باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
يوسۇنلىرىمىز
-
يول - قاتناش توغرىسىدا
يول - قاتناش توغرىسىدا
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-8 19:14:16 كۆرۈلىشى: $$访问$$
يول - جايلارنى يەنى تاغ - داۋانلار، دېڭىز - ئوكيان، دەريا - ئېقىن، چۆل - باياۋانلار ئايرىپ تۇرغان بوستانلىقلارنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، يىراقنى يېقىن قىلىدىغان ۋاسىتە. يولنىڭ بۇ رولىدىن ئالغاندا، ئۇنى <ئىز، ئاياغ ئىزى> دېيىشكە بولىدۇ. بۇ چۈنكى يول ئىنسانلارنىڭ ئەجدادىنىڭ بىرىنچى تارىخىي پائالىيىتى جەريانىدا باسقان ئاياغ ئىزى ۋە ئۇلار پايدىلانغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئىزى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۈگۈنكى مىللەتلەر ئەجدادلىرىنىڭ قاتناش قوراللىرى ھەرخىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما يول ۋە قاتناش قوراللىرىدىن پايدىلىنىش پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئادەت.
شىنجاڭ دائىرىسىدىنلا ئالساق تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىي ئېتەكلىرى، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى ساھىلىدىكى سانسىز چوڭ - كىچىك بوستانلىقلارنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ئۆمۈچۈك تورىدەك يوللار ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىش جەريانىدا باسقان ئىزىدىن ھاسىل بولغان. بەدەندىكى قان تومۇرلار ئادەمنىڭ ھاياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغاندەك بۇ يوللارمۇ مۇشۇ ماكاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىرىكچىلىكىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز يول ئېچىش جەريانىدا چوڭ - چوڭ دەريا - ئېقىنلارغا داۋاملىق دۇچ كېلىپ تۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەريالارنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن يولنى سوزۇشقا مەجبۇر بولۇپ، قايتا - قايتا تەجرىبە - سىناق قىلىش ئارقىلىق ياغاچ بىلەن سوزۇش چارىسىنى تاپقان ۋە يولنىڭ بۇ سوزۇلغان قىسمىنى <كۆۋرۈك> دەپ ئاتاشقان. ئەڭ بۇرۇن مۇنداق كۆۋرۈكلەر ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بىر تال ياغاچتىن <ياسالغان>، مۇنداق ئاددىي كۆۋرۈك <سالغا> دەپ ئاتىغان. ئەجدادلىرىمىز كېيىنچە كۆۋرۈكنى شۇ سالغا ئاساسىدا تەدرىجىي ئىككى تال، ئۈچ تال بارا - بارا ئالتە - يەتتە تال ياغاچنى قاتار قويۇپ ئۈستىنى شاخ - شۇمبا توپا بىلەن كۆمۈپ ياسايدىغان بولغان. كېيىنچە پۈتۈنلەي قېلىن تاختاي بىلەن ئىككى يانغا رېشاتكا چىقىرىپ ياسايدىغان بولغان، مۇنداق كۆۋرۈكلەرنى <تاختا كۆۋرۈك> دەپ ئاتىغان. بۇ تاختا كۆۋرۈكلەر ئۆز دەۋرىدە ھازىرقى سېمونت - بېتون كۆۋرۈكلەرنىڭ رولىنى ئويناپ كەلگەن. رايونىمىزدىكى دەيالارنىڭ كۆپ قىسمىدا ھەر يىلى تاشقىن بولۇپ تۇرغاچقا كۆۋرۈكلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇش بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەر يىلى دېگۈدەك كۆۋرۈك سېلىشقا مەجبۇر بولۇپمۇ كەلگەن. ئەمما، ئەجدادلىرىمىز بەزى <خۇيى يامان> دەريالارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قايتا - قايتا تەجرىبە قىلىپ ئارال ھاسىل قىلىش، ئارالنى توغراقزار - جىگدىزارلىققا ئايلاندۇرۇش، ئورمان يىلتىزلىرى ئارقىلىق دەريا ئاستىدىكى قۇم قاتلىمىنى تىزگىنلەش بىلەن كۆۋرۈكنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ كەلگەن. زەرەپشان دەرياسىنىڭ يەكەن ناھىيە ئېگەرچى بازار كۆۋرۈكى ئەنە شۇنداق كۆۋرۈكتىن. بۇ كۆۋرۈك يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇسۇلدا ياسالغان بولۇپ، 13 ئارالنى 13 تاختا كۆۋرۈك بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى يۈز مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ ئارال - كۆۋرۈكلەر كەلكۈن سۇنى تارماقلارغا بۆلۈپ تەڭشەش بىلەن بەڭباش كەلكۈننىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ يۈز يىلدىن بۇيان زەرەپشان دەرياسىنىڭ مۇشۇ قىسمىدا قەد كۆتۈرۈپ كەلمەكتە. مۇشۇ قائىدە ئاساسىدا ياسالغان كۆۋرۈكتىن 50 - يىللارغىچە لوپنۇر ناھىيىسىدىمۇ بىرى بولۇپ، <80 - كۆۋرۈك> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ كۆۋرۈكلەر ئاددىي بولسىمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى بويىچە بىر كەشپىياتى ۋە تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشتەك ئەقىل - پاراسىتىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ تەجرىبىلەرگە ھازىرقى زامان كۆۋرۈك قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلسە، ھەر جەھەتتە تېخىمۇ ئوبدان ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر