كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - ئاسترونومىيە | - زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغـان رادار سىزنىڭ ئورنىڭىز:

زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغـان رادار

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 10:30:33 كۆرۈلىشى: 24




زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادار بولـسـا، زېـنىـت توپ دۈشمەن ئايـروپـىلانىنى دەل ئېتىپ چۈشۈرەلەيدۇ.
بۇ خىل رادار بوشلۇققا رادىئو دولقۇنىنى قويۇپ بېرىدۇ، پۈتـكـۈل دولقۇن قانىتىنىڭ شەكلى پروژېكتور نۇرىغا ئوخشايدۇ، نىشاننى بايقـىغان ھامان ئارىلىقىنى ئۆلچەپ چىقىپلا قالماستىن، ئانتېنناسىنىڭ ئازىمۇت بۇلۇڭى ۋە يۇقىرىغا قاراش بۇلۇڭىغا ئاساسەن، نىشاننىڭ ئازىمۇت بـۇلـۇڭـى ۋە يۇقىرىغا قاراش بۇلۇڭىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ.
 زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ ئىكـكـى پـەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنچى، ئۆزلۈكىدىن نىشاننىڭ ئىزىغا چۈشەلەيدۇ. ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئۆزلۈكىدىن ئىز قوغلاش ئاپپاراتى ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان بولۇپ، دۈشمەن ئايـروپـىلانىنى تۇنجى قېتىم بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئاپپارات خىزمەتكە كىرىشـىـپ، رادار ئانـتـېنـنـاسـى دۈشمەن ئايـروپـىلانىنىڭ ھەرىكىتىگە ئۆزلۈكىدىن ئەگىشىدۇ. دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ قانداق ئۇچۇشىدىن قەتئىينەزەر، رادار دولقۇنى ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالغاندەك، بـاشتىن - ئاخىر ئۇنىڭ پېيىدە بولىدۇ. ئىككىنچى، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە زېنىت توپنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ، زەمبىرەكلەرنىڭ ئىستوۋۇلى باشتىـن - ئاخىر دۈشمەن ئايـروپـىلانىغا توغرىلانغان بولىدۇ. زەمبىرەك ئوقى ئېتىلغان ھامان دەل تەگمەي قالمايدۇ.
زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ دولقـۇن دەستىسى ئىنتايىن ئىنچىكە، نىشاننى تېپىشى بىرقەدەر قىيىن، شـۇڭـا، ھەمـىـشـە «ھالقىسىمان كۆزىتىش رادارى» بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. ھالقىسىمان كۆزىتىش رادارى تەكشۈرۈش ئارىلىقى100  −200  كىـلـومېتىر بولغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك رادار بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى تۆت ئەتـراپنى كۆزىتىپ، ھاۋادىكى ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ۋە زەمبىرەكنـى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارغا دۈشمەن ئايـروپـىلانىنىـڭ تـەخـمـىنەن يۆنىلىشى، ئارىلىقىنى ئالدىن كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت، ھەتتا زەمبـىـرەكـنـى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ قايسى ئايروپـىلانـنـىـڭ ئىـزىـغـا چۈشۈشىگىمۇ قوماندانلىق قىلىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316