۇزا قۇلىقىنىڭ بۇ خىل تۈزۈلۈش ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسلىنىپ، بوران - چاپقۇننى ئالدىن مۆلچەرلەش ئەسۋابى − «مېدۇزا قۇلىقى» نى لايىھىلەپ چىققان ھەمدە بۇ ئەسۋابنى مېدۇزىنىڭ ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنى سېزىش ئەزاسىغا ئوپمۇئوخشاش قىلىپ ئۇستىلىق بىلەن ياساپ چىققان. بۇ خىل ئەسۋاب پاراخوتنىڭ ئالدىنقى پالوبىسىغا ئورنىتىپ قويۇلسا، بوران - چاپقۇننىڭ ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلغان ھامان °360 ئايلىنىپ تۇرىدىغان كاناينىڭ ئايلىنىشى ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ - دە، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن نىشانى بوران - چاپقۇننىڭ ئىلگىرىلەش نىشانى، كۆرسەتكۈچتە كۆرسىتىلگەن سان بوران - چاپقۇننىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بولىدۇ. بۇ خىل ئەسۋاب15  سائەت بۇرۇن بوران - چاپقۇندىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان بولغاچقا، دېڭىز سەپىرى ۋە بېلىقچىلىق كەسىپلىرىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر