باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
تارىخىمىز
-
چاقىلىقتىكى شەھەر - بازارلارنىڭ ۋەيران بولۇشى
چاقىلىقتىكى شەھەر - بازارلارنىڭ ۋەيران بولۇشى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:44:37 كۆرۈلىشى: $$访问$$
چاقىلىقتىكى شەھەر - بازارلارنىڭ ۋەيران بولۇشى
چاقىلىقتا مىلادىيىدىن بۇرۇنلا كۆپلىگەن شەھەر - بازارلارنىڭ بولغانلىقىنى بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق، بۇ شەھەر - بازارلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ، يەنى كروران شەھىرىنىڭ نامى ئېنىقلىنىپ باشقا كۆپ قىسمىنىڭ نامىئېنىقلانمىغاچقا، ناملىرى لاتىن ئېلىپبەسى، سان، خەنزۇچە خەتلەر ئارقىلىق بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلدى، قىسمەنلىرىگە ئىسىم قويۇلدى. بۇ شەھەر - بازارلارنىڭ نامى ئېنىق بولمىغاچقا، شۇنداقلا ھەر خىل ناملاردا ئاتالغاچقا، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. شۇنداقتىمۇ ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى شەھەر - بازارلارنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشىغا ئاساسەن، بىر قانچە رايونغا ئايرىشقا بولىدۇ. بۇلار كروران - لوپ رايونىنى مەركەز قىلغان شەھەر - بازارلار كىچىك دەريا، يەنى ئېقىن خارابىلىرى، مىرەن - چاقىلىق بازىرى ئەتراپلىرى، ۋاششەھىرى ئەتراپلىرى، كىتىك - مەردەك ئەتراپلىرىدىكى شەھەر - بازارلاردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى تىپقا كروران ئەتراپلىرى ۋە ئېقىن خارابىلىرىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابىلىرى كۆنچى دەرياسىنى ھاياتلىق مەنبەسى قىلغان بولۇپ، ئوخشاش بىر دەۋردە سەلتەنەتىنى يوقىتىپ تەدرىجىي ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن. كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە كروران شەھىرى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئازلاپ كەتكەن، ئاھالىنىڭ بىر قىسمىنىڭ4000 ئائىلىدىن ئاشىدىغان ئاھالىنىڭ> چەرچەن خاقانى بەگ روڭنىڭ باشچىلىقىدا ئەينى چاغدىكى چالمادانا، يەنى ھازىرقى چەرچەنگە كۆچكەنلىكى، يەنە بىر قىسمىنىڭ قۇمۇل رايونىغا كۆچۈپ كىچىك لوپ، يەنى لاپچۇق دېگەن يۇرتنى بەرپا قىلىپ ياشىغانلىقى تارىخ بېتىگە يېزىلغان. يەنە بىر قىسمى بولسا خەنزۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئۆتكەن بولۇپ، خەنزۇ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ خەنزۇچە مەنبەلەردىكى چەرچەن خانلىقىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى 鄯善نىڭ تۇنجى ھەرپىنى ئېلىپ خەنزۇلارغا ئوخشاش فامىلە قوللانغان، مەسىلەن، 鄯米، لوياڭدىن قەبرە تېشى تېپىلغان 512 - يىلى قازا قىلغان>، < 505- يىلى قازا قىلغان> قاتارلىقلار. گەرچە ئۇرۇش بۇ شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلەتكەن بولسىمۇ، شەھەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولالمايدۇ، تارىخ كىتابلىرىدا دىڭلىڭلارنىڭ ھۇجۇمىدا شەھەر ۋەيران بولۇپ خەلقى تاراپ كەتتى، دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا خەلقنىڭ بۇ شەھەرلەردە ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەلۇماتلار بار. ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ قايتىدىن گۈللىنەلمەسلىكى مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى تەبىئىي شارائىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكى، يەنى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى سۇنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت. ناۋادا ئەنە شۇ ھاياتلىق مەنبەسىدىن باشقا بىرەر ئامىل سەۋەبچى بولغىنىدا ئىدى، يۇرتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لوپ كۆلى بويىدىكى بوستانلىقلار ۋە ئېقىن، يەنى كىچىك دەريا بويىدىكى ئىزلارنىڭ ئوخشىشىدىغان دەۋردە ۋەيران بولۇشى خارابلىشىشتەك بۇ خىل ئامىلنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇلار تارىخىدىكى بىر قېتىملىق زور خارابلىشىشنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى.
شەھەرلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەيران بولۇشى ھازىرقى مىرەن بوستانلىقىغا يېقىن جايلاشقان ئىزلار ۋە ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپلىرىدىكى ئىزلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ئىبارەت. بۇ ئىزلار ئارخېئولوگلارنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 11 - ئەسىردىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا، جۈملىدىن 10 - ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى بوستانلىقنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى تارىخىي سەۋەب ھازىرچە بىزگە قاراڭغۇ، بۇ بوستانلىقلارنىڭ تەبىئىي سەۋەبتىن ۋەيران بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق، چۈنكى بۇ ئىككى بوستانلىق ئايرىم سۇ سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى چاقىلىق ۋە مىرەن دەريالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پەۋقۇلئاددە ئېكولوگىيە ئۆزگىرىشى بولمىسا، دەريا سۈيىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ، گەرچە سۇ مىقدارى ئاز بولسىمۇ، مۇئەييەن مىقداردىكى ئاھالىنى بېقىپ كېتىدىغانلىقى چوقۇم.
ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەيرانچىلىق 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان، ئالدى بىلەن كىتىك ۋە مەردەك شەھەرلىرى، ئاخىرىدا لوپ شەھىرى ۋەيران بولغان. كىتىك ۋە مەردەك شەھەرلىرىنىڭ تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ۋەيران بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن. تارىخ كىتابلىرى ۋە تەزكىرىلەردە يېزىلىشىچە، ئاسماندىن قۇم يېغىپ شەھەرنى قۇم بېسىپ كەتكەن، بۇ ئەمەلىيەتتە قۇملىشىشنىڭ بۇ شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇشىدا مۇھىم ئامىل بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ئىككى شەھەر تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۆزگە سۇ بۇ يەرنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئامىل بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەريا مۇشۇ يەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە ۋەيران بولۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە 1339 — 1345 - يىللىرى تارىم دەرياسىنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان ئېقىنىنىڭ ئۈزۈلۈشى ياكى سۇنىڭ بەك ئازلاپ كېتىشى سەۋەبلىك جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا زور ئۆزگىرىش بولغان، جۈملىدىن تۇپراق نەملىكىنىڭ يوقىلىشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېكىنىشىنى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنى، ئاقىۋەتتە ئاھالىنىڭ كۆچۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەزكىرىلەردە يېزىلىشىچە، جالالىدىن كىتىكى باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان ئاھالە تارىم دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن، بەزى مەلۇماتلاردا ئەنە شۇلار ئولتۇراقلاشقان جاي كىتىكلىكلەر كەنتى دەپمۇ ئاتالغانىكەن )ھازىر كورلا شەھىرىدە كىتىكلىكلەر مەھەللىسى بار>، ئاھالە كۆچۈپ ئاقسۇغا بارغان ۋاقتى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئاقسۇدىكى، ئەمما تېخى خانلىققا چىقمىغان دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. مەردەك شەھىرىنىڭ ئەينى تارىخىي دەۋردە نېمە دەپ ئاتالغانلىقى تېخى نامەلۇم، ئەمما بۇ شەھەرنىڭمۇ شەھىرى كىتىككە قوشنا ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ئوخشاش بىر دەۋردە ئوخشاش بىر سەۋەب بىلەن ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىقى ئىككى شەھەر ۋەيران بولغاندىن كېيىن لوپ شەھىرى 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى 51 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ۋەيران بولغان. بۇ شەھەرنىڭ قانداق سەۋەب بىلەن ۋەيران بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر تارىخىي يازما ئۇچۇر يوق. ئاتاقلىق ئالىم ۋاڭ شۇچۈن ئەپەندى ئۆزىنىڭ <تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى خارابىلەر ۋە كەلكۈن> ناملىق ماقالىسىدە <ئارخېئولوگ جاڭ پىڭ ئەپەندى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنى ئانالىز قىلغاندا، بۇ شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ئاساسلىقى تەبىئەتنىڭ كۈچىدىن بولغان، دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى دەۋردىكى ۋاششەھىرى خارابىسىنى تەكشۈرگەن سىتەين ۋە بېرگمان قاتارلىقلارمۇ ۋاششەھىرى دەرياسىنىڭ تاغ ئېغىزىدىلا ئېقىن ئۆزگەرتىشى سەۋەب بولغان دەپ قارىغان. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يادىكارلىقلاردا ۋاششەھىرى دەرياسىنىڭ ئىككى ئېقىنى بار، بىرى ۋاششەھىرى يېڭى دەرياسى، يەنە بىرى ۋاششەھىرى دەرياسىنىڭ قۇرۇق ئېقىنى دەپ يېزىلغان … 1981 - يىلى مەنمۇ بۇ خارابىگە بارغان، تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى ئەتراپىدىكى يۇلغۇن دۆڭنىڭ تەكتى تەرەپلىرىدىن كەلكۈننىڭ ئىزنالىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، توپا قاتلاملىرىدا ساپال پارچىلىرى، كۆمۈر داشقىلى قاتارلىق ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى بار ئىكەن. بۇ ئەھۋال شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، كونا شەھەر كەلكۈن سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. بۇ شەھەر خارابىسى سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىن 14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە نۇرغۇن ئۇرۇش ۋە ئۆزگىرىشلەرنى، يەنى تۈبۈتلەرنىڭ كىرىشى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىستېلاسى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ۋەيران بولمىغان. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى ئالاھىدە ئامىل كەلكۈندۇر، تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈن ئولتۇراق جايلارنى بېسىپ كەتكەن ۋە ئېقىن ئۆزگەرتكەن> (ۋاڭ شۇچۈن: <تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە كەلكۈن>، <غەربىي دىيار تەتقىقاتى> ژۇرنىلى، 2000 - يىللىق 3 - سان، خەنزۇچە، 6 - بەت) دەيدۇ. ئىمىن غازى ئەپەندىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، شەھەر كەلكۈن ئاپىتىدە ۋەيران بولغانىكەن>. بۇ مەسىلىگە قارىتا تېخىمۇ مۇكەممەلىرەك قارىشىمىز بولمىغاچقا، ھازىرچە ئالىمنىڭ مۇشۇ قارىشىغا قوشۇلمايمۇ ئامالىمىز يوق.
ئومۇمەن ئالغاندا، بىزنىڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز ناھايىتى ئاز، بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەر بولغان بولسىمۇ تېخىچە ھەممىنى قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى يازما ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقى، ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئەينى تارىخىي دەۋردىكى كىلىماتوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ چەكلىك بولۇشىدىن ئىبارەت. كەلگۈسىدە بىز ئېھتىياجلىق پاكىتلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇ مەسىلىلەرمۇ ھەل بولۇپ كەتكۈسى.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر