ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - يوسۇنلىرىمىز - ئون ئىككى مۇقام

ئون ئىككى مۇقام

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-8 19:12:38 كۆرۈلىشى: $$访问$$



<ئۇيغۇر بار يەردە ئون ئىككى مۇقام> بار، <ئون ئىككى مۇقام بار يەردە ئۇيغۇر بار> دېگەن بۇ ھېكمەتلىك سۆز چىن ھەقىقەتتۇر. ھەقىقەتەن <ئون ئىككى مۇقام> ئۇيغۇر فولكلورىغا مەنسۇپ بولغان بىر خىل سەنئەت ئۆرپ - ئادەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەڭ كەم ئاممىۋىلاشقان تىپىك بەدىئىي كۆرۈنۈشى. سەنئەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ سىستېمىلاشقان مۇجەسسەمى، شۇنىڭ ئۈچۈن <ئون ئىككى مۇقام> ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ھەمراھ بولۇپ، زىمىستان كۈنلەر، ئاچچىق تۈنلەر ئىز قالدۇرغان خەستە كۆڭۈللەرگە شادلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان روھىي مەئبۇت بولۇپ كەلدى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىق كۈنلىرىدىمۇ، قايغۇ - ھەسرەتلىك ئاچچىق تۈنلىرىدىمۇ <ئون ئىككى مۇقام> غا ئىلتىجا قىلدى. خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پەلسەپىلىك قارىشىدا پۈتۈن كائىناتقا ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى ئاسمان بوشلۇقىدىكى يورۇقلۇق سىستېمىسىنى <ئون ئىككى بۇرج> قا تەتبىقلىغىنىغا ئوخشاش، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى بويىچە <ئون ئىككى مۇقام> تىمسالىدا ئوبرازلاشتۇرۇپ، يۈكسەك مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلاندۇردى. شۇڭا <ئون ئىككى مۇقام> نوقۇل سەنئەت ھادىسىسى بولماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئاتا تەبىئەت قوينىدا قوزغالغان بەدىئىي تەسەۋۋۇرلىرى ۋە سەنئەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ مۇزىكىلىق يىغىندىسى دېيىشكە ھەقلىقمىز.
ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئانىسى بولغان <ئون ئىككى مۇقام> بىر ۋاقىتتىلا بىر يەردە، بىرەر شەخس تەرىپىدىن بىر يوللا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ھەر يەردە، ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا كوللېكتىپ تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئون ئىككى سېكىلدىن ئىبارەت ئۇيغۇر مىلودىيىسىنىڭ تىمسالىدۇر. شۇڭا <ئون ئىككى مۇقام> نىڭ پەيدا بولۇشىنى مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋر بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. تارىخ سەھنىسىدە ئۈزۈلمەس دولقۇندەك ئۆز ئارا ئىز بېسىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق تۇرمۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا چۆل - باياۋان، تاغ - دالا، دەريا - ئۆستەڭ، يايلاق ۋە ئېتىز - ئېرىق كۈيلىرىنى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ناخشا - قوشاقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ كۈيلەر ئۆزىنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىكى بويىچە  تۈركۈملىشىپ تەدرىجىي يۈرۈشلەشكەن مۇقام گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىل قىلغان.
<مۇقام> سۆزى ئېتىمولوگىيىلىك جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر كۈسەن - تۇخار تىلىدىكى <مەقەۋمە> - maka - yame سۆزىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، <چوڭ نەغمە> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ <ئورۇن>، <دەرىجە> مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە <مەقام> سۆزى بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا <مۇقام> بولۇپ ئۆزلەشكەن ۋە چوڭ ھەجىمدىكى يۈرۈشلەشكەن ناخشا - ئۇسسۇللۇق مۇزىكا چۈشەنچىسىنى بېرىدىغان خاس ئىسىمغا ئايلىنىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر <ئون ئىككى مۇقامى> نىڭ قېزىلىپ - رەتلىنىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرېشىتخاننىڭ ھامىيلىقىدا ۋە مەدەتكارلىقىدا مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىر قىدىرخان ۋە خانىش ئامانىساخانلار ئۆچمەس ئۆچمەس تۆھپە قوشقا، ئەنە شۇ ئاماننىساخان باشچىلىقىدا رەتلىنىپ مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇرداخۇن ئاكا ۋارىسلىق قىلىپ ساقلىغان ۋە 1956 - يىلى نوتىغا ئېلىنغان <ئون ئىككى مۇقام> تىزىملىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. راك مۇقامى 23 نەغمە 205 مىسرا
2. چەبىيات مۇقامى 23 نەغمە 251 مىسرا
3. مۇشاۋىرەك مۇقامى 31 نەغمە 363 مىسرا
4. چارىگاھ مۇقامى 18 نەغمە 212 مىسرا
5. پەنجىگاھ مۇقامى 25 نەغمە 240 مىسرا
6. ئۇزھال مۇقامى 29 نەغمە 224 مىسرا
7. ئەجەم مۇقامى 17 نەغمە 143 مىسرا
8. ئوشاق مۇقامى 23 نەغمە 286 مىسرا
9. بايات مۇقامى 19 نەغمە 119 مىسرا
10. ناۋا مۇقامى 20 نەغمە 119 مىسرا
11. سىگاھ مۇقامى 6 نەغمە 72 مىسرا
12. ئىراق مۇقامى 8 نەغمە 102 مىسرا
 جەمئىي <ئون ئىككى مۇقام>، ئىككى يۈز قىرىق ئىككى نەغمە (مۇزىكا)، ئىككى مىڭ تۆت يۈز يەتمىش مىسرا، بۇنىڭغا <ئەبۇچەشمە> مۇقامىدىكى ئون ئۈچ نەغمە، ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى مىسرانى قوشقاندا، تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ساقلاپ قالغىنى ئىككى يۈز ئەللىك بەش نەغمە، ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئىككى مۇزىكىلىق مىسرا بولىدۇ.
لېكىن، <ئون ئىككى مۇقام> باشتىن - ئاياغ بىردەك ئون ئىككى بىلەن چەكلەنگەنمۇ ئەمەس. مۇقام ئۆز تارىخىدا كۆپ قېتىم كېمىيىش، كۆپىيىش، قوشۇلۇپ ئىخچاملىنىش، ئوخشاشمىغان يەرلىك ۋارىيانتلارنى پەيدا قىلىش تارىخىنى بېشىدىن كەچۈرگەن.
<ئون ئىككى مۇقام> دا ناخشا - مۇزىكا شەكلى بىلەن ئىنسانىي مۇھەببەت، گۈزەل ئارزۇ - تىلەكلەر، كىشىلىك ھاياتتىكى شاد - خۇراملىق، ھەسرەت - نادامەت، جۇدالىق، بىرلىك - ئىناقلىق، كۆڭۈل ئازادىلىك، مۇڭ - پىغان، غەزەپ - نەپرەت، زۇلۇم - كۈلپەت قاتارلىق ئۆتمۈشنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىلىرى بايان قىلىنغان.
قىسقىسى، <ئون ئىككى مۇقام> ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىكى مۇقەددەس سەنئەت <ئىلاھى> سۈپىتىدە كىشىلەرگە مەنىۋى قۇۋۋەت ۋە ئېستېتىك زوق بەخش ئېتىپ كەلگەن. تىل بىلەن ئىزھار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈرەك تارىلىرىمىزنى تىترىتىپ، پسىخك ھالىتىمىز بىلەن ئورگانىك ھالدا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. <ئون ئىككى مۇقام> نىڭ مۇزىكىلىق سېزىمىگە ھەقىقىي ھالدا مەپتۇن بولغۇچى <ساتارنىڭ تارىسىغا جان رىشتىسىدىن تار ئېشىپ> چېلىشنى ۋە ئۇنىڭ ساداسىدىن <بىناۋانىڭ كۆڭلىنى ئېلىش> نى تەلەپ قىلغۇچىلار، شۈبھسىزكى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەقداسى - ئۇيغۇر خەلقىدۇر.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر