كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - ئەدەبىيات | - ئابستراكتسىئونىزم سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ئابستراكتسىئونىزم

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 10:25:00 كۆرۈلىشى: 11



ھازىرقى چۈشكۈن، ئەكسىيەتچىل بۇرژۇئا سەنئىتىدىكى فورمالىستىك (شەكىلۋازلىق) ئېقىملاردىن بىرى بولۇپ، رېئال ۋەقەلىك ۋە كونكرېت نەرسىلەرنى ئىنكاس قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا پەيدا بولغان. (ئۇنىڭ نامايەندىلىرى چارلىز خۇۋارد، ستوئارت دىۋېس، كىرائوفارت رېتىنېر، مورىس قاتارلىق رەسساملار ئىدى.) 
ئابستراكتسىئونىستلار، رېئال ۋەقەلىك ۋە كونكرېت نەرسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش سەنئاتكارنىڭ ئەركىنى <سىقىپ قويىدۇ> دەپ قارايدۇ ۋە رېئال ۋەقەلىكنى، ھايات ھەقىقىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن قورقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئابستراكتسىئونىزم <سەنئىتى> مەۋھۇم گېئومېترىيىلىك شەكىللەردىن، ئوخشاش بولمىغان ھەجىم ۋە مەنتىقىسىز سىزمىكەشلىكتىن ئىبارەت.
ئابستراكت سەنئەت سەنئەتتىكى رېئالىستىك ۋە دېموكراتىك ئېقىملارغا قارشى قارىتىلغاندۇر، ئۇ باشتىن ئاياغ كوسموپولىتىزم روھىدا بولۇپ، ئۇ سەنئەتنىڭ مىللىيلىكى، ئۆزىگە خاسلقى، غايىۋىلىكى ۋە خەلقچىللىقىغا ئوچۇقتىن ئوچۇق قارشى تۇرىدۇ.
ئومۇمەن، ئابستراكتسىئونىزم - ھەقىقىي سەنئەتكە، رېئالىزمغا تامامەن خىلاپ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316