يەر شارىنىڭ سىرتىدا مەدەنىي دۇنيا بارمۇ - يـوق؟ ئالـىـملار «تـاشقى پلانېتا كىشىلىرى» ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش؛ ئالەم بوشلۇقـىـغا تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئەۋەتىپ ئىزدەش؛ تاشقى پلانېتا كىشىـلىرىگە ئىنسانلار مەدەنىيىتى ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىش قاتارلىق يوللار بىلەن يەر شـارى سىرتىدىكى مەدەنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەڭ دەسلىپىدە، سىرتتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلـى قوللىنىلدى. ئاسترونوملار1959 - يىلىدىن باشلاپ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇق بۆلەكلىرىنى ئاڭلاش ئوبيېكتى قىلىپ تاللاپ، مەدەنىيەتكە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىلغاپ چىقماقچى بولدى. بۇلارنىـڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېكلىـر شۆبە مەكتىپى نەچچە10 مىليون قانالدىن خاتىرىلىۋالغان4000 گۇمانلىق ئۇچۇر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە3900 ىنىڭ يـەر شارىدىن كەلگەنلىكى،90 ىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئايروپـىلاندىن كەلگەنلىكـى بايقالدى، قالغان10 ىنىڭ تاشقـى پلانېتا كىشىلىرىدىن كەلگەن - كەلمىگەنلىكىگە ھازىرغىچە ھۆكۈم قىلغىلى بولمىدى. ئىككىنچى خىل ئۇسۇل، يەر شارى سىـرتىدىكى مەدەنىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەر شارى مەدەنىيىتى ئۇچۇرلىرىنى تارقـىتىش بولۇپ، بۇنداق قىلىش بىرقەدەر قىيىن.20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدىن بۇيان ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بۇ پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى. ئامېرىكا1972 - يىل3 - ئاي ۋە1973 - يىل1 - ئايدا تاشقى پلانېتاغا تەكشۈرۈش ئەسۋابى «يول ئاچقۇچى −10 « ۋە «يول ئاچقۇچى −11 » نى قويۇپ بەردى؛1977 - يىل8 - ئاي،9 - ئايدا ئالەم كېمىسى «ساياھەتچـى −1 » ۋە «ساياھەتـچى −2 » نى قويۇپ بەردى، بۇ ئالەم كېمىلىرى ئىنـسانلارنىڭ ئالتۇن يالىتىلغان ئاليۇمىندىن ئىشلەنگەن «نام - ئەمەل كارتۇشكىسى» بىلەن مىستىن ئىشلەنگەن «يەر شارى ئاۋازى» پلاستىنكىسىنى ئېلىپ ئۇچتى، «نام - ئەمـەل كارتۇشكىسى»دا تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئۈچىنچى پلانېتا − يەر شارىدىكى ئەر - ئاياللار تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىلگەن، پلاستىنكىغا كود سىگنالى شەكلى بىلەن116 پارچە رەسىم، جۈملىدىن يەر شارىنىڭ قىياپىتى، ئىنسانلارنىڭ ئوبرازى، دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكىلار، قەدىمكى ۋە ھازىرقى قۇرۇلۇشلار قاتارلىقلار چۈشۈرۈلگەن، نەچچە يۈز مىڭ يىل، نەچچە مىليون يىلدىن كېيىن، «تاشقى پلانېتا كىشىلىرى» بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇسى ۋە ئىنسانلار ئۇچۇرىنى تەرجىمە قىلىپ، يەر شارىغا جاۋاب قايتۇرغۇسى. بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ نۇقسانى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قايتىپ كېلەلمەيدۇ، شـۇڭا، ئەنگلىيىلىك ئالىملار قۇياشقا9 .5 يورۇقلۇق يىلىلا يىراقلىقتا ھەم قۇياشقا ئىنتايىـن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بارنارد يۇلتۇزىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئۇچار كېمىنى قويۇپ بېرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئۇچار كېمـە47 يـىـل ئۇچقاندىن كېيىن، شۇ جايدا ئادەمسىمان جانلىقلارنىڭ بار - يوقلۇقـىـنى يېقىن ئارىلىقتىن تەكشۈرەلەيدۇ. بىراق، بۇ پـىلانـنـى يولغا قويۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىـنـتـايـىـن يۇقىرى بولۇپ، ئۈمـىـدۋارلـىـق بـىـلـەن مۆلچەرلىگەندىمۇ21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ. ئۇچار جىسىم ئارقىلىق ئىنسانلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى توشـۇش دەرۋەقـە ئوبرازلىق ۋە بىۋاسىتە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگـە، بـىـراق، يورۇقلۇق يىلى بويىچە ھېسابلىنىدىغان ئەمەلىي بوشلۇققا سېلىشتۇرغـاندا ئۇنـىـڭ سۈرئىتى بەكمۇ ئاستا. شۇڭا، ئاسترونوملار رادىئو دولـقۇنـى ئارقىلىق ئەقىلگە ئىگە ھاياتلىق بار پلانېتاغا ئۇچۇر ئەۋەتىش خـىزمىتىنى باشلىۋەتتى. مەسىلەن،1974 - يىل11 - ئايدا مەشھۇر ئارېتسىبو رەسەتخانىسى گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى شارسىمان يۇلتۇزلار توپىـدىـكـى13 M غا يەر شارى ۋە يەر شارىدىـكـى ئادەملەر تونۇشتۇرۇلغان تېلېگراممىنى يوللىدى.13 M يۇلتۇز توپىغـا نەچچە يۈز مىڭ تۇرغۇن يۇلتۇز توپلاشقان، ئەگەر مەلۇم تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا تېخنىكا سەۋىيىسـى ھازىـرقـى زامان ئىنسانلىرىغا باراۋەر كېلىدىغان تاشقى پلانېتا كىشىلىرى بار بولسا بىـز بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى مۇمكىن. بىراق،13 M يەر شارىدىن2400 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا، شۇڭا، تاشقى پلانېتا كىشىلىرى ھەقىقەتـەن جـاۋاب تېلېگرامما قايتۇردى دېگەندىمۇ بۇ تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالـغۇچـىلار4800 يىلدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز بولىدۇ. ئىنسانلار يېقىنقى40 يىلدىن بۇيان، يەر شارى سىرتىدىكى مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن خەۋەرلىشىش ۋە بوشلۇق تېخنىكـىـسىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلانغاندىن باشقا، يەنە تـاشـقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ يەر شارىغا كەلگەنلىكىگە دائىر ئىزلارنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەتقىق قىلدى، ئەپسۇسكى، تا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شـۇڭا، بـەزى ئالىملار يەر شارى سىرتىدىكى مەدەنىيەت ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە ئەقلىي كۈچ، مالىيە كۈچ ئاجرىتىشقا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ، بىراق كۆپ ساندىكى ئالىملار داۋاملىق ئىزدىنىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. |