باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
تارىخىمىز
-
ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرى
ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:45:39 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرى
كونا تاش قوراللار (پالېئولىت)دەۋرى
ئىپتىدائىي جەمئىيەت — ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلغان باسقۇچ. ھازىرقى زامان پەن تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى 2 - 3 مىليون يىلدەك ۋاقىتنى بېسىپ ئۆتكەن.
ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرىدە، ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئەمگىكى تاش قورال ياساشتىن باشلانغاندى. ئۇ چاغلاردا ئىنسانلار توپ - توپ بولۇشۇپ، ئەمگەك ۋە ھەرىكەت قىلىشاتتى. ئۇلار ئىپتىدائىي ئوۋچىلىقتىن قولغا كەلتۈرگەن غەنىيمەتلىرىنى تەڭ تەقسىم قىلىشاتتى؛ نىكاھلىنىش شەكلى — ئىپتىدائىي توپ نىكاھلىنىش بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچلارغا كەلگەندە قانداش ئائىلىگە، يەنى بوغۇنلار بويىچە نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىدىغان ئائىلىگە قەدەم باسقانىدى. ئەمگەك ئادەمنى تەدرىجى تاكامۇللاشتۇردى. ئىنسانلار ئوتنى تاپتى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلدى. ئوتنىڭ تېپىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى چوڭ سەكرەش بولۇش بىلەن بىللە، ئاخىرقى ھىسابتا ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ئەڭ مۇھىم قورال بولغانىدى.
ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە تا يېقىنقى يىللارغىچە كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت ئىزلىرى تېپىلمىغانىدى. 1980 - يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە، پامىر ئېتەكلىرىدىن كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا تەۋە بولغان قەدىمكى ئىز تېپىلدى. بۇ ئىزلار تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا، يەنى دېڭىز يۈزىدىن 3700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىزناپ يېزىسى جىرغا مەھەللىسى تەۋەسىدە تېپىلدى.
ئەسلىدە، تاشقورغاندىكى تىزناپ دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا كۆچمە جىنىسلاردىن ھاسىل بولغان بالداقلىق ئېگىزلىك شەكىللەنگەن. قەدىمكى ئىز دەل ئاشۇ ئېگىزلىكنىڭ ئۈچىنچى بالداق ئېگىزلىكىدىكى تىك يارنىڭ قېتىدىن تېپىلغان (ھازىرقى دەريا قېتىدىن ئون مېتىر ئېگىزلىكتە). بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شىمالىي پاراللېلنىڭ ′31°37N، شەرقىي مېردىئاننىڭ ″24 - ′23°75E بۆلەكلىرىگە توغرا كېلىدۇ.
بۇ ئىزدىن كۆيگەن قىزىل توپا (ئوت) قاتلىمى، 6 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن قەدىمكى ئىنسانلار ياققان ئوتتا كۆيگەن نەرسىلەرنىڭ كۈلى، چالا كۆيگەن ياغاچ ۋە سۆڭەكلەر تېپىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قەدىمكى ئىنسانلار چوقۇپ ياسىغان تاش قورال، تاش ياپراقلار تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭ كۇارتىس تاشلاردىن ياسالغان قورال ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
1981 - يىلى 8 - ئايدا، ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ بوغاز دەرياسى قىرغىقىدىكى مەلۇم جايدا قۇرۇلۇش ئورنىنى تۈزلەش جەريانىدا ئىپتىدائىي ئادەم باش سۆڭكىنىڭ تاش قاتمىلىرى، يەنى ماڭلاي سۆڭەك، چېكە سۆڭىكى، چوققا سۆڭىكى، كېپىنەك سۆڭىكىدىن ئىبارەت تۆت پارچە تاش قاتمىسى تېپىلغان. 1983 - يىلى 7 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، بېيجىڭ تەبىئەت مۇزېيى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى يەر قاتلاملىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكى ئىلمى خادىملار بىرلىكتە بۇ جاينى قايتا تەكشۈرۈپ، يەنە ئۈچ پارچە (سول تەرەپ چېكە سۆڭىكى، قۇلاق ئاستى سۆڭىكى قاتارلىق) تاش قاتما جىسىمنى تاپقان. بۇنىڭ بىلەن ئىپتىدائىي ئادەم باش سۆڭىكىنىڭ تاش قاتما جىسىمىنىڭ كەم قىسمى تولۇقلانغان. ئىپتىدائىي ئادەم باش سۆڭىكىنىڭ تاش قاتمىسى ئاتۇش ناھىيىسى تەۋەسىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا <ئاتۇش ئادىمى> دەپ نام بېرىلگەن
<ئاتۇش ئادىمى> باش سۆڭىكىنىڭ تاش قاتمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم تېپىلغان ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ تاش قاتمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكىل خۇسۇسىيىتى ۋە تاشقا ئايلىنىش دەرىجىسى، يەر قاتلىمى ئانالىزلىرىغا قارىغاندا، ئۇ — كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا تەئەللۇق بولۇپ، 18 ياشلىق ئەرنىڭ باش سۆڭىكى ئىكەن. ئۇنىڭ تەخمىنەن دەۋرى بۇنىڭدىن 10 — 30 مىڭ يىللار ئىلگىرى، دەپ پەرەز قىلىنماقتا. <ئاتۇش ئادىمى>نىڭ تېپىلىشى يىراق قەدىمكى زامانلاردا ئاتۇشتا ياشىغان ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ئالاھىدىلىكى، بەدەن قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى ئۈستىدىكى تەتقىقات ئىشلىرىدا قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە يۇرتىمىزنىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىش، يۇرتىمىزدا ياشىغان ئىپتىدائىي ئادەملەر توپلىرىنىڭ تارالغان دائىرىسىنى ئېنىقلاش، جۈملىدىن جەمئىيەت دەۋرىدىكى جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق بىرمۇنچە مۇھىم ئىلمىي مەسىلىلەردە بىزنى ئىنتايىن مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى.
ئاتۇش ناھىيىسىدىكى بوغاز دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ئەسلىدە ئۈچ بالداقلىق ئېگىزلىك بولۇپ <ئاتۇش ئادىمى> باش سۆڭىكىنىڭ تاش قاتما پارچىلىرى تېپىلغان ئورۇننىڭ كەسمىسى يەتتە قەۋەت ئىكەن. باش سۆڭىكىنىڭ تاش قاتما پارچىلىرى ئۇنىڭ 6 - قەۋىتىدە ساقلىنىپ قالغان. <ئاتۇش ئادىمى> تېپىلغان جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئان ′50°75E، شىمالىي پاراللېل ′45 - ′44.°39N قا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئورۇندىن يەنە قەدىمكى ھايۋان (ھايۋان نامى تېخى ئېنىق ئەمەس) نىڭ 40 سانتىمېتر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر پارچە تاغاق سۆڭىكىنىڭ تاش قاتمىسى تېپىلغان. بۇ ئورۇن ھازىرچە تېخى رەسمىي قېزىپ تەكشۈرۈلمىدى.
يۇقىرىدا قەيىت قىلىنغان تاشقورغاندىكى جىرغال قەدىمكى ئىزى بىلەن <ئاتۇش ئادىمى> باش سۆڭىكىنىڭ تاش قاتمىسى قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر بۆلەك قىممەتلىك ماددى پاكىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر