كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - ئەدەبىيات | - مەنىۋى مۇھىت سىزنىڭ ئورنىڭىز:

مەنىۋى مۇھىت

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 10:27:09 كۆرۈلىشى: 20




كۈز بوياق بەردى بۇ تاغقا ھۆل -يېغىن ئۆتكەن ھامان.
چۈشتى بىردىن جۇت سوغۇق، بۇ كەچقۇرۇن بولدى ئايان.
نۇر تۆكەر كۆكتە تولۇنئاي قارىغاي ئورمان ئارا،
ئاقىدۇ بۇلاق سۇيى تاشمۇ تاش سەكرەپ راۋان.
قايتسا بامبۇكزار ئارا كىرچى جۇۋانلار زوق بىلەن،
چىقىشار بېلىقچىلار ليەنخۇا ئارا شوخ لەيلىبان.
گۈل - گىياھلار سولىشىپ، كەتسىمۇ گەر ھۆسنىدىن،
تاغ ئارا كۈز پەيزىدىن كۆڭلۈم بۆلەكچە شادىمان.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر ۋاڭ ۋېينىڭ «خىلۋەت تاغدىكى كۈز ئاخشىمى» دېگەن بۇ نەزمىسى »شېئىرىي ھېسسىياتقا ۋە مەنزىرىگە تويۇنغان«. شېئىردا مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا شائىرنىڭ جىمجىت ۋە ساددا تاغلىق كەنت تۇرمۇشىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى يۇغۇرۇلغان. ئۇنى مەنزىرىگە ھېسسىيات يوشۇرۇنغان، ھېسسىيات مەنزىرىنى ئىچىگە ئالغان، ھېسسىيات بىلەن مەنزىرە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، شېئىر بىلەن سۈرەت بىرلىشىپ كەتكەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. تۇرمۇش مەنزىرىسى بىلەن ئىدىيىۋى ھېسسىيات يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇپ كېتىشتىن شەكىللەنگەن بەدىئىي مەنزىل «مەنىۋى مۇھىت» بولىدۇ.
ئومۇمەن، نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە مەنىۋى مۇھىت پەللە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن يازغۇچى ما جىيۈەن «كۈزنى سېغىنىش» دېگەن ئەسىرىدە:
«قۇرۇق پېلەك، قاقشال دەرەخ، گۇگۇمدا قارغا،
كىچىك كۆۋرۈك، ئېرىقتا سۇ، يېگانە ئادەم.
قەدىمىي يول، سوغۇق شامال، جۈدەڭگۈ بىر ئات،
كۈن پاتار غەرب تامان،
تۇرار ئادەم، باسقان ئۇنى ھەسرەت - پىغان»
دەپ يازغان. يازغۇچى كۈز پەسلى گۇگۇم پەيتىنىڭ مەنزىرىسىنى يازغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا چۆلدەرىگەن، ئېچىنىشلىق بىر كۆرۈنۈشنى سىزىپ، ھەسرەتلىك كەيپىياتنى ئىپادىلىگەن، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يىراق - يىراقلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن، غېرىب - غۇرۋا، تەنھا ۋە زېرىكەرلىك ھالىتىنى ئەسلىگەن. مۇنداق ئەسەرلەردە روھ سۈرەتلىنىپلا قالماي، تىلى ئىخچام، ئومۇملاشتۇرۇلغان، ھېسسىيات ئىنتايىن سەمىمىي، مەنىۋى مۇھىت تولىمۇ يېڭىچە بولۇپ، كىشىلەر ئەزەلدىن ئاغزىدىن چۈشۈرمەي تەرىپلەپ كەلگەن.
ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە مەنىۋى مۇھىت يارىتىش خىلمۇخىل بولىدۇ. چۈنكى، تۇرمۇش مول ۋە رەڭگارەڭ، يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسىمۇ ھەر خىل - ھەر تۈرلۈك بولغانلىقتىن، بەزىلەر لى بەي:
«ئەرشتىن چۈشكەن پېتى خۇاڭخې سۈيى ئۆركەشلىنىپ،
كەڭ دېڭىز ۋەسلىگە يېتىپ ئاندىن يەنە كەلمەس پېتىپ»
دەپ يازغىنىدەك، مەردانە ۋە ئۇلۇغۋار نىيەتنى ئىپادىلەيدۇ؛ بەزىلەر لى يۈي:
»سورىدىم ئول جانابتىن ھالىڭىز شۇنچە يامان؟
دېدىكى، مىسالى بىر ئەزىم دەريا ئاقىدۇ شەرق تامان»
دەپ يازغىنىدەك، ئېچىنىشلىق كەيپىياتىنى بايان قىلىدۇ؛ بەزىلەر يۆ فېي:
«ئەزىمەت مەگەر ئاچكى، غۇز بەرگەن گۆشنى يېمەس،
نۇش ئېتەر ھون قېنىنى قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ»
دېگىنىدەك مەردانە جاسارىتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر ليۇ زۇڭيۈەن:
«تاغ ئارا قاقماس قانات قۇش - جانىۋار،
يولدا چېلىقمايدۇ ھەم بىر يول باسار.
كىيىپ قارىلىقنى قېيىقتا بوۋاي،
قاردا دەريادىن تەنھا بېلىق تۇتار»
دەپ يازغىنىدەك، تەركىدۇنيالىق، تىز پۈكمەس جاسارىتىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن، مەيلى قايسى خىل مەنىۋى مۇھىت بولسۇن، پەقەت شېئىر بىلەن رەسىم بىرلىشىپ كەتكەن، ھېسسىيات بىلەن مەنزىرە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولسىلا، بۇ، ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىنىڭ بەلگىسى، شۇنىڭدەك يازغۇچى - سەنئەتكار ئۆمۈر بويى يەتمەكچى بولغان نىشان ھېسابلىنىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316