يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادار يىراق ئارىلىقتىن كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەن ئايـروپـىلانـى ۋە بـاشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتىغـا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ، ھەتتا دۆلەت چېگرىسى سىرتىدىكـى دۈشـمەن ئايـروپىلانى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزىتەلەيدۇ. يـىـراقنى كۆرۈش يىراقتىن سىگنال بېرىش رادارىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى. رادارنىڭ يىراقنى كۆرۈشى ئۈچۈن، رادارنىڭ قويۇپ بېرىش ئاپـپـاراتـى ۋە قوبۇللىغۇچىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئۆستۈرۈش، يوغان ئانتېنـنـا قـۇراشـتـۇرۇش كېرەك، شۇڭا يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادارلار چوڭ بولىدۇ. يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادارلارنىڭ تەكشۈرۈش ئارىلىقى ئادەتتە400 −500 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ھازىر تېزلىكى ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىـغـان ئايروپىلانلار10 مىنۇت ئىچىدە400 كىلومېتىر ئۇچـالايـدۇ. ئەگـەر تـەكـشۈرۈش ئارىلىقى500 كىلومېتىر بولغان رادار دۈشمەن ئايروپـىلانىنى بايقىـغـاندىن دۈشمەن ئايروپىلانى رادار بوشلۇقىغا يېتىپ كەلگۈچە12 مىنۇت30 سېكـۇنـت ۋاقىت بولسا، قىرغۇچى ئايـروپـىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرىنىڭ بارلىق جەڭ تەييارلىقىنى قىـلـىـشـى ئۈچـۈن قىممەتلىك ۋاقىت يارىتىپ بېرىلگەن بولىدۇ. قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ئوق يولىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىنـىـڭ20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، مىنۇتىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن400 كىلومېتىر ئەتراپىدا ئۇچىدۇ. ئۇ500 كىلومېتىرلىق رادار تەكشۈرۈش دائىرىسىـگـە1 مـىـنـۇت15 سېكۇنت ئىچىدىلا يېتىپ كېلىدۇ. قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يىراقتىن سىگنال بـېـرىـدىغان رادار ئاساسىدا ئۇلترا يىراق مۇساپىلىك بىر خىل رادار ياساپ چـىـقـىـلدى. ئۇ1300 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوربىتىدا ئۇچۇۋاتقان قـىـتئەلـەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى1500 كىلومېتىر يىراقتىنلا سېزىۋالىدۇ، شۇنداق بولغاندا قىسىمنىڭ بۇ خىل باشقـۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەدكە تاقابىل تۇرۇشىغا تەييارلىق كۆرۈشى ئۈچۈن تەخمىنەن13 مىـنـۇت ۋاقىت يارىتىپ بېرىدۇ. |