باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
شەخسلىرىمىز
-
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:44:03 كۆرۈلىشى: $$访问$$
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان
«يەكەن خانلىقى» («سەئىدىيە خانلىقى») دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان مەرىپەتپەرۋەر دۆلەت ئەربابى، تالانتلىق ھەربىي سەركەردە، شائىر ۋە مەشھۇر مۇقام ئۇستازى ئابدۇرەشىدخان سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ھىجىرىيە 915 - يىلى (مىلادى 1509 - 1510 يىللىرى) پەرغانىدە تۇغۇلۇپ، ھىجىرىيە 971 - يىلى (مىلادى 1569 - 1570 - يىللىرى) يەكەندە ۋاپات بولغان ئۇنىڭ جەسىتى يەكەندىكى خانلار قەبرىستانلىقى «يەكەن خانلىقى» نىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خانى بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا باشلايدۇ. ئابدۇرەشىدخان بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن تارتىپلا ئىلىم - پەننىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بويىچە ئەتراپلىق بىلىم ھاسىل قىلىپ، ئۆز دەۋرىنىڭ خەلقپەرۋەر دۆلەت ئەربابى، مەشھۇر سىياسىيون، شائىر، سازەندە ۋە ئۇستا خەتتات بولۇپ يېتىشىدۇ. ئۇ دادىسى بىلەن بىللە كۆپ قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ، ھەربىي ئىلمىنىمۇ پۇختا ئۆگىنىدۇ. ئۇ دادىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ، جۈملىدىن ئەينى دەۋردىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە كىچىكىدىن تارتىپ ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدىغان، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۈرمەتلەيدىغان خەلقپەرۋەر بىر كىشى بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئارىسىدىكى تالانت ئىگىلىرىنى، قابىلىيەتلىك ئالىم، ئەدىبلەرنى، مۇزىكانت ۋە مۇقامشۇناسلارنى، ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلدى.
موللا مېرسالىھ قەشقەرىنىڭ «چىڭگىزنامە» ناملىق ئەسىرىدە: «ئابدۇرەشىدخان تىرەندازلىق (مەرگەنلىك) ۋە چابوكسۇۋار (چەۋەنداز) لىقتا ئۇلۇغ خان (سۇلتان سەئىدخاننى دېمەكچى . ئا) دىن ئېشىپ كەتتى. ئابدۇرەشىدخان پادىشاھ زەدەئى دىلاۋەر ۋە مەردانە خۇش مەنزەر ۋەنكوسە يىگىرمە ئۈچ يېشىدا تەختىخانىغە ئولتۇردى، شېئىر فارىسى ۋە تۈركىنى خوپ ئېيتۇر ئىدىلەر، خۇش سەۋاد ئىدى. ھەر نەچچە بى ئىملا خەت بولسە، خوپ يادا ئالغاندەك ئوقۇر ئېدى،» دەپ بايان قىلغىنىدى.
گۈللەنگەن سەئىدى دەۋرى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي ئۇتۇقلىرى سۇلتان ئايدۇرەشدخان دەۋرىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئابدۇرەشدخان دەۋرىدە ئاڭ پارلاق مەدەنىيەت دەۋرى ئېچىلىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقى، مۇقامچىلىقى دەۋر بۆلگۈچ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ.
شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكا مىراسىلرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە بېيىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇ ئەينى دەۋردە ئۆزى باش بولۇپ خانلىق ئوردىسى يېنىدا مۇزىكا مۇئەسسەسى (ئورگىنى)، قۇرۇپ، ئۇنىڭغا مەشھۇر مۇقام ئۇستازى، شائىر قىدىرخان بىلەن خوتۇنى مەلىكە ئاماننىسانى باش يېتەكچى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ مۇزىكا مەكتىپى ئەتراپىغا خانلىق تەۋەسىدىكى ئاتاقلىق مۇزىكىچىلار.. مۇقامچىلار جەم بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئىراق، ئىران، تەبرىز، خارەزىم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىستامبۇل، كەشمىر، بەلخ، شىراز قاتارلىق يىراق شەھەرلەردىن مۇزىكا ئۆگىنىشكە كەلگەن كۆپلىگەن شاگىرتلار جەم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇيغۇر خەلق كلاسسىك مۇزىكىسى - ئون ئىككى مۇقامنى توپلاش، ئۆگىنىش، رەتلەش دولقۇنى ئەۋج ئېلىپ، ئون ئىككى مۇقامنى ئىلمىي ۋە سىستېملىق ھالدا يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىشى روياپقا چىقىدۇ، بۇنى مۇقام تارىخىدىكى ئىككىنچى چوڭ گۈللىنىش باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ.
دېمەك، ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى ئەۋج ئېلىپ، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى مۇئەتەسسىپ روھانىيلار ۋە سوپى - ئىشانلارنىڭ سۈيقەست ۋە زىيانكەشلىكلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان بىر تارىخىي شارائىتتا، ئابدۇرەشدخان مىسلىسىز جۈرئەت ۋە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، «ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇردى. شۇڭا بۇ تارىخىي تۆھپە قىدىرخان ۋە مەلىكە ئاماننىسا بىلەن بىللە سۇلتان ئابدۇرەشدخانغىمۇ مەنسۇپ، ئەلۋەتتە.
موللا موسا سايرامنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» نامىلىق ئەسىرىدە ئېيتىلىشىچە: «ئابدۇرەشىدخان موللا، فازىل (شائىر) بولۇپ، فارىس ۋە تۈركىي نەزمىنى ياخشى ئېيتۇر ئىدى. ئىلمىي مۇسىقىدا گوياكى فىساغوروس سانى (ئىككىنچى فىساغوروس) ئىدىلەر.» «تارىخى رەشىدى» (زەيلى) دە ھەم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ سۈپەتلىرىنى تەرىپلەپ: «ئۇ مۇزىكا ئىلمىنى پۇختا بىلەتتى، بەلكى مۇزىكا ئىلمىنىڭ مۇسەننىيىسى ئىدى، ئۇ چاھارتار (تۆت تار)، دۇتار، قالۇن، تەمبۇر، راۋاب، ئۇد، غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. ئابدۇرەشىدخان ساز چالغاندا ھەر قانداق بى مازاق (رەۋقى قىلاتتى. ئابدۇرەشىدخان خۇش نەۋس (خەتتات) ئىدى، پارسى ۋە تۈركى تىللار شېئىرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا كامىل شائىر ئىدى.» دەپ بايان قىلغان، موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە مۇقامشۇناس مەلىكە ئاماننىسانى تەرىپلەپ، ئۇنىڭ «ئىشرەت ئەنگىز» ناملىق بىر مۇقام ئىجاد قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ مۇقام ئەينى دەۋرىدە ئابدۇرەشىدخان نامىغا باغلىنىپ ئەل ئىچىگە يېيىلغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ، مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ بايان بىزگە «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنىڭ ئىجاد قىلىنىپ تارقىلىشىدا سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ بىر ئۈلۈش ئەمگىكى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان «رەشىدى» دېگەن نام بىلەن تۈركىي ۋە پارس تىلىدا مۇھەببەت، ۋاپا، ئۈمىدۋارلىق، ساداقەت تۇرغۇلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كۆپلىگەن لېرىك شېئىرلارنى ياراتقان، ئۇنىڭ «دىۋان رەشىدى»، «غەزەلياتى رەشىدى» «سىلاتىننامە» قاتارلىق دىۋانلىرى بولغان، ئەپسۇسكى ئۇلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.
قىسقىسى، ئابدۇرەشىدخان ئىنساب - ئادالەتنى، خەلقپەرۋەرلىكىنى، ئىلىم - مەرىپەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ زامانىدا ئەدلۇ - ئادالەت، ئەخلاق - پەزىلەت، مەرىپەت ۋە سەنئەت ئۆز زامانىسىغا لايىق ھالدا نۇر چېچىپ، سەئىدىيە ئاسمىنېدا پارلىغانىدى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېخىمۇ نۇرلانغانىدى.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر