ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - شەخسلىرىمىز - مۇھەممەت پالۋان

مۇھەممەت پالۋان

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:43:22 كۆرۈلىشى: $$访问$$



   مۇھەممەت پالۋان  
    مۇھەممەت پالۋاننىڭ تارىخىي شەخسىيىتى ھەققىدە ھازىرچە ئىشەنچىلىك تارىخىي مەنبەگە ئىگە ئەمەسمىز، زەھرىددىن مۇھەممەت بابۇر نىڭ «بابۇرنەمە» ناملىق مەشھۇر تارىخىي ئەسىرىدە ئېيتىلىشچە، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا (ھۈسەيىن بايقارا) نىڭ بەگلىرىدىن، «مۇھەممەت بۇرۇندۇق بارلاس - چاكۇ بارلاس نەسلىدىندۇر، مۇھەممەت بۇرۇندۇق ئىبنى ئەلى ئىبنى بۇرندۇق ئىبنى جەھەنشاھ ئىبنى چاكۇ بارلاستۇر، بابۇر مىرزىنىڭ قىشىدا بەگ ئىدى... ئۆزلىرى خوراسانغا، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ قىشىغا باردى. مىرازىمۇ ئۇلارغا ياخشى ئېتىبار بەردى. مۇھەممەت بۇرۇندۇق ئىنتايىن بىلىملىك، ئىنتايىن سەردار كىشىدۇر. ئۇ، قۇشقا مەھلىيا ئىدى،»، «مۇزىكا ئىجادچىلىرىدىن باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان بىرى پالۋان مۇھەممەت بۇ سەئىد ئىدى. پالۋانلىقتا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، شېئىر يازاتتى، كۈي - ناخشىلارمۇ ئىجاد قىلاتتى. چارىگاھتىن ياخشى بىر ناخشىسى بار، خۇش سۆھبەت ئادەم ئىدى. پالۋانلىق بىلە ن مۇنچە خىسلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلماق ئاجايىپ بىر ئىش،» «بابۇرنامە» دىكى بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پالۋان مۇھەممەتنىڭ ئەلشىر نەۋائى بىلەن زامانداش ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قەبىلە (بارلاس) دىن بولغانلىقى، ھۈسەيىن بايقارا ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بەدىئۇز زامان مىرازا بىلەن مۇزەپپەر ھۈسەيىن مىرازا ھېرات تەختكە ئولتۇرغان زامانلاردىمۇ ئۇلارنىڭ ئېتىبارلىق پېشقەدەم بەگلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
پالۋان مۇھەممەتنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە بىر قەدەر كەڭ ۋە تولۇق مەلۇمات بېرىدۇ. مۇزىكىنىڭ «ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان مۇھەممەت كۈچتۈڭگۈردۇر، خۇدائىتائالا ئۆز ئۈستىنلىكى ۋە كارامىتى بىلەن بۇ كىشىگە شۇنداق بىر قابىلىيەت ئاتا قىلغان  ئىدىكى، ئۇ ھەم ئۇلۇغ ئۆلىما، ھەم ئەڭ كاتتا ئەۋلىيا، ھەم زەربەردەست پەھلىۋان ئىدى. مىڭ يىللار ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك پەھلىۋان چىقمىغان. ئۇ ھەم شائىر، ھەم نەغمىچى، ھەم زور باي ئىدى. شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئۇنىڭدەك خۇش خۇلق، خۇش سۆز ئادەم يوق ئىدى، ئۇ يۇقىرىدا ئىسمى ئېيتىلغان ئۇلۇغ ئۇستازلار باراۋىرىدە مۇزىكا ئىلمى ھەققىدە ئەسەرلەر يازدى، پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى، تۈرلۈك - تۈرلۈك ناخشا، تېكىست، ئاھاڭلار ئىجاد قىلدى. ئۇ ئىشلىگەن مۇقام كۈلىرىنىڭ بىرى چاھار زەرب بولۇپ، ھەممە ئۇستازلارنىڭ كۈيلىرىدىن ياخشى ھەم يېقىملىق بولغان ۋە تېزلا داڭ چىقارغانىدى. مەشھۇر ئىجادىي مۇقاملىرىنىڭ بىرى، چاھار زەرب، بىرى چاىگاھ مۇقامى ئىدى... شۇڭا خوراسان مەملىكىتىدە، ئىراق، سەمەرقەند ۋە يەركەن خەلقى ئىچىدە ئۇنى بىلمەيدىغان نەغمىچى يوق، يەنە بىرى، دوگاھ مۇقامى بولۇپ... بۇ بابۇر سۇلتان نامىغا باغلىنىپ تولىمۇ تەسىرلىك ھەم مۇۋاپىق مۇقام بولغان، يەنە پەنجىگاھ مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەزرىتى مەۋلانە كاتىپىنىڭ بىر شېئىرىنى سالغان ئىدىكى، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى ھۇزۇرلىناتتى...»، «بۇ ئەزىز بۇلاردىن باشقا، يەنە بىھېساب غەزەل، مۇقام، ئاھاڭلار ئىجاد قىلدى. مەشھۇرلىرى مۇشاۋرەك، بايادەك ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان چاھار زەرب، دۈگاھ، سىگاھ، چارىگاھ، پەنجىگاھلار بولۇپ، غەرب ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدا مەشھۇردۇر...»، «بۇ ئەزىزنىڭ ئۇلۇغلىقىنى شۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى ھەزرەتلىرىدەك ئالىيجاناب زات بىلەن قىرىق يىل ھەمسۆھبەت، دوست بولۇپ ئۆتتى. ئەگەر بۇ كىشىنىڭ  تەبىئىتىدە زەررىچە ئەيىب بولسا ئىدى، نەۋائى ئۇنى دوستلۇققا قوبۇل قىلمىغان بولاتتى. ئەكسىچە، نەۋائى: <مەن پەھلىۋان مۇھەممەت كۈچتۈڭگۈر بىلەن قىرىق يىل ھەمسۆھبەت بولدۇم، بۇ جەرياندا كۆڭلۈم مالال بولغۇدەك ھېچقانداق ئىش ئۆتۈلمىدى، بەلكى دوستلۇق مۇھەببىتىمىز كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ باردى> دەپ يازغان... بۇ ئەزىز شېئىر مۇئەمما (مەنىسى يوشۇرۇن شېئىر) ئىلمىدە دەۋرنىڭ يىگانىسى، زاماننىڭ نادىر ئىدى، بۇ پەن توغرىسىدا ئۇ نۇرغۇن كتابلار يازدى، شۇ زاماندىكى شائىرلارنىڭ يۈزىدىن بىردە مۇنداق قابىلىيەت يوق ئىدى. شائىرلار ھەرقانداق شېئىر يازسا پەھلىۋانغا كۆرسىتىپ ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلاتتى... »، «مىڭ - مىڭلىغان كىشىلەر بۇ ئەزىزنىڭ قولىدا قۇرئان ياد ئالدى، شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگىنىپ ئالىم بولدى. ئۇ ھەربىي ئىلىمدە سۇلتان ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا ئۇستاز ئىدى. ئۇ ، شائىرلارنىڭمۇ ئۇستازى ئىدى، مۇزىكا ئىلمىدىمۇ ھەرخىل مۇقاملارنى ۋە مىڭلىغان شاگىرتلارنى يادىكار قىلدى... پەھلىۋان بىر كۈنى تۇيۇقسىزدىن بىھۇش بولۇپ يىقىلغىنىچە ئالەمدىن كەتتى، پادىشاھدىن گادايغىچە پۈتۈن خوراسان خەلقى ھازىدار بولۇپ، گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك بىر ئەھۋال يۈز بەردى. ئۆزى ھايات ۋاقتىدا راسلاپ قويغان ۋە ھەر كېچىسى كىرىپ ئىستىقامەت قىلىپ كەلگەن نىمەتى ئاباتتىكى يەرلىكىگە ھىجىرىيە 899 - يىلى (مىلادى 1443 - 1444 - يىلى) دەپنە قىلىندى.»
مۆجىزىنىڭ يۇرقىرىقى بايانىدىن ئىككى نۇقتا دىققەتكە سازاۋەركى، بىرى، پەھلىۋان مۇھەممەت ھەقىقەتەن مۆجىزە سۈرەتلىگەندەك، ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر شائىرى ۋە تەڭداشسىز مۇقامشۇناسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن» دا تىلغا ئالغان ئون يەتتە نەپەر مۇزىكا «پىرى» نىڭ ئىچىدە ئەڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغىنى ۋە كۆپ سەھىپە ئاجرىتىلغىنى مۇزىكىنىڭ «ئون تۆتىنچى پىرى» سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان ئەنە شۇ پالۋان مۇھەممەتتۇر.
دەرۋەقە، بۇ زاتنىڭ مۆجىزى تىلغا ئالغان شېئىر - دىۋانلىرى ۋە مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى يازما ھالدا دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئەمما شۇنى قەيت قىلىشقا بوىدۇكى، مۆجىزى بۇ قىممەتلىك ئەسىرىنى يېزىشتىن ئاۋۋال پالۋان مۇھەممەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ياكى پالۋان مۇھەممەتكە بېغىشلانغان تارىخىي ئەسەرلەرنى تولۇق ئوقۇپ چىققان، بۇ پىكرىمىزنى «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن»غا يازغان مۆجىزىنىڭ كىرىش كىرىش سۆزىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلار ئىسپاتلاپ بېرىدۇ: بۇ ئالىي ئەمىرنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ تارىخى تەزكىرىلەرنى يىغىپ، «تارىخى رەشىدى»، «تەۋارىخى تەبىرى»، «تەۋارىخى ئەرەب» لەردىن ئاساس تاللىدىم ھەم زور ئالىم، مۇزىكا ئۈستازلىرىدىن فىساغوروس، فارابى، پەھلىۋان مۇھەممەت كۈچتۈڭگۈر، ئەمىر نىزامىدىن ئەلشىر نەۋائى پىرىمنىڭ بۇ پەن ھەققىدە يازغان كىتاب ۋە رىسالىلىرىدىن پايدىلاندىم.
شۇڭا مۆجىزىنىڭ پالۋان مۇھەممەت توغرىسىدىكى بايانىلىرىنى ئىشەنچىلىك (گەرچە بەزى مۇبالىغىلەر بولسىمۇ) دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن مۆجىزى بۇ زاتنىڭ ۋاپات بولغان يىلى ھەققىدە يېڭىلىشقان، «بابۇرنامە» دە پالۋان مۇھەممەت سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ۋاپات بولغان دەۋرلەردە (مىلادى 1505 - يىللىرى) تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى يازىدۇ، مۆجىزىمۇ ئەلشىر نەۋائىنىڭ پالۋان مۇھەممەتكە بېغىشلىغان «ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەت بىلەن قىرىق يىل ھەمسۆھبەتتە بولغان» لىقىنى يازغان، بۇ پاكىتلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، پەھلىۋان مۇھەممەتنىڭ نەۋائىدىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم.
دېمەك، پالۋان مۇھەممەت دوستى ئەلىشىر نەۋائى بىلەن بىللە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان بۈيۈك مۇقامشۇناستۇر. 
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر