بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ سىرتىدا، چەكسىز كەڭ كەتكەن يۇلتۇزلار دۇنياسى بار، بۇ دۇنيا «ئال» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالەم چېكى يوق، باش - ئايىغى يوق كەڭ كەتكەن بىر دۇنيا، مەيلى قانداق ئىلغار تېلېسكوپلارنى ئىشلىتىپ كۆزىتەيلى، بىز ئالەمنىڭ چېتىنى زادىلا كۆرەلمەيمىز؛ بىز ھەرقانچە كۆپ بىلىملەرنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئالەمنىڭ بارلىق سىرىنى تولۇق چۈشىنىشكە ئامالسىز. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۆپ بىلىدىغىنى يەر شارى ۋە ئۇنىڭ «جەمەتى» − قۇياش سىستېمىسىدۇر. تېخىمۇ يىراق جايلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارغا كەلسەك، بىز پەقەت تېلېسكوپنىڭ ياردىمى بىلەنلا100 مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىليون يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنىلا بىلەلەيمىز. چۈنكى ئۇلار يەر شارىدىن ناھايىتى يىراق بولغاچقا، سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان نۇر (تېزلىكى سېكۇنتىغا300 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ) ئارقىلىق ئارىلىقنى ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەر شارىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يۇلتۇز − سىرىئۇس (ئاسمان بۆرىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) نى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن7 .8 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىرىئۇستىن تارقىلىدىغان نۇر ئالەم بوشلۇقىدا7 .8 يىل يول يۈرگەندە، ئاندىن يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ. يەر شارىدا ھەرقانداق ۋاقىتتا قوبۇل قىلىنغان سىرىئۇسنىڭ نۇرى، ئۇنىڭدىن7 .8 يىل ئىلگىرى تارقالغان نۇر بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئالەمنى بىلىشى ئەڭ ئاۋۋال يەر شارىنى بىلىشتىن باشلانغان، يەر شارىدىن قۇياش سىستېمىسىنى بىلىشكە كېڭەيگەن، ئاندىن قۇياش سىستېمىسىدىن سامانيولى سىستېمىسىغا كېڭەيگەن، كېيىن يەنە سامانيولى سىستېمىسىدىن سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى، يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى، ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىغا كېڭەيگەن. يەر شارى پەقەت قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى بىر ئاددىي سەييارە، خالاس. قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەزالىرى قۇياشتىن تاشقىرى يەنە، يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز چوڭ سەييارىنى، نەچچە ئون دانە ئايغا ئوخشاش ھەمراھلارنى، سىرىنى چۈشىنىپ بولمايدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنى، نۇرغۇنلىغان كىچىك سەييارىلەرنى، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئاقار يۇلتۇز ۋە ھەر خىل يۇلتۇزلار ئارا ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر قۇياشتىن ئەڭ يىراق بولغان پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېتى دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا، قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئىگىلىگەن ماكان دىئامېتىرى تەخمىنەن12 مىليارد كىلومېتىر كېلىدۇ. چەكسىز كەڭ ئالەمدە، پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسى يەنە بىپايان دېڭىزدىكى بىر تامچە سۇدەك چاقناپ تۇرىدۇ. ناھايىتى چوڭ قۇياش سىستېمىسى «جەمەتى»، كۆز يەتكۈسىز يۇلتۇزلار دېڭىزىدا پەقەت كىچىككىنە بىر «ئائىلە» ھېسابلىنىدۇ، خالاس. قۇياش سىستېمىسىدىنمۇ چوڭ ھېسابلىنىدىغىنى سامانيولى سىستېمىسىدۇر. سامانيولى سىستېمىسىنىڭ دىئامېتىرى100 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. سامانيولى سىستېمىسى ئىچىدە يەنە100 مىلياردتىن كۆپرەك چوڭ - كىچىك تۇرغۇن يۇلتۇز بار. سامانيولى سىستېمىسى تېخى ئەڭ چوڭ ھېسابلانمايدۇ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر سامانيولى سىستېمىسىغا ئوخشاش غايەت زور يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن1 مىلياردتىن ئارتۇقى بايقالدى، بىز ئۇلارنى «سامانيولىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى» دەپ ئاتايمىز. سامانيولىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ يەنە تېخىمۇ چوڭ بولغان ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىمۇ ئالەمنىڭ يەنىلا ناھايىتى كىچىك بىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى ئىگىلەيدۇ. ھازىر، ئاسترونوملار ئەڭ ئىلغار ئاسترونومىيە تېلېسكوپىنى ئىشلىتىپ، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن20 مىليارد يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان ناھايىتى يورۇق بەزى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچىدى. ئالەم بوشلۇقى تۈگىمەس سىرلار بىلەن تولغان: يەر شارىدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا ئىنسانلار مەۋجۇتمۇ - مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟ ئاقار يۇلتۇز قانداق ھادىسە؟ بەزى يۇلتۇزلاردا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز زور پارتلاش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ؟ يۇلتۇزسىمان جىسىملار بىزدىن ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن يەنىلا پارقىراق كۆرۈنىدۇ؟ … بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزنى، ئىزدىنىشىمىزنى كۈتمەكتە. |