كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - ئاسترونومىيە | - سىرلىق ئۇچار تەخسە سىزنىڭ ئورنىڭىز:

سىرلىق ئۇچار تەخسە

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 10:31:55 كۆرۈلىشى: 39




ئۇچار تەخسە ئىنگلىز تىلىدا قىسقارتىلىپ OFU دەپ يېزىلىدۇ، بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم دېگەن مەنىدە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچار تەخـسە توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، ئۇچار تەخسىنى كۆردۈم دېگۈچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، خەلقئارادا ئۇچار تەخسىگە دائىر ماتېرىياللارنـى يىغىدىغان ھەمدە ئۇنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس ئاپپارات ۋە مەخسۇس ژۇرناللار تەسىس قىلىندى، تۈرلۈك پىكىر، مۇنازىرىلەر ئىنتايىن قىزىپ كەتتى.
قەدىمدىن تارتىپلا، بوشلۇقتىكى ئاجايىپ ئۇچار جىسىم توغرىسىدىكـى خاتىرىلەر بار، بىراق ئىلىم - پەن ساھاسىدە ئادەتتە1947  - يىل6  - ئاينىڭ14  - كۈنى ھازىرقى زامان ئۇچار تەخسىسى ھېكايىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى قىلىنىدۇ. بۇ كۈنى ئارنولد ئىسىملىك ئامېرىكىلىق كىشى غايىب بولغان ترانـسـپورت ئايروپىلانىنى ئىزدەپ ئايروپىلان ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، توساتتىن ئالدى تەرەپتىكى بوشلۇقتا تەخسىسىمان9  دانە ئۇچار جىسىمنى بايقىغان، بۇ ئۇچار جىسىملار ئۆز ئوقىدا ئايلانغاچ ئىلگىرىلەۋاتقان بـولۇپ، سۈرئىتى ئاز دېگەندىمۇ سائىتىگە2000  كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن، ئۇلار ھەش - پەش دېگۈچە ۋاشىنگتون شتاتىنىڭ راينيېر چـوقـقىـسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ ئىشنى مۇخبىرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىشى بىلەن «ئۇچـار تەخسە» نامى دۇنياغا تارالغان.
يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇچار تەخسىگە دائىر خەۋەرلـەر ئۈزۈلمىدى. مەسىلەن،1981  - يىل6  - ئاينىڭ9  - كۈنـى تـەيـۋەن ئۆلكىسىنىڭ تەيبېي شەھىرى ئاھالىلىرى نۇر توچكىسىغا ئوخـشـايـدىـغـان15  ئۇچار تەخسىنىڭ شەھەرنىڭ غـەربىي قىسىم بوشلۇقىدىـن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەن؛ شۇ يىل7  - ئاينىڭ24  - كۈنى گەنسۇ، چىـڭـخـەي، سىچۇەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى مىليونلىغان ئاممىمۇ نۇر چىقىرىدىغان بۇرمىسىمان چوڭ جىسىمنى كۆرگەن، بۇ جىسىمنىـڭ مەركىزىي قىسمى تەكشى پىرقىراپ، ئۇچار جىسىمنى ئاستا - ئاستا ئۇچۇرۇپ ماڭغـان. ئادەمـنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى،1962  - يىلىدىن باشلاپ، قاتتىق ئىلمىي مەشىقتىن ئۆتكەن ئوخشىـمـىغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكـى ئالـەم ئۇچقۇچىلىرىمۇ ئالەم كېمىسى ۋە ئالەم بوشلۇقـى پونكىتىدا تۇرۇپ OFU نـى كۆرگەن.
ئۇچار تەخسە توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاجايىپ - غارايىپ بولسىمـۇ، لېكىن ئۇلار مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچى، ئۇنـىـڭ دېـرىكى يوق، ھېچكىم ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، نەگە ئۇچقانلىـقـىـنـى ئېـيـتـىـپ بېرەلمەيدۇ؛ ئىككىنچى، سۈرئىتى ئۆزگىرىشچان، تىنچ ھالەتتىن سائىـتىگە نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەتكىچە بولۇپ، تېز - ئاستىلىقى ئوخشاش ئەمەس، ھەش - پەش دېگۈچە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئىقتىدارى ئادەتتىن تاشقىرى، بىمالال ئۆرلىيەلەيدۇ - پەسلىيەلەيدۇ، قۇرۇقلۇققىمۇ، دېڭىزغىمۇ قونالايدۇ ... ھەممىگە قادىر. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ يـاخـشـى ئۇچۇش ئەسۋابىدىنمۇ ياخشى بولسا كېرەك.
مۇشۇنداق ئاجايىپ ئۇچۇش ئەسۋابى نەدىن كەلگەن؟ ئۇنى ئىنسانلار تېخنىكىسى ياساپ چىقالمايدىغان بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى «تـاشـقـى پـلانېتا كىشىلىرى» ياسىغان دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئۇنى تاشقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ يەر شارىنى زىيارەت قىلىشىدىكى ترانسپورت قورالى دېيىشىدۇ. تاشقى پـلانېتا كىشىلىرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
بىرىنچى، تاشقى پلانېتا كىشىلىرى قانداق كەلگەن؟ تـاشقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى باشقا پلانېتالاردىن كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ پلانېتالاردا ئەسلا جانلىقلار يوق. ئۇنداقتا، باشقا تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن كەلگەنمۇ؟ ھالبۇكى، قۇياش سىستېمىسىغا ئەڭ يېقىن سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركۈمىگە قوشنا پلانېتامۇ يـەر شـارىدىن2 .4 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، »قوشنا پلانېتا كىشىلىرى« ھازىرقى زامان راكېتاسىدىن100  ھەسسە تېز سۈرئەت بىلەن يـەر شـارىغا قـاراپ بىر مىنۇتمۇ توختىماي ئۇچتى، دەپ قىياس قىلساق، ئۇنىڭغا700  يىل ۋاقىت كېتىـدۇ. بـۇ700  يىل ئىچىدە يېمەكلىك، يېقىلغـۇ قـاتارلىق زۆرۈر بۇيۇملارنى نـەدە ساقلايدۇ؟ ئاغرىق - سىلاق ۋە ئۆلۈم - يېتىم مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ بىزدىن2 .4 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى «قوشنا» مىزنىڭ يەر شارىغا كېلىشىدە مۇشۇنداق قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار بولغانىكەن، ئۇنداقتا يەر شارىدىن نەچچە مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى باشقا پلانېتا كىشىلىرىنىڭ كېلىشى تېخىمۇ مۈشكـۈل بولىدۇ.
ئىككىنچى، تاشقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ ئولتۇرغىنى قانداق ئۇچار كېمە؟ بەزىلەر ئەگەر ئۇچۇش قورالىنىڭ سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %9999 .99 ىگە يەتكەن تەقدىردە ئۇچار كېمىدىكى بىر يىل بەش ئاي يەر شارىدىكى مىڭ يىلغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق بولغاندا، قوشنا پلانېتا كىشىلىرى بىرنەچچـە يىلدا يەر شارى كەنتىگە كېلەلەيدۇ. بىراق، ئۇچار كېمىنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېقىلغـۇ سەرپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇچار كېمىنىڭ ئېغىرلىقى1  تونـنـا بولغان ھەمدە يادرو يېقىلغۇسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ تېزلىك ئاشۇرۇش جەريانىدا سەرپ قىلغان يېقىلغۇنىڭ كۆپلۈكى يەر شارى ماسسىسىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونۇشتىن ئىلگىـرى سۈرئەتنى ئاستىلىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچـۈنـمـۇ ئوخـشـاشلا كـۆپ يېقىلغۇ كېتىدۇ. شۇڭا، يورۇقلۇق تېزلىكىدىكى ئۇچار كېمىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۈچىنچى، ئۇچقۇچىسىز ئۇچار كېمە مۇمكىنچىلىكىمۇ چوڭ ئەمەس. ئەگـەر ئۇچار تەخسە مەلۇم تاشقى پلانېتا كىشىلىرى قويۇپ بەرگەن ئادەمسىز تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولسا، ئۇ يەر شارى بوشلۇقىغا يېقىنلاشقاندا مـۇتـلـەق كۆپچىلىكى يەر شارىنىڭ تاشقى قەۋىتىدىكى بوشلۇقتىن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن يەر يۈزىـگـە چـۈشۈش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا،60  −70  يىلـدا مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ بىر قېتىم كۆرۈلۈشـى ئالاھىدە ئىـش ھېسابلىنىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە بىر يىلدا نەچچە10  قېتىم، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۇچار تەخسە توغرىسىدىكى «خەۋەر» بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە بىرلا ۋاقىتتا9  ى،15  ى پەيدا بولغان، بۇ ئاجايىپ ئىش.
ئاخىرقىسى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم يېرى تاشقى پلانېتا كـىـشىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئۇچۇش قورالى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئىسپات بېرەلەيدىغان ئادەم يوق. بەزى خەۋەرلەردە تاشقى پلانېتا كىشىلىرىنىڭ يەر شارىغا زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەن، ۋەھالەنكى، نەچچە ئون يىل سۆزلىنىپ كەلگەن تاشقى پلانېتا كـىـشىلىرى ۋە ئۇچار تـەخـسـە توغرىسىدا بىرەر پارچە ئېنىق رەسىم چىقىرىلغىنى يوق، كىـشىنـى قـايىل قىلالىغۇدەك ماددىي بۇيۇمدىن تېخمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
بىراق، مۇشۇ تۈپەيلىدىن نامەلۇم ئۇچار جىسىم ھادىسىسىنى ۋە بۇ خىل ھادىسىنىڭ تەتقىقات قىممىتىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئىلگىرى37  نەپەر مۇتەخەسسىسنى تەشكىللەپ، ئىككى يىل ئىچىدە12  مىڭ618  قېتىملىق ئۇچار تەخسە ۋەقەسىنىـڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تۈرلەرگە ئايرىپ دەلىللەش ئارقىلىق، ئاخىرىدا، ئۇچار تەخسىـگـە دائىر ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىـڭ ۋېنېرا قاتارلىق نۇرلۇق يۇلتۇز، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، ئاقار يۇلتۇز، سىرىئۇس قاتارلىق نۇرلۇق تـۇرغـۇن يۇلتۇزلارغا؛ پەۋقۇلئاددە شەكىلدىكى بۇلۇت پارچىسى، ئېزىتقۇ، شارسىمان چاقماققا؛ شار، پاراشۇت، ئايروپىلان ھەمدە ئۇنىڭ سايىسى، باشقا ئۇچۇش ئەسۋابلىرىغا؛ قۇش توپى، ھاشارات توپىغا؛ خېلى بىر قىسمىنىڭ سـۈنئىـي ھەمراھ، بولۇپمۇ سۈنئىي ھەمراھ ۋە توشۇغۇچى راكېتانىڭ پارچىلىرى ۋە پارچىلانغان قىسىملىرىغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. دەرۋەقـە، ئاز ساندىكى ئۇچار تەخسە ۋەقەلىرىدىكى ئۇچار تەخسىنىڭ زادى قـانداق نـەرسـە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغىنى يوق. شۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكـى، تاشقى پلانېتا كىشىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇچار كېمىـسـى يـەر شـارىدا تـا بۈگۈنگە قەدەر ئازراقمۇ ئىز قالدۇرغىنى يوق.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316