ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - يوسۇنلىرىمىز - توي مۇراسىمى ۋە جەريانى

توي مۇراسىمى ۋە جەريانى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-8 19:11:25 كۆرۈلىشى: $$访问$$




ئۇيغۇرلار توينى ئىنسان ئۆمرىدىكى ئەڭ زور خۇشاللىق ۋەقە ھېسابلايدۇ. مەلۇمكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بازا - ئائىلە بىر جۈپ ئەر - ئايالنىڭ قانۇنلۇق بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇنداق بىرىكىش پەقەت جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان توي - نىكاھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمى تۆۋەندىكى جەريان - مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 
1( نىكاھ ئوقۇش: نىكاھ ئوقۇش <پاتىھە ئوقۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىكاھ ئادەتتە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى ئەتىگەنلىكى ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىم پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. نىكاھ تەيىنلەنگەن ۋەكىل ۋە قولداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا نىكاھ ئوقۇيدىغان ئىمام ياكى مەزىننى بىللە ئېلىپ قىز تەرەپكە كېلىدۇ. قىزنىڭ دادىسى بىر - ئىككى نەپەر قوشنىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ ئۆيگە باشلايدۇ ۋە داستىخان سېلىپ چىرايلىق كۈتىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن نىكاھ ئوقۇغۇچى ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ قىزنىڭ مېھرى ھەققى ھېسابىغا لايىھە قويىدۇ. ئىككى تەرەپ كېلىشىپ مەلۇم ساندا پۇل تۆلەشنى توختىشىدۇ. ئەمما پۇل نەقق مەيداندا بېرىلمەيدۇ. پەقەت ئەر - خوتۇن كەلگۈسىدە مەلۇم ۋەب تۈپەيلى ئاجرىشىشقا توغرا كەلسە، ئايالنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ھېسابىدا شۇ ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ. بەزى جايلاردا مېھرى ھەققى <سۈت ھەققى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ ۋە نەق مەيداندا پۇل تاپشۇرىدۇ.
ئۇ رەسمىيەت ئۆتۈلۈپ بولغۇچە قىز بىر - ئىككى نەپەر ئايال تۇغقىنى ۋە قولداش، تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا باش - كۆزىگە رومال پۈركىگەن ھالدا ئىشىك تۈۋىدە ھازىر بولىدۇ. يەنە بىر چىنىگە ئازىراق تۇز سۈيى قۇيۇپ ئىچىگە ئىككى بۇردا نان سېلىپ داستىخان ئۈستىگە قويۇلىدۇ. ئاندىن نىكاھ ئوقۇلىدۇ. يىگىت قولدىشى بىلەن قول قوشتۇرۇپ ئۆرە تۇرىدۇ. نىكاھ ئوقۇغۇچى بىر - ئىككى كەلىمە ئايەت ئوقۇغاندىن كېيىن يىگىتكە قاراپ: <× × × ئاخۇننىڭ ئوغلى × × × ئاخۇنغا رازى - رىزالىقىڭىز بىلەن قىيامەتلىك ھالال جۈپلۈككە ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلدىڭىزمۇ؟> دەپ ئۈچ قېتىم سورايدۇ. ئەمما قىز تېخىمۇ خىجىللىقتا جاۋاب بەرمەي، پەقەت يېنىدا تۇرغانلار ئاڭلىغىدەك پىچىرلاپ ماقۇللۇق بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭغا يېنىدا تۇرغانلار گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى ياشنى تەبرىكلەيدۇ. شۇ ئەسنادا قىز قولدىشى بىلەن يىگىت قولدىشى داستىخاندىكى تۇز سۈيىگە چىلانغان ھېلىقى نامغا ئېتىلىدۇ. كىم چاققان كەلسە ئالدى بىلەن ئۆز دوستىغا تۇزغا چىلانغان ناننى شۇ يېگۈزىدۇ. بۇ ئەمەلدە يىگىت بىلەن قىزنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا: <بۈگۈندىن ئېتىبارەن بىز قىيامەتلىك جۆر بولدۇق، تۇزكورلۇق قىلماي مەڭگۈ سادىق ئۆتىمىز> دەپ بەرگەن قەسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئادەت - ئەنئەنىمىز بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە نىكاھ ئوقۇش ئورنىدا شۇ رەسمىيەت ئۆتۈلەتتى. ئىنسان تۇرمۇشىدا ئاش بىلەن تۇز كەم بولسا بولمايدىغان اساسلىق نەرسە بولغاچقا، ئۇيغۇرلار نان بىلەن تۇزنى ناھايىتى ئۇلۇغلايدۇ. <نېنى يوقنىڭ جېنى يوق> دېگەن ماقالىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، يۇرتقا، ئەلگە، دوستلارغا قىلىنغان ئاساسلىق قىلمىشلارنىڭ <تۇزكور، تۇزكورلۇق> دەپ قاغىلىشى ئەنە شۇ جۈملىدىن. يىگىت بىلەن قىزغا نان يېگۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن نىكاھقا كەلگەنلەر خوشلىشىپ قايتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمىنىڭ بىرىنچى مەزمۇنى ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇيغۇرلار توي مۇراسىمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئاتا - ئانىسى توي ھۈرمىتى ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر بىر قۇر يېڭى ئۈستىباش كېيىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار ئالاھىدە چىرايلىق كېيىندۈرۈلىدۇ. ھەتتا ئۇرۇق - تۇغقان، يارۇ - بۇرادەرلەرنىڭ ئاياللىرى مەخسۇس يېڭى تويلۇق كۆڭلەك كېيىپ تويغا ھەمدەملىشىدۇ. توي مۇراسىمىدىن ئىككى - ئۈچ كۈن بۇرۇنلا ئۆي قېقىپ چوڭ تازىلىق قىلىنىدۇ. مۇراسىم كۈنى ھەممە سەھەر تۇرۇپ ھويلا - ئارام، ئىشىك ئالدىنى سىرىپ - سۈپۈرۈپ، زىياپەت تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلىدۇ.
2) توي زىياپىتى: بۇرۇن توي زىياپىتى مۇنداق ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن: ①مۇراسىم كۈنى قىز تەرەپتە مول زىياپەت ئۆتكۈزۈلۈپ ئىككى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى بىرلىكتە ئۇزىتىلاتتى. ئەتىسى ئوغۇل تەرەپتە يەنە زىياپەت ئۆتكۈزۈلۈپ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئىككى تەرەپنىڭ يىراق - يېقىندىن كەلگەن تۇغقان، يارۇ - بۇرادەرلىرى، بىرىنچى كۈنى كېلەلمىگەن قوشنا جامائەت كۈتۈلەتتى. ②ھەر ئىككى تەرەپ ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزەتتى. ئايرىم يېزا - قىشلاقلاردا توي زىياپىتىنىڭ يەنىلا يۇقىرىقىدەك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىر ئىككى تەرەپتە ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ كەتتى.
زىياپەتمۇ ھەرقايسى جاينىڭ ئەمەلىي شارائىتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۇزىتىلاتتى. بەزى جايلاردا مەزە بىلەن چاي قويۇلغاندىن كېيىن ھەر بىر ئادەمگە بىر نان ئۈستىگە بىر پارچىدىن گۆش قويۇپ ئۇزىتىلسا، بەزى بىر جايلاردا بىر پارچىدىن گۆش سېلىپ چامغۇر توغرالغان سۇيۇقئاش، بەزى جايلاردا گۆشلۈك شويلا ياكى پولو بىلەن ئۇزىتىلاتتى. كېيىنچە ھەممە جايدا دېگۈدەك پولو بىلەن ئۇزىتىلىدىغان بولدى. ھازىر شەھەر رايونلىرىدا توي زىياپىتىدە مېھمانلارغا ئالدى بىلەن نان، قەنت - گېزەك، ئۆيدە پىشۇرۇلغان ھەرخىل يېمەكلىكلەر بىلەن چاي قۇيۇلۇپ ئاندىن ئاش تارتىش ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. 
توي زىياپىتى مەيلى قايسى تەرەپتە ئۆتكۈزۈلمىسىۇن، زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغانلار سوۋغات بىلەن كېلىدۇ. توي سوۋغىتى <بۇسۇت> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇسۇت كۆپىنچە ھاللاردا ئىككى - ئۈچ بولاق قەنت، چىنە - قاچا، ھەتتا لۆڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇسۇتنى ئاياللار كۈتۈرۈپ كېلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، يېقىن يارۇ - بۇرادەرلىرى بولسا گېلەم، بىرەر جۈپ تەڭلىمات، بىرەر تىرىك قوي ياكى بىر پۈتۈن قوي گۆشى ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر يۇڭ ئەدىيال، بىرەر كېيىملىك رەخت ياكى شۇنداق بۇيۇملارنىڭ باھاسىغا مۇناسىپ مىقداردا نەق پۇل قويىدىغان بولۇپ قالدى. 
3( توي پائالىيىتى: 
① يىگىت - قىز پائالىيىتى:
  نىكاھتىن كېيىن يىگىت بىلەن قىز ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز قولدىشى ۋە بىر توپ ئۆز تەڭتۇش دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆز ھويلىسىدىكى ياكى قولۇم - قوشنىسىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر ئۆيدە تا توي كۆچۈرۈلگەنگە قەدەر نەغمە - ناۋا، ئويۇن - چاقچاق بىلەن ئولتۇرىدۇ ۋە ئايرىم كۈتۈلىدۇ. توي زىياپىتى ئاخىرلىشىپ قىز كۆچۈرۈلگەنگە ئىككى تەرەپ ھويلىسىدا خۇشال - خۇراملىق كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرىدۇ. زىياپەتتىن ئۇدۇللۇق تاراپ چىققانلارمۇ سەينادا بىر پەس تاماشا كۆرىدۇ. بەزىلەر ھەتتا ياشىنىپ قالغانلارمۇ بىر - ئىككى پەردە ئۇسۇل ئوينىۋېتىپ قايتىدۇ.
② توي )قىز( كۆچۈرۈش: توي كۆچۈرۈش ۋاقتى ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدۇ. ۋاقىت توشقۇچە قىزنىڭ يەڭگە ۋە قولدىشى قىزغا تويلۇق كېيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، چىرايلىق ياساندۇرۇپ بېشىغا ياغلىق سالىدۇ. بۇ قىزنىڭ قىزلار سېپىدىن ئايرىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋاقىت توشقاندا يىگىت ئۆز قولدىشى ۋە بىرتوپ تەڭتۇشلىرى، ئاتا - ئانىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ مەلۇم ساندىكى ئادەملەرنىڭ ھەمراھلىقىدا نەغمە - ناۋا، ناخشا ساداسى ئىچىدە قىز تەرەپكە كېلىدۇ. تويچىلار يېتىپ كەلگەندە قىز تەرەپتىكى ياش ئەر - ئاياللارمۇ ھويلا ئىشىكىنى ئېتىۋېلىپ تۆش سورايدۇ. بۇنىڭدا ئوغۇل بىلەن قىزنىڭ قوشۇلۇشىنى قوي تۆشىگە سىمۋل قىلىپ توينىڭ خۇشاللىق كەيپىياتنىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. تەلەپ ئورۇندالغاندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ تويچىلار ھويلىغا كىرىدۇ. ئاندىن ئۆيگە باشلىنىپ قىزغىن كۈتۈلىدۇ.                                   ③رازىلىق ئېلىش: داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن تويچىلار يىگىتنى ئېلىپ قىز ئولتۇرغان ئۆيگە بېرىپ قىزنى باشلاپ چىقىدۇ. قىز يۈزىدە چۈمپەردە، يىغلىغان ھالدا يىگىت بىلەن بىرلىكتە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. يىغلاش قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقان، ئائىلىسى، مەھەللىسى، مەھەللىداشلىرىغا بولغان مېھرىنى ۋە ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ قىزىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا كۆپچىلىك ئالدىدا قىزغا دۇئا بېرىدۇ. قىزنىڭ دادىسى قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: <مۇبارەك بولسۇن! بېشىڭلار تەڭ ئاقىرىپ توققۇز ئوغۇل، بىر قىزلىق بولغايسىلەر، ئۆمۈر بويى ئىناق ئۆتكەيسىلەر!> دەپ دۇئا قىلىدۇ. مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى تەڭ قول كۆتۈرىدۇ. ئاندىن ھويلىدا بىر پەس نەغمە - ناۋا، ئۇسسۇل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىز كۆچۈرۈلۈپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدا قىز يەنە يۇقىرىقىدەك ھېسياتتا ھويلىدىن يىغلاپ چىقىدۇ. تويچىلار قوشاق ئېيتىپ قىزغا تەسەللى بېرىدۇ.
يىغلىما قىز يىغلىما، تويۇڭ بولدى.
ئالتۇن گۈللۈك كۆشىگە، ئۆيۈڭ بولدى.
يىغلىما قىز يىغلىما، خۇش بولۇرسىز،
قارچىغىدەك يىگىتكە جۆر بولۇرسىز.
يىغلىما قىز يىغلىما، تويلىشىڭدۇر، 
ئالتۇن بويلۇق گۈل يىگىت سىردىشىڭدۇر.
④ ئۇزىتىش: قىز كۆچۈرۈلۈپ ماڭغاندا قىز تەرەپتىن بىر بۆلۈك ئەر - ئايال، ياش ئوغۇل - قىزلار قىزنى ئۇزىتىپ ئوغۇل تەرەپكە بىللە بارىدۇ. شۇ قاتارىدا قىزغا تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر يەڭگە قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ. قىز يەڭگىسى قىزنى ئۇزىتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا قىز تەرەپتىن ھازىرلانغان بىر يۈرۈش سېلىنغان ساندۇق ياكى بوقچا ئىچىگە بىردىن ئەينەك، تارغاق، سۈزگۈچ، قايچا، يىڭنە، ئويماق، بىر پىلتە )غالتەك( يىپ قاتارلىق نەرسىلەرمۇ سېلىپ قويۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق قىزنىڭ پاكىز، ئىشچان بولۇشىغا بولغان مەقسەت - ئارزۇ ئىپادىلىنىدۇ.
⑤چاچقۇ چېقىش: قىز كۆچۈرۈلۈپ ماڭغاندا، قىز تەرەپتىن مەلۇم ساندا پارچە پۇل ياكى چىلان، جىگدە، قەنت - گېزەك قاتارلىق نەرسىلەر قىز بېشىدىن ئۆرۈپ تويچىلار توپى ئىچىگە چېچىلىدۇ. بۇنىڭدا قىزنىڭ يامان كۆزلەردىن يىراق بولۇشى ۋە ئامانلىقىنى تىلەش مەقسەت  قىلىنىدۇ.
⑥يو توسۇش: قىز كۆچۈرۈلۈپ ماڭغاندا، مەھەللىدىكىلەر يولغا ئارغامچە تارتىپ يول توسىدۇ. مەقسەت، بىرىنچىدىن، مەھەللىداشلار قىزغا بولغان سەمىمىي مېھرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىن كېتىۋاتقانلىقىغا كۆزلىرى قىيمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش بولسا، ئىككىنچىدىن، بىر پەس توي تاماشاسى قىلىپ قىزنى ئۇزىتىپ قويۇش، ئۈچىنچىدىن، ئاز - تولا توي  يادىكارلىقى ئېلىشتىن ئىبارەت. بۇ ھالدا يىگىت قولدىشى يىگىتكە ۋەكالىتەن كۆپچىلىككە بىر قېتىم مەشرەپ ياكى ئوغلاق بېرىشنى ۋەدە قىلىدۇ ياكى كۆپچىلىككە قارىتىپ مەلۇم ساندا قول ياغلىق، لۆڭگە ۋە كەمپۈت قاتارلىق نەرسىلەرنى چاچىدۇ ئاندىن يول ئېچىلىدۇ. قىز كۆچۈرۈلۈپ يىگىت مەھەللىسىگە كەلگەندىمۇ يىگىتنىڭ مەھەللىداشلىرى يەنە يول توسىدۇ. بۇنىڭدا يىگىتنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشىش  مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ھالدا يىگىت قولدىشى كۆپچىلىككە قارىتىپ مەلۇم ساندا لۆڭگە، قول ياغلىق قاتارلىقلارنى چاچىدۇ ئاندىن يول ئېچىلىدۇ. قىز يىگىت ھويلىسىغا كىرەر چاغدا بوسۇغا ئالدىغا بىر دۆۋە ئوت يېقىپ قىزنى ئاتلاتقۇزۇپ ئۆتكۈزىدۇ ۋە يىگىت تەرەپتىن يىگىت بىلەن قىز بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ تويچىلارغا چاچقۇ چاچىدۇ. پايانداز سېلىپ قىز ھوجرىغا باشلاپ كىرگۈزۈلىدۇ. قىز ھوجرىغا كىرىشى بىلەن تەڭ تويچىلار پايانداز قىلىپ سېلىنغان رەختنى تالىشىپ قىزىقچىلىق قىلىدۇ. كىم چاققان كەلسە شۇ ئالىدۇ. قىزنى ئوتتىن ئاتلاتقۇزۇش ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى - شامان دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى ئادەت - ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق <جىن - شاياتۇنلار قاچسۇن، ئۆيگە بەخىت، بەرىكەت كىرسۇن> دېگەن ئارزۇ - تىلەك ئىپادىلىنىدۇ.
⑦ يۈز ئاچقۇ: قىز ھوجرىغا ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن ئەر - ئايال تويچىلارغا داستىخان سېلىنىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن توي مەشرىپى باشلىنىدۇ. مەشرەپ بەزى جايلاردا يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا نەغمە - ناۋا بولىدۇ. ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ، ناخشا ئېيتىلىدۇ ۋە ھەرخىل قىزىق چاقچاق - پاراڭلار بولىدۇ. ئۇسسۇل ئويناش جەريانىدا مەقسەتلىك ھالدا چەبدەس بىر ئەر بىر ئايال تەڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ ئەر كىشى ئۇسسۇل ئوينىغاچ بىر باھانە بىلەن قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. ئايال دەمبەس قەدەم كېلىپ يېپىپ تاشلايدۇ. بۇ ھەرىكەت شۇ تەرىقىدە ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىدۇ. ئاخىرقى قېتىمدا قىز ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە تەزىم بەجا كەلتۈرىدۇ. كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىتىدۇ. قىز ئاندىن ئولتۇرۇپ تاماشاغا ئورتاقلىشىدۇ. شۇڭا بۇ <يۈز ئاچقۇ> دەپ ئاتالغان. مەشرەپ بىرپەس داۋاملاشقاندىن كېيىن تويچىلار خوشلىشىپ تارقىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى پائالىيىتى ئاخىرلىشىدۇ. تويچىلار قايتقاندىن كېيىن يەڭگە ياردەملىشىپ ئورۇن - كۆرپە سېلىشىپ، تەرەتلىككە سۇ ئەكىرىپ، قىز بىلەن يىگىتكە تاپىلاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلاپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇرۇن يەڭگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يىگىتنىڭ دوستلىرى ئوغرىلىقچە ئىشىك ياكى روجەك تۈۋىگە كېلىپ گەپ تىڭشايدىغان ئادەتمۇ مەۋجۇت ئىدى. 
⑧ سالام بېرىش: توينىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە قىز يەڭگىسى ۋە قولدىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسى ئالدىغا سالامغا چىقىدۇ. ئاتا - ئانىسى ئۇلارنى قىزغىن كۈتىدۇ ۋە قىزنى بىر ئالتۇن ياكى كۈمۈش ئۈزۈك ياكى ئوبدان بىر كىيىملىك رەخت بىلەن تەبرىكلەيدۇ. يەڭگىسى، قولدىشىغىمۇ ئۆز لايىقىدا سوۋغات بېرىدۇ. شۇ كۈنى ئەتىگەنلىكى قىز تەرەپتىن بىر - ئىككى تاۋاق ئاش ياكى پېتىرمانتا ياكى ئۆپكە - ھېسىپ بىلەن ئىسسىقلىق قىلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يىگىت ئۆز قولدىشى بىر - ئىككى نەپەر تەڭتۇشىنىڭ ھەمراھلىقىدا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئالدىغا سالامغا بارىدۇ. ئۇلارمۇ بىر كىيىملىك رەخت قويىدۇ. ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەرگىمۇ ئۆز لايىقىدا سوۋغات بېرىدۇ. يىگىتنىڭ ھەمراھلىرى مېھمان بولۇۋاتقان جەرياندا مەلۇم بىر پەيتتىن پايدىلىنىپ ئۆي ئىچىدىن خاتىرە قىممىتىگە ئىگە مەلۇم بىر كىچىك بۇيۇمنى <ئوغرىلايدۇ>. ئەگەر قىز تەرەپ سېزىپ قالسا، شۇ يىگىتنى نەق مەيداندا بىرەر قىيىن ھەرىكەت قىلدۇرۇش ياكى مەشرەپ بېرىشكە <ۋەدە> ئېلىشتەك <جازا> غا تارتىدۇ. بۇمۇ توي خۇشاللىقىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. 
⑨ چىللاق: ئىككى تەرەپ تويدىن كېيىن بىر ھەپتە ئىچىدە ياكى خالىغان مەلۇم ۋاقىتتا تۇغقان، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلىرى ۋە تويدا قاراشقانلارنى ئايرىم زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋالىدۇ. قىز تەرەپتىن ئوغۇل تەرەپكە قويۇلىدىغان ياندۇرماق قويۇمچا ئادەتتە، مۇشۇ قېتىمقى ئۆز ئارا چىللاقتا قويۇلىدۇ.
ھازىر شەھەرلەردە توي پائالىيەتلىرى ھېسابىدا مۇنداق ئادەتلەر شەكىللىنىپ ئومۇملىشىشىغا باشلىدى: ①توي مۇراسىمىدىن بىر - ئىككى كۈن بۇرۇن قىزغا قولداش بولغۇچى، قىزنىڭ دوستلىرىدىن ئۈچ - تۆت كىشى جەم بولۇپ، قىز بىلەن ئوغۇل تەييارلىغان ئۆي جاھاز ۋە لازىمەت بۇيۇملىرى ئاساسىدا ھوجرا ياسايدۇ. ②قىزنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى توي مۇراسىم كۈنى قىزنى دوستلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرغۇزۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىش ئالدى بىلەن قىزغا چوڭ چاي ئېلىپ كېلىنگەن كۈنى شۇ قىزنىڭ ئانىسى كۆپچىلىك ئالدىدا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا بىر كىيىملىك رەخت قويۇپ سوراپ ئېلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ كۈنى قىزنى ئولتۇرغۇزۇشقا كېتىدىغان چىقىمنى ئولتۇرغۇزۇپ بەرگۈچى قىز ئۈستىگە ئالىدۇ. ③ توي چېيى ئۆتكۈزۈش: توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت بىلەن قىز ئۆز دوستلىرى ۋە باشقا  مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن ياردەم ۋە ھېسداشلىقلىرىغا جاۋابەن تەشەككۇر ئېيتىش يۈزىسىدىن مەخسۇس زىياپەت كەلگەن مېھمانلار ئۆز لايىقىدا ئادەمگەرچىلىك قىلىپ كېلىدۇ.
تويلىشىش، مۇراسىمى قائىدە - يوسۇن پائالىيەتلىرى پۈتۈن ئۇيغۇرلاردا بىر قەدەر ئورتاقلىققا ئىگە. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئادەت - ئەنئەنىلەردىن باشقا جايلاردا يەنە ئۆزگىچە مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەرمۇ مەۋجۇت. بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر، بولۇپمۇ شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە بىر قەدەر تىپىك بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى توي مۇراسىم قائىدە - يوسۇن شەكلىنىڭ نەمۇنىسى ۋە داۋامى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئالاھىدىلىكلەر تويلىشىش جەريانىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ كۆپ، ئاتالغۇلىرىنىڭ ھەرخىل، تەرتىپىنىڭ ئىنچىكە، مۇراسىم پائالىيەتلىرىنىڭ مول بولۇشى بىلەن خارااكتېرلىنىدۇ.
1) قىز تەرەپكە داستىخان تاشلاش <كىچىك تەزىم>، چوڭ چاي <چوڭ تەزىم> دەپ ئاتىلىدۇ. تويلۇق <قالىن> دەپ ئاتىلىدۇ (لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ <قالىن> دەپ ئاتايدۇ). 
2) تويلۇق ۋە قىسمەن توي قائىدە - يوسۇنلىرىدا، ئادەتتە تاق سان توققۇز ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ قۇمۇل رايونىدا تويلۇق پۈتۈنلەي <توققۇز> بىلەن ئۆلچىنىپ، ئادەتتە توققۇز كىيىملىك رەخ، توققۇز تۇياق قوي، توققۇز كۈرە بۇغداي، توققۇز شىڭ گۈرۈچ، توققۇز جىڭ ياغ، توققۇز داستىخانلىق مېۋە - چىۋە سېلىنىدۇ. قىز تەرەپكە ئېلىپ بېرىلىدىغان داستىخانغا سېلىنىدىغان نان سانى، توي پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ھېپىز )ئەلنەغمىچى( لارنىڭ سانى، چېلىنىدىغان داپ سانىمۇ توققۇز بولىدۇ. قۇمۇلدا توي قىلغۇچى ئوغۇل توي مەزگىلىدە <سۇلتن يىگىت> دەپ ئاتىلىدۇ.
3) يوقلاق: قىزغا داستىخان تاشلىنىپ تا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگىچە ئوغۇل تەرەپتىن قىز تەرەپكە پات - پات تاۋاق كىرگۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ <يوقلاق> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا قىز تەرەپنىڭ يالتىيىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قىز ئانىسى ۋە قىزغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان. 
4) توي پارىڭى ۋە يانتاق پارىڭى: توي مۇراسىمىدىن ئىككى - ئۈچ كۈن ئىلگىرى يىگىت ئۆيىدە مەھەللە ياشلىرى توي خىزمىتى ۋە توپنىڭ ئوتۇن - ياغىچى ئۈستىدە مەخسۇس مەسلىھەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ <توي پارىڭى>، <يانتاق پارىڭى> دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ كۈنى يىگىت بېشى سايلىنىدۇ. توي خىزمىتى تەقسىم قىلىنىپ ئادەم بېكىتىلىدۇ ۋە ئوغۇل، قىز تەرەپكە يېتەرلىك يېقىلغۇ )يانتاق( يەتكۈزۈپ بېرىش بويىچە سەۋەرۋەرلىك قىلىنىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ھارۋىسى بار يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى جاڭگالغا يانتاق ئالغىلى چىقىدۇ، ھەممەيلەن بىرىنچى بولۇپ كېلىشكە تىرىشىدۇ. چۈنكى بىرىنچى بولۇپ كەلگۈچىنىڭ ھارۋىسىغا قوشۇلغان جاندارنىڭ بېشىغا قىزىل شەلپەر ياكى شايى باغلىنىدۇ. يىگىت بېشى مەھەللە بېشىدا تۇرۇپ يېتىپ كەلگەن ھارۋىلاردىن ئۇدۇللۇق بىرىنى قىز تەرەپكە، بىرىنى ئوغۇل تەرەپكە ماڭدۇرۇپ تۇرىدۇ. قىز تەرەپتە قىزلار يانتاق چۈشۈرۈش جەريانىدا يىگىتلەرنىڭ ئارغامچا، قامچا قاتارلىق چۈشۈرۈش جەريانىدا يىگىتلەرنىڭ ئارغامچا، قامچا قاتارلىق نەرسىلىرىنى تۇيدۇرماي تىقىۋىلىپ ئۇلارنىڭ ھۇشيار، چاققانلىقىنى سىنايدۇ. تۇيغۇن، ھۇشيارلىرى قىزلارنىڭ ھەرىكىتىگە يول قويمايدۇ. بىخەستەلىرى نەرسىلىرىنى <يوقىتىپ قويۇپ> قىزلارغا يالۋۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. قىزلار كۈلكە ساداسى ئىچىدە تىقىۋالغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇ يېگىت يۈزى قىزارغان ھالەتتە بېشىنى كۆتەرمەي ھارۋىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كىتىدۇ. 
5) توي باشلاش؛ بۇ توي مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا چۈشتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىچىك مۇراسىم بولۇپ، باغاق تارقىتىلمايدۇ. ئەمما، ھەر ئىككى تەرەپتە ناغرا سۇرناي چېلىنىدۇ. ناغرا سۇرناي ساداسىنى ئاڭلىغان ئەل - مەھەللە، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلەر كەينى - كەينىدىن تەبرىكلىشىپ كېلىدۇ. ساھىپخان كەلگەنلەرنى ئادەتتە چاي - مەزە، قەنت - گېزەك، مېۋە - چېۋە قويۇپ ئۇزىتىدۇ. بەزىلىرى قويۇق - سۇيۇق ئاش تارتىدۇ. قاراڭغۇ چۈشەي دېگەندە قولدىشى بىلەن بىر تۈركۈم يىگىتلەر قىز تەرەپكە بارىدۇ، ئۇلار يېتىپ كېلىشى بىلەن قىز تەرەپتىكى قىز - يىگىتلەر قىزىقچىلىق قىلىپ ئىشىكنى تاقىۋالىدۇ. كەلگەنلەر ئازراقتىن ئىرىملىق بەرگەندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ ھويلىغا باشلىنىدۇ ۋە داستىخان راستلاپ چاي تارتىلىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن بىر پەس نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ قايتىدۇ. بۇ رەسمىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىدە تويىمىز دەل ۋاقتىدا باشلىنىدىغان بولدى، يۇرت خەۋەردار ۋە گۇۋاھ بولسۇن، توي خۇشال - خۇرام ئۆتسۇن، دېگەنلىك مەقسەت قىلىنىدۇ. 
6) يەل ئېيتىش: يىگىتلەر قىز تەرەپتىن قايتىپ كېلىپ يىگىت ئۆيىدە بىر پەس نەغمە - ناۋا بىلەن قايتىدۇ. بۇ <يەل ئېيتىش> دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ ئىككى خىل ئادەت تولاراق تۇرپان رايونىدا ئۇچرايدۇ. 
7) چاقما بېرىش: توينىڭ ھارپىسى كەچلىكى يىگىتنىڭ دادىسى قولۇم - قوشنىلاردىن ئىككى - ئۈچ كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا توققۇز نان، قەنت - گېزەك بىلەن داستىخان قىلىپ، يېرىم قوينىڭ گۆشى ياكى بىرەر پاقلاننى ئېلىپ قىز تەرەپتىن ھاردۇق سوراپ كېلىدۇ، بۇ <چاقما بېرىش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەت تولاراق قۇمۇل رايونىدا ئۇچرايدۇ. 
8) توي مۇراسىم پائالىيىتى تۆت - بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. 
9) مۇراسىم كۈنى ئەتىگەندىن تارتىپ توي زىياپىتى ئاخىرلاشقىچە ھەر ئىككى تەرەپتە ناغرا - سۇرناي چېلىنىپ تۇرىدۇ. تويغا كەلگەن مېھمانلار ئېلىپ كەلگەن  بۇسۇتلار، بولۇپمۇ ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنىلەرنىڭ بۇسۇتلىرى ھويلا تاملىرىغا، ھويلىدىكى دەرەخلەرگە ۋە ئۆي تاملىرىغا ئېسىپ قويۇلىدۇ. 
10( نىكاھ مۇراسىمى كۈنى ئەتىگەن نامازدىن يېنىپلا ئوقۇلىدۇ. قىزنىڭ <مېھرى ھەققى> <سۈت ھەققى> دەپ ئاتىلىدۇ ۋە شۇ مەيداندا نەق پۇل تاپشۇرۇلىدۇ. 
11) توي كۆچۈرۈشكە يىگىت كەلمەي ئانىسى ۋە بىر بۆلۈك ئايال، يىگىت قولدىشى، بىر توپ تەڭتۇشلىرى ۋە  ھېپىزلارنىڭ ھەمراھلىقىدا يېرىم يولدا ساقلاپ تۇرىدۇ. قىز تەرەپكە دادىسى، ئانىسىنىڭ ۋەكىلى بىر قىسىم ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە بىر بۆلۈم ياشلار كېلىدۇ. يۇقىرىقى بۇ ئادەتلەر تولاراق تۇرپان رايونىدا ئومۇملاشقان. 
12( توققۇز تەزىم: تويچىلار قىز تەرەپنىڭ ئىشىكىگە كەلگەندە ئىشىك ئېتىۋېلىنىپ، تويچىلار توققۇز تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ قوي تۆشى بېرىلمىگۈچە ئىشىك ئېچىلمايدۇ. قىز تەرەپتىن <تەييارلىق پۈتمىدى> دەپ ۋاقىت ئالىدۇ. تويچىلار بىر تەزىم قىلىپ بولۇپ كەينىگە يانىدۇ. يەنە كېلىپ تەزىم قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ توققۇز تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ بولغۇچە ئارىلىقتا مەلۇم ۋاقىت ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا قىز تەرەپ ئايال مېھمانلىرى ئوتتۇرىسىدا بۇغىجىما )بوپا ياكى ساندۇق( ئېچىپ قىزنىڭ تويلۇقى كۆرسىتىلىدۇ. قىزنى كىيىندۈرۈپ، جابدۇش ئىشلىرى تۈگىگەندە ئاندىن ئۆيگە باشلىنىپ داستىخان سېلىنىپ مېھمان قىلىنىدۇ.
13) ئېيتىشىش: داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن قىزنىڭ ئانىسى بىلەن يىگىت ئانىسىنىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆزئارا چاي تۇتۇشقاچ قىز بىلەن يىگىت تەرىپلەنگەن ۋە ئۇلاردىن كۈتۈلىدىغان ئۈمىد - ئارزۇ مەزمۇن قىلىنغان بېيىتلارنى ئېيتىشىدۇ:
قىز تەرەپ:
ياغلىقىمنىڭ ئۇچىدا بىر ئىلمەك گۈل ساقلىدىم، 
گۈلنىڭ بېشىمدا تاجى قىلىپ ساقلىدىم. 
بارچە كىشى كېلىۋېدى ھېچبىرىگە باقمىدىم،
يات كىشىگە بولمىسۇن دەپ ئۆزلىرىگە ساقلىدىم.
يىگىت تەرەپ:
ئوغۇل تۇغدۇم موللا - ئالىم، 
كېلىن ئاپئاق تولۇن ئايىم. 
ئۇزۇن بولدى تىلىگىلى، 
ئەمدى بەردى خۇدايىم.
قىز تەرەپ:
قىز تۇغدۇم ئايدەككىنىە، 
بويى قىرچىن تالدەككىنىە. 
كۆرسىلە گۈلدەككىنە، 
خىزمەت قىلسۇن قۇلدەككىنە.
يىگىت تەرەپ:
خۇدا نېسىپ قىلغاي، 
توققۇز ئوغۇل، بىر قىزلىق بولغاي، 
سالام قىلىپ كىرەر بولغاي. 
ئەتىسى تۇڭلۈك ئاچار بولغاي، 
ئىسسىق - يىللىق چىراي بولغاي.
قىز تەرەپ:
قىزىم سەھەر تۇرار بولسۇن، 
سالام قىلىپ كىرەر بولسۇن. 
ئەتىسى تۈڭلۈك ئاچار بولسۇن، 
قىزىم خىزمەت قىلسۇن ئالتۇندەك پارقىراپ،
قېيىنئانىسى ئادەم قىلىۋالسۇن بېشىنى سىلاپ. 
(مۇنداق ئېيتىشىش قۇمۇل رايونىدا توينىڭ ئەتىسىدىكى يۈز ئاچقۇ تويىدا قىز ئانىسى بىلەن يىگىت ئانىسى ئوتتۇرىسىدا ئېيتىلىدۇ). ئېيتىشىش تۈگىگەندىن كېيىن قىزغا دۇئا بېرىلىپ، چاچقۇ چېچىلىپ ئېلىپ مېڭىلىدۇ. قىزنىڭ بېشىغا تا تىزىغا قەدەر ئۇزۇنلۇقتا چۈمبەل (رومال) ئارتىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى رەسمىي يۈز ئاچقۇ مۇراسىمى بولغۇچە ئاساسىي جەھەتتىن يۈزى ئېچىلمايدۇ. 
14( بوغجۇما بېرىش: قىز تەرەپتىن ھازىرلانغان تويلۇق بوغجۇما دەپ ئاتىلىدۇ. بوغجۇما ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۇنىڭ قاتارىدا بىر كۈشۈگە )چىمىلدىق( ۋە ئۇنى قۇراشتۇرغاندا لازىم بولىدىغا مىخ، بولقا قاتارلىق نەرسىلەرمۇ بېرىلىدۇ. بوغجۇما سېلىنغان بوپا ياكى ساندۇققا بىر دانە يېڭى سۈپۈرگە تېڭىپ قويۇلىدۇ. 
15) تېرىق ئېيتىشىش: يىگىت يېرىم يولدا كۈتۈپ تۇرغان جەرياندا ھېپىزلار توققۇز داپ چېلىپ ناخشا ئېيتىپ تۇرىدۇ. بۇ <تېرىق ئېيتىشىش> دەپ ئاتىلىدۇ. 
16( سالاملىشىش )چاچقۇ چېچىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ(: تويچىلار قىزنى كۆچۈرۈپ يىگىت كۈتۈپ تۇرغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە ئىككى ئايال قۇدا سالاملىشىدۇ. ئاندىن قىزنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدىن بىر تۇغۇتلۇق بولغان ئىككى ئايال قىزنى ئاق كىگىز ياكى زىلچىغا ئولتۇرغۇزۇپ ھارۋىغا سالىدۇ. قىزنىڭ يەڭگىسى يىگىتكە ياغلىق سۇنىدۇ. يىگىت قولدىشى يىگىتنىڭ بېشىغا دەستار ئورايدۇ ۋە بوينىغا يەڭگە سۇنغان ياغلىقنى چىگىدۇ. بۇ چاغدا مەيداندىكىلەر <مۇبارەك بولسۇن!> دەپ ۋارقىرىشىدۇ. ئاندىن يىگىتنىڭ ئانىسى ئوغلى ۋە كېلىنىنىڭ بېشىدىن چۆرۈپ چاچقۇ چاچىدۇ )ئاساسەن تەڭگە، داچەن ياكى پۇل، ھازىر كەمپۈت(. شۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەن يىگىتنىڭ ئۆيىگە قاراپ قوزغىلىدۇ. يىگىت ۋە قولدىشى ئاتلىق ئالدىدا، قىز ئىككى ئايل قۇدا ۋە قولدىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھارۋىدا كەينىدە ماڭىدۇ. تويچىلار ئۇلارنىڭ كەينىدە ماڭىدۇ. 
17) چاجاڭ: توي كۆچۈرۈلۈپ يىگىتنىڭ مەھەللىسىگە كىرىش ئالدىدا يىگىت تەرەپنىڭ ئەل - ئاغىنلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مەھەللە كوچىسىغا توغرىسىغا ئالىيېشىل رەختلەرنى ئېسىپ كوچىنى زىننەتلەيدۇ. گازىر - پۇرچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى ھازىرلاپ تويچىلارنى قارشى ئېلىپ ھاردۇق سورايدۇ. بۇ <چاجاڭ> دەپ ئاتىلىدۇ. 
18( خىنا تۇتۇش: تويچىلار يىگىتنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقاندا يىگىت تەرەپتىن بىر بۆلۈك ياش ئاياللار چىقىپ يۇلەن ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە داستىخان سۇنۇشىدۇ. داستىخانغا بىر تاۋاق ئاش، تۆت نان، بەش توقاچ ۋە بىر كىيىملىك رەخت ھازىرلىنىدۇ. بۇ <خىنا تۇتۇش> دەپ ئاتىلىدۇ. جەريانى مۇنداق: تويچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققان ئاياللارنى كۆرۈش بىلەن ئوتتۇرىدا مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇپ توختايدۇ. ئىككى تەرەپتىن داستىخان كۆتۈرگەن ئاياللار ئالدىغا چىقىدۇ. بىر كۇبلىت يۇلەن ئېيتىلىپ بولغاندا ئىككى تەرەپتىكىلەر ئىككى - ئۈچ قەدەم ئالدىغا ماڭىدۇ، بۇنداق ئېيتىلىپ بولۇش بىلەن ئوتتۇرىدىكى بوشلۇقمۇ تۈگەيدۇ. ئاندىن ئۆزئارا داستىخان سۇنۇلۇپ تويچىلار ھويلىغا باشلىنىدۇ. 
ئېيتىلىدىغان يۇلەن قوشىقى: 
ھاي - ھاي يۇلەن، ھاي يۇلەن، 
گۈل قايدا با، 
بىر يىگىتكە بىر ياخشى قىز، 
ھەر جايدا بار.
ھاي - ھاي يۇلەن ھاي يۇلەن، 
مەن نە قىلاي؟ 
خەنجەر ئېلىپ يۈرەكىمنى 
پارە قىلاي! 
ھاي - ھي يۇلەن ھاي يۇلەن، 
قارا كېلىدۇ. 
بەرگى خازان توننىڭ، 
بەرگى تولا، 
ئۆيلەنمىگەن يىگىتنىڭ 
دەردى تولا. 
ئاپئاق - ئاپئاق توشقانلار، 
خاماندادۇر. 
ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر، 
ئارماندادۇر. 
قىزىل - قىزىل پىيازنىڭ، پوستى تولا، 
ئۆيلەنمىگەن يىگىتنىڭ، 
دوستى تولا.
19) نۆۋەت ئېلىش: قىز بىلەن يىگىت ۋە تويچىلار ھويلىغا باشلاپ كىرىلگەندىن كېيىن ھويلىدا كالتا سورۇن تۈزۈلىدۇ. يەڭگىلەردىن بىرى قولياغلىق، مەلۇم ساندا پۇل ۋە بىر دانە يېڭى ئۇستۇرا سېلىنغان پەتنۇسنى ئەكىلىپ يىگىتنىڭ ئۇكىسىغا سۇنىدۇ، ئۇ تەزىم قىلىپ ئېلىپ ياغلىق، پۇلنى يانچۇقىغا سالىدۇ ۋە ئۇستىرىنى ئېچىپ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، ئاندىن دەستۇرىنى ئېلىپ بېشىنى ئۇستۇرىنىڭ كەينى بىلەن بىر نەچچىنى غىرداپ قويىدۇ. بۇ: <سېنىڭ نۆۋىتىڭ تۈگىدى، ئەمدى نۆۋەت مېنىڭ> دېگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ رەسمىيەت <نۆۋەت ئېلىش> دەپ ئاتالغان. 
20( سالام بېرىش: نۆۋەت ئېلىش رەسمىيىتى تۈگىگەندىن كېيىن قىز بىلەن ئايال مېھمانلار چوڭ ئۆيگە )يىگىت ئانىسىنىڭ ئۆيىگە( باشلىنىدۇ. قىزنىڭ يېنىدىكى يەڭگىلەردىن بىرى <كېلىن بالام، سالام دەيدۇ> دەيدۇ. يىگىتنىڭ ئانىسى <قۇللۇق، خۇدايىم مۇبارەك قىلسۇن> دەيدۇ ۋە قىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئەمما قىز ئولتۇرمايدۇ، سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. شۇ زامات يىگىت تەرەپتن گەپدان بىر ئايال ئىككى پىيالە چاي ئەكېلىپ بىرىنى قىز تەرەپتىكى نىشانلىق بىر ئايالغا تەزىم بىلەن تۇتىدۇ. بۇلار چاي تۇتۇشقا نەزمە ئېيتىشىدۇ:
قىز تەرەپ:
ئەسسالام، كېلىن بالام، سالام دەيدۇ.
يىگىت تەرەپ:
مۇبارەك بولسۇن، توققۇزى تەل بولسۇن، 
ئايىغى تاش بولسۇن. 
توققۇز ئوغۇل، بىر قىزلىق بولسۇن، 
ئالدىدا كۈن چىققاي كەينىدە ئاي چىققاي. 
ئەتكەن ئېشى بەرىكەتلىك بولغاي، 
ئوچۇق - ئىللىق چىراي بولغاي، 
توپا ئالسا ئالتۇن بولغاي، كۈل ئالسا كۈمۈش بولغاي، 
قۇيرۇقلىرى دىڭ بولغاي، 
سېرىق يۆگەيدەك چىرماشقاي، 
يار يېلىمدەك يېپىشقاي. )كۈلكە(
قىز تەرەپ:
خۇدا شۇڭا نېسىپ قىلسۇن، 
ئەتىگەن تۇرار بولسۇن. 
تۈڭلۈك ئاچار بولسۇن، 
ئوچۇق - ئاشكارا بولسۇن، 
يۈزى تۆۋەن، سۆزى شېرىن بولسۇن!
يىگىت تەرەپ:
مېنىڭ ئوغلۇم مۇنايىم، كەلگەن قىزىم تولۇن ئايىم. 
كېچە - كۈندۈز تىلىۋىدۇق، ئەمدى بەردى خۇدايىم. 
چىنىنى چىنە دەرمەن، گۈلنى غۇنچە دەرمەن، 
سەھەر قوپۇپ ئۆيگە كىرسە، بېھىشنىڭ گۈلى دەرمەن. 
چىنە - چىنە ئالدىممەن، چىنە تەخسىگە سالدىم مەن، 
مەھەللىمىز ئىچىدىن يالغۇز سىزنى تاللىدىممەن. 
سەككىز تالا بۆك كىيىپتۇ، سەككىزى قىيىق، 
ئوڭ بېشىغا گۈل بېسىپتۇ، بەرگىسى سېرىق. 
يات كىشىلەر قۇدا بوپتۇ، بۈگۈن ۋە تاڭلىلىق، 
ئىككىمىز قۇدا بولايلى، ھەر ئىككى دۇنيالىق. 
بەيتۇللادىن چىققان ئاتنىڭ يايلى قاشقا، 
يايلىسىدىكى ئالتۇن تۇمارنىڭ زۇننارى باشقا. 
بىر سالام، ئىككى سالام سىز تۇغقان قېرىنداشقا، 
مۇنداق ئاسان بولۇرمۇ بىز تۇغقان بولۇشماققا. 
مېھمانلارغا تەزىم كەلتۈرىدۇ، بۇ چاغدا پېشقەدەم ئاياللاردىن بىر نەچچىسى قىزنى مۇبارەكلەپ مۇنۇ بېيىتنى ئېيتىدۇ: 
ئەتىگەندە تۇرار بولغاي، 
توڭلۈك ئاچار بولغاي. 
توققۇز ئوغۇل، بىر قىزلىق بولغاي، 
قوتاندا قوزىلىق بولغاي، 
ئېغىلدا موزايلىق بولغاي. 
سورۇندىكىلەر ھەر مىسرانىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەرنى تەڭ ئېيتىشىدۇ. ئاندىن يىگىت ئانىسى قىزغا ئالتۇن ئۈزۈك يا ھالقا يا كىيىملىك رەخت تەقدىم قىلىدۇ. بۇ كۈنى تۇرپان رايونىدا مۇنداق رەسمىيەتلەر ئورۇنلىنىدۇ.
① چۆچۈرە تارتىش: بۇ ئەمەلىيەتتە قىز تەرەپتە ھازىرلىنىدىغان ئىسسىقلىق بولۇپ، ئەتىگەندە يىگىتلەر سۇرناي چېلىپ بېرىپ ئەكېلىدۇ.
② يوقلاق: يىگىتلەر چۆچۈرىنى ئېلىپ كەلگۈچە مەھەللە يىگىتلىرى مېۋە - چېۋە ئېلىپ يىگىتنى يوقلاپ ھال سوراپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يوسۇن <يوقلاق> دەپ ئاتالغان. بۇ چاغدا ئۆيدە پەقەت يىگىت، قىز ۋە يەڭگىلەرلا بولىدۇ. ئىشىك ئالدىدا تۇرغان يىگىت كەلگەنلەرنى ئۇدۇللۇق ئۆيگگ باشلاپ كىرىدۇ ۋە: <چىن - چىن سالامەت، بەردى مۇھەببەت، ئىشتىڭىزلار، كۆرۈڭىزلار × × ئاغىنە، تۇغقان، تۆگە، ئات، كالا، قوي، توپ - توپ مال بىلەن )كەلگەنلەرنىڭ ئىسمى دېيىلىپ، ئېلىپ كەلگەن مېۋىلەرنىڭ تۈرى ئات، تۆگە، كالا، قوي، نامىدا بىر - بىرلەپ ئاتىلىدۇ(. جوۋاپ كەپتۇ> دەپ ئېلان قىلىدۇ. يەڭگىلەر رەھمەت ئېيتىپ ئېلىپ تۇرىدۇ. يىگىتلەرنىڭ كېلىپ بولۇشىغا ئۈلگۈرتۈپ چۆچۈرىمۇ ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە يەڭگىلەرنىڭ بىرى ئۈستىدە تەخسىگە چۆچۈرە ئېلىنغان پەتنوسنى ئېلىپ كىرىپ قىزغا سۇنىدۇ. قىز قولىغا ئېلىپ يۈزى يېپىق ھالدا ئالدى بىلەن يىگىتكە ئاندىن كەلگەن يىگىتلەرگە قاتارى تۇتۇپ چىقىدۇ، ھەممەيلەن بىر دانىدىن ئېلىپ يەيدۇ.  شۇنىڭدىن كېيىن يىگىتلەر تارقايدۇئ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رەسمىيەت <چۆچۈرە تۇتۇش> دەپ ئاتالغان.
③قورۇغا كېلىش: چۆچۈرە تۇتۇش ئاخىرلىشىشىغا قىزنىڭ ئانىسى تۇغقان ۋە قوشنىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا قىزدىن ھال سوراپ كېلىدۇ. بۇ <قورۇغا كېلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار كېلىشتە توققۇز نان ئۈستىگە مەلۇم سوۋغاتلىق نەرسىلەرنى سېلىپ، مەخسۇس بىر چوڭ تاۋاقتا ئۆپكە - ھېسىپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ياخشى كۈتۈلىدۇ. داستىخان ئۈستىدە ئۆپكە - ھېسىپ توغرىلىپ )ھەر ئادەمگە بىر پارچىدىن مۆلچەرلىنىدۇ(، كۆپچىلىك ئالدىغا قويۇلىدۇ ۋە ئۆپكە ئاغزىنى يىرتىپ چىققان ھوردا قىزنىڭ يۈزى ھوردىلىدۇ. بۇنىڭدا <قىزنىڭ مېھرى ئىسسىق بولسۇن> دېگەنلىك مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن داستىخان ئۈستىدىكىلەر بىر پارچىدىن ئېلىشقا تىرىشىپ تاۋاققا تەڭ قول سالىدۇ. بۇمۇ بىر قىزىقچىلىق بولۇپ: مۇنداق ئۆپكە - ھېسىپتىن يېگۈچىلەر چىش ئاغرىقى كۆرمەيدۇ، دېيىلىدۇ. بۇ قىزىقچىلىق تۈگىگەندىن كېيىن يىگىت باشلاپ كىرىلىپ، يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئالدىغا بىردىن جوزا قويۇلۇپ ئۈستىگە يىگىتكە قويۇلىدىغان قويۇمچا، قىزغا ھازىرلانغان لازىمەتلىكلەر ۋە تارغاق، سۈزگۈچ، يىپ، يىڭنە قاتارلىق نەرسىلەر قويۇلۇپ كۆپچىلىك ئالدىدا نامايان قىلىنىدۇ. يۇقىرىقى رەسمىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن يۈز ئاچقۇ پائالىيىتى ئاندىن باشلىنىدۇ. يۈز ئاچقۇ ئىككى تەرەپتىن ئىككى ئايال ۋەكىل ئوتتۇرىغا چۈشۈپ نەزمە ئېيتىش بىلەن باشلىنىدۇ:
تار ئېرىقتىن ئاتلىدۇق، 
كەڭ ئېرىقنى قاتلىدۇق. 
شۇنچە قىزلار ئىچىدىن، 
خېنىم بالامنى تاللىدۇق.
بازاردىن ئات ئالدۇق، 
ساغرىسى ئالا. 
يۇقىرى مەھەللىدىن قىز ئالدۇق، 
ئالتۇندەك بالا. 
بىرى گۈل، بىرى بۇلبۇل، 
ئەپلىشىپ قالا. 
يۇقىرىدىن سۇ چۈشەدۇر، 
تاشتىن - تاشقا شارقىراپ. 
جېنىم ئوغلۇم ئولتۇرادۇر، 
تۇلۇن ئايدەك پارقىراپ. 
تۇلۇن ئايغا تىل تەگمىسۇن، 
پۈتتۇق تۇمار. 
سۇدىن ئالغان لەھەل تاشتەك، 
كۆزلىرى خۇمار. 
 كىچىككىنە باغ ئىچىدە، 
يېڭى ئۈنگەن گۈل - ئانار. 
شۇغىنە خېنىمنىڭ، 
ئوڭ مەڭزىدە خالى بار. 
ئاغزىدا ئايەت ئوقۇيدۇ، 
قولىدا كىتابى بار. 
قاشلىرى قىرغان قەلەمدەك، 
ئاي يۈزىدە نۇرى بار. 
كۈزگى بۇغدايلار مايسا بولدى، 
يازغى بۇغدايلار قېنى. 
بۇغۇنچىلارنى ئۇرۇغداتقان، 
موماي - بوۋايلار قېنى؟ 
ئېيتىشىش تۈگەش بىلەن تەڭ نەغمە - ناۋا ئىچىدە يىگىت تەرەپتىن بىر ئايال، قىز تەرەپتىن بىر ئايال ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. بىرى ئۇسسۇل ئوينىغاچ كېلىپ قىز يۈزىدىكى رومالنى قايرىۋېتىدۇ. يەنە بىرى ئويناپ كېلىپ چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ھەرىكەت ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن يىگىت تەرەپتىن ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئايال بىراقلا قايرىپ تاشلايدۇ. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرىدۇ. بىر پەس نەغمە - ناۋا بولغاندىن كېيىن يەڭگىلەر قىزنى ھوجرىسىغا باشلاپ چىقىدۇ. يىگىت ئۆز قولداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئارقىدىن كىرىدۇ. ھوجرىدا قىز بىلەن يىگىتنى كورىدىكى ھور چىقىپ تۇرغان ئۆپكە - ھېسىپقا قارىتىش )بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىز بىلەن يىگىتنىڭ بېشىنى سوقۇشتۇرۇپ قىزىقچىلىق قىلىدۇ(، قىزغا يىگىتنىڭ بەلبېغىنى يەشتۈرۈش، دەستارىنى ئالدۇرۇش، تونىنى سالدۇرۇشتەك قىزىقچىلىقلار قىلىنىدۇ. ئاندىن يەڭگىلەردىن باشقىلىرى تارقايدۇ. يەڭگىلەر قىزغا جېكىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى جېكىپ، ئورۇن سېلىپ، ھېلىقى سۈپۈرگىنى ئاياغ تەرەپتىكى كۆرپىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ. قىز ئەتىگەندە ئۆي سۈپۈرىدۇ. بۇ كۈنى مەھەللىدىكى ياشلاردىن دېرىزە مارايدىغانلارمۇ چىقىدۇ. توينىڭ ئۈچىنچى - تۆتىنچى كۈنلىرى قۇدىلار ئارا چىللاق بولىدۇ. 
23) سالامغا ئاپىرىش: توينىڭ بەشىنچى كۈنى يەڭگىلەر قىزنى ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە سالامغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتىدۇ. قىز تەرەپتىن ئۇلار قىزغىن كۈتۈلىدۇ. يەڭگىلەرگە سوۋغات قويۇلىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە يىگىت قولداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوبدان سوۋغاتلارنى ئېلىپ قىزنى ئالغىلى بارىدۇ. ئۇلار چىرايلىق مېھمان قىلىنغاندىن كېيىن سوۋغاتلىرىنى قويۇپ، رەھمەت ئېيتىپ قىزنى ئېلىپ قايتىپ كېلىدۇ. مۇشۇنىڭ بىلەن توي جەريانى ئاخىرلىشىدۇ. 
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، تۇرپان رايونىدا بۇرۇن قىز بىر تۇغۇتلۇق بولمىغۇچە يىگىت تەرەپتىن تەييارلانغان كىيىم - كىچەكلەرنى كىيمەيدۇ. (ھازىر بۇ ئادەت ئۇنتۇلغان). 
قۇمۇل رايونىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بار: 
1)تويغا ھەممە كىشى يېقىندىن ياردەملىشىدۇ. مەسىلەن، توينىڭ نان تەييارلىقىنى مەھەللە ئاياللىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. تويدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ  ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان غىزا تاماقلىرىنى ئېتىپ، بىر قاچىدىن ئالغاچ قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ ۋە قولمۇ قول تۇتۇپ خېمىر ئېتىپ، كۈلكە - چاقچاق ئىچىدە ئۆزئارا مېمان بولۇشۇپ تويلۇق ناننى يېقىپ، پىشۇرۇپ ئاندىن قايتىشىدۇ. 
2) توي مەرىكىسى قىز تەرەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە چاقىرىلىدۇ. بۇ <باش توي> دەپ ئاتىلىدۇ. 
3( قىز كۆركى قىلىش: توي كۈنى يىگىت قولداشلىرى بىلەن نىكاھقا كەلگەندە قىز مەھەللىسىدىكى يىگىتلەر ھارۋا چاقى بىلەن ھويلا دەرۋازىسىنى توسۇيدۇ. كەلگەنلەر چاقنى تارتىپ ئالغاندىلا ھويلىغا كىرەلەيدۇ. شۇڭا بۇ <قىز كۆركى> دەپ ئاتالغان. بۇ ئەمەلىيەتتە تويدا ئۆتكۈزىلىدىغان بىرخىل ئالاھىدە مۇسابىقە شەكلىدىن ئىبارەت. شۇڭا ھامان يىگىت تەرەپ قاۋۇل يىگىتلەر بىلەن كېلىدۇ ۋە كۆپىنچە ھاللاردا يىگىت تەرەپ ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويسا قىز تەرەپتىكى يىگىتلەر ئۇلارنى <ئالالماي بەل قويۇۋەتتى> دەپ ۋارقىرىشىپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. بۇ ھالدا يىگىت قولدىشى قىز تەرەپتىكىلەرگە مەشرەپ يا ئوغلاق بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر ئۇتۇپ چىقسا تۆت ئادەم چاقنى مۆرىسىدە كۆتۈرۈپ، ئۈستىدە بىر ئادەم ئۇسسۇل ئويناپ يىگىت تەرەپكە ئېلىپ كېتىپ ئېگىز دەرەخكە ئېسىپ قويۇلىدۇ. بىر - ئىككى كۈندىن كېيىن قىز تەرەپتىكى يىگىتلەر كېلىپ مەشرەپن ياكى ئوغلاق بېرىش شەرتى بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ. 
4) كۈيۆلۈك بېرىش: نىكاھتىن كېيىن قىز تەرەپ يىگىتكە بىر قۇر كىيىم ياكى كىيىملىك رەخت قويىدۇ. شۇڭا بۇ رەسمىيەت <كۈيۆلۈك> (كۈيئوغۇللۇق) دەپ ئاتالغان. 
5) توي كۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇن قىز ھويلىسىدا چېلىش بولىدۇ. ئۇتۇپ چىققانلار تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. بىرىنچى بولغۇچىغا بىر كىيىملىك رەخت، بېلىگە يېڭى پوتا باغلىنىپ <كۈچتۈڭگۈر> دېگەن ئاتاق بېرىلىدۇ. ئىككىنچى بولغۇچىغا بىر يېرىم مېتىر رەخت، بېلىگە يېڭى پوتا باغلىنىپ <كۈچتۈڭگۈر> دېگەن ئاتاق بېرىلىدۇ. ئىككىنچى بولغۇچىغا بىر يېرىم مېتىر رەخت، تويغا سويۇلغان مال يۈرۈشلىرىدىن )كاللا - پاقالچەك، زاسۈي( بىر يۈرۈش بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى بولغۇچىغا بىر يۈرۈش، تۆتىنچى بولغۇچىغا بىر پوتا مۇكاپات بېرىلىدۇ.
6) چاچ چۈشۈرگە: يىگىتلەر نىكاھتىن يانغاندىن كېيىن يىگىتنىڭ تۇغقىنى ياكى دوستلىرىنىڭ بىرى ئۇلارنى ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرغۇزۇپ بېرىدۇ. بۇ <چاچ چۈشۈرگە> دەپ ئاتىلىدۇ. ئولتۇرغۇزغۇچى شۇ كۈندىكى چىقىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن تاشقىرى، ئولتۇرۇش  ئاياغلاشقاندا يىگىتكە تون كىيدۈرىدۇ ياكى بىر كىيىملىك رەخت قويىدۇ. 
7)پاششاپلىق بېرىش: كەچتە توي مەشرىپى باشلىنىشتىن بۇرۇن پاششاپ بەگكە بىر كىيىملىك رەخت، بىر قوي ۋە مېۋە چېۋە بېرىلىدۇ شۇڭا بۇ <پاششاپلىق بېرىش> دەپ ئاتالغان. ئەگەر بۇ نەرسىلەر بېرىلمىسە، پاششاپ بەگ مەشرەپنى خۇپتەندىن كېيىنلا تارقىتىۋېتىدۇ.
8) چۈشۈرگە: توينىڭ بەشىنچى كۈنى ھەر ئىككى تەرەپ تويغا قاراشقانلارغا تەشەككۇر زىياپىتى بېرىدۇ. بۇ چۈشۈرگە ياكى <توي چۈشۈرگىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. زىياپەتتە مەخسۇس تۈگمە ئاش (چۆچۈرە) تارتىلىدۇ. 
9( توي كۆچۈرۈلۈپ ماڭغاندا يول توسقۇچىلارغا توققۇز غېرىچ كېلىدىغان قوي بېرىلىدۇ. ئۇلار قوينى ئورتاق بىر تەرەپ قىلىدۇ. قىز ئىشىك ئالدىغا يېقىلغان ئوتتىن )ئاق كىگىز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ( توققۇز قېتىم ئايلاندۇرۇلۇپ ئاندىن ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرىلىدۇ. توي كۆچۈرۈشتە ئالدى بىلەن 20 - 30 ئاتلىق يىگىت قولىغا قامچا - توقماق ئالغان ھالدا ئات چاپتۇرغان پېتى قىز ھويلىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ھويلىنى بىر ئايلىنىۋېتىپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەتمۇ بولغان. توي شۇنىڭدىن كېيىن كۆچۈرۈلەتتى.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر