ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:ئۆگتىش سەھنىسى - بىئولوگىيە | - ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئائىت ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇنازىرە

ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئائىت ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇنازىرە

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:00:50 كۆرۈلىشى: $$访问$$



 
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالەمنىڭ يارىلىشى،  ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئائىت چۆچەك ۋە رىۋايەتلىرى بار. بۇ رىۋايەتلەر ئومۇمەن مۇنداق ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىككى مەزمۇننىڭ بىرىدە، ھاياتلىق جانسىزلار دۇنياسىدا ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان دېيىلسە، يەنە بىرىدە جانلىقلارنىڭ جانسىزلاردىن ماھىيەتلىك پەرقى بار، جانلىقلار تېنىدە بىر خىل  سىرلىق «ھاياتىي كۈچ» مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىل ھاياتىي كۈچنى «ئىلاھ» ئاتا قىلغان، دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارمۇ ئاساسەن مۇشۇ ئىككى مەسىلىنى چۆرىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان.
قەدىمكى دەۋردىكى كۆپ ساندىكى ئالىملار، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتلىق جانسىزلار دۇنياسىدا ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار بولۇپلا قالماي، يەنە بېلىققا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلارمۇ بار، دەپ قارىغان. ئارىستوتېلنىڭ ئالاھىدە شۆھرىتى بۇ خىل ئەقىدىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.17
  - ئەسىردە، ئىتالىيىلىك دوختۇر رېدى ھاياتلىق توغرىسىدىكى «ھاياتلىق ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولىدۇ» دېگەن تەلىماتقا بىرىنچى بولۇپ رەددىيە بەرگەن. يەنى ئۇ گۆشنى داكا بىلەن ئوراپ قويۇپ قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قۇرتنىڭ ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ پەقەت چىۋىننىڭ تۇغقان تۇخۇمىدىن يېتىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. لېۋن خۇكمۇ ئۆزى ياسىغان مىكروسكوپتا كۆرگەن «كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان» كىچىك جانلىقلارنى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان «كىچىك جانلىقلار» دىن كۆپىيىپ پەيدا بولىدۇ، دەپ قارىغان. فرانسىيە بىئولوگىيە ئالىمى پاستېرمۇ  ئۆز تەجرىبىسى ئارقىلىق «ھاياتلىق ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولىدۇ» دېگەن تەلىماتنى مەغلۇپ قىلىپ، «ھاياتلىق مەنبەسى تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى ئۇ، جانلىقلار پەقەت جانلىقلاردىنلا پەيدا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ھالبۇكى، پاستېرنىڭ بۇ تەجرىبىسىدە ئىسپاتلانغىنى پەقەت مەۋجۇت شارائىتتىكىسىلا بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.19
 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بەزىلەر يەنە ئالەمدە خېلى بۇرۇنلا ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان، ئۇلارنىڭ سپورىلىرى مېتېئورىتلار ياكى «ئالەم شامىلى (مەسىلەن، يورۇقلۇق بېسىمى قاتارلىقلار)» غا ئەگىشىپ يەر شارىغا كىرىپ، يەر شارىدىكى تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئايلانغان، دەپ قارىغان. بىراق، ھازىرقى ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىشلەرگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر ئاسمان جىسىملىرىدا ھاياتلىق ھادىسىسىنىڭ بارلىقى بايقالمىغان.
يەنە بىر جەھەتتىن، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۆپىنچە «ھاياتىي كۈچ» نى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، قەدىمكى بەزى كىشىلەر جانلىقلار تېنىدە بىر خىل «ھاياتىي كۈچ» بار، بۇ خىل ھاياتىي كۈچ تەندىن ئايرىلسا، جانلىقلار ئۆلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش دىن تەرىپىدىن روھنىڭ ۋە ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشتا ئىشلىتىلمەكتە. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەر ئىلىم - پەن تارىخىدا «ھاياتىي كۈچ نەزەرىيىسى (زوئىزم)» دەپ ئاتالغان.17  - ئەسىردە فرانسىيىلىك دېكارت جانلىقلار، جۈملىدىن ئادەملەر بىر مۇرەككەپ ماشىنىدىن ئىبارەت، ھاياتلىق ھادىسىسى بولسا ماشىنىنىڭ ھەرىكىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس،  دەپ قارىغان. بۇ تەلىمات ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى «مېخانىتسىزم» دەپ ئاتالغان.19  - ئەسىرنىڭ  ئاخىرلىرىدا، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى مېخانىتسىزم كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى باشقۇرغاچقا، ئۇلار بەزىدە جانلىقلارنى بىر سائەت دەپ قارىسا، بەزىدە ئۇلارنى ئىسسىقلىق دۋىگاتېللىرى دەپ قارايتتى.1892
 - يىلى، گېرمانىيە ئىمبىرىئولوگىيە ئالىمى دۇرېش دېڭىز كىرپىسى تۆرەلمىسى ئۈستىدىكى تەجرىبىسىنى تاماملىدى. شۇ چاغدا، ئۇ دېڭىز كىرپىسىدىن ئايرىۋېلىنغان ئىككى دانە تۆرەلمە ھۈجەيرىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا بىردىن دېڭىز كىرپىسى بولۇپ يېتىلىشىدىن  ئىبارەت بۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، ھەربىر تۆرەلمە ھۈجەيرىسىدە جانلىقنىڭ ئۆزى قوغلىشىدىغان «ئاخىرقى  مەقسىتى» بولىدىغانلىقىنى، بىر خىل «ھاياتىي كۈچ» بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ھاياتلىقنىڭ خىمىيىلىك ماھىيىتىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىئولوگىيە ئالىمى ئوپارىن1924  - يىلى ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى خىمىيىۋى تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ئىپتىدائىي ھاياتلىق ناھايىتى ئۇزاق خىمىيىۋى تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، جانسىز ماددىلاردىن پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەڭ دەسلەپتە، ئىپتىدائىي يەر شارىنىڭ ھاۋاسىدا پەقەت مېتان، ئاممىياك، سۇ پارى قاتارلىقلار بولغان، چاقماق چېقىش ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە ئۇلار ئامىنو كىسلاتا ۋە نۇكلېئوتىد قاتارلىق ئاددىي ئورگانىك ماددىلارغا ئايلانغان. بۇ بىرىكمىلەر ئىپتىدائىي دېڭىز - ئوكيانلاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇرەككەپ بىرىكمىلەرنى، يەنى ئىپتىدائىي ئاقسىل، ئىپتىدائىي نۇكلېئىن كىسلاتا قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلغان. بۇ بىرىكمىلەر ئۆزئارا تەسىرلىشىپ، ئاددىي مېتابولىزمى ۋە كۆپىيىش ھەرىكەتلىرى بولغان مۇئەييەن كۇمىلاچ قۇرۇلمىلارنى ھاسىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇنجى ئىپتىدائىي ھاياتلىق پەيدا بولغان.
بۇ تەلىماتنىڭ بەزى تەپسىلاتىنى، يەنى ئىپتىدائىي ئاتموسفېرادىن ئاددىي ئورگانىك ماددا سىنتېزلىنىش جەريانىنى مىللېر1953  - يىلى ئىپتىدائىي ئاتموسفېراغا تەقلىد قىلغان تەجرىبىسىدە ئىسپاتلىغان. لېكىن، نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا تەتقىق قىلىشقا ۋە دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر