كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - ئاسترونومىيە | - جۇڭگونىڭ قەدىمكى رەسەتخانىسى سىزنىڭ ئورنىڭىز:

جۇڭگونىڭ قەدىمكى رەسەتخانىسى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 10:28:59 كۆرۈلىشى: 19




جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئاسترونومىيە ئىلمى خېلى بالدۇر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شيا سۇلالىسى دەۋرلىرىدىلا رەسەتخانىلار تەسىس قىلىنغان، شۇ چاغدا ئۇ «ئېنىقلاش سۇپىسى» دەپ ئاتالغان. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە رەسەتخانىلار «ئىلاھىي سۇپا»، جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆزگىرىپ «ئەرۋاھلار سۇپىسى» دەپ ئاتالغان. كېيىن ھەرقايسى دەۋرلەردە رەسەتخانا يەنە يۇلتۇز كۆزىتىش سۇپىسى، ئالەمنى كۆزىتىش سۇپىسى دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان.
بۇرۇنقى زاماندا رەسەتخانىلار ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنى كۆزىتىدىغان ئورۇن قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نەزىر - چىراغ پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان سورۇن قىلىنغانىدى. قەدىمكى دەۋردىكى پادىشاھلار بۇ يەردە تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر - چىراغ بېرىش بىلەن بىللە يەنە مەخسۇس خادىملارنى ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنى كۆزىتىش، پال ئېچىپ ياخشى - يامان كۈنلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، كالېندارلارنى تۈزۈپ چىقىش، «ئەل - يۇرتقا ساخاۋەتچىلىك قىلىش» قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىگەن. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر - چىراغ بېرىش بىلەن ئاسماننى كۆزىتىش ئىشلىرى تەدرىجىي ئايرىلىپ، مەخسۇس ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش رەسەتخانىلىرى پەيدىنپەي بارلىققا كەلدى. ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنى كۆزىتىش قەدىمدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، ئاسمان ھادىسىلىرىنى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىغا ئېلىمىزدە ئىزچىل تۈردە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلدى. ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا، تارىخىي دەۋرلەردە ئوبسېرۋاتورىيە ۋە ئالەمنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى پايتەختتە قۇرۇلدى.
مەملىكىتىمىزدە ھازىرمۇ بىرقانچە يەردە قەدىمكى رەسەتخانىلارنىڭ ئىزلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغانلىرىدىن خېنەن ئۆلكىسى قەدىمكى دېڭفېڭ يۇلتۇز كۆزىتىش سۇپىسى بىلەن بېيجىڭ قەدىمكى ئوبسېرۋاتورىيىسى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە لوياڭ ئەرۋاھ سۇپىسى ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى يەنشى ناھىيىسىدە تەسىس قىلىنغان ھەم شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ رەسەتخانا بولۇپ قالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەشھۇر ئالىم جاڭ خېڭ ئىلگىرى مۇشۇ رەسەتخانىدا خىزمەت قىلغانىكەن. ئەمما ھازىر بۇ يەر ئاللىقاچان خارابىلىككە ئايلاندى. تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، لوياڭ ئەرۋاھ سۇپىسى ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى گۈللەنگەن بولۇپ، سۇپىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن20  مېتىر، سۇپا ئاساسى تەخمىنەن50  كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. بۇ سۇپىدا43  ئادەم ئىشلىگەن، خىزمەت تەقسىماتى ئىنتايىن ئىنچىكە، كۆزىتىش تۈرلىرى ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان. شۇڭا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئاسترونومىيە ناھايىتى تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
قەدىمكى دېڭفېڭ يۇلتۇز كۆزىتىش سۇپىسى لوياڭنىڭ شەرقىدىن80  نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭفېڭ ناھىيىسى گاۋچېڭ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بۇرۇنقى رەسەتخانا قۇرۇلۇشىدۇر. ئۇ يۈەن شىزۇ يىللىرى سېلىنىشقا باشلاپ16  يىلدىن كېيىن (1279 - يىلى) پۈتكەن،700  يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز سۇپا بىلەن سۇپا ئاستىدىكى ئۇزۇن تەكچە ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالاھىدە ۋاقىت ئۆلچىگۈچنى ھاسىل قىلغان. ئېگىز سۇپا تىكلىمە سائەتتىن ئىبارەت، ئېگىزلىكى46 .9 مېتىر كېلىدۇ؛ ئۇزۇن تەكچە يەرلىك ۋاقىت ئۆلچىگۈچ بولۇپ، ئاسمان شكالىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى19 .31 مېتىر كېلىدۇ، دەل جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە جايلاشتۇرۇلغان.
بېيجىڭ ئوبسېرۋاتورىيىسى جيەنگومېن قوۋۇقىنىڭ ئىچىدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بىنا قىلىنغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جىڭتۇڭنىڭ7  - يىلىدىن11  - يىلىغىچە (1442 ~1446 - يىللىرى) بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان، ئۇ مىڭ، چىڭ سۇلالىسىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئەسلىھەلىرى بۇزۇلمىغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، قەدىمكى ئوبسېرۋاتورىيە مائارىپ تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، شىمالىي مىلىتارىست ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە مەركىزىي ئوبسېرۋاتورىيە قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسى جېڭتۇڭ يىللىرىدىن1929  - يىلىغىچە قەدىمكى بېيجىڭ ئوبسېرۋاتورىيىسىدە يۇلتۇزلار ئۇدا500  يىل كۆزىتىلىپ، كۆزىتىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇشتەك دۇنيا رېكورتى يارىتىلغان.
قەدىمكى بېيجىڭ ئوبسېرۋاتورىيىسىگە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان8  دانە ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئەسۋابى (ئاستروگراف، ئېكۋاتورلۇق ئارمىلليار شارى، ئېكلىپتىكىلىق ئارمىلليار شارى، ئۇپۇق سىركۇلى، كۋادرانت، سېكستانت، ئالتازىمۇت ۋە مۇرەككەپ ئېكۋاتورلۇق ئارمىلليار شارى) ئورنىتىلغان، بۇ ئەسۋابلارنىڭ شەكلى كۆركەم، نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بىلەن ياسالغان بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر، ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن،1983  - يىل4  - ئاينىڭ1  - كۈنى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.
.ئالدىنقىسى: ئۇچۇر تۈگىدى
كىيىنكىسى:گنومون

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316