چەكسىز كەتكەن ئالەم دېڭىزىدا، تۈرلۈك - تۈمەن ھالەتتىكى «ئارال» لار شاھمات ئۇرۇقىدەك يېيىلغان، ئۈستىدە سان - ساناقسىز تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ماكان تۇتقان، ئۇلار ئاسترونومىيىدە يۇلتۇزلار سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بىز ياشاۋاتقان يەر شارى غايەت زور يۇلتۇزلار سىستېمىسى − سامانيولى سىستېمىسىغا جايلاشقان. سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئالەمدە، سامانيولىغا ئوخشاش بۇنداق زور ئالەم ئارىلىدىن يەنە نەچچە100 مىليونى بار، ئۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. چوڭ تىپتىكى ئاسترونومىيە تېلېسكوپى بىلەن كېچە ئاسمىنىنى كۆزەتكىنىمىزدە، نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ خۇددى گۆھەر - ياقۇتلاردەك چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇلارنىڭ قىياپىتى خىلمۇخىل كۆرۈنىدۇ، بەزىلىرى خۇددى قاينامغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى يۇمىلاق گۆھەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار گالاكتىكا دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى ئىككى تال كىچىك ئۆرۈمە چېچى بار قىسقا تاياققا ئوخشايدۇ، ئۇلار تاياقسىمان قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ شەكلى ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر ئاسترونوملار تەرىپىدىن بايقالغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي سانى1 مىلياردتىن ئاشىدۇ. يۇلتۇزلار سىستېمىسى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بىز پەقەت سامانيولى سىستېمىسىنىڭ بىرنەچچە يېقىن قوشنىسىنىلا ئاددىي كۆز بىلەن كۆرەلەيمىز، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن2 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. ئۇنىڭ قىياپىتى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ قىياپىتىگە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ھەجىمى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ھەجىمىدىن تەخمىنەن %60 چوڭ. ئاددىي كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆزەتكەندە، پەقەت يۇلتۇزنىڭ چوڭلۇقىغا ئوخشاش بىر فاكېل بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ھەربىر ئالەم ئارىلى ئومۇمەن مەلۇم بىر تاقىم ئارالنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ كىچىكرەكلىرى (نەچچە ئون يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇلتۇزلار سىستېمىسى گۇرۇپپىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ چوڭراقلىرى (100 دىن ئارتۇق يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەنە تېخىمۇ چوڭ بىر ئالەم گۇرۇھى − يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى گۇرۇھىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سامانيولى سىستېمىسى ماكانلاشقان ئادەتتىن تاشقىرى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى يەرلىك ئادەتتىن تاشقىرى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى دەپ ئاتىلىدۇ، سۇنبۇلە يۇلتۇز سىستېمىلىرى توپى ئۇنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ. سانسىزلىغان ئادەتتىن تاشقىرى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى يەنە قوشۇلۇپ چەكسىز كەڭ كەتكەن ئالەم — ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. |