ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - شەخسلىرىمىز - ئابدۇراھمان جامى

ئابدۇراھمان جامى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:42:22 كۆرۈلىشى: $$访问$$



ئابدۇراھمان جامى
مەشھۇر تاجىك ئالىمى، پەيلاسوپى، يازغۇچىسى مەۋلانا نۇرىددىن ئابدۇراھمان جامى مىلادى 1414 - يىلى ئەسلى چاغاتاي خانلىقى تەۋەلىكىدىكى ھېرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ خوراسان دۆلىتىنىڭ 1 - پادىشاھى ھۈسەيىن باقارا (مىلادى 1470 - يىلى تەختكە چىقىپ، مىلادى 1505 - يىلى ھېراتتا ۋاپات بولغان) ئوردىسىدا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىگەن. جامى ئۆز ئۆمرىدە «يۈسۈپ ۋە زىلەيخا»، «لەيلى ۋە مەجنۇن» قاتارلىق مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، شەرق خەلقلىرى ئارىسىدا داڭقى چىقارغان.
ئۇ ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن، گەرچە تاجىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ 15 - ئەسىردىكى تىل - ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيلىگەن، مۇتەپەككۇر ئالىم، شائىر ئەلىشىر نەۋائىغا ئۇستاز بولغان، شۇڭا نەۋائى ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە جامىنى: «ھۈرمەتلىك ئۇستازىم» دەپ تىلغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ مۇزىكا ساھەسىدە جامىنىڭ نەۋائىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، جامى بىلەن ناۋائى ئوتتۇرىسىدىكى كەسپىي دوستلۇق ئەينى دەۋر مۇزىكا تارىخىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان.
جامى ياشىغان دەۋلەردە  ھېرات شەھىرى شەرق مۇزىكىچىلىقىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغانىدى. شۇ مەزگىللەردە ھۈسەيىن بايقارانىڭ سارىيىدا مەخسۇس «مۇزىكىچىلار ئۆيى» قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىران، ئەرەب، تۈرك، موغۇل، چىن ماچىن، ئالتاي قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن مۇزىكانتلار، مۇقامشۇناسلار، ناخشىچىلار توپلانغان، بۇ مۇزىكا مۇئەسسەسىگە مەۋلانە ئابدۇراھمان جامى، ھەزرىتى ئەلشىر نەۋائى ۋە سىيىت ئەھمەت ناغرىچى قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان.
مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە «بۇ ئەزىزنىڭ خىسلەت - پەزىلەتلىرى خىلمۇخىل كىتابلاردا تەرىپلەنگەن، ئۇنىڭ قانچىلىك قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ئۇ ئەمرنىزامدىن ئەلىشىر نەۋائىدەك ئالىمغا ھەممە ئىلىم ۋە ئەمەللەر بويىچە ئۇستاز بولغان. نەۋائىدەك زاتنىڭ ئۇنى ئۇستازىم، پىرىم دېگەنلىكى ئۇنىڭ سۈپەت ۋە تەرىپى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر،»... «بۇ ئەزىز ھەممە ئىلىمدە ھەزرىتى فارابىدەك ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ شائىر ھەم ئالىم بولغىنىدىن مەپتۇنلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى، تەمبۈر، ساتار، قالۇن قاتارلىق بارلىق سازنى ئۆز قولى بىلەن چالاتتى، ئۇ ئەجەم دېگەن بىر مۇقامنى ھەم ئۇنىڭ ئىككى مەرغۇلىنى ئىجاد قىلدى. نۇرغۇن شاگىرتلارنى مۇزىكا ئىلمىگە مۇكەممەل قىلىپ چىقاردى. بۇ پەن ھەققىدە «رىسالەئى دەۋۋار» (دەۋر قىلغۇچى رىسالىسى) ناملىق بىر كىتاب يازدى. ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋەئىمۇ بۇ پەننى ھەزرىتى جامىدىن ئۆگەندى. دەپ يازىدۇ. بۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جامىنىڭ مۇزىكا نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى جەھەتلەردە يېتىشكەن مۇقامشۇناس ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. لېكىن جامى ئىجاد قىلدى دېيىلگەن ئەجەم مۇقامى ۋە ئۇنىڭ ئىككى مەرغۇلى ھەققىدە باشقا ھېچقانداق تېكىستالۇگىيىلىك مەنبە بولمىغاچقا، مۆجىزىنىڭ بۇ مەلۇماتىنى ئىلمىي جەھەتتىن جەزملەشتۈرۈش قىيىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ مەلۇماتلار رىۋايەتلىك تارىخىي ھۈججەت سۈپىتىدە پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ئابدۇراھمان جامى مۇزىكا ئىلمى ھەققىدە «رىسالەئى مۇسقى» (مۇزىكا ھەققىدە رىسالە) ناملىق بىر ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 15 - ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن ئون ئىككى مۇقام سىستېمىسىغا كىرگەن كۈيلەردىن راست، ئوششاق، ناۋا، بوسىلىك، ئىسپىھان، زېرەفكەندە (ياكى كۈچەك)، بۇزروك، زەنگۈلە، رەھاۋى، ھۈسەينى، ھىجاز، ئىراق قاتارلىق ناملىرىنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە بۇ ناملارنى كۈيلەرنىڭ ئاكوستىكىلىق ئورۇنلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. دەرۋەقە، جامى تىلغا ئالغان بۇ كۈي ناملىرى بىلەن يۈرۈشلەشكەن ۋە سىستېمىلاشقان ھازىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ ناملىرىدا ئوخشىماسلىق بولسىمۇ، لېكىن مۇزىكا ئاكوستىكىسى جەھەتتە بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەنبە بىرلىكى بارلىقى ئېنىق. 
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر