كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - ئەدەبىيات | - خاس ئۇسلۇب سىزنىڭ ئورنىڭىز:

خاس ئۇسلۇب

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 10:26:34 كۆرۈلىشى: 19




رىۋايەت قىلىنىشىچە، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىرە لى چىڭجاۋنىڭ كۈيۆسى جاۋ مىڭچېڭ لى چىڭجاۋنىڭ ئىبارىلىرىنى ئۆزىنىڭ نەسرىگە ئارىلاشتۇرۇپ، دوستىنىڭ باھالىشىغا سۇنغاندا، دوستى: «غەرب شامىلى قايرىدى دەرپەردىنى، دېرىزىدىن كۆرۈندى گۈلدىن نازۇك بىر سىيما» دېگەن مىسرالار ئەڭ گۈزەل ئىكەن دېگەن. ئەسلىدە بۇ ئىككى مىسرا لى چىڭجاۋنىڭ ئىدى.
جاۋ مىڭچېڭنىڭ دوستى نېمە ئۈچۈن بۇ مىسرالاردىن ئالاھىدە ھۇزۇرلىنىدۇ؟ لى چىڭجاۋنىڭ مىسرالىرى ئۇنىڭ ئۆز ئۇسلۇبىنى − روشەن ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە ئۆزگىچە خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. يۇقىرىقىدەك ئېسىل مىسرالارنى جاۋ مىڭچېڭ ھەرقانچە قىلغان بىلەن يېزىپ چىقالمايدۇ.
ئۇسلۇب ئەمەلىيەتتە يازغۇچى، سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدا ئىپادىلىگەن بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجادىيەت ئۆزگىچىلىكىدىن ئىبارەت. يازغۇچى، سەنئەتكارنىڭ تۇرغان مۇھىتى، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى، مەيدان - نۇقتىئىنەزەرى، مەدەنىي تەربىيىلىنىشى ئوخشاشمىغانلىقتىن ئىدىيە - خاراكتېرى، مىجەز - خۇلقى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ ۋە بۇ ئوخشاشماسلىقلار ئىجادىيەت جەريانىدا تەبىئىي ھالدا گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ. تېمىنى بىر تەرەپ قىلىش، باش تېمىنى ئىپادىلەش، ژانىر تاللاش، ئەسەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئوبرازلارنى سۈرەتلەش ۋە تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئۇسلۇبى بولىدۇ.
قەدىمكىلەر: «ئادەم قانداق بولسا ئەسىرىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دەيدۇ. ئۇسلۇب ناھايىتى زور دەرىجىدە يازغۇچى، سەنئەتكارنىڭ سۇبيېكتىپ ئامىللىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىراق، تۇرمۇشنىڭ ئۆزى مۇرەككەپ بولغانلىقى، يازغۇچى - سەنئەتكار ياشىغان دەۋر ئوخشاشماسلىقى، مىللەت پەرقى سەۋەبىدىن، ئەدەبىي، بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ.
ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇسلۇب رېئالىستىك ۋە رومانتىك دەپ ئايرىلىدۇ. مىللىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگوچە، غەربچە دەپ ئايرىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئېيتقاندا، بەزىلىرى جىمىغۇر ۋە كەسكىن، بەزىلىرى قىزغىن ۋە جانلىق، بەزىلىرى ئۆتكۈر ۋە ئاچچىق، بەزىلىرى ئەركىن ۋە بىمالال بولىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەتمۇ ئۇسلۇبنىڭ خىلمۇخىللىقى بىلەن رەڭگارەڭ بولىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316