كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - ئاسترونومىيە | - گنومون سىزنىڭ ئورنىڭىز:

گنومون

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 10:30:08 كۆرۈلىشى: 11




ئىنسانلار ھازىرقىدەك سائەتلەرنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، بىر خىل قەدىمكى قۇياش سائىتى − گنوموننى ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋاقىت ھېسابلاپ كەلگەن. گنومون قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، غەربكە پېتىش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، يەر يۈزىدىكى ماددىلارنىڭ سايىسىنىڭ قۇياشقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ياسالغان ئاددىي بىر خىل ۋاقىت ھېسابلاش ئەسۋابىدۇر.
گنومون ئادەتتە ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ: بىرى، مېتال تاياقچىدىن ياسالغان «گنومون يىڭنىسى»، يەنە بىرى، ۋاقىت سىزىقلىرى ئويۇلغان تەخسە يۈزى − گنومون تەخسىسى ياكى گنومون يۈزىدىن ئىبارەت. گنومون يىڭنىسى گنومون تەخسىسىنىڭ مەركىزىدىن تېشىپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەخسە يۈزىگە تىك قىلىپ ئورنىتىلغان. قۇياش نۇرىدا گنومون يىڭنىسىنىڭ سايىسى تەخسە يۈزىنى بويلاپ يۆتكىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت سىزىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھال ھازىرقى سائەتلەرنىڭ يىڭنىسى يۆتكىلىۋاتقان ئەھۋالغا بەكمۇ ئوخشىشىدۇ. ئەتىگەندە سايە تەخسە يۈزىنىڭ غەربىي تەرىپىگە چۈشۈپ، تەخمىنەن بامدات ۋاقتىنى بىلدۈرىدۇ. ئارقىدىنلا قۇياش نۇرى سايىسى تەدرىجىي قىسقىراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالغا (ئاستىغا) قاراپ يۆتكىلىدۇ. قۇياش دەل جەنۇب ئاسمىنىدا ئەڭ ئېگىز ئورۇن (يۇقىرى كولمىناتسىيە) غا كەلگەندە، يىڭنە سايىسى دەل شىمال (ئاستى) تەرىپىگە چۈشۈپ، شۇ جايدا چىڭقى چۈش ۋاقتى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈشتىن كېيىن قۇياش غەربكە يۆتكىلىپ، قۇياش نۇرى سايىسى شەرققە قىيسايغاندا، تەرتىپ بويىچە پېشىن ۋاقتى، دىگەر ۋاقتى، نامازشام ۋاقتى قاتارلىق ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ.
گنومون تەخسىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالەتتە جايلاشتۇرۇلغان ئورنىغا ئاساسەن، گنوموننى ئۇپۇق گنومونى، ئېكۋاتور گنومونى، تىكلىمە گنومون، قىيپاش گنومون دېگەنگە ئوخشاش بىرقانچە خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن ئېكۋاتور گنومونى ۋە ئۇپۇق گنومونى بار. ئېكۋاتور گنومونىنىڭ تەخسە يۈزى ئېكۋاتور يۈزىگە پاراللېل ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنى گنومون يىڭنىسى شىمالىي ئاسمان قۇتۇپى (يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى بىلەن پاراللېل) نى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، گنومون تەخسىسى يۇمىلاق بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن ئىككى يۈزىدە بىرىنچى (子)، ئىككىنچى (丑)، ئۈچىنچى (寅)، تۆتىنچى (卯) قاتارلىق12  »ۋاقىت« كۆرسىتىلگەن. قۇياشنىڭ سوتكىلىق كۆتۈرۈلۈش - ئولتۇرۇش لىنىيىسى گنومون يۈزى بىلەن پاراللېل بولغانلىقتىن، گنومون يىڭنىسى ئارقىلىق چۈشكەن كۈن نۇرى سايىسى گنومون يۈزىدە تەكشى سىلجىپ يۆتكىلىدۇ، شۇڭا، بۇ شكالىلار تەكشى ئايرىلغان. ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىشتىن كېيىن، قۇياش ئاسمان ئېكۋاتورىنىڭ شىمالىدا سوتكىلىق كۆتۈرۈلۈپ - ئولتۇرىدۇ، شۇڭا، تەخسىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدىكى سايىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىشتىن كېيىن، قۇياش ئاسمان ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىدا سوتكىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ چاغدا تەخسىنىڭ ئاستىنقى يۈزىدىكى سايىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇپۇق گنومونىنىڭ تەخسە يۈزى گورىزونتال جايلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، گنومون يىڭنىسى گنومون تەخسە يۈزىگە تىك ياكى قىيسايغان ھالدا بولىدۇ. گنومون تەخسە يۈزىدىكى شكالا تەكشى بولمايدۇ.
جۇڭگونىڭ گنومون تارىخىنى يازما مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سۈي سۇلالىسى يىللىرىغىچە سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدۇ. ھازىر بايقالغان يىل دەۋرى ئەڭ ئۇزاق دەپ قارىلىدىغان چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي سەلتەنىتىنىڭ23  - يىلى (1897 - يىلى) ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خوخخوت ئەتراپىدىن قېزىۋېلىنغان چىن - خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئېكۋاتور گنومونى بولۇپ، ھازىر جۇڭگو تارىخىي مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316