ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - شەخسلىرىمىز - ئەلشىر ناۋائى

ئەلشىر ناۋائى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:43:05 كۆرۈلىشى: $$访问$$



   ئەلشىر ناۋائى  
    ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات - سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاڭلىق ھالدا بارلىق ھاياتىنى سەرپ قىلغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە مۇقامشۇناس نىزامىدىن ئەلشىر نەۋائى مىلادى 1441 - يىلى 9 - فېۋرالدا ھېرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن 15 - ئەسىردە نەۋائى بىلەن زامانداش ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچى مىرزا ھەيدەر قەشقەرىنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق كىتابىدا: نەۋائى «ئەسلى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى، ئۇنىڭ ئاتىسىنى كىچىككىنە باخشى دەپ ئاتىشاتتى، ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئىدى» دەيدۇ.
بۇ مەلۇماتنى ئا، ن. سېمىنوۋ، ئەھمەد ۋەلىدى توغان، ئىززەت سۇلتانوۋ قاتارلىقلارمۇ تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
ئەلشىر نەۋائى 12 - 13 ياشلىرىدىلا ئاتىسىدىن يېتىم قالغان، ئوبۇلقاسىم بابۇر شاھ ئۇنى تەربىيىسىگە ئالغان ۋە 15 يېشىدىن باشلاپ ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بابۇرشاھنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلغان.
نەۋائى بالىلىق دەۋرىدىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ شائىرلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر شائىرلىرى مەۋلانا لۇتفى (مىلادى 1465 - 1366) نى ئۆزىگە ئۇستاز قىلغان.
16 - 15 يېشىدىلا شائىر بولۇپ تونۇلغان ئەلشىرنى بابۇر شاھ ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا مىلادى 1456 - يىلى بابۇر شاھ مەشھەتكە كۆچكەندە، نەۋائى ۋە ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ھۈسەيىن بايقارانىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭىدۇ، 1457 - يىلى بابۇرى ئۆلگەندىن  كېيىن، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش نىيىتىدە مەرۋىگە كېتىدۇ. نەۋائى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ مەنتقە، پەلسەپە، ماتېماتىكا پەنلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە فىردەۋىسى، نىزامى، خىسراۋدېھلىۋى، ئاتايى، لۇتفى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە قىزغىن بېرىلىپ، تۈركىي ھەم پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازىدۇ. ئۇ ھەر ئىككى تىلدا گۈزەل شېئىرلارنى يازغىنى ئۈچۈن «زۇل لىسا نەين» (ئىككى تىللىق شائىر) دېگەن نام بىلەن ئەل ئىچىدە شۆھرەت قازىنىدۇ.
نەۋائى 18 - 19 ياشلىرىدا ئالىم ۋە شائىر سەئىدىدىن قەشقەرىنىڭ شاگىرتى ئابدۇراھمان جامى (1492 - 1414)  بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتىدۇ. ئابدۇراھمان جامى ئۆز زامانىسىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرى ۋە مەشھۇر سەنئەتكارى بولۇپ، نۇرغۇن سەنئەتكار ۋە شائېرلارنىڭ ئۇستازى ئىدى. ئۇ ناۋائىنىڭ بەدىئىي تالانتىغا قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەم شاگىرت، ھەم دوست، ھەم پەرزەنت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق بىر ئۆمۈ بىر - بىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە ھەمدەم بولۇپ، نۇرغۇن تارىخىي خاتىرىلەرنى قالدۇرغان.
1459 - يىلى ئەبۇسەئىد (سۇلتان ئەبۇ سەئىد بىننى مۇھەممەت بىننى تۆمۈر) خوراساننىڭ پادىشاھى بولۇپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، نەۋائى مەشھەدتىن ھېراتقا قايتىپ كېلىپ ئەبۇ سەئىد - سارىيىغا خىزمەتكە كىرىدۇ. لېكىن ئەبۇ سەئىد ئۇچىغا چىققان زالىم پادىشاھ بولغاچقا، ئۇنىڭغا قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرى پات - پات بولۇپ تۇراتتى. نەۋائى خەلقنىڭ زالىم ئەبۇ سەئىدكە قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللايتتى شۇ سەۋەبتىن، نەۋائى ئەبۇ سەئىد باشچىلىقىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى جاھىل كۈچلەرنىڭ قارىشلىقىغا ئۈچراپ ئوردىدى ھەمدە پايتەخت ھېراتتىنمۇ ھەيدىلىدۇ. ئەلشىر نەۋائىنىڭ بۇ كەسكىن زىدىيەتلەر ئىچىدە باشتىن كەچۈرگەن ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئىجتىمائىي ۋە يۈكسەك بەدىئىي ئەھمىيەتكە ئىگە تېما ۋە مەزمۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەلشىر نەۋائى ئۆز ئەسەرلىرىنى ئاساسەن شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر يېزىق تىلىنى ئاساس قىلغان «چاغاتاي تىلى» دا يازغان. ئۇ ئۆز ئىقادىيىتىدە شېئىرىيەتنىڭ خىلمۇخىل شەكىل ۋە ژانېرلىرىنى جارى قىلىپ ھەمدە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاجايىپ پارلاق ئۈلگىلەرنى ياراتقان، 15 - ئەسىر ئۇيغۇر - تۈركىي خەلقلىرىنىڭ لىرىك پوئېزىيىسىنى يۈكسەك چوققىغا كۆتۈرگەن.
نەۋائىنىڭ «خەزائىنۇل مەئانى» (مەئىنىلەر خەزىنىسى) دەپ ئاتالغان تۆت توپلامدىن تۈزۈلگەن «چاردىۋان»نى بىلەن بەش بۈيۈك داستاندىن تەركىب تاپقان «خەمسە» سى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ يىرىك نەمۇنىلەردۇر.
نەۋائى «خەزائىنول مەئانى» دەپ نام قويغان «چاردىۋان» 44803 مىسرالىق 3130 لىرىك شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ «غەرايىبۇسسىغەر» (بالىلىق غارايىباتلىرى)، «نەۋادىرۇششە - باب» (يىگىتلىق نادىرلىقلىرى)، «بەدايىئولۋەسەت» (ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى)، «فەۋائىدۇل كىبەر» (قېرىلىق پايدىلىرى) دىن ئىبارەت تۆت توپلامدىن تۈزۈلگەن. «خەمىسە» 1483 - يىلىدىن 1485 - يىلىغىچە ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، «ھەيرەتۇل ئەبرار»، (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى)، «پەرھاد - شېرىن»، «لەيلى - مەجنۇن»، «سەيئەئى سەييارە» (يەتتە سەييارە)، «سەددى ئىسكەندەرى» قاتارلىق 52 مىڭ مىسرادىن ئىبارەت بەش مۇستەقىل داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نەۋائى ئەسەرلىرى تېماتىك مەزمۇن ۋە بەدىئىي شەكىل جەھەتتىن خىلمۇ خىل بولۇشتىن تاشقىرى، ھەجىم جەھەتتىكى چوڭلۇقى، تۈر ۋە ژانېر جەھەتتىكى كۆپ خىللىقى بىلەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا ۋە باشقا تېمىلارغا ئائىت «مەجالسۇن نەفائىس» (گۈزەللەر مەجلىسى)، «مۇھاكىمە تۇل لۇغەتەيىن» (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە)، «مەنتىقۇتتەير» (قۇشلار تىلى) قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى زور ئىلمىي قىممەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە،
نەۋائى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، تەڭداشسىز شائىر بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر مۇقامشۇناسى ئىدى.
نەۋائى پوئېزىيە بىلەن مۇزىكا بىر - بىرى بىلەن زىچ باغلىق بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە، دەپ چۈشىنەتتى. ئۇ «ياخشى شائىر بولۇش ئۈچۈن مۇزىكا ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش كېرەك» دەپ قارايىتتى.
نەۋائىنىڭ شەرق مۇزىكىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان بۈيۈك تۆھپىسى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلىشىدۇ؛
ئۇلۇغبەگ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى سەمەر قەنتتىن ھېراتقا يۆتكەلدى. نەۋائى بۇ دەۋردە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى، ئىجادى ۋە تالانتىنى ئىنسانىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن كۈرەشكە، ئىلىم - پەن ۋە سەنئەت تەرەققىياتىغا بېغىشلىدى.
بۇ دەۋردە نەۋەئى بۈيۈك مۇزىكا ئۇستازلىرىنى، ئىستېداتلىق سازەندىلەرنى ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى، نەتىجىدە ئەل فارابى دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئون ئىككى مۇقام يەنىمۇ راۋاج تاپتى.
مۇقام مۇزىكىسى ساھەسىدە، بولۇپمۇ نەۋائى بىلەن ئابدۇراھمان جامى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق كاتتا ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. جامىنىڭ نەۋائى تەشەببۇسى ۋە ياردىمى بىلەن يازغان «رىسالەئى مۇسىقى» (مۇزىكا ھەققىدە رىسالە) ناملىق ئەسىرىدە ئون ئىككى مۇقام توغرىسىدا قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا زەينەبىدىن ئەل ھۈسەيىن دېگەن ئالىم «قانۇنىي ئىلمى ۋە ئامالى مۇسىقى» ناملىق مۇزىكا دەرىسلىكى يېزىپ، ئۇنى نەۋائىغا بېغىشلىغان، نەۋائىنىڭ تەشكىلاتچىلىقى ئاستىدا، ھېرات بىر مەزگىل مۇقامشۇناسلارنىڭ پائالىيەت مەكتىپىگە ئايلانغان. تارىخچى ھاپىزى ئەبرۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «گۈزەل ۋە شوخ ئاۋازلىق ھاپىزلار ۋە سازەندىلەر ئىنتايىن نەپىس ساز چېلىپ، ئىران، ئەرەب، تۈرك، موغۇل، قەشقەرىيە، ئالتاي كۈيلىرىنى ناھايىتى شېرىن ۋە تەسىرلىك ئىجرا ئېتەتتى»
نەۋائى مۇقام مۇزىكىلىرى ساھەسىدە تەشكىلاتچى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە مۇزىكا ئالىمى ۋە داڭلىق سازەندە ئىدى. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۆجىزى)دا؛ مۇزىكىنىڭ «سەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزامىدىن ئەلشىر نەۋائىدۇر. بۇ ئەزىزنىڭ ھەممە پەزىل - شاراپەتلىرى ئۆزى يازغان شېئىر كىتابلىرىدىن ئايان بولىدۇ، مەن ئۇنىڭ <كۈللىيات، چاردىۋان> لىرىدىن، <خەمىسە> سىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا، ئىلگىرى - كېيىن، ئاز - كۆپ بولۇپ پۈتكەن 36  پارچە كىتابىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشق مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم، ئۇ مۇشۇنداق قىممەتلىك ئىلىملارنىڭ ئۈستىگە، يەنە ئۆزىنىڭ پىر - ئۇستازى بولغان ھەزرىتى جامىدىن مۇزىكا ئىلمىنى ياخشى ئۆگەندى، ھەر كېچىسى ساتار ياكى تەمبۈر چېلىپ، ئۆزى يازغان غەزەللەر بىلەن ھەمىد ئېيتىپ بىھۇش بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ناۋا دېگەن بىر مۇقامنى ئىجاد قىلىپ ئالەمگە تارقاتتى» دەپ يازىدۇ.
نەۋائىنىڭ «مەجالسۇن نەفايىس» ناملىق ئەسىرى مۇزىكا نەزەرىيىسى ۋە ئەينى دەۋردىكى مۇزىكىشۇناسلارنىڭ پائالىيىتىگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى دەۋردە مۇقام ۋە مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغان شائىرلارنىڭ رويخېتىنى كۆرسەتكەن ھەمدە  ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئۇستازى جامى، خوجا يۈسۈپ بۇرھان، تاغىسى مۇھەممەت ئېلى غېرىبى قاتارلىق شۇ زاماننىڭ مەشھۇر سەنئەتكارلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ئۇ «مەھبۇبۇل قولۇپ» ئەسىرىنىڭ 2 - بابى «مۇغەننى» (ناخشىچى) قىسمىدا مۇزىكا ۋە قوشاقنىڭ ئىمونىتىئال تەسىرى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالايدۇ ھەمدە شۇ زاماننىڭ مۇقام مۇزىكىلىرىدىن نەي، غىجەك، تەمبۈر، چاڭ، ئۇد، راۋاج، قوبۇز، قالۇن، چاغانە قاتارلىق مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ پەزىلەتلىرىنى تەرىپلەيدۇ، «خەمسە تۇل موتەھەييىرىن»نامىلىق ئەسىرىمۇ مۇزىكا نەزەرىيسىگە بېغىشلانغان.
قىسقىسى ، ئەلشىر نەۋائى ھەم نەزەرىيە، ھەم ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئون ئىككى مۇقامنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە تاكاممۇللىشىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان داڭلىق مۇقامشۇناستۇر، ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ نۇرغۇن نەغمىلىرى (تەخمىنەن 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق تېكىستلەر) گە بەۋائى غەزەللىرى دەستىلەنگەن، ئېھتىمال، نەۋائى دەۋرىدە مۇقامغا تېكىست قىلىنغان نەۋائى غەزەللىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، بۇمۇ مۇقامنى كلاسسىك خاراكتېرگە ئىگە قىلغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدىكى، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە مەلىكە ئاماننىسا، قىدىرخان قاتارلىق مەشھۇر مۇقامشۇناسلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تولۇق رەتلىنىپ، چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىم ئۆزئارا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى مۇزىكىغا ئايلىنىپ، ئون ئىككى مۇقام مەدەنىيىتى تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەۋرى باشلانغان دەپ قارالسا، ئۇنداقتا نەۋائى يېتەكىلىگەن ھېراتتكى مۇقامشۇناسلىق پائالىيىتى ۋە نەۋائىنىڭ بۇ ساھەدىكى تۆھپىسىنى مۇقام تارىخىدىكى يەنە بىر گۈللىنىش دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر