باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
تارىخىمىز
-
يېڭى تاش قوراللار(نېئولىت)دەۋرى
يېڭى تاش قوراللار(نېئولىت)دەۋرى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:46:57 كۆرۈلىشى: $$访问$$
يېڭى تاش قوراللار(نېئولىت)دەۋرى
ماترىئارخاللىق، پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان نەچچە ئون يىللىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بۇ دەۋرلەردە تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي، شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئېتەكلىرى، ئالتاي تاغلىرى، قارا قۇرۇم (كوئىنلون) ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرى، بىپايان تەكشىلىكلەر ۋ دەريا ۋادىلىرى، تارىم ۋادىسى، تۇرپان ۋادىسى، يارىش تۈزلەڭلىكىقەدىمكى تۈرك (ئۇرخۇن) يېزىقىدا پۈتۈلگەن مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسى <يارىش يازىق> يەنى يارىش تۈزلەڭلىكى دېيىلگەن.(جۇڭغارىيە ۋادىسى) ۋە ئىلى ۋادىلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىڭ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ھالدا خېلى راۋاجلانغان. ئۇ دەۋرلەردە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېھقانچىلىق بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاساس، چارۋىچىلىق ۋە باشقىلار قوشۇمچە ئورۇندا تۇرغان بولسا، شىمالىي ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلاردا چارۋىچىلىق بىلەن ئوۋچىلىق، دەريا ۋادىلىرى ۋە مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەردە دېھقانچىلىق بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان.
ھازىرغىچە قېزىۋېلىنغان ئاسار ئەتىقە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى تاش قوراللار(ۋە سىپتا تاش قوراللار) دەۋرىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق يۇرتىمىزدا مۇھىم ئىقتىسادىي ئورۇن تۇتقان.
تەخمىنەن كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىن تاكى بۇنىڭدىن 8 — 10 مىڭ يىللار بۇرۇنقى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگىچە بولغان بۇ يىراق قەدىمكى زاماندا، ئەجدادلىرىمىز چوقۇش - يونۇش ئۇسۇلى بىلەن قوپال، يىرىك تاش قوراللارنى ياساپ ئىشلىتىشتىن تەرەققىي قىلىپ كۆپ مىقداردا سىپتا - سىلىق، ئەپچىل تاش قوراللارنى ياساپ ئىشلىتىدىغان بولغان. بۇ تەرەققىيات يالغۇز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن. ئەجدادلىرىمىز ھەر خىل سىلىق تاش قوراللىرىغا ئۆتكۈر بىس چىقىرىپ (تاش پىچاق، تاش باشاق، يەنى ئوق ئۇچى، ھەر خىل ئۇچلۇق قوراللار)، تۆشۈك تېشىپ، ئۇلارغا ياغاچ ۋە سۆڭەكتىن دەستە (ساپ) بېكىتىپ، ھەر خىل ھايۋانات - ئۇچار قۇشلارنى ئوۋلىغان، بېلىق تۇتقان. ئۇلار تۈرلۈك قىرىش، يونۇش، كېسىش قوراللىرىنى ياساپ، ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشى، يۇڭ - تېرىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. ئىپتىدائىي كەنىت ۋە بوستانلىقلاردا ياشىغان ئەجدادلار سۈركەپ ياسالغان چوڭ تىپتىكى تاش قوراللار — تاش پىچاق، تاش ئورغاق، يارغۇنچاق، تاش كەتمەن، تاش ئوتىغۇچ، تاش پالتا، ھاۋانچا تېشى (يانچىش قورالى)، تاش بازغان قاتارلىقلارنى ياساپ ئىشلەتكەن. بەزى ئىپتىدائىي كەنىتلەردىن تېپىلغان ياغاچتىن ياسالغان دېھقانچىلىق سايمانلىرى ۋە سۆڭەك، ياغاچ ۋە تاش جىنىسلاردىن ياسالغان ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى(ھەر خىل مارجان، ئاسقۇ، يىڭنە، بېگىز، تارغاق، قاتارلىقلار)؛ ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، تېرىق(سۆك)، چۈجگۈن (قىياق)، ئارپا قاتارلىقلار؛ دورا ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا زىغىر، ياۋا كەندىر (لوپنۇر كەندىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار يۇرتىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت ئارخېئولوگىيىسىنى ئەڭ مۇھىم ماددىي ئاساسلار بىلەن تولۇقلىماقتا. يۇقىرىقىلاردىن باشقا سىلىق تاش قوراللار مەدەنىيىتىگە ئائىت بەزى قەدىمكى ئىزلاردىن قېزىۋېلىنغا يوپۇرماق شەكلىدە ياسالغان تاش باشاق ۋە تاش نەيزىلەر ئۆتكۈر قورال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ سۈركەش ئۇسۇلى بىلەن بېلىق تەڭگىسى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن نەپىس كۆرۈنۈشى بىر خىل ساددا تەبىئىي گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ نەرسىلەر بىر خىل ئىپتىدائىي ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىراق قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇقەددىمىسىنى يازغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدا، سىپتا تاش قوراللار ۋە سۈركەپ ياسالغان چوڭ تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بىلەن بىللە، رەڭدار ساپاللار ۋە برونزا بۇيۇملارمۇ مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئارقىسىدا، سۈركەپ ياسالغان سىپتا تاش قوراللار بىلەن برونزا قوراللارنى بىللە ئىشلەتكەن برونزا قوراللار دەۋرى باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە جەمئىيەت تەرەققىياتى تەدرىجى قۇللۇق جەمئىيەت دەۋرىگە قەدەم قويدى.
ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ساقلانغان قەدىمكى ئىپتىدائىي كەنىت ئىزلىرى، قەدىمكى تۇرالغۇ جاي ئىزلىرى ۋە قەدىمكى قەبرىستانلىقلار نەچچە يۈز ئورۇندا تېپىلدى ۋە داۋاملىق تېپىلىۋاتىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېررىتورىيە دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى، مۇرەككەپ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ئەجدادلىرىمىز ياراتقان مەدەنىيەتلەر بىلەن قوشنا جايلاردىكى ھەر خىل قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى، يىراق قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك تەركىبىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇ ئامىللارنىڭ تەرەققىياتى قوشنا ئەللەر بىلەن ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكتىن، ئەجدادلىرىمىز ئۆز يېرىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە خىلمۇ خىل ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەرنى ياراتقانىدى. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بۇ بىباھا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ 41 - ۋە 44 - پاراللېللار ئارلىقىدىكى كەڭ بەلباغقا بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزىي قىسمىغا كۆپرەك جايلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ بەلباغدا شەرقتىن غەربكە قاراپ سانىغاندا ئاراتۈرك، قۇمۇل، بارىكۆل، مورى، پىچان، تۇرپان توقسۇن، ئالغۇي، ئۈرۈمچى، قاراشەھەر، ئىلى، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق جايلار بار. جەنۇبتا خوتەن، ئەڭ غەربتە بولسا قەشقەر ۋە تاشقورغانلار بار. بۇ جايلاردىن تېپىلغان ۋە قېزىۋېلىنغان ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئورتاق ۋە ئومۇمىي بەلگىلىرى بويىچە تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، ئۇششاق تاش قوراللار (مىكرولىت) نىڭ بولۇشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ھازىر قولىمىزدا بار ماتېرىياللارغا ئاساسەن يەكۈنلىگەندە، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئۇششاق تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن ئەجدادلىرىمىز ياشىغان تۇرالغۇ جاي ئىزلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىن غەربىي جەنۇبىغىچە سوزۇلغان كەڭ بەلباغقا تارقالغان.
ئىككىنچى، ھەر خىل گۈل - نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن رەڭدار ساپاللار كۆپ ئۇچرايدىغان قەدىمكى تۇرالغۇ ئىزلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەرقىي ۋە مەركىزىي رايونلىرىغا جايلاشقان.
ئۈچىنچى، بىر قەدەر چوڭراق، سىپتا ۋە سۈركەپ - سىلىقلاپ ئىشلەنگەن تاش قوراللار. ھازىرغىچە بۇ خىل ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەتكە دائىر ئىزلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربى ۋە جەنۇبىدىكى يەرلەردىن كۆپرەك بايقالدى. تۆتىنچى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 - 4000 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتتىن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىگىچە بولغان ۋاقىتتىكى سىلىق - سىپتا تاش قوراللار بىلەن برونزا قوراللار بىللە ئىشلىتىلگەن دەۋر، يەنى برونزا مەدەنىيىتى دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ خىل مەدەنىيەت دەۋرىگە تەئەللۇق ھەر خىل قىممەتلىك برونزا بۇيۇملار داۋاملىق تېپىلماقتا.
ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە ھازىرغىچە ئېنىقلانغان، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ساقلانغان قەدىمكى ئىپتىدائىي كەنىت ۋە تۇرالغۇ جاي ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىستانلىقلار ھەمدە بۇ جايلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يەنە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت رايونىغا ۋە بىرمۇنچە تارماق بۆلەكلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر