 |
مەۋلانا لۇتفى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:42:04 كۆرۈلىشى: $$访问$$ |
|
 |
|
مەۋلانا لۇتفى نەۋائىنىڭ ئۇستازى، مەشھۇر شائىر، مۇزىكىشۇناس مەۋلانا لۇتفىنىڭ تارىخىي شەخسىيىتى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ شاگىرتى ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، لوتفى ھېرات يېنىدىكى بىر يېزىدا تۇغۇلۇپ، 99 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، شۇ جايدا، ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم، 19 - ئەسىردە ئۆتكەن تارىخچى ۋە مۇزىكىشۇناس مۇللائىسمەتۇللا بىننى مۇللا نېمەتۇللا مۆجىزى ئۆزىنىڭ «تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە: «بۇ ئەزىز مۇشۇ موغۇلىستاندىن ئىدى، ئۇ ئالىملىقتا ھەزرىتى ئەبۇ نەسىر فارابىدەك، ھېكىملىقتا ھەزرىتى ئىبنى سىنادەك، شائىرلىقتا ھەزرىتى ئەمىرنىزامىدىن ئەلشىر نەۋائىدەك، نەغمىچىلىكتە قىدىرخاندەك ئىدى. بۇ ئەزىز بىلمەيدىغان ئىلىم يوق ئىدى. زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمى ئىدى، ئۇنىڭ قولىدا 500 دىن ئارتۇق ئالىم ۋە قارىي تەربىيلىنىپ چىقتى. 200 چە كىشى مۇزىكا ئىلمىدە كامالەت تېپىپ ماھارەت كۆرسەتتى. ئۇ 20 دىن ئارتۇق كىتاب يازدى»دەپ مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇ ئەسلى مۇغۇلستانلىق (شىنجاڭلىق) بولۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ھېراتقا بارغان بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، لۇتفى ھىجرىيە 878 - يىلى (مىلادى 1465 - يىلى) 99 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ھىجرىيە 779 - يىلى (مىلادى 1366 - يىلى) تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. لۇتفىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن «گۈل ۋە نەۋرۇز» ناملىق مەشھۇر لىرىك داستانى (1411 - يىلى يېزىلغان، 120 باب، 2400 مىسرا) ۋە 280 غەزەل، ئىككى قەسىدە، ئون سەككىز قىتئەدىن تەركىب تاپقان «دىۋان لۇتفى» ناملىق شېئىر توپلىمى بار، يەنە ئۇنىڭ 15 - ئەسىردىكى تارىخچى شەرىپىدىن ئەلى يەزىدىنىڭ «زەپەر نامە» ناملىق ئەسىرىنى پارسچىدىن تۈركچىگە (ئۇيغۇرچە) تەرجىمە قىلغانلىقى مەلۇم، يەكەن ھۆكۈمدارى تاجى مۇھەممەت بەگنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا لۇتفىنىڭ يەنە «مەئىنول ھەقايىق» («ھەقىقەتلەر شەرھى») ناملىق يەنە بىر دا ستانى بولۇپ، 1892 - يىلى «دەخلۇلجان ئەبىۋا بولجاھان» دېگەن نام بىلەن نەسىرگە ئايلاندۇرۇلۇپ شەرھلەپ چىقىلغان. لېكىن بۇ داستان زامانىمىزغا يېتىپ كېلەلمىگەن، ئۇنىڭ يەنە «لۇتفى تۇيۇقلىرى» ناملىق بىر توپلىمى بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ قوليازمىسى ھازىر ئىستامبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. لۇتفى شېئىرلىرى يالغۇز ئويغۇرلار ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىسلام - تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدا ناھايىتى چوڭ رول ئاوينايدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدىلا «شېئىرىيەت پادىشاھى» دەپ نام ئالغان، تارىخچى خاندەمىر 16 - ئەسىرىدە يازغان «مەكارىمۇل ئەخلاق» ناملىق ئەسىرىدە «ئۆزىنىڭ سەنئەتكارلىقى، گۈزەل ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيادا بىردىنبىر سانالغان لۇتفى ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىي تىلىدا بىرەر كىشى ئۇنىڭدىن ياخشىراق شېئىر ئېيتالمىغان» دەپ لۇتفىغا يۈكسەك باھا بەرگەن. لۇتفى ئۆز زامانىسىنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى، مەشھۇر سۆز سەنئەتكارى ئىدى. ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىگويلۇقتا ئۇنىڭ شۆھرىتى ئىراققا قەدەر كەڭ يېيىلغان بولۇپ، پارسگويلۇقتا ئۇ ئەينى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ پارس شائىرلىرىغا تەڭلىشەلەيدىغان سۆز ئۇستىسى ئىدى. لۇتفى ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئىستېداتى ۋە ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئەلشىر ناۋائىغا ھەقىقەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭلاشقا نەۋائى ئۆزىنىڭ «مەجالىسۇن نەفايىس» (نەپىس كىشىلەر مەجلىسى) ناملىق ئەسىرىدە لۇتفىنى 2 - مەجلىسكە كىرگۈزۈپ، «مەلىكۈل كەلام» (سۆز پادىشاھى) دەپ ئاتىغانىدى. نەۋائىنىڭ يەنە ئۇنى سەككاكى بىلەن بىرگە قوشۇپ «ئۇيغۇر ئىبارەتىنىڭ قوسھاسىدىن ۋە تۈرك ئەلفازىنىڭ بولغاسىدىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفى رەھمەتۇللا كىم ھەر بىرىنىڭ لەتىف غەزەلياتى ئىنتىشارى ئىراق ۋە خوراساندا بىنە ھايەتەۋر...» (ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ ئۇستىلىرىدىن، تۈرك تىلىنىڭ ماھىرلىرىدىن ئاللانىڭ مەھىمىتىگە ئېرىشكەن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفىدۇركى، ھەر بىرىنىڭ تاتلىق شېئىرلىرىنىڭ شۆھرىتى تۈركىستاندا چەكسىز شۆھرەت قازاندى ۋە ھەر بىرىنىڭ يېقىملىق گۈزەل غەزەللىرى ئىراق ۋە خوراساندا ئۈزۈلمەي تارقالماقتا...) دەپ تەرىپلىشىمۇ لۇتفىنىڭ نەۋائىغا بەرگەن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ. نەۋائى ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمە تۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرىدە ئۇستازى لۇتفىنى ئۇلۇغ پارس شائىرلىرىدىن سەئىدى ۋە ھاپىز شىرازىلار بىلە ن بىر قاتاردا قويۇپ تىلغا ئالغان. لۇتفىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماتېرىياللاردا ئۇ يالغۇز تولغان شائىر بولۇپلا قالماستىن، ئەتراپلىق يېتىلگەن ئالىم ۋە مۇزىكىشۇناس ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىدىن باشقا مۇسقى ساھەسىدىكى ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە كونكرېت مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەسمىز، شۇنداق بولسىمۇ باۋائىنىڭ لۇتفى توغرىسىدىكى سۈپەتلىرىدە، ئەڭ مۇھىمى مۆجىزىنىڭ «تارىخىي رەشىدى»، «تەۋارىخىي رەۋزەتۈسسەفا»، «تەۋارىخىي ئەرەب قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ نوپۇسلۇق يىرىك ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ يازغان «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن»رىسالىسىدىكى بايانلىرىدا لۇتفىنىڭ مەشھۇر مۇزىكىشۇناس ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا ئىلمىدە 200 چە شاگىرت تەربىيلىگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ «پەنجىگاھ» مۇقامىدىكى شېئىر تېكىستلىرى يۇقىرىقى پىكىرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. لۇتفى زامانىسىدا ھېرات بىر مەزگىل شائىر ۋە مۇزىكىشۇناسلار توپلانغان مەكتەپكە ئايلانغان، بۇ مەكتەپتە پوئېزىيە بىلەن مۇزىكا بىر - بىرىگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا جەم بولغان ئاشۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق شائىرلىرى مۇزىكا ئىلىمى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. ئەنە شۇ ئالىملارنىڭ بېشىدا ئۇستاز لۇتفىمۇ بار ئىدى. لۇتفى ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن ئەلشىر نەۋائىنىڭ پۈتكۈل سەنئەت ساھەسىدە ئەنە شۇنداق ئالەمشۇمۇل شۆھرەت قازىنىشىدا (جۈملىدىن مۇزىكىشۇناسلىقتا) لۈتفىنىڭ ئۇستاز بولغانلىقى ھەممىگە ئايان، شۇڭلاشقا ئون ئىككى مۇقامنىڭ 15 - ئەسىردىكى تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان ئاتاقلىق مۇزىكا ئالىملىرى قاتارىدا مەۋلانە لۇتفىنىمۇ ھۈرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
|
|
|
|
 |
|
 |
|
|