كروران ئېلىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسىگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە
يۇقىرىدا ئىمكان بار يىغىلغان ماتېرىياللار ئاساسىدا كروران ۋە چەرچەن خانىدانلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق، لېكىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر جاۋاب ئىزدىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان كروران ئېلىنىڭ پايتەختى قەيەردە؟ چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىچۇ؟ بۇ ئەللەرنىڭ تېررىتورىيىسى قايسى يەرلەرگىچە سوزۇلغان؟ كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر قانداق ۋەيران بولغان؟… دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەپ كۆرەيلى.
كروران ۋە چەرچەن ئېلىنىڭ پايتەختى ھەققىدە كروران ئېلىنىڭ پايتەختى مەسىلىسى ئەڭ قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا پىكىر ئىختىلاپى بار بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1). ھېرمان 1910 - يىلى>: چەرچەن خانلىقى قۇرۇلغاندا پايتەخت جەنۇبقا، يەنى قاغان شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن، ئۇ بۈگۈنكى چاقىلىق بازىرىدۇر، ئەينى چاغدىكى ئىشەم ھازىرقى مىرەندۇر دەپ قارايدۇ.
2). سىتەين 921 - يىلى>: پايتەخت جەنۇبقا، يەنى قاغان شەھىرىگە ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى> كۆچۈرۈلگەن، قاغان شەھىرى كروران شەھىرى ئەمەس، قاغان شەھىرى ھازىرقى مىرەن، ئىشەم ھازىرقى چاقىلىق دەيدۇ.
3). ياپونىيىلىك ئالىم تېڭتەن فېڭبا: چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى ئىشەم بولۇپ، ھازىرقى چاقىلىق بازىدۇر، قاغان شەھىرى ھازىرقى مىرەن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
4) . ئوتانى ئەپەندى 1933 - يىلى>: كروراننىڭ پايتەختى قاغان شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ئابدال مۇشۇ شەھەر بولۇشى مۇمكىن، ئىشەم شەھىرى ھازىرقى مىرەن كونا شەھەر خارابىسى دەپ قارىغان.
5). ماتسۇدا ھىساۋ: كروراننىڭ پايتەختى قاغان شەھىرىگە مىرەن خارابىسى دەپ قارىغان> كۆچۈرۈلگەن، ئىشەم ھازىرقى چاقىلىق دەپ قارىغان.
6). ك. ئېنېكو: 1963 -، 1965 -، 1966 - يىللىرى> پايتەخت قاغان شەھىرى بولۇپ، بۇ كروران خارابىسى، تاشبالىق ھازىرقى چاقىلىق بازىرى، قۇتۇم ۋە ئىشەملەر ھازىرقى مىرەن خارابىسى، ياڭىبالىق ۋاششەھىرى خارابىسى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1967 - يىلىغا كەلگەندە ئېنېكو يەنە راھىب فاشەن 400 - يىلى پايتەخت قاغان شەھىرىدىن ئۆتكەن، قاغان شەھىرى كروران شەھەر خارابىسى ئىدى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، پايتەخت كۆچۈرۈلگەن دېگەن قاراشنى رەت قىلغان.
7). ناگاساۋا 1963 - يىلى: پايتەخت كروران شەھىرى بولۇپ، بۇ قاغان شەھىرىگە باراۋەر، بۇ يەنە تاشبالىق دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە كروران مۇشۇ ئەلنىڭ پايتەختى بولغان دەيدۇ. 1990 - يىلىغا كەلگەندە ئۇ، كروران شەھىرى كېيىن تاشبالىق دەپ ئاتالغان شەھەرنىڭ ئۆزى شۇ، قۇتۇم = تۇيىن = ئىشەم، شەھىرى سابىز = مىرەن دېگەن يەكۈنگە كەلگەن.
8). ئېلىمىز ئالىملىرىدىن خۇاڭ ۋېنبى، خۇشەن، لىن مېيسۈن قاتارلىقلار پايتەخت كۆچۈرۈلگەن دەپ قارىغان بولۇپ، 1948 - يىلى، خۇاڭ ۋېنبى قاغان شەھىرى تۇيىن خارابىسىنىڭ غەربىدە بولۇشى مۇمكىن ئىشەم، يەنى مىرەن خارابىسىگە كۆچۈرۈلگەن، دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان. لىن مېيسۈن قاغان شەھىرى LE خارابىسى دەپ قارىغان.
9). فېڭ چېڭجۈن 1957 - يىلى>، مايوڭ 9791 - يىلى، سېن جوڭميەن 1981 - يىلى قاتارلىقلار كروران ۋە چەرچەننىڭ پايتەختى جەنۇبتا ئىدى، دەپ قارىغان ھەمدە قاغان شەھىرى = ھازىرقى چاقىلىق، ئىشەم = مىرەن خارابىسى، ياڭىبالىق = ۋاششەھىرى خارابىسى دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
10). مېڭ فەنرېن 1986 -، 1990 - يىللىرى ۋە يۈ تەيشەن 1991 - يىلى قاتارلىقلار پايتەخت قاغان شەھىرى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدا، دەپ قارايدۇ.
كروران ئېلىنىڭ پايتەختى مەسىلىسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، كىشىنى قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە بولغاندا كروران ئېلىنىڭ پايتەختى جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن مۇنۇ ئۈچ مەسىلىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. <خەننامە> ۋە <تارىخىي خاتىرىلەر> قاتارلىق ئەسەرلەردە خاتىرىلەنگەن <لوپ كۆلىگ يېقىن> ئىبارىسىگە ئاساسەن، لوپ كۆلىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىشى كېرەك. <ئەڭ شەرقتە، خەن سۇلالىسىگە يېقىن> دېگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن غەربىي دىياردىكى ئەللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ شەرققە جايلاشقان ۋە خەن سۇلالىسىگە يېقىن جۇغراپىيىلىك ئورۇندا بولۇشى كېرەك. دۇخاندىن <دۇنخۇاڭ> بۈگۈرگە تۇتىشىدىغان، يەنى كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ ماڭىدىغان شىمالىي يىپەك يولىغا جايلاشقان بولۇشى كېرەك. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، پايتەخت بولغان شەھەرنىڭ ئىسمى كروران بولۇشى كېرەك. يىل دەۋرى مەسىلىسىدە شەھەرنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلىدىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك دېگەنلەردىن ئىبارەت. مېنىڭ قارىشىمچە، كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى قەلئەسى ياكى ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا بولۇشى كېرەك. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى كروران ئېلى پارچىلانغاندا چەرچەن خانلىقى ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدىكى قاغان شەھىرىنى پايتەخت قىلغان، كروران خانلىقى تاكى 2 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى چەرچەن خانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغانغا قەدەر كروراننى پايتەخت قىلغان، چەرچەن خانلىقى كروران خانلىقىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغاندىن كېيىن پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىگەن. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى بىرقانچە پاكىتلار ئىسپات بولالايدۇ: بىرىنچى، ئۇششاق تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپ كروران ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايوننىڭ بىر قىسمى بولغان، ھازىرچە بۇ شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، مۇشۇنداق بىر شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىمىز، چۈنكى <تارىخىي خاتىرىلەر> دىكى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ باياندا، كروران شەھىرى بىلەن قۇسنىڭ لوپ كۆلىگە يېقىن ئىكەنلىكى كروران شەھىرىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى، يەنى بىز ھازىر كروران شەھىرى خارابىسى دەپ قاراۋاتقان خارابىلىكلەرنىڭ كروران شەھىرى خارابىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز مىلادىيىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى دەپ قاراۋاتقان كروران شەھەر خارابىسىنىڭ بۇرۇندىنلا كروران دەپ ئاتالغانلىقىنى مۇشۇ شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان خەنزۇچە ۋە قارۇشتىچە پۈتۈكلەرمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، خان ئۇتۇش خانلىق تەختكە چىققىنىدا كروران خانى ئامگوكانىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ خەن سۇلالىسىدىن ئۆز ھىماتىغا ئېلىپ مۇھاپىزەت قىلىشىنى، ئىشەم يەنى ھازىرقى مىرەن ئەتراپلىرىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. ناۋادا پايتەخت داۋاملىق كروراندا، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلار مىرەندە بولسا، بۇ ئىككى جاينىڭ تۈز سىزىقلىق ئارىلىقىمۇ 200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنداقتا خاننى قوغداش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بەزى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن ھازىرقى چاقىلىق بوستانلىقىغا جايلاشقان قاغان شەھىرىنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ ئۈچ ئەسىرگە يېقىن پايتەختى بولغان دەپ قارايمىز. <خەننامە> دە شۇ ۋاقىتتىكى غەربىي دىيار ھەققىدە مول بايانلار بار بولۇپ، تەپسىلاتلىرى ھازىرقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ماس كېلىدۇ، خانلىق نوپۇس مەلۇماتلىرىدىن تارتىپ خاتىرىلەنگەنلىكى، مۇشۇ ۋاقىتلاردا خەن سۇلالىسىنىڭ چەرچەن خانلىقىنى تىكلەشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشلىرىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى
بىلمەيدۇ دېيەلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلىدىن مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. چەرچەن خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن خەنزۇچە مەنبەلەردە كروران ئېلىنىڭ نامى زىكرى قىلىنماستىن كروران شەھىرىلا تىلغان ئېلىنغان بولسىمۇ، چەرچەن نامىنى چۈشەندۈرۈشتە <ئەسلىدىكى كروراندۇر> دەپ ئىزاھات بېرىلىشى شەكسىزكى چەرچەن خانلىقىنىڭ نامىنىڭ كروراننىڭ نام - شۆھرىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كروراننىڭ ئۇلۇغ نام - شۆھرىتى ئاخىرقى ھېسابتا چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىشىگە سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. <ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى> دا يېزىلغىنىدەك، چەرچەن خانلىقى كۈچىيىپ نۇرغۇن ئەللەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغان. <خەننامە> دە ئۇنىڭ <… ئەندىر، نىيا، يول ئارىش بەگلىكى، سارمادانلار چەرچەن بەگلىكى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى> دېيىلگەن بولسا، <ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى> نىڭ 30 - جىلدىدا <جەنۇبىي يولدىكى سارمادان ئېلى، ئەندىر ئېلى، چادوتا )نىيا> ئېلى، كروران ئېلى قاتارلىقلارنى چەرچەن ئېلى ئۆز ئىدارىسىگە ئالغان> دەپ يېزىلغان، مانا مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بىز كروران ئېلىنى مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن چەرچەن ھاكىمىيىتىگە قارىغان دەپ ئېيتالايمىز. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن پايتەخت كروران شەھىرىگە يۆتكەلگەن؟ ئەينى ۋاقىتتىكى چەرچەن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە كروران شەھىرىنىڭ پايتەخت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلار بار. بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنى تەرجىمە قىلىشتا بەزى پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاش بىلەن بىرگە، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە پارچە پۈتۈكتە كروراننىڭ پايتەخت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى <غەربىي دىيار تەتقىقاتى> ژۇرنىلىنىڭ 1992 - يىللىق 1 - سانىدا <تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى> بولۇپ، ئۇ قارۇشتى پۈتۈكىدىكى mahatma nagara krorayina دېگەن ئىبارىنىڭ <ئۇلۇغ پايتەخت كروران> دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، KH.678 نومۇرلۇق پۈتۈكتىمۇ كروران پايتەخت دېگەن )گەرچە كروران دېگەن نام ئەسلىي تېكىستتە بولسىمۇ، ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغاندا تەرجىمە قىلىنمىغان دەيدۇ> ئىبارىلەرنىڭ بارلىقىنى يازىدۇ. قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە ئالتە يەردە ئۇلۇغ ئاستانە نامى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بەشىدە ئوردا نامى بىلەن قوشۇپ ئېلىنغان بولسا، بىرىدە ئۇلۇغ ئاستانە نامى بىلەن كروران نامى ئۇلاپ يېزىلغان. قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە
kroraimna, kroraiyina ناملىرى 370-، 670 -، 678 -، 706 -، 383 -، 696 - نومۇرلۇق پۈتۈكلەردە كۆرۈلگەن بولۇپ، ھەممىسىدە كروران شەھىرىنى كۆرسەتكەن، ئەمما ھېچ يېرىدە ئايماق مەنىسىدىكى raya قوللىنىلمىغان. raya نىڭ مەمۇرىي باشلىقى Cojhbo مۇ قوللىنىلمىغان. يەنە بىر قارۇشتىچە پۈتۈكنى مىسال قىلىدىغان بولساق،
kamjakara kroraimnammi caraka ni gotha edagamaya maharaya>
دېگەن بۇ جۈملە <ئالىيلىرى ئۇلۇغ خاقان كروراندا…> دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇشۇ پۈتۈكتىمۇ يۇقىرىقى ئۈچ سۆز باغلىنىپ كەلگەن. پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئاخىرىدا <بۇ ئىككى قارۇشتى پۈتۈكىنىڭ دەۋرىدە چەرچەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرىدۇر. ئەمما پۈتكۈل قارۇشتى يېزىقلىرى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چەرچەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە يۆتكەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. 400 - يىلى فاشەن غەربكە نوم ئالغىلى ماڭغاندا ئۆتكەن ئوتتۇرا يولنىڭ چەرچەن ئېلىدىن ئارسى ھازىرقى قارا شەھەرئېلى بۆلىكىدە چەرچەن ئېلىنىڭ پايتەختى <ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى> دا يېزىلغان قەدىمكى كروران بىلەن يۇقىرىقى ئىككى قارۇشتىچە پۈتۈكتىكى ئۇلۇغ ئاستانە كروران ئۆزئارا ئىسپاتلىنىدۇ> دەپ يازىدۇ. ئالىم ئاخىرقى ھېسابتا مىلادىيە 400 - يىلى چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرىدە ئىدى، راھىب فاشەن مۇشۇ شەھەردىن ئۆتكەن، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇنداق بولغاندا، كروران شەھىرىنىڭ 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرلىرى ۋەيران بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايرىم مۇھاكىمە تېمىمىز بولغىنى ئۈچۈن ھازىرچە پايتەخت مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز يۇقىرىقى مۇھاكىمىلىرىمىزدىن خۇلاسە چىقىرىدىغان بولساق، كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى بولۇپ، تاكى 3 - ئەسىرلەرگىچە شۇنداق بولغان، چەرچەن خانلىقى قۇرۇلغاندا، ئۇ ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدىكى قاغان شەھىرىنى پايتەخت قىلغان، 3 - ئەسىردە بۇ خانلىق كروران خانلىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندە پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىگەن. بۇ خانلىق پايتەختنى كرورانغا يۆتكەپ تاكى 5 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆز سەلتەنەتىنى سۈرگەن بولسىمۇ، 5 - ئەسىرگە كەلگەندە ئىلگىرى - كېيىن قۇتقۇ ئەنجۇ، تۇيغۇن، دىڭلىڭلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلى ۋەيران بولۇپ يىمىرىلگەن، خانلىق سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە پايتەختىنى قاغان شەھىرىگە قايتىدىن يۆتكىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بىز ھازىر كروران شەھىرى دەپ قاراۋاتقانلا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خارابىلىكلەردىن تېپىلغان يازما پۈتۈكلەردىن مۇشۇ تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان يازمىلار ئىچىدە خەنزۇچە 楼兰 دېگەن جاي ناملىرى بارلىرىدىن 17 سى، قارۇشتىچە پۈتۈكلەردە kroraina دېگەن نام بارىدىن ئالتىسى تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى كروران نامى بار پۈتۈكلەردىن ئىككىسى LA خارابىسىدىن، بىرى LB خارابىسىدىن تېپىلغان. بۇلاردىن kh.706, kh.678, kh.696 لار ئەڭ مۇھىم بولۇپ، مۇشۇ ئۈچ ۋەسىقە LA خارابىسىنىڭ كروران شەھىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، خەنزۇچە پۈتۈكلەردىن LA خارابىسىدىن 楼兰 جاي نامى بار پۈتۈكتىن جەمئىي 17 سى تېپىلغان. مانا بۇلار بىر جاي نامىنىڭ ئىككى خىل يېزىقتىكى خاتىرىسى بولۇپ، بۇلار LA خارابىسىنىڭ كروران شەھىرى قەلئەسى ئىكەنلىكىنى، يەرلىك خەلقنىڭ يۇرتىنى كروران دەپ ئاتىغانلىقىنى، خەنزۇچە مەنبەلەردە تەلەپپۇزى بىلەن 楼兰 دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئالىملار 1901 - يىلىدىن بۇيان مۇشۇ خارابىنىڭ كروران دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان، بۇنى ئاغدۇرىۋەتكۈدەك پاكىت ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق، پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى تېخىچە بايقالمىغان، ئەمما كروران بولۇشى ئېھتىمال بولغان شەھەر خارابىسىنىڭ بولۇشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندىنىڭ كروراننىڭ پايتەختىنى ئېنىقلاشتا ئوتتۇرىغا قويغان فورمۇلىسى مۇۋاپىق بولۇپ، بۇنىڭغا بىردىنبىر توغرا كېلىدىغىنى كروران شەھىرى خارابىسى، يەنى شەرتلىك بەلگە بىلەن كۆرسەتكەندە LA خارابىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى <تارىخىي خاتىرىلەر> دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار، جۈملىدىن لوپ كۆلى بويىغا جايلاشقان بولۇش، يىپەك يولىنىڭ شىمالىي تارمىقىغا جايلاشقان بولۇش مەسىلىلىرىگە بىردىنبىر ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەردۇر، باشقا شەھەر خارابىلىرىدىن بەزىلىرى بۇ مەسىلىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، يەنىلا بەزىبىر مەسىلىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. شەھەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشلار كروراننىڭ پايتەخت بولغانلىقى مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسىي تۇتقىسى بولۇپ قالغان، بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇ شەھەر مىلادىيىنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان، تېپىلغان يادىكارلىقلار مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭدا بىرقانچە مەسىلىلەر بار. بىرىنچى، بۇ ئەتراپتا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر يېتەرلىك ئەمەس، تەكشۈرۈش پەقەت خارابىلەرنى ئىزدەش، رەتلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. 1901 - يىلىدىن ھازىرغىچە لوپ كۆلى رايونى ئاران بىر ئايلا تەكشۈرۈلگەن. ئىككىنچى، شەرقىي شىمال بورىنى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن تارىخىي ئىزلار يوقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: <ئېكولوگىيە ۋە خارابىلەرنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، LA شەھىرىدە ساقلىنىپ، قۇرۇلۇشلار ھەم ئۇ يەردىن تېپىلغان پۈتۈكلەر ئاساسلىقى ۋېي، جىن، ئالدىنقى لياڭنىڭ غەربىي دىيار قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كېيىنكى بىر دەۋر يالدامىلىرىنىڭ ساقلىنىشىدۇر. خەن دەۋرىدىن ۋېي، جىن دەۋرلىرىگىچە تۆت - بەش يۈز يىل ئۆتكەن بولىدۇ. بۇرۇنقى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئورنىنى يېڭى قۇرۇلۇشلار ئالىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كونا قۇرۇلۇشلار ئازلاپ بارىدۇ، يەنە كۈچلۈك شەرقىي شىمال بورىنىنىڭ شەھەردىكى تۇپراقنى ئۇچۇرتۇشىدىن شەكىللەنگەن ئورەكلەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر بولغانلىرى 6.08 مېتىر، ئەڭ تېيىزلىرى 7.3 مېتىر، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21.5 مېتىر بولغان بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.3 سانتىمېتىر تۇپراقنى ئۇچۇرتۇپ كەتكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى LA شەھىرىدىكى ئۆي، دەل - دەرەخنىڭ تۇپراقنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەڭ كىچىك قىلىپ %10 بويىچە ھېسابلىساق، 2000 يىلدا ئالتە مېتىر تۇپراق خورىغان بولىدۇ. سىتەين شامالنىڭ LE شەھىرىدىكى تۇپراقنى يالاپ 20 ئىنگلىز چىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى يازغان، ئۇ يەنە ۋاششەھىرى خارابىسىنى كۆرگىنىدە، خارابىلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى پەقەت يۇلغۇن دۆۋىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى، يۇلغۇن دۆۋىسىنىڭ خارابە ئىزىنى شامالدىن ساقلاپ قالغانلىقىنى يازغان، مانا بۇلاردىن قارىغاندا، سىتەيىن شامالنىڭ كونا شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ تۈگەتكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن )<غەربىي دىيار ئارخېئولوگىيىسىدىن خاتىرىلەر> 109 - بەت>. بۇ ھەقتە <چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى> دە، <لوپ كۆلى رايونىدا شامال يالاپ كەتكەن يارداڭلىقلاردىن باشقا، كۆل، سازلىقلار ۋە نەم جايلاردىن ئەسەرمۇ قالمىدى، شالاڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇپ كەتتى، ئۇ يەردە كۆز يەتمەس شورلۇق مەنزىرە بارلىققا كەلدى، لوپ كۆلى رايونى — شامال كۆپ چىقىدىغان رايون. 1960 - يىلىدىن 1970 - يىللىرىغىچە لوپ كۆلىدە سۈرئىتى 10m/s لۇق شامال يىلدا 150 كۈن، سۈرئىتى 14m/s تىن يۇقىرى بولغان شامال 80 كۈن چىقىدىغان بولغان، شامال سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا 30m/s تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ رايوندا يەرلەرنى شامال يالاپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان، 1919 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە بولغان 40 يىلدا بۇ رايوندا يەرلەرنىڭ شامالدا يالىنىش چوڭقۇرلۇقى 3.5 مېتىرغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25.13 سانتىمېتىردىن توغرا كېلىدۇ… لوپ كۆلىنىڭ شەرق، غەرب، شىمال تەرەپلىرىدە شامالدا يىمىرىلگەن كەڭ كۆلەملىك يارداڭلىقلار شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە لوپ كۆلىنىڭ شەرقىدىكى يارداڭلىق ئەڭ تىپىك. بۇ يىمىرىلگەن يەرنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 35 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر… لوپ كۆلىنىڭ شىمالىدىكى شامالدا يىمىرىلگەن توپا دۆڭلىرىدە يەنە بىر خىل ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل بولغان، يىمىرىلگەن بۇ يەرنىڭ كۆلىمى 2600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ شامالنىڭ تەسىرىدە شەكىللىنىپ قالغان ئېگىز تۆپىلىكنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن 20 مېتىرغىچە كېلىدۇ. لوپ كۆلى رايونىدا قاتتىق بوران چىقىپ تۇرغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەممىلا يەردە قاتار - قاتار تۆپىلىكلەر ۋە جىرالار پەيدا بولغان> دېيىلگەن. <شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى> نىڭ 2003 - يىل 20 - نويابىر ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان <لوپنۇردا ھەر يىلى 200 مىليون توننا قۇمنى بوران ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ. لوپنۇر رايونىنى جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇم - بوران مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ> ناملىق ماقالىدە يېزىلىشىچە ، <لوپنۇر رايونىدا ھەر يىلى 200 مىليون توننا قۇمنى بوران ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ. بۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى لوپنۇرنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىندا لوپنۇردىكى يارداڭ يەر شەكلىنى ئۇنىۋېرسال گېئولوگىيىلىك تەكشۈرگەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەر بويىچە ھېسابلاپ چىققان نەتىجە … لوپنۇرنىڭ باشقا جايلىرىدا، ئالىملار ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى شامال يالاش ھادىسىسىنىمۇ بايقىغان. غەربىي قىسمىدا قاتتىق شامالنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ئازگال ۋە قىرلىق دۆڭلەر شەكىللەنگەن. ئالىملار مۇنداق دېگەن: بۇ رايوندا شامالنىڭ يالاش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدىغان بولسا، مەملىكەت بويىچە قۇمبورانلىق ھاۋارايى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. لوپنۇر رايونى غەرب شامىلى كونۋېكسىيە بەلۋېغىغا جايلاشقان. بۇ رايوندا چىققان قۇم - بوران ئاتموسفېرا كونۋېكسىيىسىگە ئەگىشىپ شەرقتىكى رايونلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇم - بوران مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەن>. شامالنىڭ تۇپراقنى مانا مۇشۇنداق زور دەرىجىدە يالىشى تۈپەيلىدىن ۋېي، جىن دەۋرلىرىدىن بۇرۇنقى ئىزلارنىڭ يىل دەۋرىنى ئېنىقلاش قىيىنلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىزلارنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتىشتە شەھەر سېپىلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەل قىلغۇچ يىل دەۋرى بولۇپ قالغان. 1980 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇنداقتا بۇرۇنقى سېپىل قايتا قۇرۇلماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ خۇاڭ شېڭجاڭ: <كروراننىڭ پايتەختلىك مۇنازىرىسىنىڭ قىيىن نۇقتىلىرى ۋە LA شەھىرىنىڭ غەربىي خەن دەۋرىدىكى كروران شەھىرى ھەققىدىكى يېڭى ئىسپات>، خەنزۇچە، <تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى> ژۇرنىلى، 2000 - يىللىق 1 - ۋە 2 - سانىغا قاراڭ. ئارخېئولوگلار يەنە كروران شەھىرى خارابىسىدىكى شەھەر سېپىلى قۇرۇلۇشىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئوخشىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. مانا بۇلاردىن قارىغاندا سەددىچىن بىلەن كروران شەھىرىنىڭ قەلئەسىنىڭ ئوخشاش دەۋرلەردە قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلىنى قوشۇمچە قىلىش زۆرۈركى، شەھەر شەكسىزكى شەھەر سېپىلى قۇرۇلۇشتىن بالدۇر قۇرۇلغان بولىدۇ. شەھەر سېپىلى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قۇرغان قۇرۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا مۇنداق ئىككى يەكۈن چىقىدۇ، بۇنىڭ بىرى، كروران شەھىرىنىڭ دەۋرى كروران قەلئەسىدىن بۇرۇن بولۇپ، شەھەرنىڭ مەلۇم كۆلەمگە ئېرىشىشى بىلەن ئاندىن بۇ شەھەر سېپىلى بارلىققا كەلگەن، ھۆكۈمران سىنىپ ئۆزىنىڭ مال - مۈلۈك ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سېپىل قۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئىھاتىلىگەن. ئىككىنچى بىر مەسىلە، كروران شەھەر سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇشى كروران ئېلىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن بولغان بولىدۇ. پاكىتلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 - يىلىدىن بۇرۇن كروران ئېلىنىڭ ۋە كروران شەھىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىز كروران شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىشى ۋە شامالنىڭ تۇپراقنى ئۇچۇرتۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كروران شەھىرىنىڭ ۋەيران بولغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، كروران شەھىرىنىڭ ۋە كروران ئېلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5 -، 4 - ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن دېگەن يەكۈن چىقىدۇ. كروران شەھىرىنىڭ كۆلىمى مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە سېپىلنىڭ كۆلىمى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن، بۇ تولىمۇ بىتەرەپلىمە قاراش بولۇپ، شەھەر كۆلىمى كەم دېگەندىمۇ 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ھازىرقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان ئىزلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەرىتىدىن بىز بۇلارنىڭ باغلىنىشىنى، جۈملىدىن تۇتاش كەتكەن شەھەر - بوستانلىقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى خۇاڭ شېڭجاڭ: <كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى ۋە LE شەھىرى مەسىلىسى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>، <مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى> ژۇرنىلى، خەنزۇچە، 1996 -
يىللىق 8 - سان، 70 - بەت. دېيىلگەن. مانا مۇشۇلاردىن كروران شەھىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى، شۇنچىلىك چوڭ كۆلەمدىكى شەھەرنى پايتەخت قىلغان كروران دۆلىتىنىڭ قانچىلىك تەرەققىيات ۋە تارىخىي باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئىلمىي پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.
كروران قاچان، قانداق سەۋەب بىلەن ۋەيران بولغان؟ كروراننىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق، لېكىن بىز پاكىتلارغا ئاساسەن بۇ شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنلا قۇرۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىردىكى ۋەقەلەرگە چېتىلىدىغان كروران لوپ كۆلىگە يۈزلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر، شۇنداقلا كروران دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى، بىز مانا مۇشۇلارغا ئاساسلىنىپ بۇ شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردىن خېلى بۇرۇنلا قۇرۇلغان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز. بۇ شەھەر ئەتراپىدىكى ئۈچ بۇرجەك رايون، يەنى كۆنچى ۋە تارىم دەريا ئەتراپلىرىدا پەيدا بولغان بوستانلىقلار ناھايىتى قەدىمكى دەۋردە، كېيىن دېگەندىمۇ ئۇششاق تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئورنى بولۇپ تۇرغان، شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار كۆجۈم ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەن بولۇپ، تەدرىجىي شەھەر بارلىققا كەلگەن. بىز چەكلىك ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن، بۇ شەھەر خارابىسىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ ئىزلار بايقالمىدى دەپ قاراپ، شەھەرنىڭ خېلى بالدۇرلا قۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلساق ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ نۇرغۇن ئىزلىرىنىڭ قاتتىق شەرقىي شىمال بورىنىدا يىمىرىلىپ يوقالغانلىقىنى ھېچبىر كىشى ئىنكار قىلمىسا كېرەك، بىز ھازىر ئۇچراتقان ئىزلار ئاساسەن ئېگىزلىكلەرگە جايلاشقان، ئەجەبا بىز كۆرۈۋاتقان ئىزلاردىن باشقا جايلاردا ئەزەلدىن ھېچقانداق بىرەر ئىز يوق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بىز بەزى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ناۋادا <تارىخىي خاتىرىلەر> دىن بۇرۇنراق يېزىلغان بىرەر ئەسەر بولسا ئىدى، كروران ئەتراپلىرىدا يۇرتلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرۇلغان بولاتتى. بىز شەكسىزكى كروراندىن ئىبارەت بۇ شەھەرنىڭ بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ تارىخىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنلۇقىدىن خەۋەر تاپقان بولار ئىدۇق، ھازىرقى گەپ پەقەت ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئاتالغان تارىخ كىتابىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا، خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتالايمىزكى، كروران مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردىنمۇ بۇرۇن قۇرۇلغان بىر قەدىمىي شەھەر بولۇشى مۇمكىن.
كروراننىڭ ۋەيران بولغان دەۋرى ھەققىدە بىرقەدەر ئومۇملىشىۋاتقان قاراش مىلادىيە 4 - ئەسىر، يەنى 330 - يىللار ئەتراپىدا دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭ دەۋر ئۆلچىمى پەقەت خەنزۇچە يادىكارلىقلاردا خاتىرىلەنگەن ئەڭ ئاخىرقى يىل چېكىنىڭ 330 - يىلى بولغانلىقىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇشى مۇمكىن، چەرچەن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقىلىق رولىنى ئوينىغىلى بىر ئەسىردەك بولغان قارۇشتى يېزىقىمۇ قانچە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا شۇنچە تۇيۇقسىز يوقالغان، بۇمۇ بىر تارىخىي سىر. ئۇنداقتا بىز قارۇشتى يېزىقىنىڭ يوقىلىشىنى نېمىنىڭ دەۋر چېكى قىلىپ ئالىمىز؟ پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندىنىڭ 400 - يىلى راھىب فاشەننىڭ قاراشەھەرگە بېرىشىدا ئۆتكەن شەھەرنىڭ باشقا جاي ئەمەس، دەل كروران ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا مۇشۇ قاراش يەنىمۇ ئىسپاتلىنىدىغان بولسا، 400 - يىلى ئەتراپىدا كروران شەھىرى ئىنتايىن گۈللەنگەن، 4000 دىن ئارتۇق ھىنايانا راھىبى بار بىر چوڭ شەھەر ئىكەنلىكى بىزنى ئىشەنچ قىلىشقا ئۈندەيدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا 5 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياكى 6-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن كروران شەھىرى ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن. 445 - يىلى خاقان بەگ روڭنىڭ كروران توغرىراقى ئاشۇ دەۋر يادىكارلىقلىرىدا يېزىلغان چەرچەن خانلىقى> ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى باشلاپ سارمادان شەھىرىگە قاراپ كۆچكەنلىكىنى ئالساق، شۇ ۋاقىتتا يەنە كەم دېگەندىمۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى 4000 دەك نوپۇس> نىڭ قالغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ. ئارخېئولوگلار شەھەر خارابىلىرىدە بەزى ئۆيلەرنىڭ مال ئېغىلى قىلىپ پايدىلىنىلغانلىقىنىمۇ بايقىغان.
كروران شەھىرى قانداق سەۋەب بىلەن ۋەيران بولغان؟ بۇ ھەقتە ئالىملار يىپەك يولىنىڭ ئۆزگىرىشى، دەريانىڭ ئېقىن يۆتكىشى، ياتلارنىڭ تاجاۋۇزى، كىلىماتنىڭ قۇرغاقلىشىشى… قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولساق، كروراننىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىكەنلىكىدە شەك يوق، ئەمما يىپەك يولى بۇ يەردىكىلەرنىڭ بىردىنبىر ھاياتلىق يولى ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قاراشنى قەتئىي رەت قىلىمىز. ياتلارنىڭ تاجاۋۇزى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇمۇ تامامەن مۇمكىن، لېكىن يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان بۇ شەھەرنى تالاشقۇچى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى ئويلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىشىدە ئۆزلىرىنى باقىدىغان ئىشلەمچى ئاھالىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى مەسىلىسىگە كەلسەك، بەزى ماتېرىياللاردا ھۇنلار، خەنزۇلار، سىيانپىيلار، توخرىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدە بايانلار بار. بۇلارنىڭ ھېچ يېرىدە ئاھالىنى قىرغىن قىلىپ تۈگەتكىنى ياكى يۇرت - ماكانىدىن ھەيدىۋەتكىنى ھەققىدە ئۇچۇر يوق، شۇڭا بىز بۇ قاراشنى قوللىمايمىز. تۇپراقنىڭ شورلىشىش مەسىلىسىمۇ بەك ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدۇ، چۈنكى بۇ يەردىكى ئاھالىلەر بېلىقچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى تەڭ ئېلىب بارغان، چارۋىچىلىقمۇ مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگىلىگەن، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە شورنى ئېقىتىپ تۇپراقنى ياخشىلاش ئادىتى ساقلىنىپ قالغان، شۇڭا ئېيتالايمىزكى، تۇپراقنىڭ شورلىشىپ كېتىشى، بۇ شەھەرنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولالمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ شەھەر قانداق سەۋەب بىلەن تاشلىنىپ قالغان؟ ھازىرقى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، كروران شەھىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى بۇ قۇرغاق رايوننىڭ ھايات - ماماتىنى بەلگىلەيدىغان سۇ، دەريا - ئېقىن ۋە كىلىمات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ رايونغا كېلىدىغان سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش - قالماسلىقى بۇنىڭدىكى بىردىنبىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ كروراننىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ ھەل قىلغۇچ
كۆنچى دەرياسى شۇ ۋاقىتلاردا زادى ئېقىن يۆتكىگەنمۇ، ئېقىنى قىسقىراپ كەتكەنمۇ، بۇنى بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ، بەزىلەر بۇ ھەقتە تەتقىقات يۈرگۈزگەندە، بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەيدۇ، بۇنى كونكرېتراق ئېيتقاندا، تارىم ۋە كۆنچى دەريا ۋادىلىرىدا تېرىقچىلىق كۆلىمى زورىيىپ، دەريا ئېقىنى قىسقىراپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان سۇ ئۈزۈلۈپ قالغاچقا ۋەيران بولۇپ كەتكەن، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ئەينى ۋاقىتتىكى تارىختىن خەۋەرسىزلا ھازىرقى ھالەتكە قاراپ چىقارغان ھۆكۈم بولسا كېرەك. بىز تۆۋەندە شاچۈنچېڭ، فەن زىلى قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتىدىن چىقارغان مۇنۇ بايانلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. <ئازادلىقتىن كېيىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1949 - يىلىدىكى 01 مىليون 600 مىڭ مودىن 1980 - يىلىغا كەلگەندە 19 مىليون 300 مىڭ موغا كۆپەيگەن، ساپ كۆپەيگىنىلا سەككىز مىليون 700 مىڭ مو. بۇ يېڭى ئېچىلغان بوز يەر كۆپىنچە ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ چەت ياقىلىرىغا جايلاشقان، ئەسلىدىكى بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن، مۇشۇ كۆپەيگەن تېرىلغۇلارنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئېرىق چېپىلغان، دەريادىن تارتىلغان سۇلار سۇغىرىش تەلىپىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن ئەتىيازدىكى تېرىلغۇدىكى قۇرغاقچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېقىنلارنى تەڭشەپ سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلغان. پۈتۈن ئويمانلىقتا چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 206 سى قۇرۇلغان، سۇ سىغىمى 30 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن. تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىلا چوڭ ياكى ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 19 ى قۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي سىغىمى 920 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ>.(<قۇرغاق رايون شىنجاڭنىڭ 4 - ئىراسىغا ئائىت ماقالىلەردىن توپلام>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرىگە قاراڭ.) مانا بۇ سانلىق مەلۇمات 1980 - يىلىغىچە بولغان ماتېرىيال بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ قۇيۇلۇش ئورنى داشكۆل سۇ ئامبىرى بولغان، تارىم دەرياسىنىڭ ئېقىنى 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق
قىسقىراپ كەتكەن. 1949 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى ئۈچ مىليون 39 مىڭ 400 بولسا، 1982 - يىلىغا كەلگەندە ئالتە مىليون 141 مىڭ 300 گە يەتكەن. مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ نوپۇسى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئىككى مىليوندىن ئېشىشى ناتايىن. لوپ كۆلى ۋە تارتما كۆلى 1970 - يىللارنىڭ بېشىدا قۇرۇپ كەتكەن، شۇڭا بۇ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇش ئۈچۈن ئەينى تارىخىي دەۋردە تۆت - بەش مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بولۇشى كېرەك، لېكىن ئەينى دەۋردە ئۇنچىلىك نوپۇسنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا بولۇشى ئېھتىماللىقتىن تولىمۇ يىراق. ئۇنداقتا يەنىلا دەريانىڭ ئېقىن يۆتكىشى ئېھتىماللىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئېكولوگىيىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، قۇرغاقچىلىق بولغانمۇ - يوق؟ ھازىرچە بۇنى ئىسپاتلايدىغان يازما پاكىت يوق. ئالىملار شىنجاڭنىڭ كىلىمات تارىخى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن، لېكىن ئۇلار ئاساسەن يازمىلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قىياس قىلىنغان. شىنجاڭ مېترولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن لى جياڭفېڭ ئەپەندى <شىنجاڭنىڭ 0030 يىللىق كىلىمات ئۆزگىرىشى> ناملىق ماقالىسىدە يېزىشىچە، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000 - يىللاردا تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ - تۆت گرادۇس يۇقىرى بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 246 - يىلىدىن مىلادىيە 22 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن بىر گرادۇس يۇقىرى بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 - ئەسىرلەردە تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن ئىككى، ئۈچ گرادۇس تۆۋەن بولۇپ، ھۆل - يېغىن ئاز، سۇ قىسلىشىپ كرورانغا ئوخشاش بىر تۈركۈم شەھەرلەر ۋەيران بولغان، دەپ قارايدۇ. مىلادىيە 581 - يىلىدىن 907 - يىلىغىچە بولغان 300 يىلنىڭ 2/3 قىسىم ۋاقىتتا كىلىمات سوۋۇپ ھازىرقىدىن بىر - ئىككى گرادۇس تۆۋەن، ھۆل - يېغىن كۆپ بولغان. 907 - يىلىدىن 1368 - يىلىغىچە بولغان دەۋردە، بولۇپمۇ 13 - ئەسىرگىچە سوغۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن بىر گرادۇس تۆۋەن بولغان، ھۆل - يېغىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن، 1285 - يىلىدىن باشلاپ 1290 - يىلىغىچە قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن كىلىمات سوۋۇپ ھۆل - يېغىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. 1368 - يىلىدىن 1911 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىلىمات سوۋۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل ھاۋارايى 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋام قىلغان. 1750 — 1769 - يىللىرىغىچە ھاۋا ئىللىپ، 1770-يىللىرىدىن باشلاپ 1790- يىللىرىغىچە سوۋۇغان. 1791- يىلىدىن 1815- يىلىغىچە ئىللىپ، 1769- يىلىدىن 1800- يىللىرىغىچە داۋام قىلغان. 19- ئەسىردە ھاۋا سوۋۇغان بولسا 20- ئەسىردە ئىللىق كىلىمات بولغان. بۇلار پەقەت پارچە خاتىرىلەر ئاساسىدا چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ، بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭ، بولۇپمۇ تارىم ۋادىسى دېڭىز - ئوكيانلاردىن تولىمۇ يىراق، يەنە كېلىپ تەڭرىتاغ، قاراقۇرۇم تاغلىرى، ئالتۇنتاغ قاتارلىق ئېگىز تاغلارغا ئورىلىپ تۇرغاچقا، ھاۋاسى ئىنتايىن قۇرغاق، دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، تارىم ئويمانلىقى بەئەينى بالىياتقۇغا ئوخشايدۇ. پەقەت غەرب بورىنىلا ھۆل - يېغىن پەيدا قىلىپ قار - مۇز جۇغلايدۇ. ئەمەلىيەتتە تارىم ۋادىسىنىڭ سۇ مەنبەسى ئاشۇ قار - مۇزغا قاپلانغان تاغلاردىن ئىبارەت. كىلىماتنىڭ بىرقانچە يىللىق ئۆزگىرىشى بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىسىگە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بىز يۇقىرىدا كۆرگەن مىلادىيە 4 - ئەسىردە كروران ۋەيران بولغان، دېگەن يەكۈن مۇشۇ ۋاقىتتىكى كىلىماتنىڭ ئىللىغانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ قالدى، ئەمما پاكىتلارنىڭ زورىيىشى بىلەن كروراننىڭ 4 - ئەسىردە ئەمەس، بەلكى 6 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن ۋەيران بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. كىچىك دەريا بويلىرىدا بايقالغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزلار 6 -، 7 - ئەسىرلەردە گۈللىنىپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنداقتا كروران قانداق ۋەيران بولغان؟ ئەمەلىيەتتە كروران تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ ھازىرقى ئېقىنى بويىچە جەنۇبقا كەلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك )كۆنچى دەرياسىنىڭ ئېقىنى بىلەن ئاققان ئاز مىقداردىكى سۇ كىچىك دەريا ئارقىلىق جەنۇبقا ئېقىپ تارىمغا قۇيۇلغانلىقى، ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى سۇنىڭ كروران لوپ كۆلىگە قۇيۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن>، مانا بۇ كروراننىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىنبىر سەۋەبتۇر. شەھەرنى كەلكۈن بېسىپ كېتىپ ۋەيران بولغان دېگەن قاراشمۇ مەۋجۇت. ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە، شەھەر خارابىسىدە كەلكۈن ئىزناسى بار ئىكەن، بۇ، شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، بەلكى مەلۇم مەزگىللىك كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خۇلاسە قىلغاندا، پەقەت تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئېقىن يۆتكەپ بۇ يەرگە كېلىدىغان سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىلا بۇ شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مىلادىيە 6 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى كروران شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا كېلىدىغان سۇ دەريانىڭ ئېقىن يۆتكىشى نەتىجىسىدە ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئازلاپ شەھەر تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرەلمىگەنلىكىدىن بولغان، شەھەر خارابىلىرىدە ئاز ساندىكى چارۋىچىلار خېلى مەزگىلگىچە ياشىغان بولسىمۇ 11 - ئەسىرلەرگە بارغاندا سۇنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشى بىلەن بۇ يەردە ھاياتلىق قالمىغان.
ئالىملار كروراننىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوللىنىۋاتقان يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتىلغان سۈرەتنى تەتقىق قىلغاندا، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئىككى يېرىدە گۈمۈرۈلۈش بولۇپ ئېقىننىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقى، كروران شەھەر قەلئەسىگە كېلىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدىن ۋەيران بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، كۆنچى دەرياسىنىڭ كروران قەلئەسىگە 5.8 كىلومېتىر ۋە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككى يېرىدە گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەنلىكىنى )ئالدىنقى جايدىكى گۈمۈرۈلۈش بوشراق، كېيىنكىسى چوڭراق بولغان> ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇ. تەتقىقاتچىلاردىن خې يۇخۇا ۋە سۇن يوڭجۇنلەر مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقارغان. بۇ قاراش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلار، جۈملىدىن ئىنكار پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كروراننىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى ھەققىدە كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋاڭ شۇچۈن ئەپەندى بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىپ، ئەينى جاينىڭ جۇغراپىيىسىگە ئېتىبار بېرىلمىگەن، كروران قەلئەسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى يارداڭلىقنىڭ ئېگىزلىك پەرقى ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ 20 مېتىردىن ئاشمايدۇ، غەرب تەرەپتىكى يارداڭلىقلارنىڭ ئېگىز - پەسلىك پەرقى، 20 كىلومېتىرلىق جايدىكى يارداڭلىقنىڭ ئېگىزلىك پەرقى ئۇنچە چوڭ ئەمەس، تارىم دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىك بولغاچقا كەلكۈن كېلىپ ئېقىن يۆتكىشى مۇمكىن. گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ. تەتقىقاتچى مېڭ فەنرېن: ئەگەر گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن دېيىلسە، ئۇنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاش لازىم، شۇنداقلا گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن دەۋر بىلەن كروراننىڭ ۋەيران بولغان ۋاقتى ماس كېلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى مەركىزىدىكى لى يەنچى <بۇددا ئەللىرى خاتىرىسى> ناملىق ئەسەردىكى ۋەيران بولۇشنى ئەنە شۇ گۈمۈرۈلۈشنىڭ ئىسپاتى، لوپ كۆلى ئەنە شۇ ۋاقىتتا قۇرۇپ كەتكەن دەپ، بۇ، دەۋرى ماس كېلىشنىڭ پاكىتى> دەپ قارايدۇ. مېڭ فەنرېن يەنە راھىب فاشەننىڭ كروراندىن ياكى لوپ كۆلىدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق، فاشەن لوپ كۆلىدىن ئۆتكەن بولۇشى ناتايىن، ئۇ لوپ كۆلى ھەققىدە ھېچنىمە يازمىغان دېسە، ۋاڭ چاڭلىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى تەھلىل قىلىنمىغان، دەيدۇ.
يېراقتىن سېزىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى بۇنىڭ، تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىدا بىر خىل ئىلگىرىلەش، شۇنداقلا بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئېنىقلاشتا رولى ناھايىتى چوڭ. شۇنداقتىمۇ مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاڭ شۇچۈن، مېڭ فەنرېن، ۋاڭ چاڭلىنلارنىڭ مۇھاكىمىسى ئىنتايىن توغرا بولغان. مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشنىڭ سۇ لىنىيىسىنى توسۇۋېلىش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس، ناۋادا گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىپ دەريا ئېقىنىنى توسۇۋالغان تەقدىردىمۇ، بۇ، ئۇ جايلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، چۈنكى قانال قېزىپ پايدىلىنىشنى بىلگەن كرورانلىقلار ئەنە شۇ گۈمۈرۈلگەن جايدا قانال قېزىپ سۇنى كروران قەلئەسىگە باشلاپ كېلەلىشى تامامەن مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتىدىغان بولساق، گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ دەريا ئېقىنى گۈمۈرۈلگەن لاي - قۇملارنى يەنىلا ئېقىتىپ كېتىشى مۇمكىن. ناۋادا كروران شەھىرىگە كېلىدىغان سۇ ئۈزۈلدى دېيىلگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ 20 كىلومېتىر نېرىغا يۆتكىلىپ قايتىدىن يۇرت بەرپا قىلالماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ مېڭ فەنرېن ئەپەندى ئېيتقاندەك، يىل دەۋرى جەھەتتىن ماس كېلىشى كېرەك، ئەللىرى تەزكىرسى> دىكى ۋەيران بولۇش بۇنىڭ ئىسپاتى دېگەنلىك تولىمۇ مەنتىقىسىز قاراشتۇر. ناۋادا گۈمۈرۈلدى دېگەن جايدىن تېپىلغان مەلۇم دەۋرىيلىكنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولغان بۇيۇم ئارقىلىق گۈمۈرۈلۈش دەۋرىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولسا، يەنە كېلىپ كروراننىڭ ۋەيران بولۇش دەۋرى بىلەن ماس كەلسە، ئاندىن بۇ قاراشنى قوللاشقا بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرەلىسە، بۇ خىل قاراشنى مۇشۇ سىرنى ئاچتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.
كرورانلىقلار كىم؟ كرورانلىقلارنىڭ مىللىتى، ئىرقى، تىلى مەسىلىلىرى ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر بولدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قارۇشتى يېزىقى ۋە شۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تىلنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىلدى، بۇ ھۆكۈملەرنى ئاساسەن بىتەرەپلىمە دېيىشكە بولىدۇ. مەن تۆۋەندە يازما پاكىتلار ئارقىلىق كرورانلىقلارنىڭ ئارىيانمۇ، ھىندىمۇ، توخارمۇ ئەمەس، بەلكى ئەينى زامان ماتېرىياللىرىدا ئېنىق خاتىرىلەنگەن <خۇلار> ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكچىمەن. پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى كرورانلىقلار توخرىلارمۇ ئەمەس، ئارىيانلارمۇ ئەمەس، كرورانلىقلاردۇر دەيدۇ، ئۇنداقتا بۇ شانلىق مەدەنىيەتنى ياراتقان بۇ كرورانلىقلار زادى كىم؟ <جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىدىن تېزىس> ناملىق كىتابتا <مىللەت نۇقتىسىدىن ئايرىغاندا، لوپ )若羌> ئاھالىلىرى 羌氐 سىستېمىسىغا كىرىدۇ، چەرچەن خانلىقى ئاھالىلىرىمۇ ئوخشاش … لوپ، كروران )كېيىن چەرچەنگە ئۆزگەرتىلگەن> … ھەممىسى 羌氐 سىستېمىسىدىكى ئوخشاش مىللەتتۇر. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئاساسلىقى بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى، جۈملىدىن قۇرۇم رايونىدىن پامىرغىچە سوزۇلىدۇ> )134 - بەت> دېيىلگەن، ئۇنداقتا قەدىمكى كرورانلىقلار 羌氐 سىستېمىسىدىكى ئاھالىمۇ؟ بۇ ھەقتە تارىخىي يازمىلاردا كرورانلىقلار خۇلاردۇر، دېيىلگەن. ئۇنداقتا ئۇلار كىم؟ تۆۋەندە بىز پاكىتلارغا ئاساسەن بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەيمىز. كرورانلىقلارنىڭ مىللىتى مەسىلىسىدە 400 - يىلى راھىب فاشەن مۇنداق دەپ يازغان:
鄯善国...可有4000佘僧,悉小乘学。诸国俗人及沙门
尽行天竺法,但有精粗。从此西行,所经诸国类皆如是:唯国
国胡语不同,然出家人皆习天竺书,天竺语。住此一月日。(<قەدىمكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ھەم شەرھى>، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 4198 - يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 32 - بەت.)
مۇشۇ باياندا ئۇچرايدىغان خۇ )胡> تىلىنىڭ ھەرگىزمۇ ھىندىلارنىڭ تىلى ئەمەسلىكى ھەققىدە <شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى> نىڭ بىرىنچى قسىمىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يېزىلغان: <فاشەننىڭ )ئۇلارنىڭ تىلى><بۇ دۆلەتلەردىكى خۇلارنىڭ تىلى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ> دېگەن سۆزلىرى مانا شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ تىلىغا قارىتىلغان. ئۇ مانا شۇنداق <خۇلارنىڭ تىلى> نى <ھىندى تىلى> بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالىدۇ. بۇ ھال ئۇ تىللارنىڭ بىر - بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. فاشەن بۇ تىلنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىقى بارلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە دېمىگەن. بۇ ھال ئۇ چاغلاردا يەرلىك خەلقنىڭ تېخى ئۆز يېزىقى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەرلىك ئاھالىلەر ئاساسەن مەلۇم بىر خىل تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە غەربكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن،ئاشۇ يەرلىك ئاھالىلەر ئاسانلا ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن>.
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە <يۈنخې ئايمىقىنىڭ ناھىيىلەر تەزكىرىسى> دە مۇنداق بايانلار بار:
纳职县贞观四年置。其城鄯善人所立,胡为鄯善为纳职,因名县焉
مىلادىيە 519 - يىلى ئەتراپىدا چاقىلىقتىن ئۆتكەن راھىب سۇڭ يۈەن قاتارلىقلار چەرچەن خانلىقىنى تۇيغۇنلارنىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى، بۇ خانىدانلىقتا 3000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ بارلىقىنى، ئاھالىسىنىڭ غەربىي ئۇيغۇر )西胡> ئىكەنلىكىنى يازغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە <شاجۇ ۋە ئېۋىرغولنىڭ جۇغراپىيە تەزكىرىسى> دە، <جېڭگۇەن يىللىرى سەمەرقەنتلىك سەردار كاڭ يەندەن باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئاھالە شەرققە كېلىپ مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى، خۇلارمۇ شۇنىڭ بىلەن كېلىپ ئولتۇراقلاشتى> دېيىلگەن. يۇقىرىدا كۆرگەنلىرىمىز 400 - يىلىدىن كېيىنكى ئۇچۇرلار بولۇپ، 400 - يىللاردىن 700 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا لوپ كۆلى ئەتراپلىرىدىن تارتىپ تاكى چالماداناغىچە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنىڭ 胡 دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆپىنچە ماتېرىياللاردا خۇلار سەمەرقەنتتىن كەلگەن، دېيىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە خۇلار كاڭ يەندەن كەلگەندىن كېيىن كەلگەن بولۇپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن چەرچەنلىك خۇلار بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇلارنىڭ سودا ئۈچۈن ياكى ھاياتلىق ئۈچۈن سەمەرقەنتتىن چاقىلىق دائىرىسىگە كېلىشىنىڭ ئۇنچىلىك زۆرۈرىيىتى يوق، جۈملىدىن سودىغا ماھىر سوغداقلارنىڭ چوڭ شەھەرلەردە بولۇشى تېخىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. ئۇنداقتا 400 - يىللاردىن بۇرۇن، يەنى كروران - چەرچەن خانلىقى دەۋرىدە مۇشۇ رايوندىكى ئاھالىنىڭ قانداق ئاتالغانلىقى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر بارمۇ؟ مۇشۇ زېمىندا ياشىغانلار بىرەر ئۇچۇر قالدۇرغانمۇ - يوق؟ ئەلۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار. ئۇنىڭغا <لوپنۇرغا ئائىت ماتېرىياللاردىن توپلام> دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن مۇشۇ رايوندىن تېپىلغان خەنزۇچە پۈتۈكلەر بىزنى پاكىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مەسىلەن، 1980- يىلى شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى كروران خارابىسىدىكى ئۈچ ئېغىز ئۆينى سىناق تەرىقىسىدە قازغاندا چىققان 037- نومۇرلۇق پۈتۈكتە 赎胡女 律令 دېگەن خەتلەر ئۇچرايدۇ، بۇ پۈتۈكتە خۇ قىزى 胡女> نىڭ گۆرۈگە قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇشۇ رايوندىن تېپىلغان خەنزۇچە پۈتۈكلەر ئىچىدە مۇنداق ئاتالغۇلارمۇ ئۇچرايدۇ: 胡牛، 胡驼، 胡索، 胡布، 胡向梨، 胡阿宗有白绢، 胡秋儿، 胡梨友، 胡铁، بۇلاردىن باشقا 604 - نومۇرلۇق يادىكارلىقتا 兵支胡管支، 606 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە 胡蓬高<لوپنۇرغا ئائىت ماتېرىياللاردىن تاللانما توپلام>، <شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى> ژۇرنىلى، 1992 - يىلى، خەنزۇچە نەشرىگە قاراڭ.434 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە 兵支胡蒲成兵支胡重寅右二人共字驴四岁 دېگەن خەتلەر ئۇچرايدۇ.
پروفېسسور ۋاڭ شۇچۈن يەنە كرورانغا ئائىت ئۇچۇرلاردا يولۇقىدىغان 胡桐 نىڭ <توغراق>نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى 桐 خېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى <توغراق> سۆزىنىڭ قىسقارتىلما تەلەپپۇز تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن باشلاپلا مۇشۇ زېمىندا ياشىغان كىشىلەرنىڭ 胡 دەپ ئاتالغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتىدىن ئىبارەت. لى يەنشۇ 659 - يىلى يېزىپ پۈتتۈرگەن <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> ناملىق ئەسەردە <غۇزلارنىڭ)胡> تىلىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن غەربىي يۇرتقا باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن>،<ئاتا - بوۋىلىرى غەربىي يۇرتلۇق غۇز سودىگەرلىرى بولۇپ> قاتارلىق جۈملىلەر بار بولۇپ، مانا بۇلارنىڭ ئۆزى تارىم ۋادىسىدىكىلەرنىڭ 胡 دەپ ئاتالغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. لېكىن بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلاش زۆرۈركى، خۇ دەپ ئاتاشمۇ پەرقلەندۈرۈلگەن، مەسىلەن، 西胡 دەپ ئاتالغانلار ئامۇ ۋە سىر دەريا ۋادىلىرىدىكى خەلقلەرنى 胡 غەربىي يۇرتتىكىلەرنى كۆرسەتكەن، سوغداقلار 康居胡 دەپ، يۈرچىلەر 月支胡 دەپ، پارسلار 波斯胡 دەپ، توققۇز جاۋۇپ ئۇيغۇرلىرى 九姓胡 دەپ، چياڭلار 羌胡 دەپ ئاتالغان. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 胡 مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا ھۇنلار ۋە غەربىي يۇرتتىكىلەرنىلا ، ھۇنلار ئاجىزلىشىپ تارىخ سەھىنىسىدىن يوقىلىشقا باشلىغانسېرى غەربىي دىيارلىقلارنىلا كۆرسىتىدىغان خاس ئاتالغۇغا ئايلانغان. ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن غەربىي دىيارلىقلار بىلەن ھۇنلار ئوخشاشلا خۇ دەپ ئاتىلىدۇ؟ ئەمما باشقىلار پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟ بۇ مەسىلە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىنىشقا ئەرزىيدۇ. <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> دە <قاڭقىللار— قەدىمكى قىزىل دىلارنىڭ قالدۇق قوۋمى بولۇپ، دەسلەپتە دىلىلار دەپ ئاتالغان. شىماللىقلار تېلىلار دەپ قارىغان، خۇاشيالار بولسا قاڭقىللار، دىڭلىڭلار دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ تىلى ھۇنلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما قىسمەن پەرقلىنىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ھۇنلارنىڭ جەمەتىدىن، دېيىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دى، ئۇيغۇر، قۇغۇرسۇ، چۆبە، قۇتلۇق، غۇز، ئىزگىل قاتارلىق قەبىلىلىرى بار… تېلىلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - قوۋملىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، غەربىي دېڭىزنىڭ شەرقىدىن تارتىپ تاغ - جىلغىلارنى بويلاپ جايلاشقان. تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا بۆكە، تۇڭرا،ئۇيغۇر، بايىرقۇ، بۆركلى قاتارلىق قوۋملار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېركىن دېيىلگەن. يەنە مىڭچىن، تۇرغىيىش، غۇن، قوشۇر قاتارلىق قوۋملار بار بولۇپ … ئېۋىرغولنىڭ غەربى، كىنگىتنىڭ شىما لى ۋە ئاقتاغ ئاقتاغ تەڭرىتاغنى كۆرسىتىدۇ> ئەتراپلىرىدا چۆبە، بۇلاق، ئازلار، سوپۇ، ناخ، ئوغۇز، خاككاس، ئېرتۇش، ئۇتغۇر قەبىلىلىرى بولۇپ … ئالتۇنتاغنىڭ غەربىي جەنۇبىدا سىر تاردۇش، ئاياۋىر، زاپاندىر، داش قاتارلىق قەبىلىلەر … كانىگىيەنىڭ شىمالى، ئېدىل دەرياسى بويلىرىدا ئادىز، گاسار، باخۇ، پېچىنەك، ئارال دېڭىزلىقلار، ھابىيىچ، چەرچەس، بايىرمۇ، گوت قەبىلىلىرى … پەرەڭنىڭ شەرقىدە ئاسكىل، ئالانىيلار، باشقىرت، قۇترىغۇر، خوئۇم قاتارلىق قەبىلىلەر بولۇپ … تىنگى دېڭىزنىڭ كاسپى دېڭىزىنى كۆرسىتىدۇ> شەرقى ۋە غەربى تەرىپىدە سارۇغۇر، ساسكىن، مەرچى، سارقىش … گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - قەبىلىلىرى ئوخشاشمىسىمۇ، ھەممىسى تېلى دەپ ئاتىلاتتى … تېلىلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى تۈركلەرنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشايدۇ … قاڭقىللارنىڭ قالدۇق قوۋمى ئۇيغۇر غۇزلارغا …>. تاڭ دەۋرىگە ئائىت ماتېرىياللاردا ئۇيغۇرلار ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دەپ يېزىلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھۇنلار تۈركىي تىللىق، تۈركىي خەلق <جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى> ناملىق ئۈچ توملۇق كىتابقا قاراڭ>. بۇنىڭدىن باشقا، لوپنۇر خەلقى ئارىسىدا <ئۇ چۇلۇقۇ ئۇرۇغۇ> دەپ باشلىنىدىغان بىر تارىخىي قوشاق بار، بۇ قوشاقتىكى چۇلۇق دېگەن تارىخىي شەخسنىڭ <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى ناملىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان خاقان چۇلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مويدىن سايىت قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان. بىز مانا مۇشۇ 7 -، 8 - ئەسىرلەردىكى تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىدىغان بولساق، ھۇنلار بىلەن غەربىي دىيارلىقلارنى ئوخشاشلا نېمە ئۈچۈن خۇ دەپ ئاتىغانلىقىنى بىلىمىز. كرورانلىقلارنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاشتا پاكىت بولالىغۇدەك يەنە باشقا ماتېرىياللار بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، ئۇلار بولسىمۇ 7 -، 8 - ئەسىرلەردە مۇشۇ زېمىننى ئىدارە قىلغان تۈبۈتلەرنىڭ يازما يادىكارلىقلىرىدىن ئىبارەت. <غەربىي يۇرت تەتقىقاتى> ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 1 - سانىدا گوپىڭلياڭنىڭ <纥، خور ۋە ئۇيغۇر> ناملىق ماقالىسىدە يېزىلىشىچە، چاقىلىقتىن تېپىلغان تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە ئۇچرىغان hor ئىبارىسى تەرجىمىدە ئۇيغۇر 纥回> دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: <باشقا ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئەينى ۋاقىتتا تۈبۈتلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدە خېشى، شاجۇ رايونلىرىدا ھەقىقەتەن hor لار بار ئىدى، زاڭزۇلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىدىن قارىغاندا hor شەكسىزكى قەبىلە ياكى ئۇرۇق نامى ئىدى>. تۈبۈتچە 100 - نومۇرلۇق يادىكارلىقتا: <ئىت يىلى، ئەل بولغان hor قەبىلىسىدىن 温列肯 چەرچەنگە سۆھبەتكە ئەۋەتىلدى …> دېيىلگەن. 146 - نومۇرلۇق پۈتۈكتىمۇ <… ئۇ ياڭ بېيزى يان تەرەپتىن يوشۇرۇنغان بىر نەپەر خور پايلاقچىسى بار، ۋۇشياڭزەن دۈشمەن قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى، ئەھۋال ئېغىر … ئىلگىرى بىر قېتىم ئىزدىگەن…>دېيىلسە، 525 - پۈتۈكتە <خور قەبىلىسىگە ئەل بولغان جياڭ ماجى>، 256 - پۈتۈكتە <خور ئادىمى ناۋ شۈڭ مەلۇم قىلدى> دېگەن جۈملىلەر بار. بۇ پۈتۈكلەر ھازىرقى چاقىلىق، يەنى قەدىمكى كروران دىيارىدىكى مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى نامى بىلەن باغلىنىپ كەلگەن. 100 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە خاتىرىلەنگەن ئەل بولغان خور قەبىلىسىنىڭ ئادىمىنىڭ كرورانغا سۆھبەتكە ئەۋەتىلىشى تېخىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا چەرچەندىكى ئاھالىلەر خور بولمىغىنىدا ئىدى، بەلكى باشقا بىرى ئەۋەتىلىشى مۇمكىن ئىدى، ئەل بولغان بۇ كىشى چەرچەنلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. ۋ· توماسنىڭ <لوپ رايونىدىكى تۈبۈتچە پۈتۈكلەر توغرىسىدا> ناملىق ماقالىسىدە ئېلان قىلغان 43 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە < … بىز كىچىك لوپتىن كەلدۇق، سەككىز نەپەر خور ھاممالچىنى ياللىدۇق …> دېيىلگەن، 39 - پۈتۈكتە <خورلاردىن بەييۈسا، ئۇلار بىر ئەركەك قوتاز، ئىككى چىشى قوتازنى ئارتۇق ئېلىپ كەپتۇ)؟>. ئۇلار قوتازلارنى ئوبدان ساقلىيالماپتۇ … تاپشۇرۇلىدىغان جاي كىچىك لوپقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى …> دېگەن جۈملىلەر بار. بۇلار مۇشۇ رايوندا خور دەپ ئاتالغان ئاھالىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە ئۇچرايدىغان خور ئاتالغۇسىنى ئۇيغۇر دەپ تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئىزاھ بېرىلگەنىكەن. يۇقىرىقىلاردىن تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە ئۇچرايدىغان hor نىڭ مىلادىيىنىڭ بېشىدىن تارتىپ مۇشۇ رايوندا ياشىغان胡 بىلەن مەنبەداشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. گو پىڭلياڭ ئەپەندى خەنزۇچە ۋە تۈبۈتچە پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلىپ ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ: <يۇقىرىقى ئەھۋال شۇ چاغلاردا ئىككى خورلار توپى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىرى، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر خانلىقى بولۇپ، تۈرك يېزىقى بىلەن ئويۇلغان ئابىدىدە ئۇيغۇر دېيىلگەن. … يەنە بىر خورلار توپى غەربىي يۇرتتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئازراق، ئوينىغان رولىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمەس ئىدى، شۇڭا كىشىلەر ئانچە بىلمەيتتى … ئۇلارنىڭ خور دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى روشەنكى، ئاۋۋال تۈبۈتلەر شۇنداق ئاتىغان، كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنى شۇنداق ئاتايدىغان بولغان دەيدۇ>.ئەمەلىيەتتە گو پىڭلياڭ ئەپەندى غەربىي يۇرتتا خور دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، باشقىلار بۇ ھەقتە كۆپ توختالمىغىنى ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن <سانى ئازراق> دېيىشكە مەجبۇر بولغان، لېكىن خور ئاتالغۇسىنى ئاۋۋال تۈبۈتلەر قوللانغان، كېيىن ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتايدىغان بولغان دېگەن قارىشى خاتا كەتكەن، يۇقىرىدا بىز خەنزۇچە پۈتۈكلەردىن مىلادىيىنىڭ باشلىرىدىلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى خۇ胡> دەپ ئاتىغىنىنى بىلەلەيمىز، ھېچ بولمىغاندىمۇ خەنزۇچە پۈتۈكتە ئۇلارنى شۇنداق ئاتىغان. ئاپتور ياڭ مىڭ <تاڭ دەۋرىدىكى تۈبۈتلەر ئىشغالىيىتىدىكى چەرچەنگە ئائىت بىر قانچە مەسىلە> ناملىق ماقالىسىدە، <خەن دەۋرىدە كروراننىڭ نامى چەرچەنگە ئۆزگەرتىلگەن، ۋېي دەۋرىدە ئىشەمدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەندىن تارتىپ چەرچەن مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولغان. خەن، تاڭ دەۋرلىرىدە بۇ يەردىكى ئاساسلىق ئاھالىلەردىن چەرچەن ئۇيغۇرلىرى 鄯善胡>، خەنزۇلار، سىيانپىيلار، تۇيغۇنلار، سەمەرقەنتلىكلەر بار … تۇيغۇنلار چەرچەن ئۇيغۇرلىرىدىن باشقا چەرچەننىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىلىرىدىن>دەيدۇ. ئاپتور ئۆز ماقالىسىدە چەرچەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەرلىك قەدىمىي ئاھالىلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. <تۈبۈتچە يادىكارلىقلاردىن ئومۇمىي بايان> ناملىق كىتابقا چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىن تېپىلغان تۈبۈتچە يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 400 پارچىگە يېقىن> ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: <تۈبۈتلەر ئۇيغۇرلارنى خور دەپ ئاتايتتى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا موڭغۇللارنى خور دەپ ئاتىغىنى بىلەن ئوخشىمايدۇ. p.t.128 نومۇرلۇق <شىمالدىكى ئەللەرنىڭ خان پادىشاھلىرى ھەققىدە> دە، hor غا بىر قەدەر ئوچۇق ئىزاھات بېرىلگەن. كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ
پىكرىگە ئاساسلانغاندا، hor دېگەن سۆز hoyohor سۆزى 回纥،韦纥> نىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكلىدۇر، 8 - ، 9 - ئەسىرلەردە شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق نامىغا ئايلانغان> دەيدۇ. ئۇيغۇرشۇناس دوكتور ياڭ فۇ, شۆ ئەپەندى دېگەن ئەسەر بىلەن شىنجاڭدىن تېپىلغان تۈبۈتچە پۈتۈكلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇدۇللىشىدىغان سۆزلەم ئۇيغۇر بولۇپ، بۇ تەڭداشلىق تۈبۈتچە، خەنزۇچە <ئۇدۇن ئېلىنىڭ خاتىرىلىرى> دىمۇ ئىنتايىن توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن> دەيدۇ ھەمدە تۈبۈتچە ۋە خەنزۇچە نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ، مورى ماساۋ ۋە مويىن ۋېيشەن قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقات ئارقىلىق چىقارغان ھۆكۈملىرىنى قوللايدۇ.
تارىخىي ماتېرىياللاردىكى خور ۋە تۈبۈت يېزىقىدىكى خور مەسىلىسىگە چوڭقۇرلاپ قارايدىغان بولساق، زاڭزۇ، تۇزۇ، ئۇيغۇر مىللەتلىرىدە <گېسار> ناملىق ئېپوسنىڭ بارلىقىنى، ھەممە كىشى بىلىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ <گەيسار> ياكى <گېسار> نامىدا تارىخىي قىسسە ساقلانغان بولۇپ، دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەر كۆپ، ئالىملار بەزى قىممەتلىك بايانلارنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
1954 - يىلى سۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك رەئىسى، يۇغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەبىلە باشلىقى ئەنگۇنبۇشىجا <بىزلەر خورلاردۇرمىز، ئىلگىرى يۇغۇرلار <خانتەڭرى> )خان دەڭگىر>گە ئېتىقاد قىلاتتى، مەيلى غەربىي يۇغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن ياكى شەرقىي يۇغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، <خان دەڭگىر> دەپ ئاتايتتى. بىراق يەرلىك زاڭزۇلار <خورتاي> دەپ ئاتايتتى، بۇ يۇغۇرلارنىڭ ئىلاھى دېگەن مەنىدە>دەيدۇ. ئالىملارنىڭ <زاڭزۇچە قەدىمكى ئەسەرلەردە، شىمالدىكى مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى hor دائىم كۆرۈلىدىغان مىللەت نامى. بىراق، خور قايسى مىللەتنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئالىملارنىڭ قارىشىمۇ ھەر خىل. ھازىر ئادەتتە زاڭزۇچە ئەسەرلەردىكى خور كەڭ ۋە تار ئىككى خىل ئۇقۇمغا ئىگە، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تاڭ ۋە سۇڭ دەۋرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى كۆرسەتكەن.سىتەين: خورلار مىلادىيە 800 - يىللىرى ئەتراپىدا گەنجۇ رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردۇر، دەپ قارايدۇ. يۈەن سۇلالىسىدىن كېيىن خورلار موڭغۇللارنى كۆرسەتكەن. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، زاڭزۇچە يادىكارلىقلاردىكى خور ئومۇمەن شىزاڭنىڭ شىمالىي ئېگىزلىكتىكى خور سىستېمىسىدىن چىققان چارۋىچى مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ … يۇغۇرلارنىڭ باشقا تارىخىي رىۋايەتلىرىدە 黄帐王 يۇغۇرلارنىڭ خاقانىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا چاررۇسىيە ئېكسپېدىتسىيىچىسى پوتانىن ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە <مەلۇم يۇغۇرلار خور 黄帐王 لا يۇغۇرلارنىڭ ھەقىقىي خاقانلىرىدۇر> دەيدۇ. بەلكى يەنە ئۇ يۇغۇرلارنىڭ ئىچىدە <خور 黄帐王 نىڭ بېھىساب ئات ۋە يىلقىسى بارلىقىنى بايقىغان> <جۇڭگو يۇغۇر مىللىتى تەتقىقاتىدىن توپلام> نىڭ 385 - بېتىگە قاراڭ>، موڭغۇللار يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خور دەپ ئاتالغان، ئەمما تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈبۈت - زاڭزۇ خەلقىنىڭ قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى ماتېرىياللارغىچە خور ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارنى ھەمدە سېرىق ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىپ كەلگەن، مانا يېقىنغىچە بۇ ئاتالغۇنىڭ يۇغۇرلارنى كۆرسىتىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرىدىغان بولساق، ھەقىقەتەن تۇيغۇنلارنىڭ 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ يەرگە كىرگەنلىكىنى، ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە يېزىلىشىچە، تۈبۈتلەر مۇشۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ تۇرغان 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 9 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا چوڭ چەرچەن -nob-ched-po چوڭ لوپ — ھازىرقى چاقىلىق بازىرى>، كىچىك چەرچەن -nob-chungu كىچىك لوپ — ھازىرقى مىرەن، شەھىرى سابىز tshal-byi ھازىرقى ئاياغقۇم كۆلى ئەتراپى، كىتىك kadag، udzom، rgodtsang قاتارلىق شەھەر - بازارلار بولغان، تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە يەنە carcan~cercen ئاتالغۇسىمۇ قوللىنىلغان، شۇنداقلا تۈبۈتلەر مۇشۇ زېمىننى ئىشغال قىلغان ۋاقىتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر پاكىت تۈبۈتچە پۈتۈكلەر گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ> ۋە <ئىرق بىتىگ> دۇر. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىچە، بۇ تۈرك - رونىك يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنىڭ دەۋرى تۈبۈتچە پۈتۈكلەردىن بالدۇر ئىكەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا hor ۋە 胡 بىر مەنبەدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر نامىدىكى <غۇر> بىلەن قانداق باشلىنىشى بارلىقىنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. تۈبۈتچە يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلغۇچىلار بۇنىڭ دەل <ئۇيغۇر> نامىدىن قىسقىراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مىلادىيە 5 - ئەسىردە غەربكە كۆچكەن ھۇن قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر ئىچىدە onhur،utrighur، sarahur، onghur، kutrighur قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ بولغانلىقى غەرب مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن. بۇ مەنبەلەر بىزگە ئۇيغۇر نامىنىڭ مىلادىيە 5 - ئەسىردىن خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بۇ ناملارنىڭ بىز يۇقىرىدا كۆرگەن خور نامى بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشى بارلىقىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بەزى ئالىملار يەنە تارىخىي مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغانuighur، oghur، 乌古،护骨،纥骨 لار بىر نامنىڭ بىر قانچە خىل يېزىلىشى، دەپ قارايدۇ، مانا مۇشۇلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇر نامىنىڭ ئەنە شۇ خور ~ خۇر نامى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بارلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.
خەنزۇچە مەنبەلەردە 胡 خېتى خېلى كەڭ دائىرىدە قوللىنىدۇ، لېكىن يەنىلا مەلۇم دائىرىدە پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مۇئەللىپلىرى قەدىمدە شىمالدىكى قوشنىلىرىنى ياۋايىلار دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، يەنە 胡 لار دەپ ئاتىغان، ئەمما جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى ۋە ئىرقى، مىللىي پەرقىنى ھېسابقا ئېلىپ 东胡،西胡،胡 دەپ ئاتىغان. بۇ ئاتالغۇلار جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن پامىرنىڭ غەربىدىكىلەر 西胡دەپ، ھۇنلارنىڭ شەرقىدىكى قوشنىلىرى 东胡 بۇ ئىبارە ئەينى ۋاقىتلاردىكى توڭغۇسلار ئاتالمىسىنىڭ تەڭدىشى بولسا كېرەك> دەپ ، ھۇنلار ۋە غەربىي يۇرتتىكىلەر 胡 دەپ ئاتالغان. سېرىق ئۇيغۇر )يۈگۇ> يازغۇچىسى تۆمۈر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شىزاڭ ۋە گەنسۇ زاڭزۇلىرىنىڭ ئىچىدە خور دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسىم ئاھالە بار بولۇپ، ئۇلاردا شامان دىنىنىڭ بىر قىسىم قالدۇقلىرى ساقلانغان، ئۇلار مەشھۇر <گېسار> داستانىنى ئېيتمايدىكەن، سەۋەبى، ئۇنىڭدا خور بىلەن ئۇرۇش قىلغان بايانلارنىڭ بولغانلىقىدىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە زاڭزۇ خەلقى سېرىق ئۇيغۇرلارنى ھازىرمۇ <خور> دەپ ئاتايدىكەن، ئۇلار رەسمىي يېزىق ھۆججەتلىرىدە يەنە تۇزۇلارنى خور دەپ ئاتايدىكەن. 胡 خېتىنىڭ ئوقۇلۇشىغا كەلسەك، بەزى ئالىملار مىلادىيىنىڭ بېشىدا دەپ ئوقۇلاتتى دەيدۇ، ئەمما تىلشۇناس ۋاڭ لى ئەپەندى <خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكا تارىخى> ناملىق كىتابىدا سۈي - تاڭ دەۋرلىرىدە دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. گو شىلياڭ ئەپەندى <خەنزۇچە خەتلەرنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇز قوللانمىسى> دېگەن كىتابىدا دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى يازغان.
<خەننامە، ھۇنلار تەزكىرىسى> دىكى <强胡胡者天之骄子也南有大汉,北有> بۇ بايانلارنى پاكىت قىلىپ <ھۇنلارنىڭ 胡 دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 胡 خېتى قەدىمدە Ku دەپ ئوقۇلاتتى، بۇ تەلەپپۇز تەرجىمىسىدۇر. نۇرغۇنلىغان تارىخ كىتابلىرىدا <ھۇنلار بىردەك 胡 دەپ يېزىلغان> دەيدۇ ھەمدە <يېغىلىق دەۋرى تەدبىرلىرى، جاۋ تەدبىرلىرى> ىدە كۆرۈلىدىغان <武灵王胡服> دېگەن جۈملىدىكى 胡 ھۇنلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ يەكۈن چىقارغان. <جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى> دا مۇشۇ ئاتالغۇ ھەققىدە يەكۈن چىقىرىپ مۇنداق يازىدۇ: <胡 خېتى ئەسلىدە مەخسۇس ئاتالغۇ بولۇپ ھۇنلارنى كۆرسىتەتتى، كېيىن شىمالدىكى مىللەتلەر مۇشۇنداق ئاتالغان> دەيدۇ. ئۇلار مۇشۇ كىتابتا يەنە ھۇنلار ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: < ھۇنلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى شەنيۇ، گۇيفاڭ، روڭ، دى، خۇ قاتارلىق قۇملۇقنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ> دەيدۇ، مانا مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىن دى ۋە خۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، يەنە تاڭ دەۋرى مۇئەللىپلىرى ئۇيغۇرلارنىمۇ ھۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ بايان قىلىپ مۇشۇ باغلىنىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئاساسى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. <ھۇنلارنىڭ تىلىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملار بىردەك ئالتاي تىلى سىستېمىسىغا تەۋە، دەپ قارايدۇ، ئەمما بۇ تىلنىڭ موڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە ياكى تۈركىي تىللارغا تەۋە ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ بار، شۇنداقتىمۇ كۆپ سانلىق ئالىملار تۈركىي تىل ئائىلىسىگە تەۋە دەپ قارايدۇ> دەيدۇ. 1950 - يىللىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چاڭئەن ناھىيىسىدىن تېپىلغان ھۇن قەبرىسى ۋە موڭغۇلىيىنىڭ ئۇلانباتۇر شەھىرىنىڭ 70 ئىنگلىز چاقىرىمدىكى شىمالىدىن تېپىلغان ھۇن قەبرىلىرىدىن بايقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۇلاردا موڭغۇل ئالامەتلىرى ئەمەس، تۈرك ئىرقىغا خاس بولغان ئېگىز بۇرۇن، كۆزلىرى يوغان، ماڭلىيى كەڭرى، ساقاللىق، كۆكۈچ قارا كۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن <كۆكۈچ كۆزلۈك، ساقاللىق ھۇنلارنىڭ تۈركىي ئىرققا تەۋە ئىكەنلىكىنى ماددىي پاكىت بىلەن تەمىن ئەتتى> دەپ يازىدۇ ۋە <ھۇنلار گەرچە تۈركىي ئىرقتىن بولسىمۇ تۈرك مىللىتىنىڭ ئەجدادى ئەمەس> دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا، كرورانلىقلار مىلادىيىنىڭ بېشىدىلا خۇ دەپ ئاتالغان، بۇ گەرچە ھۇنلارنى كۆرسەتكەندەك قىلسىمۇ پاكىتلار ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. پاكىتلارغا ئاساسلىنىدىغان بولساق، كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقنىڭ مىللەت تەركىبى جەھەتتىن تارىخىي ئىزچىللىق ساقلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. كرورانلىقلار مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا 胡 دەپ يېزىلغان ھەم بۇ خىل ئاتىلىش 7 - ئەسىرگىچە، يەنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭگۇەن يىللىرىغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن، تۈبۈتلەر مۇشۇ رايوننى ئىشغال
قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە قالدۇرغان پاكىتلار ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن. تۈبۈتلەر شۇ چاغلاردا مۇشۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى hor دەپ ئاتاپ، بۇ زېمىندا ئۇلارنىڭ بارلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇلار ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ سېرىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بەردى ۋە خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 黄番، 黄头回纥دەپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى بىلەن مىللەت نامى تېخىمۇ توغرىلىنىپ <سېرىق ئۇيغۇر> نىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى قوللىنىلدى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن <تارىخى رەشىدىي> ۋە باشقا ماتېرىياللاردىمۇ بۇلارنىڭ خۇددى خەنزۇچە مەنبەلەردىكىگە ئوخشاش <سارىخ ئۇيغۇر> دەپ خاتىرىلىنىشى مۇشۇ زېمىندا ناھايىتى قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. پروفېسسور ۋاڭ شۇچۈەنمۇ 胡桐 دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە توغراق نامىدىن كەلگەن دەپ يازغان.
ئەينى چاغدىكى مەنبەلەردە نىيا )قارۇشتى پۈتۈكىدە nina دەپ خاتىرىلەنگەن>، چەرچەن 鄯善 )تۈبۈتچە carcan بولۇپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77- يىلىدىن باشلاپ، 鄯善 دەپ يېزىلغان، بۇ ھازىر چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىغا ئايلانغان>، nop~lop ھازىر لوپ دېگەن نام بار، بىر تۈركۈم قەدىمىي ئاھالە ئۆزلىرىنى لوپلۇق دەپ ئاتايدۇ، جاي ناملىرىدىن لوپنىڭ قېقىرى، لوپ كۆلى، لوپ لەنگەر دېگەنلەرمۇ بار. موڭغۇللار دەۋرىدىكى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 罗卜، ماركوپولونىڭ ساياھەتنامىسىدە LOP دەپ يېزىلغان>، لاپچۇق 纳职، ماتېرىياللاردا 7 - ئەسىردە چەرچەنلىكلەر قۇمۇلغا بېرىپ يۇرت بەرپا قىلغاندا، كونا يۇرتىنىڭ نامىدا ئاتىغان بولۇپ ھازىرمۇ لاپچۇق دەپ ساقلىنىپ قالغان>، كىتىك تۈبۈتچە يادىكارلىقلاردا kadag، خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 怯台 دەپ، ئۇيغۇرچە كلاسسىك كىتابلاردا كاتاك ~ كېتەك دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ، چاقىلىقتىكى بىر قەدىمكى شەھەرنىڭ نامى> دېگەندەك جاي ناملىرى ئۇچرايدۇ. 蒲昌海 نامى ئەينى تارىخىي دەۋردە لوپ كۆلىنى كۆرسەتكەن، بۇ پىچان كۆلى دېگەنلىكتۇر، بۇ دەل ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا ساقلىنىپ قالغان پىچان نامى بىلەن مەنە ئوخشاشلىقى بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا كۆل ئەتراپلىرىدا پىچان قومۇش تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك> كۆپ ئۆسكەنلىكتىن پىچان كۆلى دەپ ئاتالغان بولۇشى چوقۇم، بۇنىڭدىن باشقا يەنە لوپ كۆلىنىڭ بۆرە كۆلى )辅日海> دېگەن نامىچۇ؟ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تېخىمۇ تارتىدىغان يەنە بىر جاي نامى ئابدالدۇر.
ئابدال نامى سېرىق ئۇيغۇر نامى بىلەن بىرگە غەربكە كۆچكەن تۈركىي قەبىلىلەر تەركىبىدە كۆرۈلىدۇ، بەزى كىشىلەر يەنە ئابدال دېگەن نامنى ئۇيغۇر قەبىلىسى 阿嘀 نىڭ ئەسلىي مەنبەسى، دەپ قارايدۇ، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدىمكى جاي ناملىرى تاكى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. ناۋادا مۇشۇ ئاھالىنىڭ مۇشۇ جايدا ياشاش ئىزچىللىقى بولمىسا مۇشۇ جاي ناملىرى تاكى ھازىرغىچە ساقلىنارمىدى؟ ئۇيغۇرشۇناس دوكتور ياڭ فۇشۆ ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى پۇل سۆزى قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە كۆرۈلىدىغان muli ئىبارىسىدىن كەلگەنىكەن. بۇ ناملارنىڭ ھەممىسى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن. تۇيغۇنلار، تۈبۈتلەر، كۇشانلار يۇرچىلارنىڭ كېيىنكى نامى>، توخرىلار، خەنزۇلار مۇشۇ زېمىننى ئىستېلا قىلغان ياكى ياشىغان، لېكىن ھېچ بىرىنىڭ بۇ ناملارغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلار ناملارنىڭ 20 ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىپ قېلىشى بىزنىڭ يۇقىرىقى پىكرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
بىز يۇقىرىقى پاكىتلارغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە كرورانلىقلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز، <تارىخىي خاتىرىلەر>، <خەننامە> قاتارلىق كلاسسىك تارىخ كىتابلىرىدا كرورانلىقلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار كەمدىن كەم كۆرۈلىدۇ، ئەمما بىز يۇقىرىدا كۆرگەن خەنزۇچە ۋە تۈبۈتچە پۈتۈكلەر كرورانلىقلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خور دەپ ئاتالغانلىقىنى، خورلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆپىنچە ماتېرىياللاردا قارۇشتى يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن تىل مۇشۇ زېمىندىكى يەرلىك مىللەتنىڭ تىلى دەپ ئېلىنغان، بۇ خاتا قاراشتۇر. بۇ يېزىق ۋە يېزىقتا ئىپادىلەنگەن تىل شۇ دەۋردىكى ھاكىمىيەتنىڭ تىل - يېزىقىلىق رولىنى ئوينىغان، بۇ يېزىق ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن تىل شۇ دەۋردىكى كرورانلىقلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە كۇشانلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت. بۇنىڭغا بۈگۈنكى كۈندىكى تاجىك مىللىتىنى مىسال قىلساق، تاجىك مىللىتىنىڭ تىلى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ھازىرقى يۈگۇ مىللىتىمۇ خەنزۇ ۋە موڭغۇل تىللىرىنى ھەم يېزىقىنى قوللىنىدۇ. بۇ خۇددى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەرەب ياكى پارس تىللىرىنى دىنىي مۇناسىۋەت بىلەن ئۆگەنگەن، ئىشلەتكەن ئەھۋاللىرىغا ئوخشاش. بۇ يېزىقلارغا ۋە تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەردە كۆرۈلىدىغان ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرىگە قاراپ ئۇلارنى ھىندىلارنىڭ بىر قىسمى، كۇشانلار، ياۋروپالىقلار دېگەندەك يەكۈنلەرنى چىقىرىش تارىخقا ھۆرمەت قىلمىغانلىقتۇر. يەنە بەزىدە ئۇلار توخرىلار 月氏>، سوغداقلار دېگەندەك قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇلار خۇدىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈلۈپ خاتىرىلەنگەن تۇرۇقلۇق، بىر مەزگىل قوشنا ياشىغىنىغا قاراپ كرورانلىقلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئۇنداق ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەس، ھازىرقى تارىخىي پاكىت شۇكى، كرورانلىقلار ئەينى ۋاقىتتا خۇ دەپ ئاتالغان، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، مىللەت تەركىبى تۈبۈتلەر بۇ يەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. خەنزۇچە مەنبەلەردە بولسا 11 - ئەسىرلەردە ئاندىن مىللەت مەنبەسى ھەقىقىي، لېكىن مىللەت نامىنى ئەسلىي مەنىسىگە يېقىنراق قىلىپ <黄头回纥> دەپ خاتىرىلەنگەن. موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بۇ نام توغرىلىنىپ <撒里畏兀儿> دەپ قوللىنىلغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىمۇ <سارىغ ئۇيغۇر> دەپ خاتىرىلەنگەن، بۇلاردىن بىر قىسمى 14 - ئەسىرلەردە شەھەر - بازارلىرى ۋەيران بولغاندا، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شەرققە كۆچۈپ بارغان، ئۇلار ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى سارىغ يۇغۇر، شارا يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ، ئۇلاردا شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرغىچە ساقلانغان، تىلىدىمۇ ئاز مىقداردا ئەرەبچە سۆزلەملەر بار، ئەسلىدىكى يۇرتىدا، يەنى ھازىرقى چاقىلىقتا قالغانلىرى ئۆزلىرىنى يۇرتىنىڭ نامى بىلەن لوپتۇق ~ لوپلۇق دەپ ئاتايدۇ، بۇ نامنىڭ ئۆزىمۇ مىلادىيىنىڭ بېشىدا كۆرۈلىدىغان nap~nop، lop~lap نامىنىڭ بىۋاسىتە داۋامىدۇر. 9881 - يىلى 4 - ئايدا ۋېنگېرىيە <خەلق ھۆرلۈكى گېزىتى> نىڭ مۇخبىرى بەند ئىستىۋان گابور جۇڭگو مۇزىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئالىم دۇ ياشيۇڭنى زىيارەت قىلغاندا، دۇ ياشيۇڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن توپلاپ كەلگەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى قويۇپ بەرگەن، بەند ئىستىۋان گابور ناخشىدىكى بەزى سۆز - جۈملىلەرنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن باشقا، قايسى ناخشا ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلىگەن. بۇنىڭدىن پۈتۈن مەيداندىكىلەر ھەيران قالغان، بۇنىڭغا ھەتتا بەند ئىستىۋان گابورنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېرىق ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور جوڭ جىنۋېن ئەپەندى ۋە ئامېرىكىلىق ئالىم ئېسابىللا خورۋات سېرىق ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن ۋېنگېرىيە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا مەنبەداشلىق بارلىقىنى بايقىغان، مانا بۇلارنىڭ ئۆزى مۇشۇ رايوندىكى ئېتنىك مەنبەداشلىققا ئىگە قېرىنداشلارنىڭ غەربكە كۆچكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئانا ماكانىنىڭ ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ۋە ئوتتۇرا ئېقىنلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بەزىلەر 840 - يىلى موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇر خانىدانلىقىنىڭ ۋەيران بولۇپ ئاھالىنىڭ تارقىلىپ كېتىپ، بىر قىسمىنىڭ غەربكە كۆچكەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كرورانلىقلار ئۇيغۇر ئەمەس، لوپلۇقلار كۆچۈپ كەلگەنلەر دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن، لېكىن تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ يەرنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلار، مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى جاي ناملىرىنىڭ تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىلىشى، مىلادىيە 5 - ئەسىرگە مەنسۇپ سېرىق ئۇيغۇر نامىنىڭ بۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ نامى بولۇشى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە غەربكە كۆچكەن sabir لارنىڭ نامىنىڭ قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە كۆرۈلىدىغان supi ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغان 鲜卑 ناملىرى بىلەن يېقىن بولۇشى، بىزنىڭ كرورانلىقلارنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر، يەنە كېلىپ سېرىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇرۇنقى خەنزۇچە مەنبەلەردە موڭغۇلىيىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانىدانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن بولغاچقا، شۇلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىغان، لېكىن غەربىي دىياردىكىلىرى ئەينى دەۋرلەردە سىياسىي سەھنىگە چىقىپ، قوشنىلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگىنى ئۈچۈن، ئۇلار ھەققىدىكى خاتىرىلەر ناھايىتى ئاز بولغان، ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسمىنىڭ غەربكە كۆچۈپ بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ كۈچلۈك سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىدا، بۇ يەردە بىردىنلا ئۇيغۇر ھاكىمىيەتلىرىدىن نەچچىسى پەيدا بولغان، بەزى ئالىملار غەربىي دىياردىكىلەر <ئۇيغۇرلاشتى> دېسە، بەزى ئالىملار ھەتتا ئۇيغۇرلار بۇ يەردىكىلەرنى <قىرىپ تۈگەتتى> ياكى <ھەيدىۋەتتى> دېگەندەك ئاساسسىز پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەنلىرىدىن شىنجاڭ دائىرىسىگە كەلگەنلىرى 150 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ، بۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئاھالىسى مەيلى نوپۇس، ئىقتىساد، ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن، غەربكە كۆچكەنلەردىن خېلىلا ئۈستۈن ئىدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئارىدىن 200 يىللار ئۆتكەندە ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا سوغداق، پەچەنەك… قاتارلىق بىر قانچىلا غەيرىي تۈركىي قەبىلىلەرنى تىلغا ئالىدۇ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار قىسقىغىنا 200 يىلدا شۇنچە كۆپ ئاھالىنى ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ كەتتىمۇ؟ ئۇلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇددا دىنىغا كىرگەنلىكىنى، چارۋىچىلىقتىن يېزا ئىگىلىكىگە ئۆتكەنلىكىنى كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىكىلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى
تونۇپ يېتىمىز، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ جاۋابى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ خۇددى گو پىڭلياڭ ئەپەندى ئېيتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى توپى بولۇپ بىر توپى موڭغۇلىيىدە خانلىق قۇرغان، بىر توپى غەربىي دىياردا، يەنى ھازىرقى شىنجاڭدا ئىدى، لېكىن سانى ئۇنچىۋالا ئاز ئەمەس. بۇ يەردە شۇنىمۇ تولۇقلاپ قويۇش لازىمكى، مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا غەربىي دىيارا ئۇيغۇرلار يەرلىك ئاھالە بولۇش بىلەن بىرگە يىپەك يولىنى بويلاپ سودا، مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بۇ يەرگە كەلگەن ۋە ئولتۇراقلىشىپ قالغان باشقا مىللەتلەرمۇ مەلۇم ساندا بار ئىدى، شۇ دەۋرلەردە بۇ زېمىندا ئۇيغۇر، خەنزۇ، تۇيغۇن، زاڭزۇلار ئارىلاش ئولتۇراقلىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان، لېكىن ئۇيغۇرلار ئىزچىل تۈردە مۇشۇ زېمىندا ياشاپ بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن. شۇڭىمۇ مۇشۇ زېمىننىڭ مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى جاي ناملىرىنى زامانىمىزغىچە قوللىنىپ كېلەلىگەن. تۈبۈت، تۇيغۇن قاتارلىق مىللەتلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقان. ئەمدى 氐羌 سىستېمىسىدىكى مىللەت دېگەن بايانغا كەلسەك، تارىخ كىتابلىرىدا يېزىلىشىچە 氐 بىلەن 羌 بىر مىللەت بولماستىن، بۇمۇ خۇددى بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي شىماللىق، غەربىي شىماللىق مىللەت ئايرىماستىن رايون بىرلىكى بىلەن ئاتىغانغا ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ، 氐 ئاتالغانلار قەدىمدە گەنسۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جايلارغا جايلاشقان، 羌 ئاتالغانلار بولسا قەدىمدە ھازىرقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇلارنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ يەرلىك قەدىمىي ئاھالىسى دېيىش بىر پەرەزدىنلا ئىبارەت بولۇپ، كۆپىنچە ماتېرىياللاردا بۇ خىل قاراش ئىنكار قىلىنىدۇ. بىز يۇقىرىدا كۆرگەن پاكىتلار كروران قاتارلىق قەدىمىي يۇرتلارنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ
كروراندىن كۆچكەن ئاھالىنىڭ تەقدىرى كروران ئېلىدىكى شەھەرلەر ۋەيران بولغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم ئاھالە ئۆز يۇرت - ماكانلىرىدا قالغان بولسا، بىر تۈركۈمى يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ قوشنا يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن. كۆچۈپ كەتكەن ئاھالىلەرنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە گەرچە تەپسىلىي يازما مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، بەزى خاتىرىلەردە ئۇلار ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر قالدۇرۇلغان. 5 - ئەسىرلەردىن باشلانغان سودا چەرچەننىڭ گۈللىنىشىگىمۇ زور پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن، نەتىجىدە قۇرۇم تېغى ئېتەكلىرىدىكى سۇپىسلار )سىيانپىي تۈركلىرى دېگۈچىلەرمۇ بار، بۇلارنىڭ زاڭزۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن> دائىم دېگۈدەك بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، بۇلىغان بايلىقلىرىنى ئېلىپ قايتقان، رورانلار ۋە ئېگىز ھارۋىلىق ئۇيغۇرلار كروران رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدا تۇتۇپ تۇرغان. <لياڭنامە. غەربىي شىمالدىكى روڭلار تەزكىرىسى>، <جەنۇبىي چىنامە. رورانلار تەزكىرىسى> قاتارلىقلاردا يېزىلىشىچە، 5 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 10 - يىلىدا رورانلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى )ئەينى تارىخىي ماتېرىياللاردا دىڭلىڭ، گاۋچې دەپ يېزىلغان> تىكلەنگەن، رورانلارنى ئاغدۇرۇشتا بولغان دەھشەتلىك ئۇرۇشتا كروران دىيارىنىڭ شەھەرلىرى زور تالاپەتكە ئۇچرىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇيغۇنلار ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدىن كروران رايونىنى تارتىۋالغان، تۇيغۇنلار ھاكىمىيىتى كروران رايونىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بايلىق ياراتقۇچىلارنىڭ ماكانى قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن ئەسلىي يەرلىك ئاھالىنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى مۇراجئەت قىلغان ھەمدە ئۆز ئېلىنى ئىدارە قىلىشقا يەرلىك ئاھالىدىن 安木深盘 ئىسىملىك بىرىنى باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەن، لىن مېيسۈن ئەپەندى بۇنى 542 - يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان 鄯米 نىڭ ئىنىسى بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ. مانا شۇ دەۋرلەردە ئىچكىرىگە ئەلچىلىككە بارغان بىر ئەلچىنىڭ رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، رەسىمدىكى كىشى بېشىغا ئۇچلۇق كىگىز قالپاق قۇلاقنى يېپىپ تۇرغان>، ئۇچىسىغا ئالدى
ئوچۇق ئۇزۇن چاپان كىيگەن بولۇپ، كروران رايونىدىن تېپىلغان جەسەتلەرگە ئوخشىشىدۇ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ تارمىقى لوپ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئەترىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىكىدەك <كروران گۈللەنگەن دەۋرلەردە لوپ كۆلى رايونى دەريا - ئېقىنلار بىلەن ئورالغان، يەر ئۈستى سۈيى مول، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق روناق تاپقان ئېكىنچىلىق ئېلى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 40% كە يەتكەن>. كروران شەھىرىنىڭ ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، ئاز بىر قىسمىنىڭ يۇرتىدا قېلىپ ھايات كەچۈرگەنلىكىنى جەزىم قىلىشقا يېتەرلىك پاكىتلار بار. بۇ ھەقتە لىن مېيسۈنمۇ <5 - ئەسىردىن كېيىن چەرچەن ئېلى ۋەيرا بولغان بولسىمۇ تارىم ئويمانلىقى ياكى باشقا رايونلاردا چەرچەنلىكلەر يەنىلا پائالىيىتىنى داۋام قىلدى> دەپ يازغىنىدەك، يەنە بىر تۈركۈم ئاھالە تۇرپان، قۇمۇل رايونلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. تەخمىنەن ئاھالىنىڭ يېرىمى، يەنى 4000 دىن ئارتۇق ئاھالە چالمادانا )ھازىرقى چەرچەن> غا كۆچۈپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋام قىلغان. خاقان بەگ روڭنىڭ ئىنىسى 442 - يىلى ئاكىسى بىلەن ئاھالىنى باشلاپ چالماداناغا كۆچمەستىن يۇرتىدا قېلىپ قۇتقۇ ئەنجۇغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن. 443 - يىلى قۇتقۇ ئەنجۇ شىمالىي لياڭ خانلىقىغا خاقان بولغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ خاقان ئەنجۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قۇمۇل، تۇرپان رايونىغا كۆچكەنلىكى بەزى تارىخچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 6 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەرچەن خانلىقى تەۋەسىدىكىلەردىن شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بار بولۇپ، شۇلاردىن بىرىنىڭ قەبرە تېشى 9311 - يىلى بايقالغان، بۇ ئايال تۇرپان خانلىقى تېگىنىنىڭ خوتۇنى بولۇپ، ئىسمى 鄯月光، يەنە 鄯乾 ئىسىملىك بىرىنىڭمۇ قەبرە تېشى 1930 - يىللىرى لوياڭ شەھىرىدىن بايقالغان بولۇپ، ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ ئاتىسى 鄯视 بولۇپ، ئېھتىمال <ۋېينامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى> دە تىلغا ئېلىنغان <جېندا> بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 鄯视 نىڭ ئاتىسى 鄯庞 بەگ روڭ بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداق بولغاندا، 鄯乾 نىڭ شىمالىي ۋېي سۇلالىسىگە كۆچۈپ بارغاغانلىقى، چەرچەن خانىدانلىقىنىڭ خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. 6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر تۈركۈم كرورانلىقلارنىڭ كۆچۈپ چاڭئەنگە بارغانلىقى <جۇنامە. يات ئەللەر تەزكىرىسى> دە خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدا <داتۇڭنىڭ 8 - يىلى )842 - يىلى> خاقان ئىنىسى 鄯米 ئاھالىلىرىنى باشلاپ تەۋەلىك بىلدۈردى> دەپ يېزىلغان. 671 - يىلى قازا تاپقان 鄯昭 ئىسىملىك بىرەيلەننىڭمۇ قەبرە تېشى لوياڭدىن تېپىلغان.
<شاجۇ - ئېۋىرغول تەزكىرىسى> دە مۇنداق بايانلار بار: <تاڭ دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا 鄯伏驼 ئىسىملىك بىر يەرلىك كىشى بار ئىدى، كۆك تۈركلەرگە تەۋە ئىدى، باج - سېلىق بەك ئېغىر بولغانلىقتىن شەھەردىكى بىر قىسىم ئاھالىنى باشلاپ چەرچەنگە قېچىپ بېرىپ، تۇيغۇنلارنىڭ ئىدارە قىلىشىدىكى چەرچەندە ئولتۇراقلاشقان… ئۇيغۇرلار چەرچەننى لاپ — لوپ )纳职> دەيدۇ> دېگەن جۈملىلەر بار. بىز يۇقىرىقى ماتېرىياللارغا ئاساسەن كروران شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى ئاھالىلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. ئالدى بىلەن ئېيتىدىغان بولساق، كروران رايونىنىڭ سەلتەنەتى 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، ئالدى بىلەن كروران ئېلى - چەرچەن خانىدانلىقى ئاغدۇرۇلغان، سۇپىسلار، رورانلار، تۇيغۇنلارنىڭ ھۇجۇملىرى شەھەر - بازارلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلەتكەن بولسا، ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىش، يەنى دەريالارنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىشى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېكىنىشى ۋە شۇ سەۋەبلىك تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئاھالە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن كروران رايونىنىڭ ئاھالىسى بىرقانچە توپقا — كەم دېگەندىمۇ ئۈچ توپقا بۆلۈنۈپ كەتكەن.بىرىنچى توپ 442 - يىلى خاقان بەگ روڭنىڭ باشچىلىقىدا چالماداناغا كۆچكەن. بۇلار خانىدانلىقنىڭ نامى <چەرچەن> نى ئۇنتۇماستىن، تەدرىجىي ئەسلىي يۇرتنىڭ نامى چالمادانانى سىقىپ چىقىرىپ چەرچەن دېگەن نامنى قوللانغان. ئۇ نام ھازىرغىچە شۇنداق قوللىنىلماقتا. ئىككىنچى توپ 4000 دىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، خاقان بەگ روڭنىڭ ئۇكىسى قاتارلىقلار يۇرتىدىن كۆچمەي قالغان ھەمدە ھۇن ئەلاۋدى قۇتقۇ ئەنجۇغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ توپ يەنە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى داۋاملىق يۇرتىدا ياشاپ قالغان بولسا، بىر قىسمى قۇتقۇ ئەنجۇغا ئەگىشىپ تۇرپان، قۇمۇللارغا كۆچكەن، تۇرپان، قۇمۇللارغا كۆچكەنلەر ئۈچىنچى توپ ھېسابلىنىدۇ. تۇيغۇنلار ھاكىمىيىتى ۋە تۈبۈتلەر ھاكىمىيىتى دەۋرىدە يۇرتتا يەنىلا يەرلىكمۇ بار بولۇپ، ئۇلار يۇرتىنى بازا قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان.7 - ئەسىردە، يەنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭگۇەن يىللىرىدا خېلى ساندىكى كرورانلىقلارنىڭ قۇمۇل رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ يۇرت بەرپا قىلغان، يۇرتىنىڭ نامىنى يېڭى گۈللەندۈرگەن يۇرتىغا ئىسىم قىلىپ قويغان، بۇ يۇرتنىڭ نامى مانا ھازىرمۇ كىچىك لوپ مەنىسىدە لاپچۇق دەپ ئاتالماقتا. تۇرپان، قۇمۇللارغا كۆچكەنلەردىن بىر قىسمى تېخىمۇ يىراقلارغا، جۈملىدىن چاڭئەن، لوياڭ قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بارغان. بىر قىسىم ئاھالىلەر بولسا تۇرپان، قۇمۇل، چالمادانا )ھازىرقى چەرچەن> قاتارلىق جايلاردا ياشىغان.ئەسلىي يۇرت - ماكانىدا، يەنى ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە قالغانلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆز ماكانىدا ياشاپ ئۆزلىرىنى ھازىرمۇ لوپلۇق~ لوپتۇق دەپ ئارىمىزدا ياشاپ كەلمەكتە، بۇلارنىڭ كروراندىن كۆچۈپ كىچىك دەريا ئېقىنىدا 11 - ئەسىرگىچە ياشىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.
كرورانلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى كرورانلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ئائىت بايانلار بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەتقىقات كىتابلىرىدا، جۈملىدىن بىز كۆرگەنلىرىمىزدە ناھايىتى ئاز بولدى، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارمۇ ئاساسەن خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى چەكلىك بايانلار ئاساسىدا قىسمەن ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ئاساس قىلىنىپ يۈرگۈزۈلدى، شۇڭا مەن ئىمكان بار خەنزۇچە، قارۇشتىچە يازما پاكىتلار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ئاساسىدا مۇشۇ ھەقتە كەڭ تۈردە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمەن. بىزنى ئاساسىي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگۈچى مەنبە قارۇشتى يېزىقىدىكى يازما پاكىتلار— بۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى كروران ئېلىنىڭ ئاھالىسى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھۆججەتلىرى ۋە باشقىلار بولۇپ، بىزنىڭ كروران ئېلىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەر چەرچەن خانلىقىدا مىلادىيە 112 - يىلىدىن 264 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھاكىمىيەت تىل - يېزىقى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان بولغاچقا، بىزنىڭ چەرچەن خانىدانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا زور ياردىمى بولىدۇ. بۇ پۈتۈكلەردىكى خاقانلار سەلتەنەت يىل دەۋرىنى قوشىدىغان بولسا، ھازىرغىچە بايقالغانلىرىدا كۆپ بولغاندىمۇ 96 يىل بولۇپ، قارۇشتى پۈتۈكلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەن يىل دەۋرىنى ۋاسىتىلىك ئىسپاتلاپ بېرىدۇ )مانا بۇلاردىن ھەرقانچە بولسىمۇ 200 يىلدىن ئاشمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ>.
كروران ۋە چەرچەن خانلىقلىرى ئەسلىدە بىر خانلىق بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى پارچىلىنىپ ئىككى خانلىققا بۆلۈنگەن. مىلادىيە 3 - ئەسىرگە كەلگەندە چەرچەن خانلىقى كروران خانلىقىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغان ۋە پايتەختىنىمۇ ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپلىرىدىن كرورانغا كۆچۈرگەن. خەنزۇچە كلاسسىك تارىخ ئەسەرلىرىدە خەن سۇلالىسى ئۆزى يۆلەپ تۇرغۇزغان چەرچەن خانلىقى ھەققىدە كۆپ توختالغان بولسىمۇ، كروران ھەققىدە توختالغانلىرى ناھايىتى ئاز بولغان. چەرچەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقىلىق رولىنى ئۆتىگەن قارۇشتى يېزىقى بىلەن يېزىلغان يازمىلاردا يەنىلا كروران نامى قوللىنىلغان بولۇپ، چەرچەن نامى تىلغا ئېلىنمىغان. خەنزۇچە پۈتۈكلەردە گەرچە كۆپىنچە چەرچەن نامىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا <ئەسلىدىكى كروران ئېلىدۇر> دەپ شەرھ بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئېنىق چۈشەنچە بەرمەكچى بولغان، مانا بۇلارنىڭ ئۆزىلا كروراننىڭ شان - شۆھرىتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، كروران خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ۋە باشقىلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز ناھايىتى ئاز، لېكىن چەرچەن خانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى قانۇن ۋە ھاكىمىيەتچىلىك ئەندىزىسىگە ۋارىسلىق قىلىشلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇلارنىڭ بىرخىل ھاكىمىيەت ئەندىزىسىدە دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ. بىز ماتېرىياللارنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى، بۇ ئىككى خانلىق ھەققىدە ئومۇملاشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرمىز.
خەنزۇچە ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى كروران ئېلىگە خاقان ئامگوكا 安归> ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ ھۇنلارغا مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن خەن سۇلالىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان، شۇنىڭ ئۈچۈن خەن سۇلالىسى فۇ جېزى قاتارلىق خەنجەرۋازلارنى ئەۋەتىپ، بۇ كروران خاقانىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇتۇش 尉屠耆> نى قورچاق خاقان قىلغان. خانلىق نامىنى چەرچەن دەپ ئۆزگەرتكەن، ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپلىرىنى پايتەخت قىلغان، خەن سۇلالىسى خانلىرى ئۇنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىۋالغان. خەنزۇچە ماتېرىياللارغا قارىغاندا، يەنە چەرچەن خانلىقىدا ئەن 安> ئىسىملىك بىر خاقانمۇ ئۆتكەن، خان ئەن ئاز دېگەندىمۇ مىلادىيە 38 - يىلىدىن 64 - يىلىغىچە خان بولغان، ياركەنت خانى چەرچەن ئېلىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ قايتقاندىن كېيىن ئەن داۋاملىق خانلىق قىلغان. مىلادىيە 110 - يىلى ئەتراپىدا چەرچەن خانى بولغىنى يۇخۇەن 尤还> بولۇپ، ئۇنىڭ قانچە ئۇزۇن خان بولغىنى نامەلۇم، ئۇنىڭ ئاپىسى خەن سۇلالىسىنىڭ قىزلىرىدىن بولغىنىغا قارىغاندا دادىسىنىڭ خان بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ خان ئەننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. مۇشۇنداق بولغاندا چەرچەن خانلىقىنىڭ خانلىرىنى ئۇتۇش- ئەن- يۇخۇەننىڭ ئاتىسى - يۇخۇەن ئىكەنلىكىنى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 7 - يىلىدىن مىلادىيە 110 - يىلىغىچە تۆت ئەۋلاد خاننىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
بۇ دەۋرلەردە چەرچەن خانلىقى زور داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن.
قارۇشتى يېزىقىدا پۈتۈلگەن چەرچەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ھەققىدىكى بايانلارنى ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلغىنىغا ئاساسلانغاندا، سەككىز خاقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكى مەلۇم بولغان. خاقانلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تەرتىپى ۋە خانلىق قىلغان يىلى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى ئەۋلاد خاقان: تومگاراكا tomgraka>، مۇشۇ خاقان دەۋرىدە قارۇشتى يېزىقى كروران ئېلىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنى ئالىملار ھازىرچە 22 يىل دەپ بېكىتتى، بۇ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈم.
ئىككىنچى ئەۋلاد خاقان: تاجاكا tajaka>، بۇ خاقاننىڭ پۈتۈكلەردە كۆرۈلىدىغان سەلتەنەت يىلىنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى ئۈچ يىل بولۇپ، ئالىملار بۇنىڭ يىل دەۋرىنىمۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 22 يىل دەپ قارايدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خاننىڭ ياشىغان ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىلى مىلادىيە 175 - يىلىدىن كېيىن 230 - يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ.
ئۈچىنچى ئەۋلاد خاقان: پېپىيا pepiya> بولۇپ، پۈتۈكلەردە كۆرۈلىدىغان سەلتەنەت يىلى سەككىز يىل، تەخمىنەن 230 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
تۆتىنچى ئەۋلاد خاقان: ئامگاۋاكا Amgvaka>، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق سەلتەنەتى پۈتۈكلەردە 38 يىلغا بارغان، ئەسلىي پۈتۈكتىكى يىل دەۋرىنىڭ 36 ياكى 46 ئىكەنلىكى تازا ئېنىق بولمىغاچقا، ئالىملار 36 يىلنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ، 38 يىل ھۆكۈم سۈرگەن دەپ قارىغان.
بەشىنچى ئەۋلاد خاقان: ماھىرى Mahiri>، پۈتۈكلەردىن مەلۇم بولغان سەلتەنەت يىلى 28 يىل بولۇپ، ئالىملار بەزى سەلتەنەت نامى خاتىرىلەنمىگەن پۈتۈكلەرگە ئاساسەن كەم دېگەندىمۇ 30 يىل ھۆكۈم سۈرگەن، دەپ قارىغان.
ئالتىنچى ئەۋلاد خاقان: ۋاسمانا Wasmana>، قارۇشتى پۈتۈكلەردە كۆرۈلىدىغان ئەڭ ئۇزۇن سەلتەنەت يىلى 11 يىل بولۇپ، ئالىملار ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. مايۇڭ ئەپەندى تەتقىقاتلار ئارقىلىق، بۇ خاقاننىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدىغان 元孟 ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. شۇنداق بولغاندا ۋاسمانانىڭ خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغان دەۋرى 335 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىگە توغرا كېلىدۇ.
يەتتىنچى ئەۋلاد خاقان: سۇلىكا sulica>، ئالىملارنىڭ يازما پۈتۈكلەردە بايقىغان سەلتەنەت يىلى بەش يىل بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىققا ئاساسەن 23 يىل دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئالىملار بۇ خاقان خاقان سۇمىتادىن بۇرۇن، دەپ بېكىتكەن.
سەككىزىنچى ئەۋلاد خاقان: سۇمىتا 休密驮> بولۇپ، خەنزۇچە يازمىلارغا ئاساسلانغاندا ئۇ مىلادىيە 382 - يىلى گۇساڭ دېگەن جايدا قازا تاپقان، شۇنداق بولغاندا سۇلىكا ۋە سۇمىتا خاقانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى 336 - يىلىدىن 823 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ، ھازىرچە بۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەپسىلىي ماتېرىيال بولمىغانلىقتىن، لىن مېيسۈن ئەپەندى بۇ يىل دەۋرىنى تەڭ ئىككىگە بۆلۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە كۆرۈلگەن يۇقىرىقى چەرچەن خانلىرىدىن باشقا، يەنە بەگ روڭ 比龙> ئىسىملىك بىر خاقانمۇ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ياشىغان دەۋرى مىلادىيە 440 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىگە توغرا كېلىدۇ. مىلادىيە 424 - يىلى ھۇنلاردىن قۇتقۇ جۇرچى قاتارلىقلار گەنسۇدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ كېلىپ تاجاۋۇز قىلغاندا، 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ چالماداناغا قاچقان. ئۇنىڭ تەختىگە ئوغلى ۋارىسلىق قىلىپ قالغان. خاقان بەگ روڭنىڭ ھاكىمىيەت تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتى 20 يىلدىن كەم بولمىسا كېرەك، مەنبەلەردە يېزىلىشىچە، 422 - يىلى ئۇ چەرچەن ئېلىنىڭ خاقانى ئىدى. 442 - يىلى ئۇ چالماداناغا قاچقاندىن كېيىن ئوغلى چېندا خاقان بولغان.
خاقان چېندا 真达>: بۇ خاقان 445 - يىلىغىچە چەرچەن خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان، بۇ چاغدا خانلىق ئېغىر ھايات - ماماتلىق سىنىقىغا دۇچ كەلگەن، ئۇ پىڭچىڭغىچە بېرىپ يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. 445 - يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا خانبەگ 韩拨> ئىسىملىك كىشى ھۆكۈمران بولغان.
خاقان شەنمى 鄯米> خاننىڭ قېرىندىشى بولۇپ، 542 - يىللىرى ئەتراپىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
بىز يۇقىرىقى كروران — چەرچەن خانلىرىنى بىلگەندىن سىرت، يەنە خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسەن مىلادىيىنىڭ ئالدى - كەينىدە لوپ ئېلى 若羌国> نىڭ چۇقۇراي 去胡来> ئىسىملىك خاقانى بارلىقى مەلۇم، بۇ خانلىق ئالتۇنتاغ ئىچىگە جايلاشقان، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ھاكىمىيەت بولۇپ، بەزىلەر بۇنى چياڭلارنىڭ رو ئۇرۇقى جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان دەيدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئۇ چاغلاردىكى 羌 ئاتالمىسى چاقىلىق دائىرىسىدە بىرەر مىللەت ياكى قوۋمنى كۆرسەتمەستىن، چارۋىچىلىق قىلىدىغان ئاھالىلەرنى كۆرسىتەتتى. ئەمەلىيەتتە 羌 خېتىنىڭ 羊 خېتى بىلەن مەنبەداشلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. تەتىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، لوپ ئېلى ئاياغقۇم كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈبۈتلەر ئىشغال قىلىپ تۇرغان چاغلاردىكى شەھىرى سابىز بىلەن بىر جاينى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئەتراپ ناھايىتى قەدىمدىن تارتىپلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان ماكانلاردۇر.
قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە كروران — چەرچەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرىنىڭ سەلتەنەت ناملىرى تۆۋەندىكىدەك: Maharaya raljatrayasa mahamtasa jahamtasa dhar miyasa
sacadharmasthidasa mahanu avamaha raya amkvaga de
vaputra…
ئۇلۇغ خاقان، خانلارنىڭ خانى، ئالىپ، ئادىل، توغرا قانۇننىڭ ئىجراچىسى، خاقان ئالىيلىرى، تەڭرىنىڭ ئوغلى ئامگوكا…
]بۇ خاقان ئامگوكانىڭ سەلتەنەتىنىڭ 19 - يىلىدىكى پۈتۈكتە كۆرۈلگەن سەلتەنەت نامى بولۇپ، بۇلاردىن يېقىن ئەتراپتىكى خان- پادىشاھلارنىڭ سەلتەنەت ناملىرىنى قوشۇپ قوللانغانلىقى مەلۇم بولىدۇ[.
چەرچەن خانلىقىنىڭ مەمۇرى ئىشلىرى
چەرچەن خانلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىدا يەنىلا قارۇشتى يېزىقى ۋە مۇشۇ يېزىقتا ئىپادىلەنگەن تىلنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان، بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىمىزمۇ مۇشۇ يېزىقتا ئىپادىلەنگەن ھاكىمىيەت ئىشلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت. بىز تۆۋەندە بۇ خانلىقنىڭ مەمۇرىي بىرلىكلىرى ۋە مەنسەپلىرىگە ئائىت سۆزلەملەرنى كۆرۈپ باقايلى:
مەنسەپ ناملىرى:
قارۇشتىچە ترانسكرىپسىيىسى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە
Ageta,agita,aghit باج ئەمەلدارى 税吏
Apsu دەۋا دەستۇر بېگى 曹长
ئاقسۆڭەك 贵人
Ogu ئوغۇ 奥古
Kala,ara,khara قارا 卡拉
Kitsaitsa,kitsayitsa,kitsatsa ئاقساقال 元老
Kori چارۋىچىلىق بېگى 牧
Gusura گۇسرا 古斯拉
Carapurusa,caraga,carca ئايغاقچى 探长
Cojhbo ئايماق بېگى)بەگ> 伯>州长)
Tasuca نەزىر - چىراغ بېگى 祭司
Tomga,tomgha سۈباشى )ھەربىي - مەمۇرىي بەگ> 督军
Divira,dtivira پۈتۈكچى 书吏
Vasu,asu يارلىقچى بەگ 司土
Sadavida,satavida يۈز بېشى 百户长
Sothamga,sothamgha,sothaga باج نازارەتچىسى 税监
Dasavita,dayavita ئونبېشى 十户长
Camkura
Tasuca
Yatma باج باشقۇرغۇچى 司税
vasu
sothaga
Lpipanga
قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە كۆرۈلگەن جاي ناملىرى:
قارۇشتىچە ترانسكرىپسىيىسى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە
Kuhani قاغان، خانبالىق )ھازىرقى چاقىلىق بازىرى > 库哈尼,托泥
Khvani,khuvanemci قاغان، خانبالىق )ھازىرقى چاقىلىق بازىرى> 库瓦尼,托泥
Kroraimna,krorayina كروران 楼兰
Cadota,Cadoda نىيا ناھىيىسىدىكى قەدىمكى جاي نامى 精绝
Calmadana,calmatana چالمادانا ~ سارمادان )ھازىرقى چەرچەن> 且末
Navaga,avana,navaka نوپ ~ لوپ )چاقىلىقتا لوپلۇق ئاتالمىسى بار> 纳缚
Nina,nana نىيا - نىيە )ھازىرقى نىيا ناھىيىسى> 尼雅
Mahamtanagara پايتەختنى كۆرسىتىدۇ )چوڭ بىر شەھەر> 京城
Saca,sacha )ھازىرقى نىيا ناھىيىسى ئەندىر خارابىسى> 舍凯
Supiya شەھىرى سابىزدا بولۇشى مۇمكىن؟ 苏毗
AJiyama avana 阿迟 邪摩县
astasa 阿斯驼沙
Argi ئارگى ~ ئاگنى )قارا شەھەر> 焉耆
Argi كۈسەن ~ كۇچار 龟兹
Kogitsadsa 柯耆查沙
Kheme,kema گۇما؟ 弥
Cagisadeviya e avana 哲蒂女神县
Trasa avana 特罗县
Tsage,tsaka 查枷
Duki 都吉
Pigina avana 皮吉丑那县
ta avana,peta nagamra 吡驼县
potgeya 伯特格耶
bumni 布尼耶
Marasma 摩罗斯摩
Yava avana 叶吠县
Yasala 叶沙罗县
Yirumdhina avana ئۈرۈمچى؟ 夷龙提那县
Remena avana 罗弥那县
Vamutu avana 梵图县
suliga سوغداق )سوغدى> 粟特
مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلىشى:
قارۇشتىچەترانسكرىپسىيىسى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى خەنزۇچىسى
ناھىيە )مەھەللىدىن چوڭ ئايماقتىن كىچىك مەمۇرىي بىرلىك> 县>略同)
Grama مەھەللە 村
Gotha قورۇق 庄园
Dasavita,dajavita ئوتاغ )ئونلۇق> 十户
Nagara بالىق )شەھەر> 城
Raya ئايماق 州
Sadavita يۈزلۈك 百户
kilme 领地
Pradeja قەبىلە 部
Raja ئەل، دۆلەت 国
vilmsa رايون 管区
ھۈنەر - كەسىپ نام - ئاتالغۇلىرى:
Arivaga )بىرنەچچە ئائىلىنى بىرلىك قىلغان ئەمەل>
Karsenada,karsenava ئاقساقال
Kitsa itsa kitsayitsa
Koyimam koyimamdhi
Klasemci
Gamnavara مالىيە ئەمەلدارى
Gothadara قورۇق ئىگىسى
camkura قۇتقۇ
Cuvalayina cuvalaina تەپتىش، تەكشۈرۈش
Jetha ئاقساقال
Jenavida
Thubi thabi
Tuguya
Tomgha tomga سۈباشى
Tsamgina زىرائەت ئىشلىرى بېگى
Tsegaya
Devaputra تەڭرى ئوغلى
Devi deviya خاتۇن، خانىش
dramgadharanam ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى
Mahatva ئوتاچى، ئەمچى، تېۋىپ
Maravara ھېساب باشقۇرغۇچى
Rajaputra ۋەلىئەھدى
Vataya
Vasu asu يەر باشقۇرغۇچى
Yuryaga uryaga ۋاكالەتچى
sagnuta باج ئەمەلدارى
Samarena باجچى
بىز تۆۋەندىكى مۇلاھىزىلىرىمىزدە قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن يۇقىرىقى ئاتالغۇلار كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇ ئاتالغۇلار بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كروران — چەرچەن خانلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىدىن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ۋەسىقىلەردە ئىپادىلەنگەن مەنىلەرنى چۈشىنىشىمىزدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كروران - چەرچەن خانلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، خانىدانلىق تېررىتورىيىسى مەمۇرىي بىرلىكلەر بويىچە ئايرىپ ئىدارە قىلىنغان، بۇلار شەھەر )ئاستانە>، ئايماق، ناھىيە، مەھەللە، يۈزلۈك، ئونلۇق، قورۇق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاستانە خانىدانلىق مەركىزى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەمۇرىي بىرلىك بولۇشى مۇمكىن. ئايماق خانىدانلىقتىكى يەنە بىر چوڭ مەمۇرىي بىرلىك بولۇپ، باشلىقى ئايماق بېگى دەپ ئاتالغان.بۇ مەمۇرىي بىرلىكتىن ھازىرقى نىيا ناھىيىسى بار بولۇپ Raya دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ بېگى بولسا Cojhbo دەپ ئاتالغان، Cojhbo ئاتالغۇسى پۈتۈكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
كروران ئېلىدە خاقان ئالىي ھۆكۈمدار بولۇپ پايتەختتە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ياپونىيىلىك ئالىم چاڭزې خېجۈننىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، خاقاندىن تۆۋەن تۇرىدىغىنى kitsaitsa دەرىجىسىدىكى ئەمەلدار بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قارا، ئوغۇ، گۇسرا )ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدار>، كورى مەنسەپلىرى تەسىس قىلىنغان. قارا مەنسىپىگە تېگىنلەر تەيىنلەنگەن، ئوغۇ قارادىن تۆۋەن مەنسەپ بولۇپ، گۇسرادىن يۇقىرى تۇرغان. گۇسرادىن كېيىن سۇۋالاينا، ئاندىن كورى تۇرغان.
كروران ئېلى ئۈچ رايونغا، يەنى چالمادانا ھازىرقى چەرچەن>، ساكا saca ھازىرقى نىيا ناھىيىسىنىڭ ئەندىر خارابىسى> ۋە چادوتا cadota،精绝 ھازىرقى نىيا ناھىيە بازىرىنىڭ 120 كىلومېتىر شىمالىدىكى خارابە> غا بۆلۈنۈپ ئىدارە قىلىنغان بولۇپ، raya خەنزۇچىغا 州 دەپ تەرجىمە قىلىنغان، بىز بۇ يەردە ئايماق دەپ ئالدۇق>، ئۇنىڭ باشلىقى cojhbo بۇ يەردە ئايماق بېگى نامى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىندى> دەپ ئاتالغان.
يەنە كوچا nagala> ۋە مەھەللە arana>گە بۆلۈنگەن، بۇلار يەنە sata دەپ رايونغا ئايرىلغان، sata بولسا ئەڭ كىچىك باج رايونىدۇر، بۇ 100 ئائىلە، يەنى يۈزلۈككە باراۋەردۇر.Avana نى باشقۇرۇشتا خاقان تەيىنلىگەن camkura، ugo، vasu ناملىرىدىكى مەنسەپدارلار ھۆكۈمدارلىق قىلغان. باج يىغىشمۇ مۇشۇ ئەمەلدارلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ، باجغا پۇل ئېلىنماستىن ماددىي بۇيۇم ئېلىنغان. باج يىغىشقا sothamga ئاتالغان باجگىر مەسئۇل بولغان. زىرائەت يىغىشقا ageta، tsamghina yatma لار مەسئۇل بو
لغان. sadavida دەرىجىسىدىكى مەنسەپدار يىغىلغان باجلارنى كرورانغا يوللاشقا مەسئۇل بولغان. ئەمەلدارلاردىن klasemci، karsenara، samarena قاتارلىقلارمۇ مەلۇم دەرىجىدىكى باج مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. چەرچەن خانىدانلىقىدا قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ athore دەپ ئاتالغان. خانلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاش تەمىناتى خاقاننىڭ يەرلىرىدىن ئالىدىغان پايدىسى ۋە باج بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ شەخسىي يەرلىرى kilme دەپ ئاتالغان. kilme نى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىگۈچىلەر kilmeciyana دەپ ئاتالغان. kilmeciye چوقۇم kilme تەۋە بولغان avana لىق كىشى بولۇشى كېرەك، kilmeciye ئىجارىكەش بولغانلىقتىن ئىجارە ھەققى تۆلىگەن، ئۇلارنىڭ ئىشلەمچىلىرى بولغان kilmeciye ھەرگىز قۇل ئەمەس. خاقاننىڭ يەرلىرى ۋە kilme يەرلەردىن باشقا يەرلەر ئاۋامنىڭ يەرلىرىدىن ئىبارەت. ئاۋام يەرلىرىنى ئەركىن ئېلىپ - سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىش، سەيلە - ساياھەتكە چىقىش، پۈتۈن ئائىلە بويىچە ياكى قىسمەن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئەلدىكى باشقا بوستانلىققا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. dasa ياكى dajha ئاتالغان قۇللارنىڭ مال - مۈلكى بار بولۇپ، يەر ئېلىپ - سېتىش ھوقۇقى بولغان. قۇلدارلار قۇللىرىنى ياكى يېرىنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىشقا، سېتىشقا ھوقۇقلۇق بولۇپ، قۇللارنىڭ باھاسى ئوخشاش بولمىغان. بەزى قۇللارنىڭ باھاسى بىر تۆگە بىلەن بەش مىلىما ئاشلىق بولغان بولسا، بەزىلىرىنىڭ 12 قوي، بەش ياشلىق تۆگە بىلەن بەش ياشلىق ئات ۋە otga غا باراۋەر بولغان. بەزىسىنىڭ باھاسى 41 توپ تاۋار، بەزىسىنىڭ يەتتە ياشلىق تۆگە بولغان، قۇللارنىڭ باھاسى ئۇلارنىڭ ياش قۇرامى، بەدەن قۇرۇلۇشى، جىنسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن قويۇلغان. ئەسكەر seniye>، يول باشلىغۇچى arivaga>، پۈتۈكچى divira>، چېگرا كۆزەتكۈچىسى spsavamna>، تېرىقچى kilmeciyana>، سودىگەر vaniye>، راھىب bhichu>، كۆۋرۈك ساقلىغۇچى cpiriva>، lehare، مەخپىي ئايغاقچى craparusa>لارمۇ بار بولغان بولۇپ بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىمۇ يولغا قويۇلغان. كروران ئېلىدىكى مەنسەپدارلارنىڭ مەنسەپ دەرىجىلىرىدىن ئالغاندا kitsaitsa ئەڭ يۇقىرى مەنسەپدار بولۇپ، ھەر خىل ئىشلار ۋە ئەرزلەرگە ھۆكۈم چىقىرىشقا مەسئۇل بولغان. kala مەنسىپىگە تېگىنلەر تەيىنلەنگەن. ogu ۋە gusura يۇقىرىقى مەنسەپلەردىن تۆۋەن، cuvalayina دىن يۇقىرى بولغان. cuvalayina ئايماق بېگى cozbo دىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان. kori خانلىقنىڭ مال - چارۋىسىغا مەسئۇل كىشىنىڭ مەنسەپ نامىدۇر.
كروران ئېلىدە يەنە مىڭبېشى، يۈز بېشى، ئونبېشى قاتارلىق مەنسەپلەرمۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇلار دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە ئىجابىي روللارنى ئوينىغان.
قارۇشتى پۈتۈكلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، چەرچەن خانلىقى پۈتۈن ئەلنى قاغانبالىق ئايمىقى، چادوتا ئايمىقى، ساكا ئايمىقى، چالمادانا ئايمىقى، كروران ئۇلۇغ ئاستانە ھەم قۇرۇم تېغى باغرىدىكى تاغلىق قەبىلىلەر parvata>گە ئايرىپ ئىدارە قىلغان. لىن مېيسۈنن ئەپەندى <كروران> ناملىق كىتابىدا <چەرچەن خانلىقى مۇشۇ بەش ئايماققىلا بۆلۈنمەيدۇ. خەنزۇچە، تۈبۈتچە ۋە ئۇدۇن يازما مەنبەلىرىدىن بىلەلەيمىزكى، چەرچەن ئېلىدە يەنە ئىشەم، ئەندىر 小宛>، روڭلۇ، مەردەك، كىتىك قاتارلىق ئايماق ياكى ئايماق بىلەن تەڭ دەرىجىلىك شەھەرلەر بولغان> دەپ يازىدۇ. <كروران> ناملىق يۇقىرىقى كىتابتا يەنە ئايماقتىن كىچىك مەمۇرىي بىرلىك avana غا تەبىر بېرىپ، ئەمەلىي مەنە جەھەتتىن بازار مەنىسىدە بولسىمۇ ئەمما مەھەللە - كەنتلەرنى كۆرسەتكەن، دەيدۇ ۋە چادوتا ئايمىقىنىڭ دائىرىسىدە ئاچىيامو، بىتو، تومگاراكا، تېروشا، نىران، ناپ، پىقىيا، ئوغۇئەننۇكايا ئايال ئىلاھى، فەنتۇ، يۇپۇ، يىرۇمتىنا، جېدىشا ئايال ئىلاھى قاتارلىق 12 مەھەللىنىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. كروران ئېلىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلارنى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا قانۇن مەلۇم دەرىجىدە چەكلەش رولىنى ئوينىغان. ئۈچىنچى پۈتۈك بىر ئايالنىڭ سېتىلىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئايالنى راستتىنلا سېتىۋالغان ياكى سېتىۋالمىغانلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش، دۆلەت مەمۇرىنىڭ بۇ ئايالنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا بولمايدىغانلىقى، ئېنىقلانمىسا خانسارايغا يالاپ ئاپىرىپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقى يېزىلغان. 105- پۈتۈكتە tmoga مەنسىپى يىلدا بىر قېتىم تەيىنلىنىدىغانلىقى يېزىلغان. 243 - پۈتۈكتە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ خاقانغا تەئەللۇق نەرسىنى باشقىلارغا سوۋغا قىلىپ بەرگەنلىكىنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئىشى خاتىرىلەنگەن. 439- پۈتۈكتە بىر كىشىنىڭ بەش - ئالتە خىل مەمۇرىي ۋەزىپىدە بولغانلىقى، بۇنداق بولسا قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقى يېزىلغان. 205 - پۈتۈكتە بىرەيلەننىڭ ئىككى خىل مەمۇرىي ۋەزىپىسى بولغانلىقى، يەنە چېگرا قاراۋۇلخانىسى باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن قارار چىقىرىش كېرەكلىكى يېزىلغان. 562 - پۈتۈكتە ئىككى كىشىنىڭ - قوشۇننىڭ&nb, sp; klasimcis لىرى ئىكەنلىكى، يەنە خانلىق تۆگىلىرىنىڭ قارىغۇچىسى بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ دۆلەت مەمۇرى تۇرۇقلۇق يەنە قوشۇندا خىزمەت قىلىشى خاقان ئالىيلىرىنىڭ يارلىقىغا خىلاپلىق بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى klasimcis ۋەزىپىسىدە بولۇپ تۆگىلەرنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ باشقا مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتۈشىگە بولمايدىغانلىقى يېزىلغان.
كروران ئېلىنىڭ قانۇنلىرىكروران ئېلى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، ھۆكۈمرانلىقىنى شەرتسىز يۈرگۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپىكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار قانۇنلارنى تۈزۈپ ۋە يۈرگۈزۈپ، شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئىتىنىلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەتتە شەخسىي مال - مۈلۈك ۋە ھوقۇقنى قوغدىغان. مۇشۇ بىر نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ، قانۇن - تۈزۈملەرنىڭ يازما ھالەتتە تۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىنىشى، ئەدلىيە تەرتىپلىرىنىڭ بولۇشى، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈلۈشى، كونكرېت ئېيتقاندا قانۇنلۇق جەمئىيەتكە قەدەم بېسىشى زور ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ.
كروران ئېلى تېررىتورىيىسىدىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلارنى ئەنگلىيىلىك قارۇشتىشۇناس بۇررۇۋ ئەپەندى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ <شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى پۈتۈكلىرىنىڭ تەرجىمىسى> دېگەن نامدا نەشر قىلدۇرغان، بۇ نۇسخىنى مەرھۇم ۋاڭ گۇاڭجى ئەپەندى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا قارۇشتىشۇناس لىن مېيسۈن ئەپەندى تەتقىق قىلىش ۋە يۇقىرىقىلارغا ئاساسلىنىش ئارقىلىق قارۇشتى پۈتۈكلىرىنى تەرجىمە قىلىپ <تەكلىماكاندىكى قەدىمكى ۋەسىقىلەر> دېگەن نامدا نەشر قىلدۇرغان. مانا مۇشۇ خەنزۇچە تەرجىمە مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كروران ئېلىدە كەم دېگەندىمۇ <ئورمان مۇھاپىزەت قانۇنى>، <جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>، <باج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى>، <بالا بېقىۋېلىش قانۇنى>، <بالىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قوغداش قانۇنى>، <كارۋانچىلىق قانۇنى> … قاتارلىق قانۇنلار بولغان.
خاقان ئالىي ھۆكۈمرانلا ئەمەس، بەلكى ئالىي باش سوتچىمۇ بولغان. سوت ئىشلىرى ئادەتتە ئىككى ياكى ئۈچ دەرىجىلىك سوت تۈزۈمى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. ئالدى بىلەن يەرلىك سوت، يەنى شۇ يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدار قانۇن بويىچە ھەربىر ئەنزە، دەۋا ئىشلىرىدا پاكىتنى ئېنىقلاپ ھۆكۈم چىقارغان. جاۋابكار ياكى دەۋاگەر ھۆكۈمگە رازى بولمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى سوتقا ئاستانىدىكى خاقانلىق سوت بولۇشىمۇ ياكى ئارىلىقتا ئىككىنچى سوت بولۇشىمۇ مۇمكىن> يوللانغان ياكى دەۋا قىلىش ھوقۇقى بولغان. بۇنىڭغا ئاستانىدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار ھۆكۈم چىقارغان ياكى تۆۋەن دەرىجىدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا كۆرسەتمە بەرگەن. كېسىم تۆۋەن دەرىجىدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا يازما يارلىق شەكلىدە يەتكۈزۈلگەن، بەزى مۇرەككەپ ياكى چوڭ ئەنزىلەر بىۋاسىتە خاقان تەرىپىدىن سوتلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. ھەر جايدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار قانۇن ئىجراچىلىرى بولغان بولۇپ، ئاستانىدىكى ئەمەلدارلار نازارەت ۋە تەپتىش فۇنكسىيىسىنىمۇ ئارتقۇزغان. ۋەسىقىلەردە كۆرۈلىدىغان <قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىنسۇن> دېگەن ئەسكەرتمىلەر شۇ دەۋردىكى قانۇننىڭ ئورنىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
كروران ئېلىدە يەنە مەخپىي ئايغاقچىلار ئەنزىلەرنى پاش قىلغان، گۇماندارلارنى قولغا ئالغان. سوت داۋامىدا گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق قەسىمى بەرگەن، يالغان گۇۋاھلىق بەرسە جاۋابكارلىققا تارتىلغان.
جازا تۈرلىرىدە جەرىمانە قويۇش، تۆلەم تۆلەش، ساقال - بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىش، پۇت - قوللىرىنى چەمبەرچاس باغلاش، قاماققا ئېلىش، نازارەت قىلىپ ئەمگەككە سېلىش، دەررىلەش جازالىرى قوللىنىلغان.
تېپىلغان قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە قانۇنغا مۇناسىۋەتلىكلىرى خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ھەربىر ئايماقتا سوتخانا تەسىس قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاستانىدە ئالىي سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. خانىدانلىق سوتى، يەنى ئاستانە سوتخانىسى تۆۋەندىكى ئايماقلارنىڭ سوتخانىلىرىغا <دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى قانۇنى بويىچە شەخسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ> دەپ يارلىق چۈشۈرگەن. بۇلاردىن ھەربىر ئىشتا قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغانلىقىنى، ئايماقلاردا ھەل بولمىغانلىرىنى خاقان ئۆزى سوتلاپ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى قانۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
1. ئورمان مۇھاپىزەت قانۇنى: دۇنيا بويىچە تۇنجى ئورمان مۇھاپىزەت قانۇنى دىيارىمىزدا تۈزۈلۈپ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان. نېمىشقا ئورمان مۇھاپىزەت قانۇنى تۈزۈلۈپ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى مۇشۇ تۇپراقتا ياشاپ يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرگەن ئە
جدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 2000 يىللار، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بالدۇر بولسا كېرەك، ئورماننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن بولغان. كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئانا تۇپراقلىرىمىزنىڭ مۇھىتى ئەينى يىللاردىمۇ ئوخشاشلا قۇرغاق بولۇپ، كروران شەھىرىدىكى بوستانلىقلار تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ سۈيىگە تايىنىپ ياشنىغان. مۇشۇ ئىككى دەريا زور كۆلەمدىكى تەبىئىي توغراقلىق، يۇلغۇنلۇقنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، كروران بوستانلىقلىرىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇن تۇتۇپ كەلگەنىدى. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىز تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى دەۋرىدە تۇرغاچقا، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، دېڭىز، تاغ … لارغا چوقۇنغان، كۈننىڭ ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادمۇ ھەممىدىن كۈچلۈك بولغان. ئەجدادلىرىمىز شۇ ۋاقىتلاردا كۈنگە بولغان ئېتىقادىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن قەبرىلەرگىمۇ ھەر خىل ئۆلچەمدىكى ياغاچلارنى قاتار تۇرغۇزۇش ئارقىلىق نۇر چېچىۋاتقان كۈننىڭ شەكلىنى چىقىرىپ كۈنگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن، بۇ خىل قەبرىلەر چاقىلىق ۋە چەرچەن ناھىيىلىرىدىن بايقالدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆردەك قەبرىستانلىقىغا گەرچە كۈننىڭ نۇر چېچىۋاتقان شەكلى چىقىرىلمىغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ياغاچلار ئىشلىتىلگەن. جەسەتلەر كېسىلگەن توغراقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ كېمە شەكلىدە ياساپ دەپنە قىلىنغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئوت يېقىشتىن تارتىپ ئۆي سېلىشقىچە ياغاچلار كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن، ئۆيلەر ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ سېلىنغان. مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش ئېھتىياجى ئەينى تارىخىي دەۋردە ياغاچ ماتېرىياللىرىغا بولغان زور ئېھتىياجنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەبىئىي ئىھاتە ئورمانلار كېسىپ ئىشلىتىلگەن. ئورمانلارنىڭ نابۇت قىلىنىشى تۈپەيلىدىن تەبىئىي قۇرغاق مۇھىت شەكىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورمان ئېكولوگىيىسى بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تونۇپ يېتىپ، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئورمان مۇھاپىزەت قانۇنىنى تۈزۈپ چىققان، ئەمەلىيەتتە ئورمان مۇھاپىزەت قانۇنى ئەڭ ئالدى بىلەن مىلادىيىدىن بۇرۇنلا تۈزۈلۈپ ئادەت قانۇنىغا ئايلانغان بولسا، كېيىنچە، يەنى قارۇشتى يېزىقىنى ھاكىمىيەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللانغاندىن كېيىن، بۇ قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار خاتىرىلىنىپ قالغان. قارۇشتىچە 482 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
خاقان ئالىيلىرى قاتارلىقلاردىن:
ساكنىڭ ئەرز قىلىشىچە، مۇرىنا ئۇنىڭ مۈلكى بولغان يېرىنى قوبۇل قىلغان. لېكىن sadacvida بىلەن karsinavas بۇ يەرنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان ھەمدە تېرىغىلىمۇ قويمىغان. ئۇلار يەردىكى دەرەخلەرنى كېسىپ ساتقان. بىراۋنىڭ باشقىلارنىڭ مۈلكىنى كېسىشى قانۇنغا خىلاپ. سىز ئۇشبۇ مۆھۈرلۈك پۈتۈكنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان ئۇلارنىڭ قەسەملىرى ۋە تانۇقلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈڭ، ئىش راستتىنلا شۇنداق بولغانمۇ؟ karsinavas بىلەن sadavida نىڭ قىلمىشىنى چەكلەش كېرەك، ئۇلار ساكنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ. بۇرۇنقى قانۇن - تۈزۈملەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە دەرەخ يەنىلا كۆكىرىپ تۇرغان بولسا، ھەر قانداق ئادەمنىڭ دەرەخنى كېسىشىنى توسۇش لازىم، دەرەخنى يىلتىزى بىلەن كەسكەنلەرگە بىر ئات جەرىمانە قويۇلىدۇ. دەرەخنىڭ شېخىنى كەسكەنلەرگە بىر ئىنەك جەرىمانە قويۇلىدۇ. ھۆكۈم قانۇن بويىچە چىقىرىلىدۇ…
مانا بۇ، قانۇننىڭ بولغانلىقىنىڭ ھەم قاتتىق ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىلى. مۇشۇ قانۇن - بەلگىلىمىگە قارىغاندا، ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆكلەپ تۇرغان ئورماننى
كېسىشىگە يول قويمىغان، كېسىلگەن بولسا، يەنى شاخلىرىنى كەسكەنلەرگە بىر ئىنەك، يىلتىزى بىلەن كەسكەنلەرگە بىر ئات جەرىمانە قويۇلغان. قانۇننىڭ مۇشۇنداق قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى قانداق ئۈنۈم بەرگەن؟ بۇنىڭغا زامانىمىز ئارخېئولوگلىرىنىڭ بايانلىرى مۇناسىپ جاۋاب بولسا كېرەك. چېن رۇگو <كروران قەدىمكى شەھىرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسىگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە> ناملىق ماقالىسىدە، <كەمىنە مۇئەللىپنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، كروران تازا گۈللەنگەن ۋاقىتتا كروران رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ %40 ئەتراپىدا بولغان… كروران شەھەر رايونىدا زور كۆلەمدىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراق مەنزىرىسىنى ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدۇ، توغراقلارنىڭ دىئامېتىرى يېرىم مېتىردىن ئاشىدىغانلىرى، ئىككى - ئۈچ ئادەمنىڭ غۇلىچى ئاران يېتىدىغانلىرىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ … ياغاچ ماتېرىياللىرى كروران رايونىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بولۇپ، كروران خارابىلىكىدە نەگىلا بارسا دۆۋىلىنىپ قالغان ياغاچلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىردىن ئۇزۇن بولۇپ بالا ياغاچ قىلىنغان، ئۇلارغا زامانىسىنىڭ نەققاشلىرى نەپىس ئويمىلارنى ئويغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئورنىدا ناھايىتى مۇستەھكەم تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردىن ئېلىنغان توغراق ياغاچلىرى…> دەيدۇ.
2. سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى: بىز يۇقىرىدا كۆرگەندەك، كروران بوستانلىقلىرى، شۇنداقلا
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىدە بېلىقچىلىق، قۇشچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى، سۇنىڭ ھاياتلىقتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بىرەر جاينىڭ گۈللىنىشى ياكى ۋەيران بولۇشى سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدىكى جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى ئەڭ پەس بولغان بۇ جايدا دەريا ئېقىنلىرى چوڭقۇرلۇقى تۆت - بەش مېتىردىن ئاشمايدىغان كۆللەرنى ھاسىل قىلغانىدى. لوپ كۆلى بۇنىڭ مىسالى بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاخىرقى قۇيۇلۇش ئورنى ئىدى، شۇڭا كروران بوستانلىقلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى شەكسىزكى مۇشۇ ئىككى دەريانىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان ئېقىنىنىڭ مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە تەبىئەتنىڭ چەكلىمىسى ئاخىرقى ھېسابتا كرورانلىقلارغا يۇرتنىڭ ھايات - ماماتىنىڭ سۇ بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇتقان، يۇرتىنىڭ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ تىنچ - ئاسايىشلىق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇن - بەلگىلىمىنى، جۈملىدىن سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، سۇ ئىشلىرى ۋە سۇغىرىشنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، يۇرتنىڭ گۈللىنىشىدە زور تارىخىي تۆھپىسىنى قوشقان. كرورانلىقلار سۇ ئىشلىرىنى قانۇن تەرتىپىگە سېلىشتا قانۇن تۈزۈپلا قالماستىن، يەنە سۇ قۇرۇلۇشى قىلغان ھەمدە سۇ قاتنىشىنى يولغا قويغان. كروران شەھەر قەلئەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان سۈنئىي قانال بەزى شەھەر خارابىلىرى بىلەن تۇتاشقان بولۇپ، ئالىملارنىڭ پەرىزىچە بۇ قانال ئارقىلىق سۇ قاتنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، بۇنى ئارخېئولوگ سىتەين بايقىغان يازما پۈتۈكتىكى <كېمىگە ئولتۇرۇپ دەريادىن ئۆتتۇق، ئېقىن ئوتتۇرىسىدا كېمە بۇزۇلدى> دېگەن جۈملىلەر كۈچلۈك ئىسپات بولالايدۇ.
ئارخېئولوگلار مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىدىن قەدىمكى سۇ قۇرۇلۇش ئىنشائاتىنى بايقىغان بولۇپ، <مىرەن قەدىمكى سۇغىرىش سىستېمىسى بىر غول ئۆستەڭ، يەتتە تارماق ئۆستەڭ ۋە نۇرغۇن ئېرىقلاردىن تۈزۈلگەن، يەلپۈگۈچ شەكلىدە جەنۇبتىن شىمالغا يېيىلغان. سۇغىر
ىش رايونى شەرقتىن غەربكە ئالتە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بەش كىلومېتىر كېلىدۇ. غول ئۆستەڭ ئېگىز، تۈز، رەتلىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى سەككىز كېلومېتىرغا يېتىدۇ، كەڭلىكى 10~20 مېتىر )قېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ>، ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئەتراپىدا، باش تەرەپتىن قەدىمكى مىرەن دەرياسىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا تۇتىشىدۇ… يەتتە تارماق ئۆستەڭ ئەگرى - بۈگرى جايلاشقان بولۇپ، كەڭلىكى ئۈچ ~ تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى ئىككى ~ تۆت مېتىر كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى شەرقتىن غەربكە قاراپ ئۆلچىگەندە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3،4، 5.4، 5، 45.4 كىلومېتىر…>.يەنە بىر پۈتۈكتە <بۇغدايغا ئىككى - ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇلدى. بۇ سۇ تۇتۇش پۈتۈكى )ئاخىرىدا تىزىملاش جەدۋىلى>> دېيىلگەن. مانا بۇلار كروران ئېلىدىكىلەرنىڭ سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن تۈزۈپ سۇ ئىشلىرىنى تەرتىپلىك باشقۇرغانلىقىنى، جۈملىدىن سۇ ئىشلىرىدىن مەخسۇس ئارخىپ قالدۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
3. نىكاھ قانۇنى: ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە جەمئىيەتنىڭ كىچىككىنە ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلە نۇرغۇن ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئائىلىنى كىچىك بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەينى تارىخىي دەۋردە كروران ئېلىدە چوڭ ئائىلە ئادىتى ساقلانغان بولۇپ، بۇنى خەنزۇچە پۈتۈكلەردىكى نوپۇس بىلەن ئائىلە سانىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ كىچىككىنە بۇ ھۈجەيرىنى ياخشى باشقۇرۇش ھەمدە بۇ ئارقىلىق جەمىئىيەتنىڭ تىنچ - ئاسايىشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كروران ئېلى مەخسۇس قانۇن تۈزۈپ ئىجرا قىلغان بولۇپ، قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەر بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 474 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
خاقان ئالىيلىرى قاتارلىقلاردىن:
suvetha بىموشىنا قاتارلىقلارنىڭ مەلۇمات يوللىشىچە، يېفېي مەھەللىسىدىكى ئىجارىكەش يېبوجىنىڭ قىز قېرىندىشى كەتسونى دېپ مەھەللىسىدىكى ئىجارىكەش sramamna سانغابورو خوتۇنلۇققا ئالغان بولسىمۇ mukesi ياكى lote ئالمىغان. ئۇشبۇ مۆھۈرلۈك پۈتۈكنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان تەپسىلىي تەكشۈرۈڭ. ئەگەر ئۇ قانۇنلۇق ھالدا نىكاھلىنىپ ئەرگە تەگكەن بولسا، مىراس ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ. ناۋادا mukesi بىلەن lote نى ئالمىغان بولسا، مۇشۇ جايدا ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.
481 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە مۇنداق بايانلار بار:
خاقان ئالىيلىرى قاتارلىقلاردىن:
يېبوجى قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، سۇكانىم ئاچا - سىڭىللىرىدىن تامابور ۋە سۇمتوتنىڭ ئانىسى mukesi بىلەن lote نى تېخىچە بەرمىگەنىكەن. بۇ مۆھۈرلەنگەن پۈتۈكنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان دەرھال تەپسىلىي تەكشۈرۈڭ. سۇكانىمنىڭ veha kilme مەجبۇرىيىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ باجنى سۇكانىمنىڭ پەرزەنتلىرى دېپ مەھەللىسىدە تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئىختىلاپ كۆرۈلسە…
730 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
ئۇلار زىنا قىپتۇ، ھۆكۈم قانۇن بويىچە چىقىرىلسۇن.
خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان نىيا ناھىيىسىدىن تېپىلغان لىن مېيسۈن تەرىپىدىن ترانسكرىپسىيە ۋە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنغان كروران- چەرچەن ئېلى دەۋرىگە مەنسۇپ بىر پارچە قارۇشتى پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
بۇ تامغا باج نازارەتچىسى ئالياكېمماسانىڭ.
كۈچ - قۇدرەتلىك ئۇلۇغ خاقان، تەڭرى ئوغلى سۇلىكا سەلتەنەتىنىڭ 5 - يىلى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى. بۇ يەردە چامپىرا ئىسىملىك بىر كىشى بار. ئۇ كىشى پامچىناسنىڭ قىزى ئۇماينى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. دەريا سۈيى ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتا خوتۇنى ئۇماينى تاشلىۋەتكەن. بۇ ئەر - خوتۇنلار شۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىشكەن، ھازىر خان ئوردىسىدىن چامپىراغا بىر يارلىق كەلدى، ئۇنىڭ مەزمۇنى چامپىرا بىلەن ئۇمايغا يەتكۈزۈلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇماي خاتۇن بىلەن چامپىرا ئارىسىدا جېدەل بولمىدى. مۇبارەك يارلىققا بويسۇنۇپ چامپىرا بىلەن ئۇماي ياخشىلىشىپ قالدى. كېڭىشىش ئارقىلىق چامپىرا ئۇماي بىلەن ئاجرىشىشنى خالىدى، نىكاھ توختامى بىكار قىلىنىپ ھەممە ئىش ياخشىلىق بىلەن ئاخىرلاشتى. مۇشۇ توختام بويىچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىلدى: بۈگۈندىن باشلاپ ئۇماي بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھېساب - كىتابى تۈگىدى، چامپىرا ياكى بالىلىرى بىلەن باگاسالىقلارنىڭمۇ ھېساب - كىتابى تۈگىدى. ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتى دەخلىگە ئۇچرىسا بولمايدۇ. بۇ ئىككىيلەننىڭ كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، ئوغۇ ئاركام توختاملاشقاندا تانۇق بولغان. ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار توختامدىن نارازى بولسا، ئۇرۇشسا، دەررىلىنىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ، يەنە تۆت ياشلىق بىر ئات جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە 110 دەررە ئۇرۇلىدۇ. مۇشۇ جازاغا ئۇچرىغاندىن كېيىنمۇ توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يۇقىرىدا يېزىلغاندەك تانۇقلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى. ئاركامدىن باشقا يەنى جىلاكامنا بىلەن جىشۇخۇلارمۇ گۇۋاھ. ئۇشبۇ توختامنامە پۈتۈكچى شامىن تەرىپىدىن يېزىلدى، ھەرقانداق يەردە ئىناۋەتلىك. باجنى تۆلەپ بولالمىغان كىشى سوكويا، تاسۇكا پىگانا بىلەن پىيداناسا.
مانا بۇ پۈتۈكلەر كروران ئېلىدە نىكاھ ئىشلىرى مەخسۇس قانۇن - تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلغانلىقى، جۈملىدىن ئائىلە ئىشلىرىغا ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا جەمئىيەت ئامانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە زىناغا قانۇن بەلگىلىمىسى ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى ئەينى تارىخىي دەۋردە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، قانۇن ئارقىلىق ئاشۇنداق ئىشلارنى چەكلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەينى تارىخىي دەۋردىمۇ خۇددى ھازىرقىدەك نىكاھ تىزىملاش، توي خېتى بېرىش ئارقىلىق نىكاھنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، نىكاھلانغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق - مەنپەئىتىنىڭ قانۇن ئارقىلىق قوغدالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. يۇقىرىقى پۈتۈكتىكى mukesi ۋە lote سۆزلىرىنىڭ تەڭداش مەنىسىنى ھازىرغىچە ئېنىقلاش مۇمكىن بولمايۋاتقان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ نىكاھ گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىملاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى گۇمانسىز.
<خەننامە> دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كروران ئېلىدە ۋارىس نىكاھ ئەنئەنىسى ساقلىنىپ قالغان، بۇ جەھەتتىن ھۇنلار ۋە شەرقىي ئۇيغۇرلار، يەنى موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىشىدۇ. كونكرېتراق ئېيتقاندا، بۇ نىكاھ جەمەتنىڭ مال - مۈلكىنى ساقلاپ قېلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. مەسىلەن، ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۆلسە، بىرى يەنە بىرىنىڭ خوتۇنىنى نىكاھىغا ئالغان، بۇ خىل ئۇسۇل بىر جەمەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، يەنە مال -
مۈلۈكنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغان. بۇنداق ۋارىس نىكاھ خانلىق يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىدىمۇ ساقلانغان. مەسىلەن، خاقان ئۆلۈپ ۋەلىئەھدى )تېگىن> تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۆگەي ئانىلىرى، جۈملىدىن ئاتىسىنىڭ ئوردا ھەرىمىدىكى خوتۇنلىرىنى ئۆز نىكاھىدا ساقلىغان، كرورانلىق ئەجدادلار يەنە شۇ ۋاقىتلاردىن بۇرۇنلا يېقىن تۇغقانلارنىڭ توي قىلسا ئەۋلادىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇرۇق سىرتىدىن نىكاھلىنىش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن. mukesi ۋە lote رەسمىيەت ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن قانۇنلۇق نىكاھ دەپ قارالغان ۋە قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن. قانۇننىڭ قوغدىشى رەسمىيەت بېجىرگۈچىلەر ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنداق بولمىسا، نىكاھ قانۇنسىز نىكاھ دەپ قارالغان ۋە قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەن. قانۇنلۇق نىكاھتا دۇنياغا كەلگەن پەرزەنتلەر قانۇنلۇق مىراسخور بولالىغان.
4. دىنىي ئىشلار ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى: كروران - چەرچەن خانلىقى دەۋرىدە، يەنى مىلادىيىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بۇددا دىنى راۋاجلانغان. خانىدانلىق تېررىتورىيىسى كېڭەيگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دىنىي ئىشلارنىڭ دائىرىسىمۇ كېڭەيگەن. دۆلەتنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى ئۈنۈ
ملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە دىنىي رايونغا )samga> بۆلۈپ، كروران دىنىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. كروران - چەرچەن ئېلىدە راھىبلارنىڭ يېرى، خوتۇنى ۋە مال - مۈلكى بار بولۇپ، راھەت - پاراغەتتە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇلار يەنە قوشۇمچە مەمۇرىي مەنسەپلەرنىمۇ تۇتقان. كروران ئېلىدىكىلەر بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا )كىچىك كۆلۈڭگۈ> مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان، پۈتۈن ئەلدىكى دىنىي ئىشلارنى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دىنىي ئىشلارغا بولغان تەسىرىنى ئەتراپلىق باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار مەخسۇس قانۇن تۈزۈپ ئىجرا قىلغان. 489 - نومۇرلۇق پۈتۈكتىن بۇ نىزامنىڭ ئېنىق مەزمۇنىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
راھىبلارنىڭ نىزامى. ئوبدان ساقلانسۇن.
بۇ … تامغىسى
ئۇلۇغ خاقان، كۆك تەڭرىنىڭ ئوغلى ئېدوكا ماھىرى سەلتەنەتىنىڭ 10 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى… ئۇلۇغ ئاستانىدىكى راھىبلار چادوتادىكى راھىبلار ئۈچۈن تۈزگەن نىزام، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شامى ئۇلۇغ راھىبقا سەمىمىي ئەمەسكەن، بويسۇنمايدىكەن. بۇ ئىش توغرۇلۇق خاقان ئالىيلىرى ھەر دەرىجىلىك راھىبلار ئۈچۈن بۇ قائىدە - نىزامنى، تۈزۈمنى بەلگىلىدى. ئۇلۇغ راھىب شىروبوروپو بىلەن بۇمناشنا ئىككىيلەن ئىبادەتخانىنى باشقۇرىدۇ. ئۇلار راھىبلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشى كېرەك. ئىختىلاپ يۈز بەرسە قانۇن بويىچە سوتلىنىدۇ. راھىبلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇلار باشقۇرىدۇ… شۇڭا، راھىبلار كۆڭۈللىرىدە رازى بولۇشىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن قايسى بىر راھىب راھىبلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشمىسا، بىر توپ يىپەك جەرىمانە قويۇلىدۇ. pasatha مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان ھەرقانداق بىر راھىب راھىبلىق تونىنى كىيمەي ئاۋام كىيىمىدە كەلسە، بىر توپ يىپەك جەرىمانە قويۇلىدۇ، ھەرقانداق بىر راھىب باشقا بىر راھىبنى ئۇرسا، يېنىك بولسا بەش توپ يىپەك، ئېغىرراقلىرىغا 10 توپ يىپەك، بەك ئېغىرلىرىغا 15 توپ يىپەك جەرىمانە قويۇلىدۇ. ھەرقانداق بىر ئۆي ئىگىسى راھىبقا…
بۇ نىزام كەمتۈك بولغاچقا، بىز تېخىمۇ كەڭ مەزمۇنلاردىن ۋاقىپ بولالماي قالغان بولساقمۇ، ئەينى ۋاقىتتا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ۋە راھىبلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن - تۈزۈم تۈزۈپ ئىجرا قىلغانلىقىنى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى سوتلاش، جەرىمانە قويۇش ئۇسۇللىرى بىلەن جازالىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. راھىب راھىبنى ئۇرۇش، دىنىي پائالىيەت ۋاقتىدا دىنىي مۇراسىم كىيىمى، جۈملىدىن راھىبلىق كىيىمى كىيمەسلىكتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىكتىن مۇكەممەل بىر قانۇن تۈزۈش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ، ئەنە شۇنداق قانۇنلار تۈزۈلگەن.
كروران دائىرىسىگە بۇددا دىنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 - ئەسىرلەردە تارقالغان بولسىمۇ، مىلادىيە 2 - ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇلۇغ كۆلۈڭگۈ مەزھىپى تارقالغان بولسا، كېيىنچە يەنى 2 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ كىچىك كۆلۈڭگۈ مەزھىپى تارقالغان ۋە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. كروران ئېلىدە ھەر ئىككى ئائىلىدىن بىردىن بۇددا راھىبى بولۇشى، جۈملىدىن راھىبلارنىڭ سانىنىڭ 4000 دىن ئېشىشى بۇددىزمنىڭ روناق تاپقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. مىرەن كونا شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان بۇددا دىنى مەزمۇن قىلىنغان تام رەسىملىرى، بۇدداغا ئائىت ھەيكەللەر بىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى كروران بۇددىزمى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى كروران بۇددىزمىنى چۈشىنىشتە قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ. كروران ئېلىدە راھىبلارنىڭ ئۆز ئالدىغا شەخسىي مال - مۈلكى بولغان، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى، راھىبلارنىڭ توي قىلىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشى، بالا بېقىۋېلىشى، بۇتخانىلارنىڭ ۋەخپە يەرلىرىنىڭ بولۇشى ۋە ۋەخپە يەرلەرنىڭ ئىجارىگە بېرىلىشى، راھىبلارنىڭ يەنە دۆلەتتە قوشۇمچە دۆلەت مەمۇرى بولۇشى، سودا - تىجارەت قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇنىڭغا بىۋاسىتە پاكىت بولالايدۇ.
5. بالىلارنى قوغداش قانۇنى: خانىدانلىق ئەينى ۋاقىتتىكى يۈز بەرگەن بالىلارنى خارلاش، ئۇرۇش ھادىسىلىرىگە قارىتا چەكلەش تەدبىرى قوللىنىش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، مەخسۇس قانۇن تۈزۈپ، بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى، ھېچ بولمىغاندىمۇ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان. 29 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
خاقان ئالىيلىرى قاتارلىقلاردىن:
رەبىيا ۋە كېلەيشالارنىڭ ئەرزىگە قارىغاندا شىما ئىسىملىك ئايالنىڭ بېشى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يېرىۋېتىلگەن. رەبىيانىڭ يەنە بىر قىزى كېلەيشا قېرىندىشى ئوكارو تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىدار قىلىنغان. ھازىرچە بۇ ئىشنى نەق مەيداندا كۆرگەن ئادەم يوق، شۇڭا ھۆكۈم چىقىرىش مۇۋاپىق ئەمەس…
]بۇ پۈتۈك ئەينى ۋاقىتتا قانۇنىي ھۆكۈملەرنىڭ پاكىتلار ئاساسىدا چىقىرىلغانلىقىنى، پاكىتقا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.[
331 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
بورىيابوتنىڭ قىزىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈك، جاكىنا ساقلايدۇ.
بۇ تامغا kala بۇمىينابرونىڭ.
ئۇلۇغ خاقان، تەڭرىنىڭ ئوغلى ئېدوكا ماھىرى ئالىيلىرى سەلتەنەتىنىڭ 11 - يىلى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇلۇغ تېگىن بۇمىينابرونىڭ تەۋەلىكىدىكى بورىيابوت ئىسىملىك بىر ئەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ قىزىنى يىتتۈرۈپ قويغان. جاكىنا ئۇ قىزنى تېپىۋېلىپ باققان ھەمدە <سۈت ھەققى> نى بورىبوتقا بەرگەن. بۇ ئىش مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق سۈت ھەققىنى بىر ئات قىلىشقان. بۇ قىزنى جاكىنا ساتسا ياكى گۆرۈگە قويسا ۋە ياكى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارسا بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى خورلىماسلىقى، ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ قىز توغرۇلۇق بورىيابوت ياكى خاتۇنى باشقىچە ئىختىلاپ قىلسا بولمايدۇ. بۇ پۈتۈكنى sramana ئۇلۇغ تېگىن kala بۇمىينابرونىڭ يارلىقى بىلەن پۈتۈپ چىقتىم. بۇ پۈتۈك ھەرقانداق يەردە ئىناۋەتلىك.
187 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
ئۇلۇغ خاقان ئامگوكا… gus,ura بىكاروفارو، tuguja جاببىكاي، tusuoa روگرودۇكا بىلەن kitsa>i تەڭ تەقسىم قىلىندى. قارارمۇ يەتكۈزۈلدى. شۇ ۋاقىتتا كەنجى ئىنىسى كىمرو جىپيا تەرىپىدىن ئۇرۇپ بىر ئۇستىخىنى سۇندۇرۇۋېتىلگەن. ھازىر جىپيا جازاغا تارتىلىپ 70 دەررە ئۇرۇلۇپ، گۆشلىرى تىتىلىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەش distis ئېگىزلىكتىكى ئەردىن بىر نەپەر تۆلەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ قېرىندىشى كىچىك ئىنىسىنى ئۇرسا، ئاتا ئوغلىنى ئۇرسا مۇشۇ ئەنزە مىسالى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق بۇ مەكتۇپ kitsa>i بىز يۇقىرىقى پاكىتلاردىن كروران ئېلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتا مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ بالىلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
6. باج ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن: كروران - چەرچەن ھاكىمىيىتى ھەممە ئىشلىرىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا تىرىشقىنىدەك، باج ئىشلىرىنىمۇ قانۇن يولىغا سېلىپ باجنى قانۇن ئارقىلىق كونترول قىلغان. باج تاپشۇرۇش، باج يىغىش ۋە باشقا ئىشلارنى قانۇن بەلگىلىملىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان. باج رايونلىرى بىرلىك قىلىنىپ، قانۇن - بەلگىلىمىلەر بويىچە باج يىغىلغان. قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرگە ئاساسلانغاندا، خانلىقنىڭ ئەركىن ئاھالىلىرى، نوپۇس بېجى، يەر بېجى، سۇ بېجى، چارۋا بېجى، مېۋە بېجى، تەك بېجى، كېلىگىس بېجى، سامالانا بېجى، چاجىنا بېجى، كۇجىنا بېجى، مۇسەللەس بېجى، سۇكا بېجى، ماكا بېجى، قۇگىنا بېجى، كۇلېما بېجى… دېگەندەك 10 خىلدىن ئارتۇق باج تاپشۇرغان. يۇقىرىقى باج تۈرلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش مۇمكىن بولسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ مەنىسى تېخىچە ئېنىقلانمىغاچقا، چۈشىنىش قىيىن.
باج تاپشۇرۇشتا ئاساسەن ماددىي نەرسىلەرنى تاپشۇرۇش ئاساس قىلىنغان، باجغا تاپشۇرۇلغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە سېرىق ماي، قوي، زىلچا، كىگىز، زىرائەت، رەخت، كىيىم، تاغار، سېۋەت، تۆگە، كالا، ئانار ۋە مەنىسى ئېنىقلانمىغان نەرسىلەردىن cvoma، ogana، maka، kammama، camdvi، vaji، kosaraarnarnii قاتارلىقلار بار.
يىغىلغان باجلار خانىدانلىق خەزىنىسىگە ۋاقتىدا تاپشۇرۇلغان، باجگىرلار ۋە مالىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدا مەخسۇس تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن باج تاپشۇرۇش خاتىرىسى بار بولۇپ، خانىدانلىق خالىغان ۋاقىتتا نازارەت قىلىپ تۇرغان ۋە ئەنە شۇ تەپسىلىي ھېساب دەپتىرىگە ئاساسەن باج يىغقان. باجگىر باج يىغىشقا سۇسلۇق قىلسا، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. باجگىر باجنى كەم يىغسا، ئارقىغا تارتسا، يوقاتسا، سانى بويىچە تۆلىگەن. ئاتا - ئانىسى تۆلىيەلمىگەن ياكى ئارقىغا تارتقان باجلارنى بالىلىرى تۆلىگەن، بۇ ھەقتە پۈتۈكلەردە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان. تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتىكى پۈتۈكلەردىن مىسال كۆرۈپ باقايلى: نىيا ناھىيىسىدىن تېپىلغان 91NA20 پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
ھۆرمەتلىك قۇدرەتلىك ئايماق بېگى ساماسانا، بۇغۇ باج نازارەتچىسى ۋاگاكا ئوپگېيا ئالىيلىرىدىن قۇتقۇ ۋە ئارجۇنادىن ئامان - ئېسەنلىك سوراپ ئېھتىرام بىلەن سالام. يېقىندا تومغا بېگى ۋە قول ئاستىدىكىلەر ئاشلىق ۋە ئۈزۈم ھارىقى يىغىش ئالاقىسىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، شۇڭا مەن چاپسان ھەرىكەت قىلىپ ئاشلىق ۋە ئۈزۈم ھارىقىدىن باج يىغدىم. سىلەر مەندە قانداق ئالاھىدە بۇيۇم بارمىكىن دەپ ئويلىماڭلار. بۇ يەردە felt نى ئۈزۈم ھارىقىدىن ئىككى مىلىما 15 قىغا ئالماشتۇردۇم. سىلەر دەرھال pongona، samigana نىڭ ئۈزۈم ھارىقى بىلەن تەمىنلىشىڭلار كېرەك. ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ، قازناقتا ساقلىنىۋاتقان ئۈزۈم ھارىقىدىن 15 تۆگىگە يۈكلىگۈدەك مىقداردا تەمىنلىشىڭلار كېرەك، ئاپتا توشۇپ بېرەلەيدۇ. ئاپتا 15 تۆگىگە يۈكلىگۈدەك ئۈزۈم ھارىقىنى توشۇپ كەلمىدى، تەمىنلىگەن بولغىيتتىڭلار.
قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ياكى باجغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈكلەر بولۇپ، بۇنىڭدىن چەرچەن خانلىقىنىڭ باجغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى قارۇشتى پۈتۈكىدە مۇنداق دېيىلگەن:
<ئۇلۇغ خان ئالىيلىرىنىڭ يارلىقى، ئايماق بېگى بىمويا ۋە باج نازارەتچىسى رابىياغا يارلىق. بۇرۇنقىغا ئوخشاش سىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى موبويا يەنە تۆت يىللىق باجنى تاپشۇرماي ئىگىلىۋالدى. فاگازامۇ يەنە تۆت تۆگىگە خىيانەت قىلدى. سىلەر بۇ يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان دەرھال ئاشۇ باجلارنى تاپشۇرۇپ ئاستانىگە يوللاڭلار> دېيىلگەن.
يەنە بىر پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن:
<ئۇلۇغ خاقان ئالىيلىرىنىڭ يارلىقى، ئايماق بېگى سوجىكاغا يارلىق، بۇرۇنقى يىللارغا ئوخشاش ئاجىيام يېزىسىنىڭ يىللىق بېجىنى سىلەر يىغىسىلەر، 20 يىلدىن بۇيان بۇ باجنى سەن تاپشۇرماي ئىگىلىۋالدىڭ. بۇ يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان بۇ باجنى تىزىملاپ باجنى ھەم تىزىملىكنى رېپارت ئارقىلىق باجگىرلارغا تاپشۇر، ئۇلار تېزلىكتە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، يوشۇرۇشقا، ئازلىتىشقا بولمايدۇ> دېيىلگەن.
بىز يۇقىرىقى پۈتۈكلەردىن خانىدانلىقنىڭ مۇكەممەل باج يىغىش فۇنكسىيىسىنىڭ، شۇنداقلا يەنە باجغا خىيانەت قىلىش، ئارقىغا سۆرەش ھادىسىلىرىنىڭمۇ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلىمىز. خانىدانلىقنىڭ باج مۇپەتتىشلىك، نازارەت سىستېمىسىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان خانىدانلىق خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلمىغان باجنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى، ئۇلارنىڭ ج ئىشلىرىنى خېلىلا قاتتىق باشقۇرغانلىقى، ئەمما ئايماق بېگىگە خاقاننىڭ بۇ ئىشتا خېلىلا يۈز - خاتىرە قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئادەتتە باشقا مەنبەلەردە باج ئوغرىلاش ۋە باشقا ئىشلارغا قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىندىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ، لېكىن بۇنىڭدا ئۇنداق جۈملىلەر يوق. يەنە بىر پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن: خاقان ئالىيلىرىنىڭ يارلىقى. ئايماق بېگى سۇجېكاغا تۆۋەندىكىدەك يارلىق: سوجېتو ئاستانىمىزگە مۇنداق ئەرز قىلدى، ئۇ باج نازارەتچىسى، يەنە ئايماقنىڭ پۈتۈكچىسى، ئۇ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سارۋىيا بىلەن چېرىك بولغان. سارۋىيا باشقا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىمىگەن. سىز بۇ يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان بۇ ئىشنى تەپسلىي تەكشۈرۈڭ، ئۇ ھەقىقەتەن ئىككى خىل ۋەزىپىنى ئىشلىگەنمۇ - يوق؟ قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىڭ.
مانا بۇ يارلىقتا بىر ئادەمنىڭ ئىككى خىل ۋەزىپىنى ئۆتىسە بولمايدىغانلىقى، جۈملىدىن بىرلا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىھەققىدە خاقاننىڭ ئالاھىدە يارلىق چىقىرىش كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.
7. مىراسخورلۇق قانۇنى: قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە ئەينى دەۋردىكى ئەركىن پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق قوغدالغانلىقى، مىراسخورلۇق قانۇنىنىڭ ئەنە شۇ قانۇنىي مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. كروران ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەت قانۇنىدىن دۆلەتنىڭ قانۇنى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ئاشۇ دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بولۇشى مۇمكىن. پۈتۈكلەردىن قارىغاندا، مىراس بۆلۈشتە ئادەتتە مال - مۈلۈك )يوتقان - كۆرپە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا> تەڭ تەقسىم قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. شۇنىمۇ تەكىتلەش مۇمكىنكى، مىراس ئوغۇل، قىز پەرزەنتلەرگە باراۋەر ھالدا، تەڭ تەقسىم قىلىنغان. تۆۋەندىكى 474 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە خاتىرىلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقايلى:
خاقان ئالىيلىرى قاتارلىقلاردىن:
Suwetha بىموچىنانىڭ ئىلتىماس قىلىشىچە، ھازىرقى يافۇ كەنتىدىكى kilmeqi يابوجىنىڭ سىڭلىسى بولۇپ ئىسمى كەتبو ئىدى. دېكۈن مەھەللىسىدىكى kilmeqi, saramamna سېڭگابورونى خوتۇنلۇققا ئالغان. ئەمما mukesi ئالمىغان، lote مۇ ئالمىغان، بۇ ئالاقىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەرگە تېگىشى قانۇنلۇق بولۇپ، قانۇنىي رەسمىيەتنى بېجىرىپ باشقىلار نىكاھىغا ئالغان بولسا، مىراس ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىشى كېرەك، ئەگەر muskesi, lote رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمىگەن بولسا، بۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.[QX)]كروران ئېلىدىن قالغان يازما پۈتۈكلەر ئىچىدە قانۇنىي ۋەسىقىلەر زور سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ، 1، 6، 17، 24، 29، 164، 312، 308، 297، 271، 243، 216، 209، 204، 187، 168، 144، 134، 128، 124، 90، 68، 63، 53، 49، 31، 164، 507، 506، 481، 480، 471، 462، 436، 423، 420، 400، 386، 358، 356، 352، 345، 339، 331، 326، 325، 322، 729، 719، 709، 676، 643، 638، 636، 570، 568، 554، 548، 545، 540، 532، 524، 520، 518، 517 - نومۇرلۇق ۋەسىقىلەر بىزنى ئەينى دەۋر قانۇن - تۈزۈملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
كروران ئېلىنىڭ خانلىق بايرىقى 376 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە كروران ئېلىنىڭ تۇغى بارلىقى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، تۇغنىڭ شەكلى ھەققىدە بىرەر يازما ئۇچۇر ياكى ماددىي پاكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەكلى، رەڭگى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز.
كروران ئېلىنىڭ ئىگىلىكى كروران ئېلىنىڭ ئىگىلىكى ھەققىدە كۆپىنچە خەنزۇچە ماتېرىياللاردا ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە چارۋىچىلىقنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ. قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار بىلەن شۇ خانلىقنىڭ نوپۇسى ھەمدە شەھەرلەرنىڭ كۆلىمىدىن ئالغاندا، كروران ئېلىدە ئېكىنچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي سالماقنى تەشكىل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
كروران ئېلىدىكىلەرنىڭ ئىگىلىكىدە ئۈزۈم ۋە ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن ھاراقنىڭ مىقدارىنىڭ خېلى كۆپ بولۇشى ئەينى ۋاقىتتا ئۈزۈملۈك مەيدانىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇڭىمۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇسەللەس، بوزا، مەيزاپ، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىقلاردىن باج ئېلىنغان. قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە يېزىلغان بور بېجىنىڭ راست بولۇشى بىلەن بىرگە نىيا ناھىيىسى 94A4 نومۇرلۇق تۇرالغۇدىن نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان يەردە ئۈزۈملۈك بايقالدى. بۇ ئۈزۈملۈك شاخلار بىلەن چىتلانغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 1500 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ ھازىرقى ئەمەلىي كۆلىمى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى كۆلىمىنىڭ بۇنىڭدىن چوڭ بولۇشى مۇقەررەر. چۈنكى شامالنىڭ يالىشى، سۇنىڭ ئېقىتىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن ھازىرقى شەكىلگە كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۈزۈملۈكنىڭ غەربىدىكى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان 60 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چىتلاقنىڭ ئېشىپ قالغىنىغا قارىغاندا، بۇ ئەسلىدە تۆت چاسا )ھازىر ساقلىنىپ قالغىنى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە> باراقسان باغلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىر ساقلىنىپ قالغىنى توققۇز قۇر تال بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قارىتىپ تىكىلگەن. ھەربىر قۇر ئۈزۈم تالنىڭ ئارىلىقى ئىككى مېتىر، ھەربىر تۈپنىڭ ئالدىغا ياغاچ قادىلىپ باراڭغا ئېلىنغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئارخېئولوگ سابىت ئەخمەت ئەپەندى مۇنداق دېگەن: <ئۈزۈملۈك، مېۋىلىك باغلارنىڭ قالدۇقلىرىنى پۈتۈن نىيا خارابىسىدە تارقاق جايلاشقان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. … A27 - نومۇرلۇق ئۆي خارابىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا دۆڭلۈكلەر ئارىسىدىكى تەكشىلىككە جايلاشقان چوڭ باغ ئورنى بولۇپ، ئەتراپىدىكى چىتلاقلىرى ھازىرغىچە ياخشى ساقلانغان. باغ ئىچىدە كۆپلىگەن مېۋە كۆچەتلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ>. يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى نىيا خارابىسىدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە ئەينى دەۋر كروران جەمئىيىتىدە ئۈزۈملۈك باغلارنىڭ بارلىقى، ئۈزۈمدىن مەيزاپ قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلار ساقلىنىپ قالغان. 581 -، 90 - پۈتۈكتە بىر ئۈزۈملۈك باغ تىلغا ئېلىنغان. 586 - پۈتۈكتە بىر ئۈزۈملۈك باغنىڭ سېتىلغانلىقى، سېتىۋالغۇچىنىڭ تەكلەرنىڭ سىنچەكلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقى، سىنچەكلەرنى چۇۋۇۋېتىش، ئۈزۈملەرنى كېسىش، مەيزاپ چىقىرىش، تەكلىكنى سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. كروران ئېلى دەۋرىدە ئۈزۈمدىن باشقا، يەنە ئانار، rotam قاتارلىقلارمۇ ئۆستۈرۈلگەن، 295 - پۈتۈكتە بىرەيلەنگە بۇرۇنقىغا ئوخشاش بىر قى مىقداردىكى ئانار باج تاپشۇرۇش كېرەكلىكى خاتىرىلەنگەن.
تەكشۈرۈش ئەترىتىمىز نىيا خارابىسىدىكى 501 كە يېقىن تارقاق جايلاشقان تۇرالغۇ ئۆي خارابىسى ئەتراپىدىن مېۋىلىك دەرەخلەردىن شاپتۇل، ئۆرۈك، جىگدە ۋە ياڭاق قاتارلىقلارنى بايقىغان. يۇقىرىدىكى پاكىتلار ۋە قۇم بارخانلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بۇ قەدىمكى ئۈزۈملۈك ۋە باغلارنىڭ ئەينى زامانلاردا يېشىللىققا چۆمگەن، مېۋىلىرى مول بوستانلىق جاي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە بىز 7 - ئەسىردە كاڭ يەندەن قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىق قىلىشى بىلەن چاقىلىق رايونىدا قايتا گۈللىنىش بولغاندا بوربالىق ئىسىملىك بىر بوستانلىقنىڭ ھازىرقى چاقىلىق بوستانلىقىنىڭ تۆت چاقىرىم شىمالىدا قەد كۆتۈرگىنىگە ئوخشاش، مۇشۇ رايوندىمۇ خۇددى نىيا ناھىيىسىدىكىدەك ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۈزۈم يېتىشتۈرۈش ئەنئەنىسىنىڭ بولغانلىقىنى، ئەمما خارابىلەرنى قۇم بېسىپ كېتىش، شامال ئۇچۇرتۇپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بۇ ھەقتە مۇكەممەل ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالماي قالدۇق. پروفېسسور ۋاڭ شۇچۈەن ئەپەندى كروران ئېلىنىڭ، جۈملىدىن كروران شەھىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئېكىنچىلىق ئىگىلىكى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: <خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى 1934 - يىلى توپىلىق خارابىسى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى چوڭ يولنىڭ غەرب تەرەپلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، قەدىمكى ئۆستەڭنىڭ قېشى ۋە ئېتىزلارنى بايقىغان، كروران شەھىرىگىچە بولغان تېرىمنىڭ مەركىزىي قىسمى دەريانىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا سوزۇلىدۇ. <سۇ ئىشلىرى تەپسىراتى. دەريا - ئېقىنلار> دا دەريا يەنە شەرققە ئېقىپ جۇبىن شەھىرىنىڭ جەنۇبى بىلەن، يەنە كروران شەھىرىنىڭ شەرقى بىلەن ئېقىپ شەرققە قۇيۇلىدۇ. ئېتىز بەرپا قىلىنىپ تېرىقچىلىق قىلىنغان بولۇپ، قەدىمكى چەرچەن ئېلى )故城禅国> دەپ ئاتالغان دەپ ئېنىق خاتىرىلەنگەن.> 1980 - يىلى كروران شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكى ۋە غەربىي جەنۇبى بۇرجىكىدىن تېرىقچىلىق قىلغان يەرلەرنىڭ ئىزلىرى بايقالغان. بوستانلىقنىڭ ئېچىلىشى ۋە دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى كروران ئېلىنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى. <خەننامە> دە كروران ئېلى ھەققىدە <<1570 ئائىلە، 14100 نوپۇس، 2912 ئەسكەر بار>> دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 400 - يىلى راھىب فاشەن غەربكە نوم ئالغىلى مېڭىپ بۇ جايدىن ئۆتكەندە 4000 دىن ئارتۇق راھىب بار ئىكەن. شىمالىي ۋېي زامانىدا چەرچەن ئېلىدە 8000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئائىلە بار بولۇپ، يېقىن ئەتراپلىرىدىكى كىچىك خانلىقلاردىن ئەندىر، چالمادانا، روڭلۇ، چادوتا )نىيا> قاتارلىقلارنى بويسۇندۇرغان. يۇقىرىقى نوپۇسلار كروران بوستانلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىسىمۇ ئۇ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. مانا بۇ كروراننىڭ يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئەگەر يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادى ياخشى بولمىغان بولسا، بۇنچە كۆپ ئاھالە بولمايتتى>. ئارخېئولوگلار كروران ئېلىدە دېھقانچىلىقنىڭ راۋاج تاپقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماددىي پاكىتلارنى تاپقان. 1980 - يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى كروران شەھىرى خارابىلىرىنى تەكشۈرگەندە تاپقان بۇغداي ۋە تېرىق ئەۋرىشكىسى بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ زىرائەت ئەۋرىشكىسىنى سىچۈەن يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور يەن جى ۋە دوتسېنت ياڭ جۈنلياڭلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ھەمدە دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ ياخشى ساقلانغان ئەڭ بالدۇرقى بۇغداي دەپ باھا بەرگەن. ئالىملار مۇشۇ قېتىملىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە تېرىق ۋە بۇغداي دۆۋىسىنى ھەمدە تام سۇۋىقىدىن بىر نەچچە تال بۇغداي دانىسىنى تاپقان. تېرىقنىڭ تېرىلغانلىقى ھەققىدە كروراندىن تېپىلغان خەنزۇچە يازما پۈتۈكلەردە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان بولۇپ، 90 مو تېرىقتىن 70 موسىنى سۇغىرىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. يۇقىرىقى بۇغداي ئەۋرىشكىلىرىنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن 2100 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ بولۇپ، يەنە بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، ھازىرقى بۇغدايدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، كروران رايونىدا ئارپا، بۇغداي، سۆك قاتارلىقلار ئاساسلىق زىرائەت تېرىلغان، ئاگرانوملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئادەتتىكى بۇغداي ئەۋرىشكىسى كروران زېمىنىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم دانلىق زىرائەتلەر، كۆكتات، قوغۇن قاتارلىق مېۋىلەرمۇ تېرىلغان. ئارخېئولوگلار LE خارابىسىدىن تاپقان تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق سايمانلىرى ۋە يازما پۈتۈكلەردە كۆرۈلگەن 4326 توپ يىپەكنىڭ كرورانلىقلارغا سېتىپ بېرىلىشى بۇ يەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ راۋاجلانغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.
كروران ئېلىنىڭ ئىگىلىكى مەسىلىسىدە كۆپىنچە خەنزۇچە ماتېرىياللاردا كۆرۈلىدىغان يېرى قۇملۇق، ئاشلىقنى قوشنا ئەللەردىن كىرگۈزىدۇ، چارۋىچىلىق قىلىپ سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ، دېگەن بايانلارنى ئاساس قىلىۋاتىمىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى، سۈيىنىڭ ئەلۋەك ئىكەنلىكى، مىرەندە سۇغىرىش سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە باشقا نۇقتىلارغا ئاساسلىنىدىغان بولساق، كروران ئېلىدە دېھقانچىلىق )باغۋەنچىلىكمۇ شۇنىڭ ئىچىدە>، بېلىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، دېھقانچىلىقنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىكتە ئىگىلىگەن نىسبىتى چارۋىچىلىقتىن ھەرگىزمۇ تۆۋەن بولمىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى قارۇشتىچە پۈتۈكلەردە يېزىلىشىچە، koyimamdhina, tsamghina, kuvana قاتارلىق زىرائەتلەردىن باج ئېلىنغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇلارنىڭ قايسى زىرائەت تۈرلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى. 272 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە مۇنداق دېيىلگەن: <قۇدرەتلىك ئۇلۇغ خاقان ئالىيلىرىنىڭ ئايماق بېگى سۇجاكاغا يارلىقى. سىز ئالىيلىرىنىڭ ئۇشبۇ يارلىقىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان… باج ئەمەلدارى پارغۇتنى ئەۋەتىپ tsamghina, kuvana ۋە koyimamdhina ئۈچ خىل زىرائەتتىن يىغدۇرۇڭ…>. 291 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە kuvana بېجىدىن 350 مىلىما يىغىلغانلىقى، 093 - پۈتۈكتە koyimamdhina بېجىدىن 150 مىلىما يىغىلغانلىقى يېزىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن sahini,juthi ۋە sikh قاتارلىقلار بولغان، پۈتۈكلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن باج يىغىلغاندىن كېيىن دۆلەت مەمۇرلىرىغا ئىش ھەققى سۈپىتىدە ئاشلىق تارقىتىلغان، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگىمۇ پۇل ھېسابىدا ئاشلىق بېرىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئېلىم - بېرىم ئىشلىرىدا زىرائەتنىڭ پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يېزا ئىگىلىكنىڭ مۇقىم نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكىدىن بولغان، ناۋادا ئۇ بىرخىل مىقدارى ئاز بۇيۇم بولغىنىدا ئىدى، باھاسى مۇقىم بولماي ئېلىم - بېرىم ئىشلىرىدا مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرگەن بولاتتى. كروران ئېلىدە خۇددى بىز يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك چارۋىچىلىق ئىشلىرىمۇ راۋاجلانغان، بۇنىڭغا ئاساسلىقى تەبىئىي شارائىت سەۋەب بولغان. چۈنكى تارىم، كۆنچى، چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئاياغ ئېقىنلىرى بۇ يەردە زور تەبىئىي يايلاقنى شەكىللەندۈرگەن. دەريا ۋە كۆل بويلىرىدا ئۆسكەن توغراق ۋە باشقا چۆل ئۆسۈملۈكلىرى چارۋىچىلىققا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغان. ئەينى چاغدا كروران يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغاچقا، كارۋانچىلىققا لازىم بولىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى — تۆگە، ئات، ئېشەكلەر كۆپلەپ بېقىلغان، دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كالا قاتارلىق دېھقانچىلىق ھايۋانلىرىمۇ بېقىلغان. ئۆتكەن كارۋانلارنىڭ ۋە يەرلىك ئاھالىنىڭ گۆش ۋە سۈتكە بولغان ئېھتىياجى قوي، ئۆچكە، كالا، ئات قاتارلىقلارنىڭ كۆپلەپ بېقىلىشىغا تۈرتكە بولغان، يەنە كېلىپ كالا تېرىسى، قوي يۇڭىغا بولغان ئېھتىياجمۇ ئىنتايىن زور بولغان. ئارخېئولوگلار ئەينى تارىخىي دەۋردە كىشىلەرنىڭ قېتىق ئۇيۇتۇپ ئىستېمال قىلغانلىقىنى، كالا تېرىلىرىدىن ئاشلاپ ۋە ئاشلىماي تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكى، جۈملىدىن كەش قاتارلىقلارنى تىكىپ كىيگەنلىكىنى، ئەمدىلا سويۇلغان كالا تېرىلىرى ئارقىلىق ئۆينىڭ تورۇسلىرىنى ياپقانلىقىنى قوي يۇڭى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ رەخت توقۇپ، كىيىم - كېچەك تىكىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇنىڭدىن كىگىز، پالاس، تۇماق، پىيما، پايپاق ئىشلەپچىقىرىپتۇرمۇشىنى قامدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا يۇڭ توقۇمىچىلىقى ۋە يۇڭدىن ئىشلەنگەن كۈندىلىك بۇيۇملار ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. يۇڭ توقۇمىچىلىقى ئەينى دەۋر جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ ئاساسىي ھۈنىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇڭدىن ئىشلەنگەن كۈندىلىك بۇيۇملىرىدىن كىگىز قاتارلىقلار ھەققىدە ئارخېئولوگ ۋاڭ بىنخۇا <شىنجاڭدىن تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى كىگىز ئەۋرىشكىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيانىڭ كەڭ رايونىدا ئەڭ بالدۇر بولۇپ، ئەڭ بۇرۇنقى كىگىز مەھسۇلاتلىرىدۇر> دەيدۇ. <شىنجاڭنىڭ ئاممىباب ئومۇمىي تارىخى> ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە، ئەينى تارىخىي دەۋردە كروران پالىسى )زىلچا - گىلەم دېيىشكە بولامدۇ - يوق؟ ئەينى ۋاقىتتا دەپ يېزىلغان> خۇددى خوتەن گىلىمىگە ئوخشاش ناھايىتى ئەتىۋار ھەم قىممەت بولغان، بەن گۇنىڭ بەن چاۋغا يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، دۇگۇ ئىسىملىك بىرى 80 تۈمەن يارماققا 10 پارچە پالاس سېتىۋالغان، بۇ ئەينى ۋاقىتتا بىرقانچە قۇلنىڭ باھاسىغا باراۋەر كەلگەن. كروراندىن تېپىلغان يۇڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى شاڭخەي توقۇمىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇلارغا كۆپىنچە قوي يۇڭى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يۇڭ تالاسىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ چىققان. ئىشلىتىلگەن يۇڭ يىپ 70 تالدەك يۇڭ تالاسىدىن تۈزۈلگەن. ئارخېئولوگلار يەنە قەدىمكى قەبرىلەر جىلغىسىدىن يۇڭدىن ياسالغان بېلىق تۇتىدىغان تورلارنى بايقىغان، بۇلار ئەينى دەۋردە ئىنتايىن سۈپەتلىك يۇڭ توقۇلمىلىرىنىڭ توقۇپ چىقىرىلغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
كروران ئېلىدە بېلىقچىلىق مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بولۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى خەلقنىڭ يېمەكلىكىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتقان. تارىم، كۆنچى، چەرچەن دەريالىرى كروران ئېلى تېررىتورىيىسىدە ناھايىتى كۆپ كۆللەرنى ھاسىل قىلغان. كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردە قاراقۇشۇن، قارابوران كۆلى، تارتما كۆلى، تېيىز كۆل، چىۋىنكۆل، يېڭى كۆل، چوڭ كۆل… قاتارلىق نۇرغۇن كۆللەر ھاسىل بولغاچقا، بۇ جاينىڭ سۈيى ئەلۋەك، سۇ مەھسۇلاتلىرى مول بولغان.
كروران ئېلىنىڭ ئىگىلىكى ھەققىدە بەن گۇ )32 - 92> تەرىپىدىن مىلادىيىنىڭ بېشىدا يېزىلغان <خەننامە> دە < … نوپ )女若羌> ئاھالىسى ئوت - چۆپ، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ، دېھقانچىلىق قىلمايدۇ. ئاشلىقنى چەرچەن ۋە چالمادانادىن ئالىدۇ. تاغلىرىدىن تۆمۈر چىققاچقا، ھەربىي قوراللارنى ئۆزلىرى ياسايدۇ. قوشۇنلىرى ئوقيا، نەيزە، قىلىچ، خەنجەر تۇتۇپ، ئىشمەك ساۋۇت كىيىدۇ> دېيىلگەن بولسا، چەرچەن خانلىقى ھەققىدە <يېرى قۇم ۋە شورلۇق بولۇپ، تېرىلغۇ يەرلىرى ئاز بولغاچقا، قوشنا ئەللەرنىڭ يېرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئاشلىق تېرىيدۇ. بەگلىكتىن قاشتېشى چىقىدۇ. يېكەن، قومۇش، يۇلغۇن، توغراق، چىغ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئۆسىدۇ. ئاھالىسى كۆچمەن بولۇپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئات، ئېشەك، تۆگە كۆپ بولۇپ، ھەربىي قوراللارنى ياساش جەھەتتە نوپقا ئوخشايدۇ… چالمادانادىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇ يېقىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاشلىق تېرىلىدۇ. يەر ۋە ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلىرى، چارۋا مەھسۇلاتلىرى، ھەربىي قورال - ياراغ ئىشلەپچىقىرىشى خەن سۇلالىسىگە سەل ئوخشاپ كېتىدۇ. چالمادانادىن ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەر چىقىدۇ. غەربىدىن نىيىغا 2000 چاقىرىم كېلىدۇ> دېيىلگەن. بىز بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ئەينى ۋاقىتتىكى كروران ئېلىنىڭ ئىگىلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولساق، چەرچەن خانلىقى نوپ ئېلىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۆزىگە ئاشلىق يېتىشمەي قوشنىلىرىدىن كىرگۈزىدۇ ياكى يەر ئىجارىگە ئېلىپ تېرىيدۇ. ئىجارىگە ئېلىپ تېرىلىدىغان يەر كروران قەلئەسىنى مەركەز قىلساق، چاقىلىققا 500 چاقىرىم، چەرچەنگە 720 چاقىرىم، چالمادانادىن نىرانغا 2000 چاقىرىم ھېسابلانغان بولسا، جەمئىي 0033 چاقىرىمدەك مۇساپە بولۇپ، 1500 كىلومېتىردەك كېلىدۇ. تېرىقچىلىق قىلىشقا شۇنچە يىراققا ئادەم ئەۋەتەمدۇ؟ يەنە مىڭ جاپالار بىلەن ئىجارىگە ئېلىپ شۇنچە يىراقتىن ئېلىپ كەلگەن ئاشلىقى بىلەن نوپ ئېلىنى تەمىنلەمدۇ؟ ئۇلار تېرىقچىلىقنى قۇمۇل ياكى تۇرپاندا قىلغانمۇيا؟ بۇ ئاتەش ماكان تېخىمۇ قۇرغاق ۋە نوپۇسى كۆپ بولۇپ، بۇ ئېھتىماللىقمۇ يوق دېيەرلىك. مەسىلە شۇ يەردىكى، ئۆزىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىيەلمەي تۇرۇپ، يەنە بىر ئەلنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئېلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىز يەنە 244 - يىلى خاقان بەگ روڭنىڭ 4000 ئائىلە، يەنى ئاھالىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ چالماداناغا كۆچكەنلىكى بىلەن 400 - يىلى بۇ يەردە 0004 دىن ئارتۇق كىچىك كۆلۈڭگۈ راھىبىنىڭ بولۇشى، مۇشۇ زېمىندا تېپىلغان Cha.NO805 نومۇرلۇق پۈتۈكتىكى <319 توپ كىرگۈزدۈم، بۈگۈن ئۆي ئىگىسى ئۈچۈن 4326 توپ رەڭلىك يىپەك سېتىۋالدىم> دېگەن بايانلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، شۇ ۋاقىتتا بۇ رايوننىڭ نوپۇسىنىڭ 100 مىڭغا يېقىنلاپ قالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ، زور كۆلەمدە يېزا ئىگىلىكى بولمىسا، شۇنچە كۆپ ئاھالىنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. <ئارخېئولوگلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىرەندىكى سۇغىرىلىدىغان يەرنىڭ كۆلىمى 45 مىڭ موغا، بۇنىڭ ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆلىمىنىڭ 17 مىڭ مو>〖ZW>B〗<بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەزكىرىسى>، بۈگۈنكى جۇڭگو نەشرىياتى، 1994- يىلى خەنزۇچە نەشرى 811 - بەت.〖ZW)〗ئىكەنلىكىدەك پاكىتلار بىزگە ئەينى ۋاقىتتا كروران ئېلىنىڭ لوپ كۆلى بويلىرىدىن ۋاششەھىرى خارابىسىگىچە بولغان زېمىنلىرىدا دېھقانچىلىقنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. <خەننامە> دە يېزىلغان <… قاشتېشى، تۆمۈر چىقىدۇ…> <… نەيزە، قىلىچ، خەنجەر تۇتۇپ، ئىشمەك ساۋۇت ئىشلىتىدۇ…> دېگەن بايانلار بىلەن ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارنىڭ ماددىي پاكىت بولۇشىغا ئاساسەن ئەينى ۋاقىتتا مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، قاشتېشى قاتارلىقلاردىن ياسالغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بولۇشى كروران دەۋرىدە مېتالچىلىق، قاشتېشى ئويمىچىلىق ئىشلىرىنىڭ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھۈنەر - كەسىپلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ھازىرچە مۇشۇ يەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان دېيىش بالدۇرلۇق قىلسىمۇ ھامان ئىسپاتلىنىشى مۇمكىن.
كروران ئىگىلىكىدە كۇلالچىلىق ۋە ياغاچچىلىق ھۈنەرلىرىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، مىلادىيىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن مىسكەرلىك ئىشلىرىمۇ خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، كۇلالچىلار ياساپ چىققان نەپىس ھەم پۇختا ساپال بۇيۇملار خەلقنىڭ مۇھىم تۇرمۇش بۇيۇمى بولغان، ياغاچچىلىق ھۈنىرىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاياغ، چارا، جام، لېگەن، تاۋاق قاتارلىقلار ياسالغاندىن سىرت، يەنە ئۆيلەرگە، ياغاچلارغا تۈرلۈك نەقىشلەرنى چىقىرىپ ئۆيلەرنى چىرايلىق زىننەتلىگەن.
كروراننىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇشى بۇ يەرنىڭ سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن، ئاھالىسىنىڭ كۆپلۈكى سودا ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. كروراندىن تېپىلغان پۈتۈكلەر بۇ يەرنىڭ سودا ئىشلىرىنىڭمۇ ياخشى گۈللەنگەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلى بولالايدۇ. Cha.NO805 نومۇرلۇق پۈتۈكتە <319 توپ كىرگۈزدۈم، بۈگۈن ئۆي ئىگىسى ئۈچۈن 4326 توپ رەڭلىك يىپەك سېتىۋالدىم> دېيىلگەن بولسا، C.W.NO76 پۈتۈكتە <… رەخت 84 توپ> دېيىلگەن. مانا بۇ مەلۇماتلار بىزنىڭ كروران ئاھالىسىنىڭ سانى ۋە مۇشۇ ئاھالىنى مەركەز قىلغان ھالدا راۋاجلانغان سودا - سېتىقىنى چۈشىنىشىمىزدە يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ.
كروران جەمئىيىتى قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردىن قارىغاندا، مۇشۇ پۈتۈكلەر يېزىلغان 3 - ۋە 4 - ئەسىرلەردە كروران جەمئىيىتىدە ئىككى توپ سىنىپىي ئاھالە بولغان، بۇلارنى ئەركىن ئاھالە ۋە ئەركسىز ئاھالە دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كروران جەمئىيىتى تەرەققىي قىلغان سىنىپىي جەمئىيەت بولۇپ، سىنىپىي زىددىيەت ئەزگۈچىلەر ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت بولغان. رۇسىيە ئالىمى م. ۋوروبىيىۋا جېشتوۋېسكايا مۇشۇ پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېزىلگۈچىلەر ۋە ئەزگۈچىلەر سىنىپى دەپ ئايرىش بىلەن بىرگە، ئېزىلگۈچىلەرنى يەنە ئەركىن ئادەملەر ۋە ئەركسىز ئادەملەر دەپ ئايرىغان. بۇ خىل ئايرىش گەرچە جەمئىيەتنى سىنىپىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىشتا نىسبەتەن توغرىدەك قىلسىمۇ، پۈتۈكلەردە ئەكس ئەتكەن جەمئىيەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، قارىماققا خاقان ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەر ئەزگۈچىلەر سۈپىتىدە باج - سېلىق يىغقانلىقى ھەقىقەت بولسىمۇ، ئۇلار بىر ھاكىمىيەت ئورگىنى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلار يىغقان باج - سېلىقلار ئارقىلىق قوشۇنلىرىنى بېقىپ دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەندۈرۈش بىلەن بىرگە، پۇقرالارنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئىشلەتسە ھەقلىق ئىشلەتكەن. مەسىلەن، پۈتۈكلەردە پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ نەرسىلىرىنى توشۇغاندا ئۇلاغلىرى ئۆلسە، قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىلگەن ۋە باشقىلار. خاقان بىر سىياسىي ھۆكۈمدار سۈپىتىدىلا ئەمەس، يەنە بىر باش سوتچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلۈشىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغان، دۆلەتنىڭ مەمۇرلىرىمۇ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىپ پۇقرالارنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتى قوغدالغان.
قارۇشتىيېزىقىدىكىپۈتۈكلەردە mamusa, purasa ئىبارىلىرى ئادەتتىكى ئادەملەرنى كۆرسەتسە، dajha قۇلنى كۆرسەتكەن. bhamtaraqa, ajhada ئىبارىلىرى ھۆرمەتلىك، ئىززەتلىك مەنىلىرىدە بولۇپ، پۈتۈكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. پۈتۈكلەردە ئەكس ئەتكەن مەزمۇنلاردىن قارىغاندا، شۇ جەمئىيەتتە قۇللار ئاساسىي ئورۇندا تۇرالمىغان. قۇللار ئاساسەن يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ ئۆيىدە قۇل - دېدەك بولۇپ ئائىلە ئىشلىرى، قول ھۈنىرى ۋە تېرىقچىلىق، مالچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئەركىن ئادەملەر، بولۇپمۇ ئەركىن ئەمگەكچى دېھقانلار ئەسكەر بولغان، ئوخشاشمىغان ياشتىكىلەر قىسىملارغا ئايرىلىپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا يۈزلۈكلەرگە ئايرىلىپ يۈز بېشىنىڭ قوماندانلىقىدا جەڭگە قاتناشقان، لېكىن ھەر يۈزلۈكتە زادى يۈزدىن ئەسكەر بارمۇ- يوق؟ بۇ تەرىپى تېخى نامەلۇم. تىنچلىق يىللىرىدا قوشۇن چېگرىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان، پۈتۈكلەرنىڭ ھېچقانداق بىرىدە ئەركسىز ئاھالىنىڭ جەڭگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق، ئەمما بەزىلىرىنىڭ ئۆز خوجايىنلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە كىرگەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. ئۇرۇش ۋاقتىدا دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەرلەر ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغان، جۈملىدىن ئۇرۇش ئۈچۈن پۇقرالاردىن ئالغان نەرسىلەر )ئاشلىق ۋە مال - چارۋا> نىڭ سورىقى بولمىغان. لېكىن تىنچلىق يىللىرىدا پۇقرالارنىڭ نەرسىلىرىنى ئالغۇچىلار قانۇن, ىي جاۋابكارلىققا تارتىلغان. بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش مۇمكىنكى، يات ئەللەردىن كەلگەن مۇساپىرلار ۋە قۇللارنىڭ مال - مۈلكىمۇ قانۇن ئارقىلىق قوغدالغان. يازما پۈتۈكلەردىن كۆرۈشىمىزچە، يەنە ئەركىن ئاھالىلەر كۆۋرۈك، كۆللەرنى رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا يارلىق بويىچە قاتناشقان. ئەركىن كىشىلەرنىڭ يەنە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار بولۇپ، بۇ ھەقتىكى يازما ماتېرىياللار بىرقەدەر كۆپرەك. باج ئاساسەن ئايماق، ناھىيە، يۈزلۈكلەر بويىچە ئەركىن ئادەملەردىنلا يىغىلغان. قۇل- دېدەكلەرنىڭ ئەركىن ئادەملەردىن ئەڭ زور پەرقى شۇكى، ئۇلار مال - مۈلۈك تەرىقىسىدە قارالغان. پۈتۈكلەردە ئۇلار ئائىلىدە كىچىك بالىلارنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان بولۇپ، ئېلىپ - سېتىشقا، ئىش - ئەمگەككە سېلىشقا، ئۇرۇپ - تىللاشقا، باشقىلارغا ھەدىيە قىلىشقا، گۆرۈگە قويۇشقا، ئالماشتۇرۇشقا يول قويۇلغان. قۇل - دېدەكلەرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ خوجايىنىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، خوجايىنلىرىنىڭ تەستىقىسىز بىراۋغا بېقىۋېلىشقا بېرىشكىمۇ بولمىغان. نۆۋىتىدە شۇنى قوشۇمچە قىلىش زۆرۈركى، قۇل - دېدەكلەر گەرچە مال - مۈلۈك سۈپىتىدە خوجاينىغا تەۋە بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ مال - چارۋا قاتارىدا ئەمەس، بەلكى ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنغان، لېكىن قۇل - دېدەكلەر خۇددى مال - چارۋا ياكى نەرسەكېرەككە ئوخشاش باھا قويۇلۇپ سېتىلغان. قۇلدېدەكلەرنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ خوجايىننىڭ مالمۈلكى ھېسابلانغانغاچقا، ئاتائانىسى بىلەن بالىلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ساتقان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. كروران ئېلىدە قۇل - دېدەكلەرنىڭ ئىشلەش دائىرىسى تەدرىجىي تارىيىپ تېرىقچىلىق قىلىش، مال بېقىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان. رۇسىيىلىك ۋوروبىيىۋا جېشتوۋېسكايا قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قۇللارنىڭ كروران ئىگىلىكىدىكى رولى ھەققىدە <پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قۇللارنىڭ ئەمگىكى كروران ئېلىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسى ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى، قۇللارنىڭ ئەمگىكى ئاساسلىقى مۇلازىمەت دائىرىسى بىلەن چەكلىنىدۇ. ئەركىن دېھقانلار ماددىي بايلىقنىڭ ئاساسىي ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى> دەپ يازىدۇ. مانا مۇشۇ يەكۈنگە ئاساسلانغاندا، قۇللارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپ چىقارغۇچى بولماسلىقى بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇللۇق جەمئىيەتتىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردىن قۇل سودىسىغا ۋە قۇللارغا ئائىت ئۇچۇرلار ئاز ئەمەس، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ جەمئىيەتنىڭ قۇللۇق جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ، ئەينى تارىخىي دەۋردە قۇللارنىڭ ئەمگىكى مەلۇم سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، ئاساسىي ئورۇندا تۇرمايدۇ، ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغىنى يەنىلا ئەركىن دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىن ئىبارەت. ئەينى تارىخىي دەۋردە قۇل سودىسى قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىلغان، 589 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە سېمىيسو ئىسىملىك بىر قىزنى رومىيسۇسو دېگەن كىشىگە باھاسى 40 مۇلى كېلىدىغان بىر تۆگىگە ساتقانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا، تۆت ياشلىق قويدىن بىرنى بەرگەنلىكى، بۇ سودا ھۆكۈمەت ئەربابلىرىدىن ئاقساقال بىتېيا بىلەن قارا جارامېيسۇنىڭ ئالدىدا كېڭىشىپ پۈتۈشۈلگەنلىكى، بۇنىڭغا قادىيە، ھەربىي تۇتۇق زېڭقا، باج نازارەتچىسى جىروجىيا، كابكا، موجادو، مېڭجىيا، رابدو، راھىب تاماتورو بىلەن باج ئەمەلدارى كەيتو قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى، توختامنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ ئادەم ئۆمرىدەك ئۇزۇن بولۇپ، 010 يىلدىن ئارتۇق بولىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. 590 - نومۇرلۇق پۈتۈكمۇ قۇل سودىسىغا ئائىت بولۇپ، خاقان ئامگوكانىڭ سەلتەنەت ۋاقتىغا مەنسۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
بۇ رەيبو ئىسىملىك ئايالغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈك، رومېيسۇسو ساقلايدۇ.
ئۇلۇغ خاقان كۆك تەڭرىنىڭ ئوغلى جىتخۇھا ئامگوكا ئالىيلىرىنىڭ سەلتەنەتىنىڭ 17 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، سېڭكەي ئىسىملىك بىر ئەر كىشى بار بولۇپ، ئۇ رەيبو ئىسىملىك بىر ئايالنى رومېيسۇسوغا سېتىشنى خالايدۇ. سېڭكەي رومېيسۇسودىن مۇشۇ ئايالنىڭ باھاسىدىكى، يەنى 40 مۇلىغا يارايدىغان viyala تۆگىدىن بىرنى، 12 بىلەك ئۇزۇنلۇقتىكى زىلچىدىن بىرنى، يەنە سەككىز مۇلى، جەمئىي 98 مۇلى باھانى تاپشۇرۇۋالغان. ئىككى تەرەپ بۇ سودىدا باراۋەر تۇرۇپ كېڭەشكەن. بۇنىڭدىن كېيىن رومىيسۇسو بۇ ئايالغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئۇرسىمۇ، كۆزىنى قۇيۇۋەتسىمۇ، ساتسىمۇ، سوۋغا قىلىپ باشقىلارغا تەقدىم قىلىۋەتسىمۇ، ئالماشتۇرسىمۇ، گۆرۈگە قويۇشقىمۇ ھوقۇقلۇق. بۇ ئىشقا تانۇق بولغۇچىلار ئاقساقال فابو، قارا جارومېيسۇ، ھەربىي تۇتۇق جىبويا بىلەن كابكا، ئەمەلدار بىدوكا، فابىكا، باجگىر جۇنا، باج ئەمەلدارى كەيتو بىلەن شىبىكا، بۇجىنكا، يۈز بېشى فېبىفارو، لىجېكېجا قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئىشتا باشقىچە پىكىردە بولسا ئاستانىدىمۇ ئىناۋەتسىز.
يۇقىرىدىكى پۈتۈكتە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يارلىقى بىلەن يېزىلغانلىقى، ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ 100 يىلدىن ئاشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بىز بۇ پۈتۈكتىن ئەينى دەۋردىكى قۇلغا ئېرىشكۈچىنىڭ قۇلنى ئۇرسىمۇ، ساتسىمۇ، گۆرۈگە قويسىمۇ، باشقىلارغا ھەدىيە قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، قۇل مال - مۈلۈككە ئوخشاش بولغان. 591-، 209 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە توختام ھەققىدىكى ماددىلار تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، سودا پۈتكەندىن كېيىن كىمدە كىم بۇ سودىنى بۇزۇپ، توختامغا خىلاپلىق قىلماقچى بولسا، 50 دەررە )كېيىنكىسىدە 70 دەررە> ئۇرۇلۇپ، بىر ئات جەرىمانە تۆلەش بىلەن بىرگە توختامنىڭ يەنىلا ئىناۋەتلىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. گەرچە قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە قۇل سودىسىغا ئائىت بايانلار خېلى كۆپتەك قىلسىمۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىشى، گۇۋاھلىق بېرىشى، سودىنىڭ شۇلارنىڭ ئالدىدا پۈتۈلۈشى بۇ خىل سودىنىڭ ئومۇملاشقان سودا بولماستىن، بەلكى ئاز ساندا كۆرۈلىدىغان سودا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
كروران جەمئىيىتىدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كۆپلىگەن توختامنامىلەردە ئايماق بېگى، قارا، sothaga قاتارلىق مەنسەپتىكىلەرنىڭ تانۇق )گۇۋاھچى> بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. مەيلى قانداق بولمىسۇن، توختام تۈزۈلۈپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن، توختامغا خىلاپلىق قىلسا مەقىسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن، جىسمانىي جازاغا ئۇچرىغان ياكى جەرىمانە قويۇلغاندىن باشقا، توختام داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولغان.
كروران جەمئىيىتىدىكى بالا بېقىۋېلىش رەسمىيىتى ھەرقانداق جەمئىيەتتە بالا بېقىۋېلىش ئىشلىرى نورمال ئەھۋال بولغان بىلەن بۇنىڭ شەرت - شارائىتلىرى ئوخشاشمايدۇ. كروران جەمئىيىتىدىمۇ ئۆزىگە خاس بالا بېقىۋېلىش رەسمىيەتلىرى بار بولغان. ئەينى دەۋر پۈتۈكلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كروران ئېلىدە مەخسۇس ئادەت قانۇنىي تۈسنى ئالغان، بالا بېقىۋالغۇچى تەرەپ چوقۇم <سۈت ھەققى> تاپشۇرۇشى لازىم، بەزىلەر بۇ سۈت ھەققىنى بالا ساتقانلىق دەپ كۆپتۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. كروران قانۇنىدا ھەتتا قۇللارنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ سۈت ھەققى بېرىش ئارقىلىق بېقىۋېلىشقا بولىدىغانلىقى، سۈت ھەققى بېرىلمەي بېقىۋېلىنسا ئىناۋەتكە ئېلىنمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 331 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە بىرەيلەن يەنە بىرىنىڭ قىزىنى سۈت ھەققىگە بىر ئات بېرىپ بېقىۋالغان، ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ مۇنداق قارارغا كەلگەن: <بېقىۋالغۇچى ۋەدە قىلىدۇكى، بۇ قىزنى ساتمايدۇ، گۆرۈگە قويۇشقا، ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا، خارلىشىغا بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ> دېيىلگەن. 569 - نومۇرلۇق پۈتۈكتىمۇ خاقان ماھىرى سەلتەنەتىنىڭ 13 - يىلىدىكى ۋەقە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، يۇقىرىقىغا ئوخشىشىدىغان بېقىۋېلىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان، بىرى بىر تۆگە سۈت ھەققى بېرىش ئارقىلىق بىر ئوغۇلنى بېقىۋالغان. كېيىن بېقىۋېلىشقا بەرگۈچى ئېلىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ دەۋاغا چۈشكەن، بېقىۋالغۇچى جىنىتونىڭ بىر تۆگە سۈت ھەققى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېقىۋېلىشى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولغان. بىراق <بۇ بالىنى قۇل قىلىشقا، سېتىشقا، گۆرۈگە قويۇشقا بولمايدىغانلىقى> ئەسكەرتىلگەن. بالا بېقىۋېلىشتا بېقىۋېلىش ھەققى تۆلەش توغرۇلۇق خاقان يارلىقى خاتىرىلەنگەن 11 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە ئەنە شۇنداق بالا بېقىۋېلىش ماجىراسى كېلىپ چىققاندا، مۇنداق يارلىق قىلغان: ئەزەلدىن بار بولغان قانۇن بويىچە، بالا بېقىۋالغانلىقىنى تەن ئالسا، بېقىۋېلىش ھەققى تۆلىشى كېرەك، ھۆكۈم شۇ بويىچە چىقىرىلسۇن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا…> دېيىلگەن. بىز مانا بۇلاردىن كروراندا ناھايىتى قەدىمدىنلا بالا بېقىۋالسا سۈت ھەققى تۆلەيدىغان ئەنئەنىۋى قانۇن ياكى ئەنئەنە بولۇپ شەكىللەنگەن ئادەتنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز.
كرورانلىقلارنىڭ قەرز ۋە قەرزدارلىق ئىشلىرى كروران ئېلىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلغان مەزمۇنلار ئەكس ئەتكەن يازما ۋەسىقىلەردە ئەينى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئېلىم - بېرىم، قەرز ۋە قەرز ئۆسۈملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلارمۇ خاتىرىلەنگەن. 100 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە ئۆسۈمىنى بۆلۈپ بېرىدىغان قەرز ۋە قەرزنىڭ قەرەلىنى ئۇزارتىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار خاتىرىلەنگەن. 142 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە بىرەيلەننىڭ بىر مىلىما بىر قى ئاشلىق ئارىيەت ئالغانلىقى، بۇ ئاشلىق دېيىشكەن قەرەلدە كونا ئادەت بويىچە بىرگە ئىككى نىسبەت بويىچە قايتۇرۇلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بىز مانا بۇلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، كروران جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پۇل ۋە ئاشلىق، نەرسە - كېرەك ئۆتنە ئالىدىغانلىقى، يەنى بىرگە ئىككىنى قايتۇرۇش ئادىتىنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ پۈتۈكلەردىن بىز ئەينى تارىخىي مۇھىتتا قەرز ئۆسۈمىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىنى، قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ ئىنتايىن جازانىخورلۇقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
كروران ئېلىدە قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرلىكلىرى، پۇل ناملىرى كروران ئېلىدە ئەينى ۋاقىتتا قوللىنىلغان قارۇشتى يېزىقىدا ئىپادىلەنگەن تىل، يەنى بۇددا دىنىنى ۋاسىتە قىلىپ تارقالغان سانسكرېت تىلى ئارقىلىق كىرگەن بىر تۈركۈم ئۆلچەم ۋە
بىرلىك ئاتالغۇلىرى قوللىنىلغان. تۆۋەندە قىسمەن بىرلىكلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
— Milima بىرخىل سىغىم بىرلىكى بولۇپ، ئاشلىق، مەيزاپ قاتارلىقلار مۇشۇ ئۆلچەم بىرلىكى بىلەن ئۆلچەنگەن. ئۇنىڭدىن كىچىكرەك بىر سىغىم بىرلىكى بار بولۇپ، پۈتۈكلەردە khi دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ئىككى بىرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، بىر مىلىما 20 قىغا تەڭ بولسا كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قىممەت بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان muli دېگەن بىرلىكمۇ بار، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور ياڭ فۇشۆ بۇ ئىبارىنى ئۇيغۇر تىلىدا ھازىر قوللىنىۋاتقان پۇل ئىبارىسىنىڭ ئەسلىي مەنبەسى، دەپ قارايدۇ. بىر مىلىما ئاشلىقنىڭ باھاسى بىر مۇلى بولۇپ، بۇ تەڭداشلىق پۈتۈكلەردىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ تەڭداشلىقنىڭ فورمۇلىسى مۇنداق: 1milima=20khi، بىر milima ئاشلىقنىڭ باھاسى muli غا باراۋەر بولغان. ئەينى تارىخىي دەۋردە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى سۈپىتىدە قوللانغان يەنە بىر بىرلىك ئات ئۇزۇنلۇقى بولۇپ، پۈتۈكلەردە length قىلىپ يېزىلغان. مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۆلچەم بىرلىكى بىلەن رەختلەر ئۆلچەنگەن. كروران ئېلىدە ئالتۇندىن پۇل ياسالغان بولۇپ،
ترانسكرىپسىيىدە قانداق يېزىلغىنى نامەلۇم، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا 金币 دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەينى دەۋر كروران ئېلىدە مېتال پۇللارنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. 431 - پۈتۈكتىمۇ بىر ئايالنى بىر ئالتۇن تەڭگىگە ئالماقچى بولغانلىقى، ئەمما ئالتۇن بولمىغانلىقتىن 13 بىلەك ئۇزۇنلۇقتىكى زىلچىنى ئالتۇن تەڭگىگە تەڭ قىلغانلىقى يېزىلغان. مانا بۇنىڭدىن يەنە بىلەك ئۇزۇنلۇقى )手长> نىڭ ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قويۇقلاشقانلىقتىن خەن سۇلالىسىنىڭ يارماقلىرىمۇ قوللىنىلغان، شەھەر خارابىلىرىدىن تېپىلغان ئەنە شۇ مېتال پۇللار شۇ دەۋردىكى سودىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. 113 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە ئالتۇن زەنجىر )金项圈> تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، پۇل سۈپىتىدە تۆلىگەنلىكى يېزىلغان. 140 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە بىرەيلەننىڭ ئالتۇن ئىزدەۋاتقانلىقى، ئالتۇننى ئالتۇننىڭ باھاسىدا سېتىۋېلىش تەلەپ قىلىنغان. 578 - نومۇرلۇق پۈتۈكتە زەرگەر، يەنى ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ياسىغۇچى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرۇلغان، كروراندىن تېپىلغان ئالتۇن بۇيۇملار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، كروران ئېلىدە ئالتۇن قېزىش، زەرگەرلىك كەسىپلىرى بولغان.
كروران ئېلىدىكى گۇۋاھچىلىق ئىشلىرى كروران ئېلى دائىرىسىدىن بايقالغان پۈتۈكلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كروران ئېلىدە قانۇننىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن قانۇن ئۆلچەم، پاكىت ئاساس قىلىنغان. شۇ سەۋەبلىك ھەرقانداق بىر ئىشتا گۇۋاھچىلىقنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان. ۋەسىقىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يارلىقلاردا تەپسىلىي تەكشۈرۈش، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلار ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. كېيىنكى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپىنچە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىلىرى ئېنىق يېزىپ قالدۇرۇلغان. گۇۋاھچىلار قانۇن ئالدىدا گۇۋاھلىق قەسىمى بەرگەن. يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قانۇنىي جازاغا ئۇچرىغان. قارۇشتى يېزىقىدىكى بۇ پۈتۈكلەر بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توختامنامىلەردە كۆرۈلىدىغان تانۇقلار بۇ خىل توختامنامە ۋارىسچانلىقىنىڭ داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سودا - تىجارەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تانۇقلارنىڭ ئىسمى پۈتۈلگەن، ھەتتا مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ يارلىقى بىلەن يېزىلغانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ تانۇقلار، ھەتتا توختامنامىنى پۈتكۈچىلەرنىڭ ئىسىم - زاتىمۇ قوشۇپ پۈتۈلگەن.
كروراندىكى مۇساپىرلار مەسىلىسى كروران ئېلىگە كەلگەن مۇساپىرلار ئاساسەن ئۇدۇن، يەنى خوتەن ئېلىدىن كەلگەنلەردۇر. ئەينى چاغدىكى ئۇدۇن ئېلى بىلەن كروران ئېلى ھازىرقى نىيا ناھىيىسى بىلەن خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ، بەلكىم ھازىرقى كېرىيە ئەتراپلىرى ئارقىلىق چېگرىلىنىشى مۇمكىن. كروران ئېلى ئۇدۇن ئېلىدىن كەلگەن مۇساپىرلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولغان، مۇساپىرلار مەسىلىسىدە مەخسۇس قانۇن چىقىرىلغانلىقىنىڭ ئۆزى كرورانغا كېلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشكەنلىكىنى، كرورانغا كېلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانىنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. 403 - پۈتۈكتە بىر ئايال قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇدۇندىن مۇساپىر بولۇپ كەلگەندە، مۇساپىرلار رايونىغا ئاپىرىۋېتىلگەنلىكى يېزىلغان. 471- پۈتۈكتە چېگرا قاراۋۇلخانىسىدىكى چېرىكلەرنىڭ مۇساپىرلارنىڭ ھېچقانداق نەرسىسىنى ئالسا بولمايدىغانلىقى يېزىلغان. ئەگەر ئالغان بولسا، مۇساپىر قايتۇرۇپ بېرىش لازىملىقى، مۇساپىرلارنىڭ مال - مۈلكىنى خالىغانچە ئېلىۋالسا، تارتىۋالسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدىغانلىقى ھەمدە چېگرا قاراۋۇلخانىسىدىكى چېرىكنىڭ مۇساپىرنىڭ
نەرسىسىنى ئالغانلىقى سەۋەبلىك يالاپ كېلىنىپ، خان ئوردىسىدا نەزەربەنت قىلىنىشى يارلىق قىلىنغان. بىزگە مۇساپىرلار ھەققىدە يېتىپ كەلگەن ئۇچۇرلار بەك كۆپ ئەمەس، پۈتۈكلەردىن كروران ئېلىگە كېلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ ئاساسەن ئۇدۇن ئېلىدىن كەلگەنلىكىنى، بۇ مۇساپىرلار ئۈچۈن لاگېر قۇرۇلغانلىقىنى، يەنە ئۇلارنى ئىش - ئەمگەك قىلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنى، خانلىق تەرىپىدىن مەخسۇس يارلىق چىقىرىلىپ، مۇساپىرلارنىڭ مال - مۈلكىنىڭ قوغدالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. كروران ئېلىدىكى يەر مەسىلىسى كروران ئېلىدە يەر شەخسلەرنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، يەرلەرنى ئېلىپ - سېتىش ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىدە بولغان، يەرنىڭ كۆلىمى يەرگە چېچىلىدىغان ئۇرۇق بىلەن ھېسابلانغان. 186 - پۈتۈكتە بىرەيلەن 30 قى ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنى بىر بوغاز ئىنەككە ساتقانلىقى خاتىرىلەنگەن. 222 - پۈتۈكتە يېزىلىشىچە، بىر قانچەيلەن ئىككى قى adini ئۇرۇقى چېچىلىدىغان akri يەر بىلەن بەش قى aaini چېچىلىدىغان پارچە يەرنى ئايماق بېگىگە تەقدىم قىلغان. ئايماق بېگىمۇ 10 مۇلى قىممىتىدىكى زىلچا )koyava> نى يەرنىڭ باھاسىغا ھېسابلاپ سوۋغا قىلغان. ئايماق بېگى بۇ ئادىل سودىدىن كېيىن بۇ يەرگە ئۇرۇق چېچىشقا، تېرىشقا، باشقا يەرگە ئالماشتۇرۇشقا تامامەن ھوقۇقلۇق بولىدىغانلىقى يېزىلغان. 326 -، 495 -، 571 -، 574 -، 579 -، 580 -، 587 -، 496 -، 498 - نومۇرلۇق پۈتۈكلەرمۇ ئەنە شۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەممىسىدە دېگۈدەك يەرنىڭ كۆلىمى چېچىلىدىغان ئۇرۇق بىلەن ھېسابلانغان. ئىككى تەرەپ تەڭ باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ سودىدا پۈتۈشكەن ۋە نەق سودا قىلغان، سودا پۈتۈپ توختامنامە گۇۋاھچىلار، ھەتتا مەمۇرلارنىڭ ئىشتىراكىدا پۈتۈلگەن. توختامنامىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى، سېتىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى، توختامدىن يېنىۋالغۇچىلار ئۇچرايدىغان جازالار ئەسكەرتىلىپ توختامنامىلەر پۈتۈلگەن. مانا بۇلاردىن يەرنىڭ كروران ئېلىدە شەخسلەرنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئەركىن ئېلىپ ساتالايدىغانلىقىنى، قانۇنلۇق سودىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
كروران ئېلىگە تەھدىت سالغان سۇپىسلار ھەققىدە كرورانلىقلار ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان يازمىلاردىن ئۇلارغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن سۇپىسلار ھەققىدىكى قىسمەن بايانلارنى كۆرەلەيمىز. 86 - پۈتۈكنىڭ كەينى يۈزىدە supis لارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى، شەھەر ئىچىدىكى خەلق ئارىسىدا تىنتىش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى، 88 - پۈتۈكتە سۇپىسلاردىن كېلىدىغان تەھدىت تۈپەيلى باشقا چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىدىن چېرىك يۆتكەپ كېلىش لازىملىقى يېزىلغان. 119 - پۈتۈكتە سۇپىسلارنىڭ چالمادانالىقلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقى يېزىلغان. 612 - پۈتۈكتە چېگرا قاراۋۇلخانىسىدىكى چىرىكلەرنىڭ سۇپىسلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تىڭتىڭلىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. 139 - پۈتۈكتە سۇپىسلارنىڭ تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى يېزىلغان. 183 - پۈتۈكتە سۇپىسلارنىڭ چادوتاغا كەلگەنلىكى يېزىلغان. 212 - پۈتۈكتە كروران پۇقرالىرى ئاتلىرىنى misi يەر ئارىسىغا ئوتلىتىپ قويۇۋەتسە، سۇپىسلارنىڭ ئاتلارنى ھەيدەپ كەتكەنلىكىنى، خاقاننىڭ پۇقرالارنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن، ئايماق بېگىگە سۇپىسلاردىن ئاتلارنى تۆلىتىش ھەققىدە يارلىق قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. 272 - پۈتۈكتە خاقاننىڭ ئايماق بېگى سۇمىجاكاغا يازغان يارلىقى بار بولۇپ، يارلىقتا دۆلەت ئىشلىرىغا كۈن - تۈن كۆڭۈل بۆلۈش، دۆلەت چېگرىسىغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىش، ئەگەر جىمو ۋە ئۇدۇن توغرۇلۇق بىرەر خەۋەر بولسا، ۋاقتىدا مەلۇماتنامە يوللاش تەلەپ قىلىنغان. خاقان يارلىققا ئالدىنقى يىلى سۇپىسلارنىڭ تەھدىتى بىلەن خەلقنى شەھەر قورغانلىرى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، سۇپىسلارنىڭ ھازىر كېتىپ قالغانلىقى، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلانغانلىقى، ئەمىنلىك بولغانلىقى، ئۇدۇنلۇقلارنىڭمۇ تاجاۋۇز قىلمىغانلىقىنى يېزىش بىلەن بىرگە سومىجاكادىن Iautgaimci لارنى تىزىملاشنى، شەھەر مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، Iautgaimci لاردىن باشقا خەلقنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ شەھەر ئىچىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان. 283 - پۈتۈكتىمۇ دۆلەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، جىمو ۋە ئۇدۇندىن كەلگەن ھەرقانداق خەۋەرنى يۇقىرىغا يوللاش تەلەپ قىلىنغان. 324 - پۈتۈكتە سۇپىسلارنىڭ چالماداناغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، خەلقنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ ئاندىن كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. 516 - پۈتۈكتە ئۇدۇنلۇقلار بىلەن چادوتالىقلار ئارىسىدا سۈركىلىش بولغانلىقى، 675 - پۈتۈكتە سۇپىس مۇساپىرلىرىنىڭ كەلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. 722 - پۈتۈكتە چالماداناغا سۇپىسلاردىن تەھدىت كەلگەنلىكى، دەرھال چېرىك ئەۋەتىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر خاتىرىلەنگەن. كروران ئېلىگە ئەينى ۋاقىتتا سۇپىسلار، جىمولىقلار ۋە ئۇدۇنلۇقلارنىڭ تەھدىت سالغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇپىسلارنىڭ تەھدىتىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى، شۇڭا ھەرقاچان دۆلەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە، چېگرىلارغا دىققەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. كروران ئېلىدىكى ئاھالە ئىچىدە مۇرەككەپلىك بار بولۇپ، سۇپىس ۋە ئۇدۇن مۇساپىرلىرى كروران ئېلى دائىرىسىگە كەلگەندىن باشقا، يەنە سۇپىس بىلەن قان قېرىنداش Iautgaimci لارمۇ كروران ئېلى دائىرىسىدە ياشىغان. كروران ئېلى دائىم سۇپىسلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، Iautgaimci لارنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن. )سۇپىسلار ئىنگلىزچە نەشرىدە supi دەپ
ترانسكرىپسىيە قىلىنغان بولۇپ، مەرھۇم ۋاڭ گۇاڭجى ئەپەندى بۇ نامنى 鲜卑 دەپ تەرجىمە قىلغان. لىن مېيسۈن ئەپەندى supiya دەپ ترانسكرىپسىيە قىلىپ 苏吡 دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ ئىككى خىل تەرجىمىدىن كېيىنكىسى، يەنى تەلەپپۇزى بىلەن تەرجىمە قىلىش مۇۋاپىق. 鲜卑 لار بىلەن supi~supiya لار بىر مىللەت بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق. يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن سۇپىسلارنىڭ كروران ئېلىدىكىلەر بىلەن قوشنا ياشايدىغانلىقى، ھەتتا ئۇلاردىن بەزى مۇساپىرلارنىڭ كروران ئېلى دائىرىسىگە پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەنلىكى، كروران ئېلى دائىرىسىدىكىلەر ئىچىدە ھەتتا سۇپىسلارنىڭ قان قېرىنداشلىرىدىن Iautgaimci لارنىڭمۇ بارلىقى يېزىلغان. مانا مۇشۇلارغا ئاساسەن سۇپىسلارنىڭ سىيانپىيلار ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە قوشنا بولغان تۈبۈتلەردىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. بۇ تۈبۈت قەبىلىلىرى قوشنىسى كرورانلىقلارغا ھۇجۇم قىلغان. جۈملىدىن ھۇجۇم قىلىپ چالمادانا، چادوتالارغا باستۇرۇپ كىرىپ خەلقنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ قايتقان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان. كروران ئېلىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئالدى بىلەن 445 - يىلى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى سەۋەبچى بولغان بولسا، 7 - ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن كروران دىيارىنى تۈبۈتلەر تامامەن ئىشغال قىلىشقا ۋە ئىككى ئەسىر ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
كروران ئېلىنىڭ چېرىكلىرى بىز يۇقىرىدا كۆرگەن كلاسسىك خەنزۇچە يازمىلاردىن كروران ئېلىنىڭ چېرىكلىرى ۋە سانى، قوراللىرى ھەققىدە قىسقىچە بولسىمۇ ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇماتلار كروران ئېلىنىڭ تازا كۈچەيگەن ۋاقىتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. تۆۋەندە بىز يازما پۈتۈكلەر، يەنى كروران ئېلى ئاھالىلىرىنىڭ يازمىلىرىدىكى كروران چېرىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلار ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى تولۇقلايمىز. 84 - پۈتۈكتە كروران چېرىكلىرىنىڭ ئىچىدە ئاتلىق قوشۇن ۋە مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن. 291 - پۈتۈكتە كروران قوشۇنلىرىنىڭ مەلۇم ساندا تۆگىسى بار بولۇپ، قاتناش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكى يېزىلغان. 367 - پۈتۈكتىن كروران قوشۇنىنىڭ ئاتلىرىنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىگە ئاساسەن يەنە جەڭ ئېتى دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
پۈتۈكلەردىن خانىدانلىقنىڭ ئۆز چېرىكلىرىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ مال - مۈلكىگە چېقىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ئېلىشىغا يول قويمايلا قالماستىن، ھەتتا مۇساپىرلارنىڭ مۈلكىگىمۇ قەتئىي تەگمەسلىك كېرەكلىكى يارلىق قىلىنغانلىقى، مۇساپىرلارنىڭ مۈلكىگە چېقىلغان چېرىكىنىڭ يالاپ خان سارىيىغا نەزەربەنت قىلىنىپ سوراققا تارتىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. كروران چېرىكلىرى ئىچىدە ئاتلىق قوشۇن ۋە مۇھاپىزەتچى قوشۇن بولغاندىن سىرت، يەنە توشۇغۇچى قوشۇنمۇ بولغان. چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى چېگرا مۇداپىئەسىگە مەسئۇل بولغان. مۇھاپىزەتچى قوشۇن خانىدانلىق ۋە دۆلەت مەمۇرلىرى ھەم چە
ت ئەلگە ماڭغان يالۋاچلارنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. كروران قوشۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇرۇش قوراللىرى بولغاندىن سىرت، يەنە ئات ۋە تۆگىلىرىمۇ بار بولغان.
ئاسترونومىيە كرورانلىقلارنىڭ ئاسترونومىيىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى، تەتقىق قىلىپ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكى نامەلۇم. ئەلۋەتتە نىيا ناھىيىسىدىن بايقالغان بىر پارچە پۈتۈكتە ئېيتىلغاندەك، يەردىن پەلەككىچە بولغان
ئىلىملەرنى، جۈملىدىن ئاسترونومىيىنى ئۆگەنگەنلىكىگە قارىغاندا، خېلى ئوبدان ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ بولغانلىقىنى، تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 565 - نومۇرلۇق قارۇشتىچە پۈتۈكتە مۇنداق بايانلار بار:
بۇرۇچ يۇلتۇزلارنىڭ ئورنى> بالدۇرقىسى سىچقان كۈنىدۇر، بۇ كۈندە نېمىلا ئىش قىلسا بولىدۇ، ھەممە ئىش خەيرلىك بولۇر.
بۇرۇچ ئۇد ئۇي> كۈنكى يۇيۇنۇشقا باپ كۈندۇر. يەپ - ئىچىپ ناخشا - سازدىن بەھرە ئېلىنىدۇ.
بۇرۇچكى بارس يولۋاس> كۈنى ئۇرۇشقا باپ كېلۇر.
بۇرۇچكى تاۋىشقان توشقان> كۈنىكى ناۋادا قاچسا شەكسىزكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ،تۇتۇلمايدۇ.
بۇرۇچكى لۇ ئەجدىھا> كۈنى ئۆزىنى تۇتۇۋالماق كېرەك، ھەممە ئىشتا سەۋرچان بولماقلىق كېرەك.
بۇرۇچكى يىلان كۈنى ھەممە شۇملۇق بولىدۇ.
بۇرۇچكى ئات كۈنى سەيلە - ساياھەتكە باپ كېلىدۇ.
بۇرۇچكى قوي كۈنى يۇيۇنۇشقا باپ كېلىدۇ.
بۇرۇچكى تاقۇ توخۇ> كۈنى تىككۈچىلىك ئىشىغا باپ كېلىدۇ.
بۇرۇچكى بىچىن مايمۇن> كۈنى ھەممە ئىش خەيرلىك بولۇر.
بۇرۇچكى ئىت كۈنى بېرىش - كېلىش تېز بولۇر.
كروران ئېلىدىكى بۇرۇچلار ھەققىدىكى يۇقىرىقى بايان ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان مۈچەل ۋە بەزى قاراشلارنى ئەسلىتىدۇ. مۈچەل ھەققىدە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئېنسىكلوپېدىك ئەسىرى <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا، تۈرك خاقانىنىڭ بىر ئىشنى ئەسلىگىنىدە خاتالىق يۈز بەرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىز خاتالاشقان يەردە باشقىلارمۇ خاتالىشىدۇ دەپ يىل خاتىرىلەش ئۈچۈن بارلىق ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قارىتىپ ھەيدىگەنلىكى، ئالدى بىلەن ئۈزۈپ ئۆتكەن 12 ھايۋاننىڭ نامىنى مۈچەل قىلىپ تاللىۋالغانلىقى يېزىلغان.بۇ ھەقتە ئەسەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
ئەڭ ئاۋۋال <سىچقان — چاشقان> ئۆتكەن. شۇڭا يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلە ئاتىلىپ <سىچقان يىلى> دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قالغان: ئۇد يىلى — ئۇي يىلى )كالا يىلى>
بارس يىلى — يولۋاس يىلى
تاۋىشقان يىلى — توشقان يىلى
ناك يىلى — لەھەڭ يىلى )تىمساھ يىلى>
يىلان يىلى
يۇند يىلى — ئات يىلى
قوي يىلى
بىچىن يىلى — مايمۇن يىلى
تاقاغۇ يىلى — توخۇ يىلى
ئىت يىلى
توڭۇز يىلى — توڭگۇز يىلى.
توڭگۇز يىلىغا يەتكەندە ھېساب چاشقان يىلىدىن قايتا باشلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە <تۈركىي تىللاردا دىۋانى>دا <تۈركلەر بۇ يىللارنىڭ ھەربىرىدە بىر خاسىيەت بار دەپ تەخمىن قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇي يىلى كىرگەندە، ئۇرۇش كۆپىيىدۇ، چۈنكى ئۇي بىر - بىرى بىلەن كۆپ ئۈسۈشىدىغان ھايۋان. توخۇ يىلى كىرسە، ئوزۇق - تۈلۈك كۆپىيىدۇ، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا تەشۋىش ئاشىدۇ، چۈنكى توخۇنىڭ يېمى دان، توخۇ داننى تېپىش ئۈچۈن ئەخلەت - چاۋالارنى تاتىلاپ چېچىۋېتىدۇ. لەھەڭ يىلى كىرىش بىلەن ھۆل - يېغىن كۆپىيىپ، ئاشلىق ئوخشايدۇ، چۈنكى لەھەڭ سۇدا ياشايدۇ. توڭگۇز يىلى كىرىش بىلەن قار كۆپ ياغىدۇ، سوغۇق قاتتىق بولىدۇ، پىتنە - پاسات كۆپىيىدۇ. تۈركلەر ئەنە شۇ يوسۇندا، ھەر يىلى بىرەر ھادىسە يۈز بېرىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ. تۈركلەردە ھەپتىنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ئېتى يوق. چۈنكى <ھەپتە> دېگەن ئۇقۇم ئىسلامدىن كېيىن مەلۇم بولدى>دېيىلگەن.
بۇ خىل چۈشەنچىلەر ناھايىتى قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، مۇھەممەت ئېۋەز قارىقاشى 1715 - يىلى يازغان <مەجمۇئەتۇل ئەھكام> ناملىق كىتابنىڭ <يىل بېشى ھەققىدە ھۆكۈم> قىسمىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىدىغان بايانلار بار، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
<قاچانكى چاشقان يىلى كىرسە، مەزكۇر يىل بېشى خۇشلۇق، تىنچلىقتا ئۆتىدۇ. يىل ئوتتۇر
ىسىدا ئاپەت، پىتنە - پاسات ۋە ھەربىي توقۇنۇشلار كۆپ بولىدۇ. بۇ يىلدا چاشقان ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولىدۇ. ئوغرى - يالغان ۋە خەتەرلىك ئىشلار كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھەر قانداق پەرزەنت بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۇغۇلسا تىنىمسىز بولىدۇ، يىل ئاخىرىدا تۇغۇلسا يالغانچى بولىدۇ>.
بۇ ئەسەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كالا يىلى، توشقان يىلى، لەھەڭ يىلى، يىلان يىلى، ئات يىلى، قوي يىلى، مايمۇن يىلى، توخۇ يىلى، ئىت يىلى ۋە توڭگۇز يىلى ھەققىدىكى قاراشلار خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ خىل يىل خاسىيىتى ھەققىدىكى قاراشلار چوڭقۇر مەنبەگە ئىگە بولسا كېرەك.
مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ قارۇشتى ۋەسىقىلىرى بىلەن مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ 11 - ئەسىرگە تەۋە بولغان ئەسەرلىرىدىكى قاراشلىرى، 18 - ئەسىردىكى مۇھەممەت ئېۋەز قارىقاشىنىڭ <مەجمۇئەتۇل ئەھكام>دىكى قاراشلىرى ۋە مۇشۇ قاراشلارنىڭ زامانىمىزدىكى ساقىندىلىرى ئارىسىدىكى تارىخىي ئىزچىللىق بىزگە بۇ خىل قاراشلارنىڭ تارىخىي يىلتىزىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بىز يازما پاكىتلارغا مۇراجىئەت قىلىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلىپ، دۇنيانى تونۇش جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بىز قارۇشتى پۈتۈكلىرىدىن ھەربىر خاقاننىڭ سەلتەنەت يىلىنى تەختكە چىققان ۋاقتىدىن باشلىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر يىلنى ئون ئىككى ئايغا بۆلگەنلىكىنى، ھەربىر ئاينى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 كۈن ئەتراپىدا ھېسابلىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە چارۋىچىلىق قىلغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى ھايۋانلار بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىغان ئەھۋاللار ساقلانغان. مەسىلەن، ھازىرقى كۈندە بەزىلەر چاشقان يىللىق كىشى يوشۇرۇپ قويغان نەرسىنى باشقىلار تاپالمايدۇ، توخۇ يىللىق ئادەم تاپقان - تەرگىنىنى توخۇغا ئوخشاش چېچىۋېتىدۇ دېگەندەك چۈشەنچىلەر ساقلانغان. چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن كونا شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان تۈرك - رونىك يېزىقىدىكى 7 - ئەسىرلەرگە مەنسۇپ <چۈش تەبىرى> بولغان <ئىرىق بىتىگ> يۇقىرىقىدەك قاراشلارنىڭ يەنە بىر مۇھىم دەلىلىدۇر. ئەجدادلىرىمىزنىڭ كروران ئېلى دەۋرىدىكى ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرى ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرىمىز شۇنچىلىكلا. بىز كروران پۈتۈكلىرىگە ئاساسەن مىلادىيە 3 - ئەسىردىن بۇرۇنلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر يىلنى 12 ئايغا، بىر ئاينى 30 كۈنلەرگە بۆلگەنلىكىنى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللانغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
كرورانلىقلارنىڭ رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق ۋە ئويمىكارلىق سەنئىتى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر بىزنى كرورانلىقلارنىڭ رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، ئويمىكارلىق سەنئىتى ھەققىدە كۆپلىگەن پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى. 1900- يىلى كروران شەھەر رايونىدىن نەپىس ئويما بۇيۇم بايقالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن سەنئەت بۇيۇملىرى بايقىلىپ دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇردى. بولۇپمۇ ئارخېئولوگ سىتەين مىرەن شەھىرى خارابىسىدىن تاپقان <قاناتلىق پەرى> نىڭ يەتتە پارچە رەسىمى )9801 - يىللىرى يەنە ئىككى پارچە بايقالدى> ۋە شۇ قاتاردىكى رەسىملەر، يېقىندا قەبرە ئوغرىلىرى كروران قەبرىلىرىنى ئوغرىلىغاندا بايقالغان رەسىملەر بىزنىڭ كروران دەۋرىنىڭ رەسساملىق سەنئىتىنى چۈشىنىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 1959 - يىلى نىيا خارابىسىدىن تېپىلغان ئىككى پارچە رەختنىڭ ئۈستىگە سىزىلغان بولۇپ، رەختنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 77 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 46 سانتىمېتىر، ئۈچ بۇلۇڭلۇق گېئومېتىرىيىلىك شەكىلدىن ئىبارەت. يەنە بىر پارچىسىدا ئۈستى تەرىپىدە بۇددانىڭ پۇتى، شىرنىڭ قۇيرۇقى، تاقا شەكىللىك ئىزنالار ساقلىنىپ قالغان، ئاستى تەرىپىدە ئۇزۇن ئەجدىھا، ئۇچار قۇش، بۇدساتۋا )ياكى ساخاۋەتچىنىڭ رەسىمى> نىڭ ئوچۇق كۆكسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ پارچە پاختا رەختنىڭ پارچىسىنىڭ ھەجمى 47×88 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئارخېئولوگ سىتەين چاقىلىق تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقىغان رەسىملەردىن <قاناتلىق پەرى>، تۆت ئادەمنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن )بۇلاردىن ئىككى كىشى بۇرۇتلۇق، بىرى سۆزلەۋاتقان ياكى ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىۋاتقان ھالەتتە>، كەم دېگەندە سەككىز ئادەم سىزىلغان، ئەمما بىرىنىڭ قولىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئالتە كىشى راھىب بولسا كېرەك )ھەممىسى چاچ - ساقاللىرىنى قىردۇرۇۋەتكەن، قۇلاقلىرى، كۆزلىرى كۆرۈنەرلىك چوڭ قىلىپ سىزىلغان>، بىرىنىڭ قولىدا پەي يەلپۈگۈچ بار، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بۇرۇتلۇق، چاچلىق بىر كىشى سىزىلغان بولۇپ، بۇ كىشى ئۇستاز بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىقى تام رەسىملەرنىڭ ھەممىسى مىرەن خارابىسى 3 - نومۇرلۇق بۇتخانىدىن تېپىلغان. مىرەن خارابىسى 5 - نومۇرلۇق خارابىدە كەم دېگەندە يەتتە پارچە رەسىمنىڭ بارلىقىنى سىتەيننىڭ كىتابىدىن بىلىمىز. بۇلارنىڭ بىرىدە يۇقىرى تەرىپىگە ئاق ئاتقا مىنگەن بۇرۇتلۇق شاھزادە، ئاستى تەرىپىدە بىر باربىت چېلىۋاتقان ياش ئايال ۋە يېنىدا بىر قىزنىڭ بىرىنى ئەسلەپ تۇرغان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن. يەنە بىر پارچە رەسىممۇ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۈستى تەرىپىدە ئاق ئاتلىق بۇرۇتلۇق شاھزادە، ئۈچ ئات قېتىلغان بىر ھارۋا ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغان بىر ئايال، ئىككى بالا تەسۋىرلەنگەن، ئاستى تەرىپىدە كۆپتۈرمە باش كىيىمى كىيگەن )ئالدىنقى رەسىمدىكى باربىتچىنىڭ كىيىمىگە ئوخشىشىدۇ> گەۋدىلىك باربىتچى ئايال، ئاق كىيىم كىيگەن ۋە ئۇچلۇق باش كىيىمى قۇلىقىنى يېپىپ تۇرىدىغان قىز، يەنە بىر سالۋا چاچ، ساقال - بۇرۇتلۇق ئوتتۇرا ياش ئەرنىڭ پورترېتى چۈشۈرۈلگەن. يەنە بىر پارچە رەسىمدە توقۇم يېپىلغان پىل )پىلنىڭ رەسىمىدە رەسسامنىڭ تىتا دېگەن ئىمزاسى بار> سۆرىگەن يارىيا ھارۋا ھەم ئارقىسىدا ئات ھارۋا، مۇشۇ رەسىمنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئالدىنقى رەسىمدىكى قىز ئوتتۇرىدا، بىر تەرىپىدە ئالدىنقى رەسىمدە تەسۋىرلەنگەن شاھزادە ۋە مەجنۇن چۈشۈرۈلگەن. يەنە بىر پارچە رەسىمدە كىيىملىرى جۇل - جۇل شاھزادە پىلنى يېتىلىۋالغان بولۇپ، بىر قولىدا چەينەك تۇتقان، ئاستى تەرىپىدە سېغىنىشتىن ھالى قالمىغان قىز، خۇنۇك كۆزلىرى يىراققا تىكىلگەن، تەسۋىرلەنگەن. بۇ 5 - نومۇرلۇق بۇتخانىغا سىزىلغان رەسىملەر چاتما بولۇپ، يەتتە پارچە رەسىم بار. مەزمۇن جەھەتتىن ئىشق مۇھەببەت توغرىسىدىكى رەسىم بولۇشى مۇمكىن، سۇژىت ئاساسلىقى تۆت پېرسوناژ، يەنى شاھزادە، قىز، مەجنۇن، باربىتچى ئايالنى مەركەز قىلغان ھالدا راۋاجلىنىپ بارىدۇ. رەسىمدىكى پېرسوناژلار ئۇچىسىغا ئاق كىيىم، بېشىغا تاج ياكى كۆپتۈرمە باش كىيىمى كىيگەن، باربىت چالغان، ساقال - بۇرۇت قويغان ھالەتلەر ئەكس ئېتىدۇ. مۇشۇ چاتما رەسىملەرنىڭ ئاخىرقىسىدا بىر شادلىقنىڭ پىنھان ئىزنالىرى بايقىلىدۇ، بىر ئايالنىڭ سول قولىدا كومزەك كۆتۈرگەن ھالىتى سىزىلغان بولۇپ، ئۈستىدىكى قىسمىنى كىشىلەرنىڭ پۇتىدىن بايقاش مۇمكىن. بەزى ئالىملار بۇ چاتما رەسىم بۇددانىڭ يارالمىش قىسسىسىنى مەزمۇن قىلغان، دەپ قارايدۇ.
كرورانلىقلار ئۆز تارىخىدا يەنە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. رەسساملىقنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ھەممىدىن بەكرەك مەشھۇرى <قاناتلىق پەرى> رەسىمى بولۇپ، مىرەن خارابىسىدىنلا توققۇز پارچە بايقالغان. تىتا قاتارلىق رەسساملار چەت ئەل سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت ئۇسلۇبلىرىنى يۇغۇرۇپ، زامانىسىدىكى رەسساملىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى، ئېقىمىنى ياراتقان، بۇ رايوندىكى رەسىملەر خېلى كۆپ. سىتەين خېلى نۇرغۇن رەسىم يادىكارلىقلىرىنى تېپىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايان قىلغان. يېقىندا بايقالغان كروران قەبرىسىنىڭ تاملىرىدىن نەپىس تام رەسىملىرىمۇ بايقالدى. خۇاڭ ۋېنبى قاتارلىق ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، چاقىلىق ناھىيە بازىرى بوستانلىقىدىكى قەدىمكى خارابىلەردىمۇ تام رەسىملىرى بايقالغان، لېكىن بەكلا بۇزۇلۇپ كەتكەچكە، بۇ ھەقتە كۆپ نەرسىلەرنى بىلگىلى بولمىغان. كروران رەسىملىرىنى تەتقىق قىلغان ئالىملار بۇ رەسىملەرگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرمەكتە.
ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ئىشلىرى كروراندا ئەڭ راۋاج تاپقان ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن ھېسابلىنىدۇ. كروران ھۈنەرۋەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەپچىل قوللىرى بىلەن ياغاچلارغا ھەرخىل شەكىلدە قاپارتما، ئويما نەقىشلەرنى چىقارغان. كروران خارابىلىرىدە بايقالغان ئۆينىڭ ياغاچلىرىدىكى بوغۇم - بوغۇم ئويمىلار ئارقىلىق چىقىرىلغان بېزەكلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھۈنەر سەنئىتىدىمۇ ئۆز ئىزناسىنى ساقلاپ قالغان. شۇ زاماندىكى ھۈنەرۋەن - ئۇستىكارلارنىڭ ئۆينىڭ ياغاچلىرى ۋە باشقا جابدۇقلارنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن نەپىس ياساپ چىققانلىقى كىشىنى بۇ نەپىس ئىشلەنگەن نەقىشلەر ھەرخىل شەكىللەر ئۇيۇلغان ياغاچلار ھەم ھەرخىل بۇيۇملاردىن كرورانلىقلارنىڭ يۇقىرى ئېستېتىك زوققا ئىگە ئىكەنلىكى، بىر تۈركۈم ماھىر ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
كروران ئېلىدە بۇددا ھەيكەلتىراشلىقى خېلىلا راۋاج تاپقان. مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىدىن خېلى ساندىكى بۇددا ھەيكەللىرى بايقالغان، بىزنىڭ ھازىرچە كۆرگەنلىرىمىز ئاساسەن سىتەين بايقىغان ھەيكەللەر بولۇپ، كۆپىنچە ئادەم باشلىرىنىڭ قاپارتمىلىرىدۇر. سىتەين مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىنى تەكشۈرگەندە بايقىغان 2 - نومۇرلۇق بۇتخانىنىڭ ئەتراپىدىكى غايەت زور بۇ ھەيكەلنىڭ ئۇلىدىن قارىغاندا، نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇتلارنىڭ بولغانلىقىغا تامامەن ئىشىنىشكە بولىدۇ، بۇ بۇددا ھەيكەللىرى ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ھالەتتە بولۇپ، سىتەيننىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا، ئالتە ھەيكەلنىڭ ئۇلى ساقلىنىپ قالغان. ئالتىسىنىڭ بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ھالىتىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى قالغان، قوللىرى پۇتىنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە تۇتاشقان، ئىككىسىنىڭ ھېچ نەرسىسى قالمىغان. ھەيكەللەرنىڭ بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندىكى ئىككى تىز ئارىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14.2 مېتىر، ھەيكەل ئولتۇرغۇزۇلغان ئۇلنىڭ كەڭلىكى 3.2 مېتىر، كەڭلىكى 6.0 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.0 مېتىر كېلىدۇ. ھەربىر ھەيكەلنىڭ ئۇللىرىنىڭ ئارىلىقى 18 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. بۇددا ھەيكەللىرىنىڭ ئۇلىنىڭ ئەتراپىدىن ئۈچ دانە بۇت ھەيكىلىنىڭ بېشى بايقالغان. ئىتالىيىلىك ئالىم مارىئو بۇساگلى كروران رەسىملىرىگە باھا بېرىپ: <ئوتتۇرا ئاسىيا تام رەسىملىرى مىرەندە بىخلانغان> دەيدۇ. كروران ۋە باشقا خارابىلەردىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىشلەنگەن ھەيكەل، بېزەك، ھەيكەلتىراشلىق تېخنىكىلىرى بىزنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. تارىخچى چىن شىلياڭ ئەپەندى مىرەن تام رەسىملىرىگە باھا يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: <مەن رەسسامنىڭ قارۇشتى يېزىقى بىلەن ئىمزا قويغىنىغا قارىغاندا، رەسسامنىڭ سىزغانلىرىدىن ھىندى نەرسىلىرىنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، رەسسام ھەرگىزمۇ ھىندىستانلىق ئەمەس. بىراق، تام رەسىمى مەدەنىيىتى ھىندى - گرېك - رىم ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شىنجاڭدا بايقالغان بۇددا رەسىملىرى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ. شۇڭا رەسسامنىڭ ئەسلى چەرچەن خانلىقىدىن ياكى شىنجاڭنىڭ مەلۇم جايىدىن، جۈملىدىن ئۇدۇن، كۈسەندىن ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. 514 - نومۇرلۇق قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكتە يەرلىك بىر شەخسنىڭ رەسساملىقنى تەتقىق قىلىشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇلار چەرچەن خانلىقىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇددا سەنئەتكارلىرىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ>.
كروران رايونىدىن تېپىلغان ياغاچ ئويمىلار، ھەيكەللەر ئىچىدە LB خارابىسىدىن بايقالغانلىرى ئەڭ كۆپ. كروران رايونىغا بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئويمىچىلىق ۋە ھەيكەلتىراشلىق يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، چۈنكى بۇددا دىنى بۇددا ھەيكەللىرى، بۇددا رەسساملىقىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن. كروراننىڭ ئەنئەنىۋى رەسساملىق، نەققاشلىق، ئويمىچىلىق ئىشلىرى بۇددا دىنىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن مەزمۇن دائىرىسى كېڭىيىپ، ياغاچچىلىق، نەققاشلىق، ئويمىچىلىق ھۈنىرى بۇددا دىنى رىۋايەتلىرىنى ئاساس قىلغان. ئۇستىكارلار بۇددىلارنىڭ پورترېتلىرىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ئويغانكى، غەرب ئالىملىرىمۇ بۇ خىل سەنئەتنى پەقەت گرېك ۋە قەندىھار مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە مەجبۇر بولغان، بۇ شۇ دەۋر سەنئەتكارلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شىۋېتسىيىلىك بېرگمان ئەپەندى بايقىغان، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىغا مەنسۇپ دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئېگىزلىكى 85.1 مېتىر كېلىدىغان ئايال ھەيكەل، ئېگىزلىكى 43.1 مېتىر كېلىدىغان ئەر ھەيكەل ئويمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتىنىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۆردەك قەبرىستانلىقىغا سىرلىنىپ تىكلەنگەن، قىر چىقىرىلغان ياغاچلارمۇ كرورانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ياغاچچىلىق ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. غەرب ئارخېئولوگلىرى كروران رايونىدىكى خارابىلەردىن نۇرغۇنلىغان ئويما بېزەك، ھەيكەل، لاي قونچاقلارنى تاپقان ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىن گرېك ۋە قەندىھار مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرىنى بايقىغان، بۇلار بەلكىم شۇ ۋاقىتتىكى دىنىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك. ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىمۇ خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك خەلقلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. شۇڭا كرورانلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنەتكەك مەدەنىيىتى ۋە ئەنەتكەك مەدەنىيىتى ئارقىلىق گرېك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن، ماددىي پاكىتلارمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلماقتا، لېكىن بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ بۇ تارىخىي مەدەنىيەتنى شۇلارغا مەنسۇپ قىلىۋېتىشكە بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ تەسىرىدىنلا ئىبارەت، خالاس.
قارۇشتىشۇناس لىن مېيسۈن ئەپەندى <كروران — ئەسىرلىك سىرنىڭ يېشىلىشى> ناملىق كىتابىدا <باكتىرىيە گرېك سەنئىتى كروران ئويما سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق ئۆرنەك ئوبيېكتلىرىدىن بىرى. مىلادىيىدىن 2000 يىللار بۇرۇن كرورانلىقلار ئۆزىنىڭ ياغاچ ئويمىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنى باشلىغان. كۆنچى دەرياسى قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن كۆپ مىقداردا ياغاچ ئويما ئادەم ھەيكىلى تېپىلغان. كروران، نىيا خارابىلىرىدىن ياغاچ چېلەك، ئاياق، پەتنۇس قاتارلىق ياغاچ بۇيۇملار تېپىلغان… مانا بۇ تېپىلمىلار تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ قەدىمدىن باشلاپلا نەپىس ياغاچ ئويما سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇددا دىنى ئارقىلىق تارقىلىپ كىرگەن باكتىرىيىنىڭ گرېكلەشكەن سەنئىتى ۋە قەندىھار سەنئىتى كروران قەدىمىي ياغاچ ئويما سەنئىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى… ئوتتۇرا ئاسىيادا بايقالغان بۇددا تام رەسىملىرى ئىچىدىكى مىرەن بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىكى تام رەسىملىرىنىڭ رەسىمى ئەڭ قەدىمىي، شۇڭا بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئەت تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەردە مىرەن تام رەسىملىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تام رەسىملىرىنىڭ مەنبەسى> دەپ يازغىنى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ياندىشىدۇ. ھىندىستانلىق پۇرى <ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتى> ناملىق كىتابىدا مىرەن تام رەسىملىرىگە باھا بېرىپ: <ئۇسلۇب جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلار غەربنىڭ
پورترېت رەسىم سىزىش تەركىبلىرىنى ئىنتايىن ياخشى ئىسلاھ قىلغان… مىرەن رەسىملىرى ھەرگىزمۇ يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن يېڭى نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىلىگەن، پىشقان ماھارەتنىڭ مەھسۇلى> دەپ يازغان.
كرورانلىقلارنىڭ تۇرالغۇلىرى كروران ئېلىدىكى شەھەر قەلئەلىرى ۋە تۇرالغۇلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. شەھەر قەلئەلىرى ئىككى خىل شەكىلدە، يەنى چاسا ۋە يۇمىلاق شەكىلدە سېلىنغان. چاسا قەلئەلەرگە LA، LK، LE ۋە مىرەن كونا شەھەر قەلئەلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ قەلئەلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن پۇختا بولۇپ، توپا ۋە ياغاچ - شاخلارنى چىڭداش ئارقىلىق قوپۇرۇلغان، سېپىللارنىڭ تېمى نەچچە مېتىر قېلىنلىقتا ياسالغان. يۇمىلاق قەلئەلەر نىيا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئەندىر خارابىسى ۋە نىيا قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىدە كۆرۈلىدۇ. شەھەر قەلئەلىرى ھەققىدە بايان بولغاندا شۇنى قىستۇرۇش مۇمكىنكى، بۇ سېپىللار شۇ رايوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمران قىلىنغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى ياكى تاشقى ياۋنىڭ تەھدىتىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى سەۋەبىدىن سېلىنغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇ ھېچ بولمىغاندىمۇ دۆلەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ شەھەر قەلئەلىرىدىن قارىغاندا، بۇلار ھەرگىزمۇ شەخسىي ئەمگەك ياكى بىر جەمەتنىڭ ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ قوشۇشىدىن بەرپا بولغان.
كروران ئېلىدە شەخسلەرنىڭ ياكى ئاۋام پۇقرانىڭ تۇرالغۇسىغا كەلسەك، بۇلار ئاساسەن لاي تاملىق ئۆيلەر، ياغاچ، يۇلغۇنلار ئارقىلىق قاشالىنىپ ۋە لاي بىلەن سۇۋىلىپ ياسالغان ئۆيلەر ۋە قومۇش ساتمىلاردىن ئىبارەت. كەپە ياكى ساتما شەكلىدىكى ئۆيلەر تاكى يېقىنغىچە لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ تارتقان رەسىملىرىدىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ياغاچ ياكى يۇلغۇنلار ئارقىلىق قاشالىنىپ ياسالغان ئۆيلەرگە كەلسەك، بۇمۇ تۆت ئەتراپى سۇ بىلەن قاپلانغان كروران شەھىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆي قۇرۇلۇشى تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، سۇ تۈگمەنلىرىمۇ زەيلىشىپ ئۆرۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ياسىلىدۇ. لاي تاملىق ئۆيلەرمۇ ئەينى دەۋر ئۆيلىرىنىڭ ئۈلگىلىرى بولۇپ، ئاساسەن ئىقتىسادى ياخشى ئائىلىلەر ئەنە شۇنداق ئۆيلەردە ئولتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۆيلەرگە ئاجايىپ ھۈنەرلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇستىلار، يەنى قۇرۇلۇشچىلارنىڭ قول ھۈنەرلىرى شۇ دەۋرنىڭ ھۈنەر سەنئەت تېخنىكىسىغا، ئېستېتىك قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەينى دەۋردىكى بۇ خىل ئۆيلەرنىڭ ياغاچلىرى ھەمدە پەنجىرىمۇ چىرايلىق ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ، شۇ دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئويمىكارلىق ھۈنىرىنىلا ئەمەس، ئېستېتىك زوقىنىمۇ نامايان قىلالايدۇ. كۆپىنچە خارابىلەردە يوغان ھەم ئۇزۇن بالا ياغاچلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مۇشۇ خىلدىكى ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاز بولمىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرماقتا. كرورانلىقلارنىڭ كىيىم - كېچىكى كرورانلىقلارنىڭ كىيىم - كېچىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان پاكىتلارمۇ ئاز ئەمەس، كرورانلىقلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ ماتېرىيالى چىگە، يۇڭ، پاختا، كۆن ۋە يىپەك رەختلەر بولغان. كرورانلىقلارنىڭ باش كىيىملىرى ئىچىدە ئۇچلۇق كىگىز قالپاقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بەزى ماتېرىياللاردا ساكلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئۇچلۇق قالپاق كىيىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسا، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا تۈركلەرنىڭمۇ ئەنە شۇنداق ئۇچلۇق ئېگىز قالپاق كىيىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. شۇنداقتىمۇ بىزگە ھازىرقى زامان سېرىق ئۇيغۇرلىرى — يۈگۇلارنىڭمۇ ئۇچلۇق قالپاق كىيىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۇچلۇق قالپاققا قۇش پەيلىرىنى قاداش ئادىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىدا ئاساسەن ئۇنتۇلغان بولسىمۇ، قازاق قاتارلىق بەزى تۈركىي مىللەتلەردە تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ سەھنە باش كىيىملىرىدە كۆرۈلىدىغان بېزەكلەر ئەنە شۇ قۇش پېيى قاداش ئېستېتىكىسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت.
ئاياغ كىيىملىرىگە كەلسەك، كرورانلىقلار مۇندىن 4000 يىللار مۇقەددەملا كۆندىن كىيىم تىكىپ كىيىشنى بىلگەن. كۆندىن كۆپىنچە ئاياغ كىيىمى، جۈملىدىن ئۆتۈك، كەشلەرنى تىكىپ كىيگەن. ئارخېئولوگلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، باشقا ئەللەردىكى كىشىلەر ياغاچ كەش كىيىپ يۈرگەن دەۋرلەردە، ئەجدادلىرىمىز ھەرخىل تېرىلەرنى ئاشلاپ ئۆتۈك ۋە كەشلەرنى تىكىپ كىيگەن. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر بۇنى ماددىي پاكىت بىلەن ئىسپاتلىدى. زىننەتلىك ئىشلەنگەن بۇ ئۆتۈكلەرنىڭ شەكلى بېزەكلىك مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ، شۇ دەۋردىكى ئۆتۈكلەر بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆتۈكلەر بىلەن نۇرغۇن جەھەتتىن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە.
كرورانلىقلارنىڭ كىيىملىرىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا قوي ياكى تۆگىنىڭ يۇڭ - تىۋىتلىرىدىن يىپ ئېگىرىپ رەخت توقۇپ كىيىم قىلىپ كىيگەنلىكى مەلۇم. بۇ خىل كىيىم - كېچەكلەر قەدىمكى قەبرىلەردىن تېپىلغان. مىلادىيىنىڭ ھارپىسىغا كەلگەندە، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ پاختا رەختلەر بارلىققا كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن كىيىم - كېچەك تىكىپ كىيگەن. مىلادىيىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە يىپەك رەختلەر كرورانلىقلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەن. 9951 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى نىيا خارابىسىدىن بايقالغان قۇملۇق تېگىنى ئاتالغان 8 - نومۇرلۇق قەبرىدىن تېپىلغان 45 ياشلاردىكى ئەرنىڭ ئۈستىۋېشىدىكى كىيىم - كېچەكنى شۇ ۋاقىتتىكى كىيىم - كېچەكنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئەرنىڭ بېشىغا ئۇچلۇق بۆك، بېلىگە تاسما بەلۋاغ، ئۇچىسىغا كەڭ ئېتەكلىك، ياقىسىز، ئالدىدىن ئىزمىلىنىدىغان ئۇزۇن تون، ئىچىدە توندىنمۇ ئۇزۇن ئىچ كىيىم، ئاستىغا كەشتىلىك شىم، پۇتىغا پايپاق ۋە لاتا ئاياغ كىيگۈزۈلگەن. ئاشۇ دەۋردە يەنە سول يان تەرەپتىن ئىزمىلىنىدىغان تون، كانايسىمان كۆڭلەك تىكىلگەن. ئىشتانلارغا كۆپىنچە ئىشتانباغ ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلىرىمۇ لايىھىلەنگەن. ئارخېئولوگ بېرگمان كىچىك دەريا بويىدىكى 10 - قەبرىستانلىقتىن بايقىغان يىپەك تونمۇ ياندىن، توغرىراقى ئوڭ ياندىن ئىزمىلىنىدۇ. بۇ ئەينى دەۋرلەردە شىمالدىكى مىللەتلەردە كەڭ تارقالغان پاسون بولۇشى مۇمكىن. ئارخېئولوگ بېرگماننىڭ 6A:3 نومۇر بىلەن ئېلان قىلغان پۈر
مە نۇسخىلىق يوپكا بۈگۈنكى كۈندىكى يوپكىلار بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ مۇندىن 2000 يىللار بۇرۇنقى كىيىم ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئىشتانلار كەڭ ئاغلىق بولۇپمۇ قىشلىق كىيىملەر> ۋە تار ئاغلىق
يىپەك رەختتىن تىكىلگەن>، يىپەك كىيىمنىڭ پۇشقىقى بولسا تار قىلىپ تىكىلگەن، بوغۇشلۇق قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. كرورانلىقلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى تېخى ئېچىلمىغان ساھە بولۇپ، تېخىچە بۇ ھەقتە تەتقىقات يۈرگۈزۈلگىنى يوق، بۇلارنى قىسقىلا بايانلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇ توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كىيىملەرنىڭ سۈرىتى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەھۋاللىرىنى كۆرۈش ھەمدە قوشنا يۇرت تېپىلمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى رەخت سودىلىرى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپ بولۇش ئەھۋاللىرى كىيىم - كېچەك تىكىشتەك قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ كەڭ ئومۇملىشىش بىلەن بىرگە، مەخسۇس ئىش قوشىدىغان ئىشخانىلارنىڭمۇ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەخپىيەتلىكنى ساقلاش
كروران دەۋرىدە يازما ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا دائىر قانۇن - بەلگىلىمىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن ئۇچۇر يوق، ئەمما يارلىقلاردىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر مەزمۇنلار مۇشۇ خىل ئادەتنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلاردىن قارىغاندا، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىككى پارچە مەخسۇس ئىشلەنگەن تارىشىنىڭ يۈزىگە يېزىلغاندىن كېيىن ئىككى تارىشىدىكى خەت يۈزى بىر - بىرىگە قارىتىپ جىپىسلىنىپ ھەمدە يىپ بىلەن باغلىنىپ، ئاندىن تامغىلىنىپ يوللانغان. مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئىش تەرتىپى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.