باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
شەخسلىرىمىز
-
قىدىرخان يەكەندى
قىدىرخان يەكەندى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:44:20 كۆرۈلىشى: $$访问$$
قىدىرخان يەكەندى
يۈسۈپ قىدىرخان 16 - ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر مۇقامشۇناس ۋە ئاتاقلىق شائىر بولۇپ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان سارىيىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، شۇنداقلا خانلىق ئوردىسىدا قۇرۇلغان مۇزىكا ئورگىنىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، مەلىكە ئاماننىسا ۋە ئاياز بەگ قوشچى قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر مۇزىكانت ۋە شائىرلىرىغا ئۇستاز بولغان.
قىرىرخان يەكەندىنىڭ تارىخىي شەخسىيىتى ھەققىدە ئېنىق ۋە ئىشەنچىلىك مەلۇمات يوق، پەقەت موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزى ئۆزىنىڭ «تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە قىدىرخان ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ پەننىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەكەندىدۇر، بۇ پەندە بۇ ئەزىزدەك ماھارەت كۆرسەتكەن ئۇستاز ئاز، بۇ ئەزىز كۆپرەك ئەمىر نىزامىدىن ئەلشىر نەۋائى ھەزرەتلىرىنىڭ غەزەللىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتاتتى. ئالەم ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك خۇش ئاۋاز ئادەم بولمىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئىراقتىن، ئىراندىن، تەبرىزدىن، خارەزىم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىسلامبول، كەشمىر، بەلخ، شىراز قاتارلىق شەھەرلەردىن مۇزىكا ئۆگىنىشكە كەلگەن شاگىرتلىرى بار ئىدى. راۋابنى ۋە ھەشتتار (سەككىز تارىلىق بىر خىل چالغۇ) نى بۇ ئەزىز كەشىپ قىلدى. ئۇ يەنە شائىر ئىدى، <دىۋان قىدىر> ناملىق كىتابى بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىلمى ھەققىدىكى رىسالىلىرىدە چوڭقۇر مەنىلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. جەندە - كۇلا كىيىپ يۈرەتتى. داڭلىق سۇلتان ئابدۇرەشىدخان غىزادىمۇ، يېتىپ - قوپۇشتىمۇ قىدىرخاندىن ئاجرىمايىتى، قىدىرخان <ۋىسال> ناملىق بىر مۇقامنى ئىجاد قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۆگەتتى. ئۇ ئابدۇرەشىدخان پادىشاھدىن ئىككى يىل كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى» دەپ مەلۇمات بېرىدۇ.
مۆجزىنىڭ بۇ بايانىدىن قارىغاندا، قىدىرخاننىڭ مىلادى 1572 - يىللىرى يەكەندە ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
قىدىرخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە تازا گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى - سۇلتان ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا ياشىغان، ئابدۇرەشىدخان ئىلىم - مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان تەرەققىيپەرۋەر، خەلقپەرۋەر خان بولغاچقا، قىدىرخانغا ئوخشاش تالانت ئىگىلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلەيىتتى. شۇڭا ئۇ قىدىرخاننى ئەزىزلەپ ئۇنى كېچە - كۈندۈز يېنىدىن ئاجراتمىغان
قىدىرخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى بويىچە ۋەزىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە گۈللەن - ياشنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇ ئوردا بىلەن خەلق ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، خەلقنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغا يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا پايدىلىق مەسلىھەت ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ تۈراتتى.
قىدىرخاننىڭ تارىختىكى ئەڭ زور تۆھپىسى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى توپلاپ، رەتلەش، سىستېملاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتلەرگە مەركەزلىشىدۇ.
دەرۋەقە، قىدىرخان ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق مۇزىكانتى ۋە مۇقام ئۇستازى بولغاچقا، مۇزىكا ئىلمىدە ئۇنىڭدەك ئەتراپلىق يېتىلگەن ئۇستاز ئاز ئىدى. شۇڭا مۆجىزى ئۆزىنىڭ «تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە قىدىرخان ناھايىتى يۈكسەك ئورۇن بەرگەن. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، قىدىرخان باشچىلىقىدىكى يەكەن خانلىق ئوردىسىدا قۇرۇلغان مۇقام ئۆگىنىش مەكتىپىنىڭ پائلىيەت دائىرىسى ۋە ئەمەلىي نەتىجىسى نەۋائى دەۋرىدىكى ھېراتنىڭ مۇزىكا قىزغىنلىقىدىن ئېشىپ كەتكەن، چۈنكى، ئۇنىڭ مۇزىكا ئىلىمى جەھەتتىكى نام - شۆھرىتى 14 - ئەسىردە سەئىدىيە سۇلتانلىقى تەۋەسىدىن ھالقىپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىغىچە يېيىلغان.
قىدىرخان ئۆز ئىجادىي پائاليىتى جەريانىدا مەۋلانە خۇلقى، ئاياز بەگ قوشچى، نەفىسى (مەلىكە ئاماننىسا)، مىرزامىدەك چالىش قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر شائىر ۋە مۇزىكانتلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، يەكەن خانلىقى مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇزىكا ئىلمى ھەققىدە بىر قانچە رىسالە ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغانلىقى مەلۇم، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن مەلىكە ئاماننىسا قاتارلىق شاگىرتلىرى بىلەن بىللە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مۇزىكا بايلىقى بولغان ئون ئىككى مۇقامنى چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن چوڭ مۇزىكا گەۋدىسى سۈپىتىدە يۈرۈشلەشتۈرۈپ رەتلەپ چىقتى ھەم ئۇنىڭ تېكىستلىرىنى يېڭىلىدى. شۇنداق قىلىپ، نەۋائى شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىلىق ئورۇندا مۇقام تېكىستلىرىگە تاللىنىشى قىدىرخان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مۆجىزىنىڭ قىدىرخان ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ «دىۋان قىدىر» ناملىق ئەسىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم، لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلمىغىنى يوق، پەقەت «دىۋان قىدىرى» توپلىمىنى تۈزۈشكە دائىر ئاپتور يازغان «مۇقەددىمە» 1985 - يىلى يەكەن خەلقى ئارىسىدىن تېپىلدى، «مۇقەددىمە» دەپ ئاتالغان بۇ بىر پارچە ئەسەر 28 بەت (بىر بېتى يوقالغان) بولۇپ، پارتلانغان خوتەن قەغىزىگە پارسچە يېزىلغان. بۇ قول يازما نامەلۇم بىر كاتىپ تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا بولۇپ، ئۇنىڭ قاچان يېزىلغانلىقى توغرىسىدىمۇ بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرۇلمىغان.
بۇ «مۇقەددىمە» دە بايان قىلىنىشچە، شائىر قىدىرخان ئۆزىنىڭ ياشلىق كۈنلىرىدىن تارتىپ تۈرلۈك بەزمە - ئولتۇرۇشلاردا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ نۇرغۇن شېئىرلارنى تۈزگەن. ئۇنىڭ شېئىرلارنى تۈزگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قولدىن - قولغا ئۆتۈپ خەلق ئارىسىغا تارىلىپ كەتكەن. ئۇ ھەمسۆھبەت بولۇپ كەلگەن سۇلتان مۇھەممەت قاتارلىق ئۆلپەتداشلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئىلتىماسى بىلەن ئۆز شېئىرلىرىنى توپلاشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خەلق ئارىسىدا تارىلىپ يۈرگەن غەزەللىرى 2000 پارچىدىن ئارتۇق ئىكەن.
«مۇقەددىمە» دىن مەلۇم بولۇشىچە، «دىۋان قىدىرى» توققۇز پارچە شېئىرلار توپلىمىدىن تۈزۈلگەن چوڭ ھەجىملىك دىۋان ئىكەنلىكى مەلۇم، بۇ توپلامغا شائىرنىڭ مۇقامغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەنلىكى قىدىرخان نامىدا خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن تۆۋەندىكى پارچىلار ئىسپاتلايدۇ:
مۇقام جەھاندا تاڭنىڭ سەباسى،
جەھانغا جانكى قالۇن سەداسى،
ھېچ تەڭ كېلەلمەس بۇلبۇل نەۋاسى،
ئالەمدە يوقكى بۇنىڭ باھاسى،
يەنە بىر شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ:
ھەشتتارىمىز قىلسا خەندان دىيارىمنىڭ گۈلىستانىدا،
قۇزغۇن ئۆلۈپ، بۇلبۇل كۈلەر نەغمە مەشرەپ داستانىدا،
ئون ئىككى چوڭ تولۇن ئايدەك دىل رىشتەگە مەشئەل ياقار،
ئۇنىڭ ئەمەس، بۇنىڭ ئەمەس - دىلكەشتەلەر بوستانىدا.
يۇقىرىقى شېئىرلار خەلق ئارىسىدا ئاغزاكى تارقىلىش جەريانىدا، گەرچە 14 - ئەسىردىكى شېئىرىي تىل ئۇسلۇبىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما قىدىرخان ئىجادىيىتىگە مەنسۇپ دەپ قارالغان ھەشتتار (سەككىز تارىلىق چالغۇ) ناملىق چالغۇ ئەسۋابنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بۇ شېئىرلارنىڭ قىدىرخان ئىجادىيىتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
دەرۋەقە، مەرھۇمنىڭ مۇزىكا ئىلمى ھەققىدىكى ئەسەرلىرى ۋە شېئىرىي دىۋانىلىرى ھازىرغىچە تولۇقى بىلەن قولىمىزدا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ، سىستېملاشتۇرۇپ دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدەك بۈيۈك تۆھپىسى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىن پەخىرلىك ئورۇن تۇتۇشقا مۇناسىپ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر