باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
يوسۇنلىرىمىز
-
بۆشۈك توي
بۆشۈك توي
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-8 19:13:04 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە، ياتلىق قىلىنغان قىزنىڭ تۇنجى تۇغۇرى ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ قىرىقى توشقۇچە شۇ ئۆيدە بېقىلىدۇ. قىرقى توشقاندا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆز ئائىلىسىدە «بۆشۈك توي» قىلىپ بېرىدۇ. بۆشۈك تويغا قۇدىلار (كۈيئوغۇلنىڭ ئاتا - ئانىسى) ئۇرۇق- تۇغقان، قولۇم - قوشنا ۋە ئەل - ئاغىنىلەرنىڭ ئاياللىرى تەكلىپ قىلىنىپ، مىھمان قىلىنىدۇ. قۇدىلار بوۋاق ئۈچۈن يۆگەك، ئەدىيال،كىيىم - كېچەك قاتارلىق نەرسىلەر، كېلىن ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ كىيىم - كېچەك ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى ئەكېلىپ، ئۇلارنى مۇبارەكلەشتىن تاشقىرى، يەنە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە شۇ ئائىلىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىغىمۇ سوۋغا - سالام ئەكېلىپ، تۇغۇتنى ئوبدان تاققانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مېھمانلار ئۇزاپ كەنكەندىن كېيىن قۇدىلار كېلىن بىلەن نەۋرىسىنى يۆتكەپ ماڭىدۇ. بۆشۈك ھويلىدىن چىقاردا ئۇنىڭغا ئسىرىق سالىدۇ، كېلىن بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىدىن ئىسرىق ئۆرۈيدۇ. قىسقىسى «بۆشۈك توي» نىڭ ماھىيىتى سالامەت يەڭگۈۋالغان كېلىننى ئۆز ئۆيىگە يۆتكەپ كېلىشتىن ئىبارەت بولغان بىر خىل مۇراسىمدۇر.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر