ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - يوسۇنلىرىمىز - ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى

ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-8 19:13:35 كۆرۈلىشى: $$访问$$




يېمەك - ئىچمەك ئادىتى بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۇ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەكىس ئېتىدۇ. 
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۆزلىرى ياشىغان ئىقلىم شارائىتىغا ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە ئاساسەن، نۇرغۇنلىغان تاماق ئېتىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى تاماقلارنى ئىجاد قىلغان. 
ئۇيغۇر خەلقى تاماق ئېتىش سەنئىتىگە، تاماقنىڭ تازىلىقىغا ۋە تەملىك بولۇشىغا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. 
ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى كۆپ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدە گۆش ۋە ئاشلىق بىلەن قىلىنغان  تاماق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. 
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر قەدىمىي ئەنئەنىۋى تاماقلىرى ھەققىدە مەھمۇت قەشقەرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا بەزى مەلۇماتلار بار. مەسىلەن، توقۇچ (Ⅰتوم، 464 - بەت)، چۆرەك (Ⅰتوم، 504 - بەت) سۆزلىرىگە <توقاچ> دەپ ئىزاھ بېرىدۇ. كۆۋىشەك (Ⅰتوم، 628 - بەت) دېگەن سۆزنى <بولدۇرغان نان> دېسە، چوقمىن  (Ⅰتوم، 578 - بەت) دېگەن سۆزنى <ھور ناننىڭ بىر خىلى> دەپ ئىزاھلىغان. كۆمەچ (Ⅰتوم، 567 - بەت) سۆزنى <كۈلگە كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان>، سىنچۇ ( Ⅰتوم، 544 - بەت )، <گىردە بىلەن ھەمەك ئارىسىدا بولىدىغان بىر خىل نان، خۇيلىمانان>، پوسكەچ (Ⅰتوم، 590 - بەت) <كاڭچى> قاتما (Ⅰتوم، 564 - بەت) ۋە يۇغا (Ⅲتوم، 34 - بەت)سۆزلىرىگە <قاتلىما>، <ياغدا پىشۇرۇلىدىغان نېپىز نان> دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكىلەرنى تونۇشتۇرىدۇ: 
تۈرمەك (Ⅰتوم، 622 - بەت) - تۈرمەل. 
سامارچۇق (Ⅰتوم، 683 - بەت) - >قۇشقاچ< تىلى ئاش، سۇيۇقئاشنىڭ بىر تۈرى>. 
ئۈگرە (Ⅰ توم، 171 - بەت) - <سۇيۇقئاشنىڭ بىر تۈرى>. 
سوغۇت )Ⅰتوم، 462 - بەت( - <ھېسىپ، ئۈچەي ئىچىگە گۈرۈچ، گۆش ۋە دورا - دەرمان سېلىپ قىلىنىدىغان يېمەكلىك>. 
سوقتۇ (Ⅰتوم، 543 - بەت) - <ھېسىپنىڭ بىر خىلى، جىگەر بىلەن گۆشكە دورا - دەرمان ئارىلاشتۇرۇپ ئۈچەيگە تىقىلىدۇ. ئاندىن پىشۇرۇپ يېيىلىدۇ>. 
تۇتماچ (Ⅰتوم، 590 - بەت) - <چۆپ، تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلىرىنىڭ بىرى>. 
قوۋۇت (Ⅲ توم، 233 - بەت) - <قاغۇت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇغۇتتا خۇنسىراپ كەتكەن ئاياللارغا بېرىلىدىغان تاماق.< بۇ تاماق قورۇلغان تېرىق ئۇنىنى ياغ بىلەن شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ>. 
توپىق (Ⅰ توم، 492 - بەت) - <قوينىڭ توپىق سۆڭىكىدىن قىلىنىدىغان غىزا>. 
كۆرشەك (Ⅰتوم، 625 - بەت) - <سوكنى سۇ ياكى سۈتتە قاينىتىپ، ئۈستىگە ياغ قويۇپ يېيىلىدىغان بىر خىل تاماق>. 
بولدۇنى (Ⅰتوم، 625 - بەت) - <ئىچىگە قۇرۇق ياكى ھۆل ئۈزۈم سېلىپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل يېمەكلىك>. 
سۈرۈش (Ⅰتوم، 477 - بەت) - <چۈشۈرۈش بۇغداي باشىقىنى دېنى قېتىشتىن ئىلگىرى ئۈزۈۋېلىپ، ئوتتا پۇچۇلاپ يانجىپ يېيىلىدىغان يېمەكلىك>. 
بۇلغاما (Ⅰتوم، 640 - بەت) - <ياغسىز ۋە تەمسىز بۇلماق>. 
قوغۇرماچ (Ⅰتوم، 137 - بەت) - <قېتىق بىلەن سۈت ئارىلاشمىسى، ئىچى قېتىپ قالغان ئادەملەرنىڭ ئىچىنى سۈردۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىچكۈزۈلىدۇ>. 
بۇخسى <Ⅰتوم، 551 - بەت>، - <بىرخىل يېمەكلىكنىڭ ئىسمى. بۇ يېمەكلىك مۇنداق تەييارلىنىدۇ؛ قاينىتىپ ئېلىنغان بۇغداينىڭ ئۈستىگە بادام مېغىزى سېلىنىدۇ. ئاندىن ھەسەل ۋە سۈت بىلەن قىلىنغان بۇلماقنى قويۇپ، شۇ پېتى ئىچىلىدۇ>. 
ياماتا(Ⅰتوم، 580 - بەت) - <قۇيماق خېمىرىغا ئوخشاش سۇيۇق قىلىپ چېلىنىدىغان بىرخىل خېمىر. سېمىز توخۇنى ياكى سېمىز گۆشنى قورۇغاندا ياكى كاۋاپ قىلغاندا، يېغى ئېقىپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇنىڭغا شۇ خېمىر سۈرتۈلىدۇ> 
سىم سىراق (Ⅲتوم، 187 - بەت) - <بىرخىل تاماق، باش پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغرىلىپ، دورا - دەرمان ئارىلاشتۇرۇپ بىر قاچىغا سېلىنىدۇ ۋە ئۈستىگە ئاچچىق قېتىق قۇيۇلۇپ سىڭىشكەندىن كېيىن يېيىلىدۇ>. 
يازۇق <Ⅲتوم، 19 - بەت) - <كۈزدە ھەرخىل دورا - دەرمانلار بىلەن قۇرۇتۇپ قويۇلۇپ، ئەتىيازدا يېيىلىدىغان قاق گۆش>. 
<تۈركىي تىللار دىۋانى> دا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللىي ئىچىملىكلىرىدىن قۇملاق (Ⅰتوم، 620 - بەت) <ھەشقىپىچەككە ئوخشىشىدىغان بىر ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭغا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ شاراب  ياسىلىدۇ>. قىبمىز (Ⅰتوم، 474 - بەت)، <تۇلۇمدا ئېچىتىپ ئىچىلىدىغان يىلقا سۈتى>، بوخسۇم (Ⅰتوم، 631 - بەت)<بوزاش تېرىقتىن ياسىلىدىغان ئىچىملىك)، ئاغارتقۇ (Ⅲ توم، 600 - بەت) - <بۇغداي يارمىسىدىن ياسالغان بوزىغا ئوخشاش ئىچىملىك> قاتارلىقلارنىڭ نامى ئۇچرايدۇ. 
يۇقىرىقىلار <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا تىلغا ئېلىنغان Ⅹئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ پەقەت بىرقىسمى. 1985 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان <ئۇيغۇر تائاملىرى> دېگەن كىتابتا ئۈچ يۈز خىلغا يېقىن تاماق تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلى، خۇرۇچى قاتارلىقلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. 
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدىكى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى شۇكى، مەلۇم ئائىلىدە ياخشىراق تاماق ئېتىلسە، ئۇنىڭدىن نېسىۋە قىلىپ، يېقىن قولۇم - قوشنىلارغا ئۆزئارا تاماق چىقىرىپ تۇرۇش ئادىتى بار. شۇنداقلا بەزى يېڭى تاماقلارنى، مەسىلەن، باشقىلاردىن بۇرۇن تەييارلىغان كۆك چۆچۈرىسى، كۈدە مانتىسى، قاپاق مانتىسى، يالپۇز جۇۋاۋىسى قاتارلىق تاماقلارنى تۇغقانلار ياكى يېقىن ئەل - ئاغىنىلەرنىڭ ئۆيىگە <يېڭىلىق تۇتىدىغان> ئادەت بولۇپ، <يېڭىلىق تۇتۇش> ياخشى كۆڭۈل ۋە ئىززەت - ھۈرمەتنىڭ ئىپادىسى. 
ئۇيغۇرلاردا تاماققا قوشۇپ ئېچىتقۇلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئادىتى ئومۇملاشمىغان. بولۇپمۇ ئىسلام شەرىئەتىدە ھاراققا ئوخشاش مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش مەنئى قىلىنغاچقا، ئىسلامىيەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرلارمۇ بۇ قانۇنىيەتكە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن. ئەمما ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە يەرلىك ئۇسۇلدا قۇرۇق ياكى ھۆل ئۈزۈمدىن مۇسەللەس، مەيزاپ ئىشلەش ئەنئەنىسى ھازىرغىچە بەزى رايونلاردا داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ خىل ئىچىملىكلەرگە غەيرىي ئىسپىرتلىق ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمايدۇ. 
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدىكى بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا شەكىللەنگەن بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نىسپىي ھالدا ئۆزگىرىپ ۋە يېڭىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن باشلاپ، قورۇما تاماقلارنى يېيىشكە ئادەتلەنمىگەن. مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىگە قورۇلغان سەي تۈرلىرىمۇ خېلى كەڭ سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. لېكىن قورۇما سەيلەرنىڭ تۈرى، ماتېرىيالى ۋە تەمى جەھەتتىن يەنە مەلۇم مىللىي ئالاھىدىلىك مەۋجۇت. 
تۆۋەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى تاماق تۈرلىرىدىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر