باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
ئۆگتىش سەھنىسى
-
بىئولوگىيە |
-
تاپانئالتۇنبېلىق
تاپانئالتۇنبېلىق
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:07:10 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كىشىلەر، ئادەتتە ھۈجەيرىنىڭ بارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ھۈجەيرە يادروسىدىن چىقىدۇ، سىتوپلازمىنى ھۈجەيرە يادروسى كونترول قىلىدۇ، پەقەت ھۈجەيرە يادروسىلا ھۈجەيرىنىڭ قانداق دىففېرېنسىيىلىنىدىغانلىقىنى ۋە قانداق ئەۋلاد قالدۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن.
ئېلىمىزنىڭ مەرھۇم بىئولوگىيە ئالىمى − پروفېسسور تۇڭ دىجۇ ئەپەندى ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات ئارقىلىق، سىتوپلازمىنىڭ ھۈجەيرىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى، ئىندىۋىدلارنىڭ يېتىلىشى ۋە بەلگىلەرنىڭ ئىرسىيەت بولۇپ قېلىشى جەھەتتىكى رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىكەن، دەپ قارىغان.70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا پروفېسسور تۇڭ دىجۇ ئەپەندى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ئالىم، پروفېسسور نيۇ مەنجياڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە پەقەت ئېلىمىزدىلا بار بولغان ئالتۇنبېلىقنى ماتېرىيال قىلىپ، ھۈجەيرە يادروسى بىلەن سىتوپلازمىدىكى نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ ئىرسىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. يەنى ئۇلار تاپانبېلىق ستوپلازمىسىدىكى خەۋەرچى ANR (بىر خىل رىبونۇكلېئىن كىسلاتا) نى ئالتۇنبېلىقنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىغا ئوكۇل قىلىپ سالغان، نەتىجىدە يېتىلگەن بېلىجانلار ئىچىدىكى %33 ئالتۇنبېلىققا تاپانبېلىقنىڭ يالغۇز قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى ئۆسۈپ چىققان. بىز بۇ خىل بېلىقنى تاپانئالتۇنبېلىق دەپ ئاتىدۇق. بۇنىڭدىن ھۈجەيرە يادروسى بىلەن سىتوپلازمىنىڭ ئىرسىي بەلگىلەرگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇلار تۇغقانداشلىق مۇناسىۋىتى يىراقراق بولغان كارپ بېلىقىنىڭ تۇخۇم سىتوپلازمىسىدىكى خەۋەرچى ANR نىمۇ يەنە ئالتۇنبېلىقنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىغا ئوكۇل قىلىپ سالغان، نەتىجىدە تەخمىنەن %22 ئالتۇنبېلىق قوش قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى بولۇشتىن يالغۇز قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى بولۇشقا ئۆزگىرىپ، كارپ بېلىقىنىڭ بەلگىلىرى كۆرۈلگەن. بىز بۇ خىل بېلىقنى كارپ ئالتۇنبېلىق دەپ ئاتىدۇق. بۇمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كارپ بېلىقى بىلەن ئالتۇنبېلىق كلاسسىفىكاتسىيە (تۈرلەرگە ئايرىش) دە بىر ئائىلىدىكى تۇغقانداشلىق مۇناسىۋىتى يىراقراق ئوخشىمىغان ئۇرۇقداشقا تەۋە بولسىمۇ، لېكىن كارپ بېلىقى تۇخۇمىدىكى خەۋەرچى ANR ئالتۇنبېلىق قۇيرۇق ئۈزگۈچىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئوخشاش رول ئوينىغان.
پروفېسسور تۇڭ دىجۇ ئەپەندى بىلەن پروفېسسور نيۇ مەنجياڭ ئەپەندى يادرو پلازمىسىنى ئۆزئارا قوشۇش ۋە ھۈجەيرە كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، جانلىقلاردىكى بەلگىلەرنىڭ ئىرسىيىتى سىتوپلازما بىلەن ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مۇھىم نەزەرىيىۋى ئەھمىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەمەلىيەتتىمۇ مۇھىم قىممتى بار. ھۈجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق، تۇغقانچىلىقى يىراقراق جانلىقلارنى شالغۇتلاشتۇرالماسلىق ۋە ئەۋلادىنىڭ تۇغماس بولۇپ قېلىشىدەك چەكلىمىلەرنى يېڭىپ، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئېسىل زىرائەتلەرنى، بېلىقلارنى، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئىرسىي كېسەللىكلەر ۋە راك كېسىلىنىمۇ يادرو پلازمىسىنى قوشۇش ۋە ھۈجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر