«يۇەنشى ھەققىدە ھېكايە» ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى رومانلارنىڭ بىرى. ئادەتتە،11 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىتاب بولۇپ چىققان، دەپ قارىلىدۇ، ئاپتورى ئايال يازغۇچى زىشىبۇ. «يۇەنشى ھەققىدە ھېكايە» نىڭ ھەجمى1 مىليون خەتكە يېقىن، ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقى قىسمىدا باش پېرسوناژ يۇەنشىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى مەركەز قىلىنىپ، ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە ئەمەل سورۇنلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان؛ كېيىنكى قىسمىدا، يۇەنشىنىڭ ئوغلى شۈن جۈننىڭ شاللاق تۇرمۇشى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان خىلمۇخىل تراگېدىيىلەر يېزىلغان. «يۇەنشى ھەققىدە ھېكايە» نىڭ باش پېرسوناژى گۇاڭ يۇەنشى پادىشاھ تۇڭخۇنىڭ ئوغلى. پادىشاھ تۇڭخۇ بۇ ئوغلىغا ئىنتايىن ئامراق ئىدى، ئۇنىڭ كېيىنلىكتە خان جەمەتىدىكى ھوقۇق، ئىمتىياز تەرەپدارلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، فامىلىسىنى يۇەنشى دەپ قويغانىدى. يەنە، يۇەنشى كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك كېلىشكەن، شېئىر، مۇزىكىنىڭ ھەممىسىگە ماھىر بولغاچقا، ھەممەيلەن ئۇنى گۇاڭ يۇەنجۈن، دەپ ئاتىشاتتى. يۇەنشى12 ياش ۋاقتىدا سول قول ۋەزىرنىڭ قىزى كۈشاڭغا ئۆيلىنىدۇ، لېكىن، يۇەنشى ئىشقۋاز بولغاچقا،17 ياشقا كىرگەندىن تارتىپ ئاياللار بىلەن شاللاقلىق قىلىشقا باشلايدۇ. كېيىن، بىر سەرگەردان ئاقسۆڭەكنىڭ قىزىغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ، كۈشاڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى رەسمىي خوتۇنلۇققا ئالىدۇ، بۇ ئايال دەل زىشاڭ ئىدى. يۇەنشى21 يېشىدا قورۇقچى باش سانغۇنلۇققا كۆتۈرۈلىدۇ، كېيىنكى يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى پادىشاھ تۇڭخۇ تەختىنى يۇەنشىنىڭ ئاكىسى پادىشاھ جۇچياۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئوڭ قول ۋەزىر يۇەنشىنى چەتكە قېقىپ، ئوردىدىن كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەركىدۇنيالىق تۇرمۇشى باشلىنىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، كەچۈرۈم قىلىنىپ، ئاستانىگە قايتىپ كېلىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىپ، ئوردىدىكى يۇقىرى مەنسەپدارلارنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىپ، ئەيش - ئىشرەتلىك، كەيپ - ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ھەم جۇچياۋنىڭ قىزى سەنگۇڭنى خوتۇنلۇققا ئېلىۋالىدۇ. لېكىن، سەنگۇڭنىڭ يېشى كىچىك، شاللاق بولغانلىقتىن، يۇەنشىنىڭ جىيەنى بەيمۇ بىلەن تېپىشىۋالىدۇ. بۇ يۇەنشىگە ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ، ئۇ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، تەركىدۇنيا بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئاخىر دەرد - ئەلەم ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدۇ. «يۇەنشى ھەققىدە ھېكايە» دە يۇەنشىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ چۈشۈپ كېتىشى ۋە شاللاق، خوتۇنپەرەسلىكى قاتارلىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ياپونىيىنىڭ تىنچلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئوردىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مۇرەككەپ ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى، شۇنىڭدەك ئوردىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قالايمىقان ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋىتى ئېچىپ بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇشۇ مەزگىلدىكى، يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىك روھىي قىياپىتى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ۋەقەلىك باشتىن - ئاخىرغىچە تۆت دەۋرگە چېتىلىپ،70 نەچچە يىلغا داۋاملىشىدۇ، ئۇنىڭدا400 نەچچە پېرسوناژ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ بىرلىككە كەلگەن مۇكەممەل رومان، ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئىش ئۆز ئالدىغا نىسبىي مۇستەقىل بىر ھېكايە بولالايدۇ. پۈتۈن رومان ناھايىتى نەپىس يېزىلغان، ئوي - پىكىر ناھايىتى يېقىملىق، ياپونىيىنىڭ قەدىمكى مىللىي ئۇسلۇبىغا ئىگە. كىتابتا يەنە ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى شائىرى بەي جۈيىنىڭ شېئىرلىرى90 نەچچە يەردە ئىشلىتىلگەن، شۇنىڭدەك، جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىدىكى ھېكايىلەر، تارىخىي پاكىتلار كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن. «يۇەنشى ھەققىدە ھېكايە» يالغۇز ياپونىيىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارىلىپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگو - ياپونىيە دۆلەتلىرىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ روشەن پاكىتى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. |