باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
ئۆگتىش سەھنىسى
-
ئەدەبىيات |
-
ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىل ئەدەبىيات مائارىپ ئەنئەنىسى
ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىل ئەدەبىيات مائارىپ ئەنئەنىسى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:31:08 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىل ئەدەبىيات مائارىپ ئەنئەنىسى
ئەمگەك ئادەمنى ياراتتى. ئىنسان ئۆزىنىڭ ياشاپ تەرەققى قىلىدىغان ئېھتىياجىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپنىڭ بالىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەجدادلىرىمىز تىلى بىلەن يەتكۈزۈپ، ناخشا ئېيتىپ، بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى يېزىق بىلەن خاتىرىلەپ، ئۇلارنى تارىخى خاتىرىلەر قىلىپ كېيىنكىلەرگە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپى بارلىققا كەلدى. كىشىلەرنىڭ ياشاپ تەرەققى قىلىش تارىخىغا ھەمرا بولدى. شۇڭا خۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخ مەنبەسى قانچە ئۇزاق بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ كەڭ مەنىدىكى تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ ئېقىنىمۇ شۇنچە ئۇزىرىدى.
(1) ئەنئەنىۋى تىل ئەدەبىيات مائارىپىنى تەكشۈرۈش
دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تىل - ئەدەبىيات مائارىپ تارىخى ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈپ، يەنە ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ تۇرغان مۇرەككەپ سۆز سىستېمىسى تورىغا ئوخشايدۇ. ئۇنى ئېنىق بىلىپ كېتىش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ يەردە 4190 - يىلىدىكى >زۇدىڭ مەكتىپىنىڭ نىزامنامىسى< دا ئېلان قىلىنغان تىل - ئەدەبىيات ئىلىمىنىڭ مۇستەقىل قىلىنغانلىقىنى چىگرا قىلىپ، تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنى قارا قويۇش ئىككى باسقۇچقا ئايرىپ تەكشۈرىمىز.
جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ ئاساسى فورماتسىيىسى
قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگودا مۇستەقىل تىل - ئەدەبىيات مائارىپى بولمىغان. شەكىل جەھەتتە ئۇ شاخلىرى چىرمىشىپ كەتكەن چوڭ دەرەخكە ئوخشايدۇ. چىرمىشىپ كەتكەن شاخلار ئىچىدە تىل - يېزىق، ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، ھەتتا تەبىئىي بىلىملەر ۋە ئىجتىمائىي بىلىملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەكلىنى ئايرىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن تومۇرىدىكى سۇيۇقلۇق ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، خەنزۇچە خەت پايدا قىلغان ئۆزگىچىلىكتىن شۇنداق بولغان بولسا كېرەك. خەنزۇچە خەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر خەتتە شەكىل، ئاۋاز، مەنا يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. دۇنيادا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتقان مەنىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان يېزىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزىنىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانىدىكى ئۆزگىچىلىكى خەنزۇچە تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدىكى شەكىل - بەلگە مائارىپى بىلەن مەنا - مەزمۇن مائارىپىنىڭ نىسبىي ئايرىلىشىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا قەدىمكى زامان تىل - ئەدەبىيات مائارىپيىنى رەتلەشتە مۇشۇ ئىككى خىل ئالاھىدىلىكتىن تۇتۇش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ…
ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن تىل - ئەدەبىيات مائارىپى.
تىل ئەدەبىيات يولدىن چەتنەپ كەتكەن >چوڭ سەكرە ئىلگىرىلەش<. 1958 - يىلى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى قوزغالدى. مائارىپ ساھەسى >مائارىپتىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، چوڭ ئىسلاھات، بىلەن ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى. 1958 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن >مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا يوليورۇق< چىقىرىپ، >مائارىپنى پرولتارىيات سىياسىيسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، مائارىپنى ئىشلەپ چىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش< باش فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنى ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىدىن چەتلىتىۋەتتى. بۇ ئاساسلىقى تۈزۈمدىكى جەھەتلەردە ئىپادىلەندى: >بىرىنچىدىن، دەرسلىك تۈزۈشتە سىياسىي گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سىياسىي مەركىزى ۋەزىپىگە خىزمەت قىلدۇردى. خەلق مائارىپ نەشرىياتى 1958 - يلى ئالدىراپ - تېنەپ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتى. دەرسلىكنىڭ ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرى ۋە باش لۇشىيەن، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، خەلق گۇڭشېسىنى مەدھىيىلەيدىغان ماقالىلار ۋە يېڭى قوشاقلار تاللاپ كىرگۈزۈلۈپ تېكىست قىلىندى. ئىككىنچىدىن، تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سىياسىي تەربىيىگە ئۆزگەرتىۋېتىلدى. ھەر بىر پارچە تېكىست بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىكى مەلۇم سىياسىي مەنىۋى مەسىلىنى ھەل قىلىش، تىل - ئەدەبىيات دەرسخانىسىنى >كوممۇنىزمنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كاپتالىزمنى يوقىتىدىغان< بازا قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئۈچىنچىدىن، نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى دەرسخانىدىكى تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئورنىنى ئالدى. تۆتىنچىدىن، ماقالە يېزىشنى ئوقۇتۇشتا ساختا يۇقىرى كۆرسەتكۈچ تەكىتلەندى. بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر كۈنى ئون نەچچە كۇبلىت شېئىر يېزىش تەلەپ قىلىندى. بۇ دەۋردىكى تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدا كۆرۈنۈشتە قىزغىن يېڭىلىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن، ماھىيەتتە تىل - ئەدەبىيات بۇرمىلىنىپ تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلىتىۋېتىلدى.
(2) تىل - ئەدەبىيات يولىغا قايتقان تەرتىپكە سېلىش ۋە تەرەققى قىلىشى. 1960 - يىلى قىشتا پارتىيە مەركىزى كومىتېتى يولغا قويغان خەلق ئىگىلىكىنى >تەرتىپكە سېلىش، مۇستەھكەملەش، تولۇقلاش، يۇقىرى كۆتۈرۈش< فاڭجېنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تىل - ئەدەبىيات مائارىپىمۇ توغرا ئىزىغا قايتتى ھەمدە ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىشنى ۋە سالماقلىق بىلەن تەرەققى قىلىشنى باشلىدى.
بىرىنچىدىن، تىل - ئەدەبىيات مۇھاكىمىسى بىلەن تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ خاراكتېرى بىلەن مەقسىتى، ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 1959 - يىلىدىن ئېتىبارەن. >ئەدەبىيات< بىلەن >ئەخلاق< مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە مۇقەددىمە قىلىنىپ، تىل - ئەدەبىيات ساھەسىدە تىل - ئەدەبىيات ئاساس بىلىملىرىگە، ئاساسى ماھارەت مەشىق تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان مائارىپ قىزغىنلىقى ئورنىتىلدى. كەڭ مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا، مائارىپ مېنىستىرلىكى 1963 - يىلى 5 - ئايدا >پۈتۈن كۈنلۈك )12 يىللىق( تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسى )لايىھىسى(<نى ئېلان قىلدى )تۈزۈم قىسقارتىلىپ >پروگرامما< دېيىلدى(. >پروگرامما<دا تىل ئەدەبىيات دەرسى >ھەرقايسى پەن بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ھەرخىل خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئاساسى قورالى< دەپ كۆرسىتىلىپ، تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ خاراكتېرى مائارىپ سىياسىتى شەكلىدە بەلگىلەندى. چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دەۋرىدىكى دەرسلىكنىڭ دائىرىسى تار، تۈرى ئاز، ئۇسلۇبى نوقۇل بولۇش خاھىشىنى تۈزىتىش ئۈچۈن، >پروگرامما<دا ماتېرىيال تاللاش كەڭ بولۇش، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئالتە يىللىق دەرس تېكىستىنىڭ سانى 360 پارچە بولۇش، دەرس تېكىستى ئۈلگىلىك ماقالىلار بولۇشى كېرەكلىكى ئېنىق تەلەپ قىلىندى. >پروگرامما< ئېلان قىلىنىش بىلەن بىللە، يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىكنى ئىشلىتىش باشلاندى. ھەرخىل تەدبىرلەر تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە، مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.
ئىككىنچىدىن، تىل - ئەدەبىيات مائارىپى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەقلىد قىلىشتىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل ئىزدىنىش ئارقىلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بۇ دەۋردە تىل - ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مەشھۇر مۇتەخەسىسلەر تىل - ئەدەبىيات مائارىپ نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقاتىغا سوغۇق قانلىق، سەگەكلىك بىلەن كىرىشىپ كەتتى. يې شىڭتاۋ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى >ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى قالماسلىققا يېتىش ئۈچۈن ئۆگىتىلىدۇ< دېگەن قاراش بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىدى. لۇ شۇشاڭ >تىل مەشىقى<گە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تىلنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش يېرىم پالەچ ئوقۇتۇش ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. جاڭ جىڭگۇڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەت ئاتالغۇ، جۈملە، ماقالىنى تەتبىقلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ ئىخچام بايانلار تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابىي، پايدىلىق يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى پۇختا ئېلىپ بېرىلدى. لىياۋنىڭ خېيشەن بېيگۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى ئىجاد قىلغان >مەركەزلەشتۈرۈپ خەت تونۇتۇش، تەپسىلى سۆزلەپ كۆپ مەشىق قىلدۇرۇش، بالدۇر ماقالە يازدۇرۇش، >تەجرىبىسى، شاڭخەي يۈسەي ئوتتۇرا مەكتىپى تېپىپ چىققان< >دەرسلىكنى زىچمۇ زىچ قىلىش، بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىرتەرەپتىن مەشىق قىلدۇرۇش، يېڭى بىلەن كونىنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش، ئادەمگە قاراپ ئوقۇتۇش< تەجرىبىسى، بېيجىڭ جىڭشەن مەكتىپى ئىجاد قىلغان >تۈركۈمگە بۆلۈپ مەركەزلەشتۈرۈپ خەت ئۆگىتىش تەجرىبىسى قاتارلىق تەجرىبىلەر مەملىكەت بويىچە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
(3) تارىخ چېكىنىش داۋامىدا مىسلىسىز زور ئاپەتكە ئۇچرىدى. 1966 - يىلى 5 - ئايدىن 1976 - يىلى 10 - ئايغىچە ئون يىللىق >مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى< جۇڭگو تارىخىدا چوڭ چېكىنىش پەيدا قىلدى. خەلق ئىگىلىكى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. جەمئىيەت تەتىبى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. لىن بىياۋ >تۆت كىشلىك گورۇھ< مائارىپ ساھەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنى قالايمىقانلاشتۇردى. تىل - ئەدەبىيات مائارىپى ئۈزۈل - كېسىل بۇزۇۋېتىلدى ۋە ئىنكار قىلىندى. دەسلەپ دەرسنى توختىتىپ ئىنقىلاب قىلىش، ئاندىن دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىنقىلاب قىلىش پەيدا بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن >ئاق قەغەز تاپشۇرغان قەھرىمان<نىڭ تەشەببۇسى. كونا مائارىپ تۈزۈمىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىغا زەربە بېرىش ئوتتۇرىغا چىقتى… مەملىكەت بويىچە قالايمىقانلىشىپ كەتكەنئارقا كۆرۈنۈشتە >مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى<دىكى تىل - ئەدەبىيات مائارىپى پۈتۈنلەي غەلىتە تۈسكە كىرىپ قالدى. دەرسلىك تېكىستلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ماركىس، ئىنگلس، لېنىن، سىتالىن، ماۋزېدۇڭنىڭ ماقالىلىرى ۋە سۆز ئۈزۈندىلىرى بولۇپ، ئۇلارنى >تۆت كىشلىك گورۇھنىڭ تىلى بولغان ئىككى گېزىت، بىر ژۇرنال<نىڭ باش ماقالە ۋە تەنقىد ماقالىلىرى قوشۇلدى. دەرسلىككە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن ئازا ساندىكى قەدىمى شېئىرلارغا شېئىرلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىزاھات بېرىلىپ، بۇ شېئىرلار ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلىندى. تىل - ئەدەبىيات دەرسى سىنپىي كۆرەش، لۇشىيەن كۆرەش تەلىماتى، سىياسىي ھەرىكەت قورال قىلىپ قويۇلدى. دەرس ئۆتكەندە ئۈزۈندە يادىلاش، ماقالە يازغاندا شۇئار يېزىش ئەينى چاغدا مەۋجۇد بولغان تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي كارتىنىسى بولدى. ئوقۇغۇچىمىزنىڭ تىل - ئەدەبىيات سەۋىيىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى.
(4) قايتىدىن ئازاد بولۇش داۋامىدا تېز ئەسلىگە كەلدى. 1976 - يىلى 10 - ئايدا >تۆت كىشلىك گورۇھ< تارمار قىلىندى. جۇڭگو تارىخىي چېكىنىشتىكى فېئودال غەپلەتلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقتى. تىل - ئەدەبىيات مائارىپىمۇ قەھرىتان قىشتىن باھارغا چىقىپ بىخ سۈردى. يولداش دىڭ شىياۋپىڭنىڭ قايتىدىن ھوقۇق تۇتۇشى، ئەمەلىيەت - ھەقىقەتنى تەكشۈرۈشىدىن. بىردىن بىر ئۆلچەم ئۆلچەم مۇھاكىمىسى، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېتىشىپ، 1978 - يىلى 2 - ئايدا مائارىپ مېنىستىرلىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئون يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ >جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسى<نى ئېلان قىلدى؛ 4 - ئايدا مەملىكەت بويىچە مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 6 - ئايدا پۈتۈن كۈنلۈك ئون يىللىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكى تۈزۈلۈپ بولدى ھەمدە ئۇنى قوللىنىش باشلاندى. تىل - ئەدەبىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدا قالايمىقانچىلىق ئوڭشىلىپ، پۇختا قەدەم تاشلىدى.
(5) ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاشقا قەدەم قويغان تىل - ئەدەبىيات مائارىپى 1978 - يلى 12 - ئايدا پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى >ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش<نى بەلگىلىدى. ئىچكى جەھەتتە ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لۇشىيەننى يولغا قويۇپ، گۈللىنىش، كۈچىيىشنى بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئارزۇلىغا جۇڭگوغا پەرۋاز قىلىدىغان قانات بەردى شۇنداقلا يېڭىلاشنى ئارزۇ قىلغان تىل - ئەدەبىيات مائارىپىغىمۇ يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تىل - ئەدەبىيات مائارىپى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئازادە ھالەتتە ئاڭلىق يېڭىلاش بىلەن >دۆلەتنى پەن - مائارىپىغا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش< ۋەزىپىسىنى زىممىسگە ئالدى.
دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، يولداش دېڭ شىياۋپېڭ 1983 - يىل >مائارىپنى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندۈرۈش، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش< فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاساس مائارىپ دەرس سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش بويىچە مائارىپ ئىسلاھاتى باشلاندى. بۇ 21 - ئەسىردە باشلىنىدىغان >ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى پروگراممىسى<نى تۈزۈپ، >پەن - مائارىپىغا تايىنىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش<نى دۆلەت سىياسىتى قىلىشنىڭ تىكلىنىش، ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە بولدى. بىز ۋەزىپە ئالدىدا، تىل - ئەدەبىيات مائارىپ ئىسلاھاتى ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. ئۇنىڭ ئىستىخىيلىك ۋە ئاڭلىق باسقان قەدىمىنىڭ تېزلىكى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ: بىرىنچىدىن، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىڭ تەتقىق قىلىپ تەييارلىنىشى تېزلىتىلدى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن ئىلگىرى ئون يىلدا بىر قېتىم دېگىدەك تەتقىق قىلىنىپ تەييارلىناتتى. كېيىن بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر قېتىم تەييارلىنىدىغان بولدى. نامىمۇ >ئوقۇتۇش پروگراممىسى<دىن >دەرس ئۆلچىمى<گە ئۆزگەرتىلدى. ئىككىنچىدىن، تىل - ئەدەبىيات مائارىپ نەزەرىيىسى يېڭىلاندى. بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىلىشتىن ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا بېرىلىدىغان، ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىشتىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان، ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىلىشتىن ئۆگىنىش جەريانىغا ۋە ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان، قوبۇل قىلىشتىن ئىجاد قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇتۇش سىستېمىسىدا تىل - ئەدەبىيات سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىلىشتىن ئىلمىي ئېچىۋېتىش خۇسۇسىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى. تۆتىنچىدىن، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئەنئەنىۋى سۆزلەش، دوسكىغا يېزىشتىن زامانىۋىلاشتۇرۇلغان كۆپ خىل ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتبىق قىلىنىدىغان بولدى. بەشىنچىدىن، دەرسلىك تۈزۈش تۈزۈمىدە بىر پروگرامما، بىر نۇسخىدىن بىر پروگرامما، كۆپ نۇسخا، كۆپ پروگرامما، كۆپ نۇسخا بولىدىغان، بىر تۇتاش تۇزۈشتىن ئايرىپ تۈزۈلىدىغان بولدى. قىسقىسى، >دۆلەتنى پەن - مائارىپىغا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش< چاقىرىقى ئىچىدە تىل - ئەدەبىيات مائارىپى ئۆزىنى تىرىشىپ يېڭىلاپ، تېز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋر رېتىمىنى توغرا دەسسەشكە كۈچ چىقاردى. تىل ئەدەبىيات جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نان تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رولىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك بولغان تارىخ تەلىپىگە جاۋاب بەردى.
يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا، تىل - ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۆزىمىزدىكى بېسىلىپ قالغان ئىزدىنىش يولىدىكى قايناق ھېسىيات قورۇلغاندەك پارتىلاپ چىقىپ، ھەيۋىتى زور، تەسىرى چوڭ، قەدىمى پۇختا بولۇپ، تىل - ئەدەبىيات مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى: بىرىنچىدىن، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى باھاردىكى گۈلدەك ئەمەلدە كۆرسىتىلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش بويىچە سىناق نۇقتىلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولدى. ئىجادىي ھېسىياتقا باي ئىسلاھاتچىلار ۋە بەزى ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى كۈنسايىن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، يۈيى، ئاۋياڭ دەينالارنىڭ ھېسىياتلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، چەن مىنلۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئوقۇشقا يېتەكلەپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، نىڭ خۇڭبىڭنىڭ تەپەككۇردىن مەشىقلەندۈرۈپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، خۇبي شۇشىڭنىڭ دېمۇكراتىك باشقۇرۇدىغان مائارىپ قارىشى ۋە >ئالتە قەدەملىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى< لىيۇ فېيغېيىنىڭ ماقالە يېزىشنى >كۆزىتىش - تەھلىل قىلىش ئىپادىلەش< تىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بوليىچە مەشق قىلدۇرۇش سىستېمىسى سىنىقى، لۇ جىچۇينىنىڭ >بىر دەرستە بىر ئۈنۈم ئېلىش، ئۈنۈملەرنى بىر - بىرىگە باغلاش< تەجرىبىسى، چىن خەنجې، يەن ماۋشىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تېز ئوقۇش ئوقۇتۇش تەجرىبىسى، جاڭ شىيائىر چۈن، ياۋ جۈچىنلەرنىڭ چوڭ تىل - ئەدەبىيات توقۇنۇش تەجرىبىسى قاتارلىقلار شۇ قاتارىغا كىرىدۇ. ئىككىنچىدىن، تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنى تەتقىق قىلىدىغان تەشكىلاتلار، ژۇرناللار، ئەسەرلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەكل بارلىققا كەلدى. تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنى تەتقىق قىلىدىغان قوشۇن مىسلىسىز زورايدى، تەتقىقات باغلىرى رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى، مائارىپ ئىلمى، مائارىپ پسىخولوگىيىسى، مائارىپ تارىخىغا دائىر ئەسەرلەر ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىپ، تىل - ئەدەبىيات نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىنى ھاسىل قىلدى. ئۈچىنچىدىن، تىل - ئەدەبىيات توغرىسىدىكى پىكىرىنى چوڭقۇرلاشتۇردى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 90 - يىللارنىڭ باشلىرىغىچە تىل - ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆپ قېتىم چوڭ مۇھاكىمە كۆتۈرۈلدى. 1986 - يىلى >تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش< ژڭرنىلى باشلامچى بولۇپ >تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيە تەتقىقاتى< مۇھاكىمىسىنى قوزغىدى؛ 1989 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپلەر تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى >ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش< مۇھاكىمىسى قوزغىدى؛ 1990 - >ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش< تەھرىر بۆلۈمى >تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش< توغرىسىدا مۇھاكىمە قوزغىدى؛ 1991 - يىلى >ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى<، >ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش< بويىچە مۇھاكىمە قوزغاشنى تەتقىق قىلدى. بىر نەچچە قېتىملىق مۇھاكىمە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا مەركەزلىشىپ، تىل - ئەدەبىيات مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ كۈندىن كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتقان يۈزلىنىشىنى نامايان قىلدى. 90 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەم قويغاندا تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنى يېڭىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئىچكى جەھەتتىن تىل - ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ سىرتىغا كېڭەيدى. 1997 - يىلى >بېيجىڭ ئەدەبىياتى< >جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات مائارىپى تۈزۈمىدىكى غەم< ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنى ئۆتكۈر تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن >جۇڭگو مائارىپ گېزىتى<، >جۇڭگو ياشلار گېزىتى<، >نۇر گېزىتى<، >ۋېنخۇي گېزىتى<، >جۇڭخۇا كىتاب ئوقۇش گېزىتى<، >شىنمىن كەچلىك گېزىتى<، >ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى< قاتارلىق گېزى - ژۇرناللارمۇ نۇرغۇن ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، 90 - يىللاردىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىزغىن تىل - ئەدەبىيات مائارىپى مۇھاكىمىسىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش، تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكى، ئىمتىھان ئېلىش، باھالاش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى جىددى تەنقىد قىلدى ۋە ئەيىبلىدى. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەنقىد قىلىشى ئارقىسىدا تىل - ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تىل - ئەدەبىياتئىلىمىنىڭ خاراكتېرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىلىپ سايراش يەنە باشلاندى.
يېڭى جۇڭگونىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپىغا ئومۇملاشتۇرۇپ نەزەر سالغاندا، تىل - ئەدەبىيات ئىزدىنىپ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈردى، تەجرىبىلىرىنى جۇغلىدى، پىكىرلەرنى چوڭقۇرلاشتۇردى. 12 - ئەسىردىن ئېتىبارەن باشلانغان ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى تىل - ئەدەبىيات مائارىپىغا غايەت زور كۈچ بولۇپ، يېڭىلاش ۋە تەرەققىياتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردى.
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئانا تىل تەربىيىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش.
دۆلىتىمىزنىڭ ئەسىر ئالماشقان چاغدا باشلانغان تىل - ئەدەبىيات مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپ ئەنئەنىسى ئۈستىدە بويىغا تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز ۋە قايتا ئويلىنىشىمىز، ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئانا تىل تەربىيىسى ئۈستىدە توغرىسىغا تەسۋىر يېيىپ ئۇلارنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، نەزەر دائىرىمىزنى ۋە ئوي - پىكىرلىرىمىزنى كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
(1) ئانا تىل تەربىيىسىنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشىنىڭ يارىتىش رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش
ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سانائەتلەرنىڭ خىلى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئېڭى ۋە مىللىي روھىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە ۋە قىممەت قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئانا تىلىنى ئاساسىي دەرس قىلغان تىل - ئەدەبىيات مائارىپى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەخلاق قائىدىسى، سىستېمىلىق يۈزلىنىشى، ئاساسىي مەدەنىيىتى بىلەن مۇقەررەر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. ئانا تىل تەربىيىسى ئۆز دۆلىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى، قىممەت قارىشىنى يېتىشتۈرۈشى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىدا ئۆزىگە خاس نەزەرىۋىلىككە ئىگە بولغاچقا، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئانا تىل تەربىيىسى شۇ دۆلەتنىڭ ئاساس مائارىپىدىكى يادرولۇق دەرسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئەنگىلىيىنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھات لايىھىسىدە تەسىس قىلىنغان دەرس مەقسىتىنىڭ بىرىنچى تەلىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىيەت، ئەخلاق، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان. جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەرەققىياتى ياخشى - ياماننى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، ئەخلاق ئوقۇتۇشىنى چۈشىنىش، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، توغرا ھەرىكەت قوللىنىدىغان ئىرادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئامېرىكىدىكى كالفورنىيە شىتاتىنىڭ ئىنگلىز تىلى دەرس ئۆلچىمىدە تىل ئۆگىنىش كىشىلەرنىڭ قەلبىنى بېيىتىدۇ. مەسئۇلىيەتچان پۇقرالارنى يېتىشتۈرىدۇ. دۆلەت — بىر كوللېكتىپ دەيدىغان قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدا غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئاساسىي ئەنئەنىسى ۋە قىممەت قارىشىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىنغان.
فرانسىيە تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى ھەربىر ئوقۇغۇىنى ئۆگىنىدىغان، ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان پۇقرا قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. فرانسوز تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن پۇقرالىق ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيە 北威州 شىتاتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە ھەربىر ئوقۇغۇچىدا ئۆزىگە خاس ئىقتىدار شەكىللەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تىكلەش، دېمۇكراتىك ئىجتىمائىي ئىدىيە تۇرغۇزۇش، ئاساسىي قىممەت قارىشىنى يېتىشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
كورىيەنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە دۆلەت تىلى كورىيەچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۆلەت تىلىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ۋەزىيىتىنى يېتىشتۈرۈش، ئىجاد قىلىشنى كەلگۈسىدىكى مىللىي ئاڭنى ۋە ياخشى پۇقرا كەيپىياتىنى يېتىشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
ياپونىيىنىڭ دەرس ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش مەركەز قىلىنىپ، دۆلەت تىلى دەرسى خاراكتېر ۋە ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان پەن، دۆلەت تىلى مائارىپى تىل ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارىدا ياخشىلىقنى سۆيۈش، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىش، ئادىللىققا ھۆرمەت قىلىش، ھاياتنى قەدىرلەش، كىشلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە باشقىلارغا كۆيۈنۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەربىيە نىشانىدا ئورتاق قىممەت ئىنتىلىش بولۇپ، ھەقىقەتەن، ھەققانىيلىق، سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىش مەسئۇلىيىتى سىڭدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئانا تىل دەرسلىكىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىدە ئۆز دۆلىتىدىكى ئاساسىي ئىدىيىنى، قىممەت قارىشىنى نامايان قىلىپ بېرەلەيدىغان ماقالە - ئەسەرلەر دەرسلىككە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن ئانا تىل تەربىيىسىدە ئاستا - ئاستا تەسىر كۆرسىتىش ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلاردا كوللېكتىپنىڭ تەقدىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش داۋامىدىكى شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تىكلىگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنسانىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش، ئىجاد قىلىپ ئالغا بېسىش تۇيغۇسىنى ۋە مەنىۋى ئالاھىدىلىكىنى يېتىشتۈرگەن.
(2) ئاساس بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە تىل - ئەدەبىيات ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن.
ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى ياۋرۇپادا بولۇپ، ئامېرىكىدا ئىنگلىز تىلى ئانا تىل قىلىنغان. 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن ئىلگىرى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىدا ئەمەلىيەتتە ئەسقاتىدىغا كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش تەكىتلەنگەن. كېيىن ئۇلار قايتا ئويلىنىش داۋامىدا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشنىڭ ئەسقېتىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ نەتىجىلىك تەرىپى بارلىقىنى، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ئاساس بىلىمى كەم بولىدىغانلىقىنى، ئوقۇش - يېزىشنىڭ ئەقەللىي ئىقتىدارى كەم بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن 70 - يىللاردا >ئاساسلىق تەربىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش< ئىسلاھاتىنى قوزغاپ، ئىقتىدار يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەندە. ئىنگلىز تىلى ئاساس بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. 80 - يىللاردىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە پەن - تېخنىكىسى خەلقئارادا پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، بۇنىڭ سەۋەبىنى مائارىپتىن پەيدا بولغان مەسىلىلەردىن كۆرۈپ، يۈكسەك ئاگاھلاندۇرۇلغان سۆزگەرنى ياكى قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. ئىسلاھات داۋامىدا ئىنگلىز تىلى دەرسىنىڭ نىسبىتى كۈنسايىن ئاشۇرۇلغان. مەسىلەن، 1983 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپ ئىچىدە >مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك< دېگەن تېمىدىكى دوكىلاتىدا بىر قاتار سانلار كۆرسىتىلگەن: كۈندىلىك ئەڭ ئاددىي ئوقۇش، يېزىش، چۈشىنىش ئىمتىھانىدىن قارىغاندا، 23 مىليون ئامېرىكىلىق چالا ساۋات… مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، دوكىلاتتا ئاساس دەرسنىڭ يېڭى قىسىملىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلى دەرسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان. ھەتتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىمۇ پات - پات ئوتتۇرىغا چىقىپ >مائارىپ زۇڭتۇڭى< بولغان. مەسىلەن، بۇش >ئامېرىكىنىڭ 2000 - يىللىق مائارىپ ئىستىراتېگىيىسى< دېگەن مائارىپ پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاساسىي ئوقۇش ئىقتىدارىنى ۋە كومپيۇتېر ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنى بەلگىلىگەن؛ زۇڭتۇڭ كېلىنتون ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقىدا 2000 - يىلىغا بارغاندا سەككىز ياشلىق ھەر بالىنى راۋان ئوقىيالايدىغان قىلىش 12 ياشلىق ھەر بىر بالىنى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىدىغا قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان… بۇ ئىستىراتېگىيىلىك ئىدىيىلەر ئامېرىكىنىڭ ئىنگلىز تىلى مائارىپىدا نامايان قىلىنىپ، تۆۋەندىكى جەھەتلەردە، ئىپادىلەنگەن: ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش ئاساس مائارىپنىڭ يادرو بىلىم دەرس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئاساسىي ئەنئەنىسى ساقلاپ قېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان تىل، بىلىملەر ئۆگىتىلگەن؛ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئالاقە ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بىلىم ۋە ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۇلار مۇنداق دەپ قارىغان: بىر ئادەمنىڭ ئوقۇشى، يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى ئۇنىڭدىكى ئومۇمىي بىلىم مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئومۇمىي بىلىم مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ئۇنىڭ خىزمەت سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بەلگىلەيدۇ، بىلىم بىلەن ئوقۇش، يېزىقچىلىق ئىقتىدارى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلىنالايدۇ. مۇشۇ ئىدىيىنى ئاساس قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساس بىلىم ئۆگىنىشىگە ئورتاق ئەھمىيەت بېرىلدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈلدى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەسىلەن، كالفورنىيە شىتاتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى ئوقۇش يېزىقچىلىق ئىنگلىزچە يېزىق تىلى ئاغزاكى تىل ئادىتى، ئاڭلاش ۋە سۆزلەشتىن ئىبارەت تۆت تەرەپتىن تەركىب تاپتى. دېمەك، ئامېرىكا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشتا ئوبيېكىتقا قاراش، مەقسەت بولۇش، تىل ئالاقە ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىلىمنىڭ جۇغلىنىشىنى ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئىنتايىن تەكىتلىگەن.
ئىنگلىز تىلىنىڭ ئانا تىل دەرسى — ئىنگلىز تىلى دەرسنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى مەزمۇنى، تىل - ئەدەبىيات بولىدۇ. 02 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ، ئەنگىلىيە ئىنگلىز تىلى دەرسىدىكى تىلشۇناسلىقلاشتۇرۇلغان >گرامماتىكا مەركىزى< ۋە ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئۆلۈك يادىلايدىغان دىنى ئەدەبىيات مەركىزى<دىن ئىبارەت ئوقۇتۇش خاھىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلدى. يېتەكچى ئىدىيىدە مۇنداق قارىدى: بىلىم — تاۋار ئەمەس، بەلكى پائالىيەت. نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا پاكىتلارنى خاتىرلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ مۇرەككەپ ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىدىن قانداق قىلىپ تېز ئوقۇش ۋە بىرتەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىپ قويۇش لازىم. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلارغا لۇغەتتىن پايدىلىنىش كىتابلىرىدن ۋە كۈتۈپخانىدىن قانداق پايدىلىنىشنى، ئوقۇش، ئاڭلاش - سۆزلەش، كۆرۈشتىن قانداق خاتىرە يېزىشنى، قانداق قىلىپ مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلار ئىچىدىن ئۇچۇر ئېلىش، پاكىتلار ئىچىدىن قانداق يەكۈن چىقىرىشنى ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىدا ئىجادىي يېزىقچىلىق ھەرىكىتى، قوزغىتىلدى. 80 - يىللاردىن كېيىن ئەنگىلىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات بىلىمىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئاساسلىقى تەكىتلەندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن ئۆگىنىش جەريانى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاش جەريانى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. تىل ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساس بىلىم قابىلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، چوڭلار جەمئىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشغا ياردەم قىلىش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بۇنداق مائارىپ ئىدىيىسى ئەنگىلىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرس نىشانىدا ئېنىق نامايان قىلىندى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 1999 - يىلى يولغا قويغان. >دۆلەتنىڭ ئوقۇش، يېزىش ئىستىراتېگىيىسى<نى >دۆلەتنىڭ ئاساسى بىلىم ئىقتىدارى ئىستىراتېگىيسى<نىڭ بىرى، دەپ ئاتىدى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئەنگىلىيەنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى ئەڭ يېڭى نىشانىدا گىرامماتىكىنىڭ رولى قايتىدىن تىلغان ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، كۆڭۈل بۆلۈنگەن مۇھىم نۇقتا قۇرۇلما تەھلىلىدە ئەمەس، بەلكى ئەھمىيەتسىز رولىدا بولدى ھەمدە ئىمتىھاندا گىرامماتىكا بىلىملىرى مەزمۇنى ئاساسى جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
فرانسىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدا ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىشىنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىسى مەۋجۇد بولۇپ، ئەدەبىياتتىن ھوزۇرلىنىش ۋە ھېسىيات جەھەتتە تازىلىنىش ئاساسىي نىشان قىلىنغانلىقتىن، 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە >يېزىقچىلىق مەركەز< قىلىنىپ كەلدى. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇپ چۈشىنىش، ئاتالغۇ، گىرامماتىكا ئۆگىنىشتە ماقالە يېزىشنى مەشق قىلىش ئاخىرقى نەتىجە قىلىندى. 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كىشىلەر >يېزىقچىلىق مەركىزى<دىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەندىزە ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىپ ۋە ئۇنى بۆسۈپ چىقىپ، تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىشتە سۆزمەن ياكى تالانتلىق يازغۇچى بولۇش مەقسەت قىلىنغاي ۋە فرانسىيە تىلى ئەستە تتۇۇش دەرسى بولۇپ قالماسلىق، بەلكى ئېغىز تىلى، يېزىق تىلىدا ئىپادىلەيدىغان ۋە تەپەككۇرنى مەشىق قىلدۇرىدىغان دەرس بولۇش لازىم، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى سۆزلەش، يېزىشنى مەشىق مەشىق قىلىدىغان ماتېرىيال قىلىش لازىم. مۇشۇنداق ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسىدا ئوقۇش، يېزىقچىلىق ۋە گرامماتىكا ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، دەرس تېكىستىدە فرانسىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئاساس قىلىش؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا لوگىكىلىق چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن شەكىللەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى. تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدىن ئوقۇغۇچىدىن ئاساس بىلىملەرنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىش، ئۇلاردىن ئابسىتراكت، قائىدىلىك تەنقىد ئىقتىدارىنى يېتىشدۈرۈش، بىلىمنى ئىشلىتىش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىشدۈرۈش، ئاساس بىلىم قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئاساسىدا تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
گېرمانىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدا يېزىقچىلىق ئەڭ مۇھىم ئورۇندا بولۇپ، فرانسىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدىكى >يېزىقچىلىق مەركىزى< بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىدۇ. جۈملىدىن ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئادەتتە >سۆزلەش ۋە ئاڭلاش<، >ئەدەبىيات، باشقا ماقالىلەر ۋە ۋاسىتىلار<، >گرامماتىكا ۋە تىلنى كۆزىتىش<تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گېرمان تىلى تەربىيىسىدە يېزىقچىلىق مەشقىغە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلسىمۇ، لېكىن ئاساسىي مەقسەت ئوقۇغۇچىلارغا پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئىشلىتىلىدىغان ئەدەبىيات تۈرلىرىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىش )ئاددىي مۇلاھىزە، ماقالىلىرى، ئىجابىي، سەلبىي نۇقتىدىكى مۇلاھىزە. ماقالىلىرىنى يېزىش، ئوقۇرمەنلەردىن خەت، قىسقا ئوبزور، كىتاب ئوقۇشتىن تەرمىلەر، خىزمەت ئىزدەش دوكلاتى، قىسقىچە تەرجىمھال دەرس تېكىستىنى قايتا بايان قىلىش، ئەسەرلەرنى چۈشەندۈرۈش، سېخىملارنى تەسۋىرلەش ۋە چۈشەندۈرۈش، ئاغزاكى دوكلات قاتارلىقلارنى ئۆگىنىدۇ؛ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ گېرمان تىلى تەربىيىسىدە ئېغىز ۋە يېزىقتا ياخشى ئىپادىلەيدىغان ئىقتىدار بەك تەكىتلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاراىشىنى ئېنىق شەرھىلەش، ئىش ئۈستىدە كېڭىشىش، دوكلات بېرىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش مەكىزىي ۋەزىپە قىلىنىدۇ؛ يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلارغا كەڭ دائىرىلىك، كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۇنىۋېرسال ئاسا بىلىملەرنى ئۆگىتىش تەلە قىلىنىدۇ.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1957 - يىلى تۇنجى سۈنئىي ھەمرانى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ، غەرب دۇنياسىغا ئىنتايىن چوڭ زەربە بەردى. پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى روسىيە بىر ئىزىدىلا توختاپ قالماي، داۋاملاشتۇرۇلغان مائارىپ ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە پۈتكۈل تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. روسىيە 1997 - يىلى ئېلان قىلغان >ئادەتتىكى ئاساس مائارىپنىڭ دۆلەت مائارىپ ئۆلچىمى<دە تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرى ساھەسىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئىجابىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالاقە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى تىل پائالىيەتلىرى )ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش، بايان قىلىش(نى، تىل ئەمەلىيىتى، قانۇنىيىتى ۋە قائىدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەكلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى تىلدىن ئەركىن، ھېسىياتلىق پايدىلىنىپ ئالاقە قىلالايدىغان قىلىشنى، دەسلەپكى قەدەمدىكى تىلشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق بويىچە ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش… ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خەزىنىسى ۋە دۇنيانىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خەزىنىسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى بېيىتىش، ئېستېتىك سەزگۈ ئىقتىدارىنى، ئەدەبىيات - سەنئەت ھادىسىلىرىنى باھالاش ئىقتىدارىنى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى. دېمەك، روسىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدىكى ئاساسى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە قابىلىيەتنىڭ ئورتاق ئۇلىنى سالدۇۇرشتىن ئىبارەت بولدى.
ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇۇرشى ئاخىرلاشقان چاغدىكى ۋەيرانە ھالەتتىن ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشتا مائارىپ مۇھىم رول ئوينىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپنىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئامېرىكىنىڭ >تۇرمۇشنى مەركەز قىلىش< ئەندىزىسى تولۇق كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش يۈكسەك دەرىجىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن سىستېمىلىق تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرىگە ۋە تىل قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرۈشكە سەل قارىلىپ، ياپون تىلى سەۋىيىسىتۆۋەنلەپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ياپون تىلى ئوقۇتۇشىدا 60 - يىللاردىن باشلاپ >بىلىمنى مەركەز قىلىش<تىن ئىبارەت ئىسلاھات قوزغىتىلدى، 70 - يىللاردا >ئىزدىنىشنى مەركەز قىلىش<تىن ئىبارەت ئىسلاھات قوزغىتىلدى؛ 80 - يىللاردا >تىل مائارىپى مەيدانى<دا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياپون تىلى ئوقۇتۇشىدا ئاغزاكى تىل، يېزىق تىلىدا ئىپادىلەيدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ئاساسىي بىلىملەر ئوقۇتۇشى مەزمۇن قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى، تەپەككۇر ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، تىل تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. بۇ دەۋردە بىلىم بىلەن ئىقتىدارغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش تەشەببۇس قىلىندى. 90 - يىللاردا ياپون تىل ئوقۇتۇشى >ياشاشنى مەركەز قىلىش< بۈاسقۇچىغا كىردى ئۇنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا باسقۇچتىكى ئوقۇتۇش نىشان تەلىپى دۆلەت تىلىدا چۈشىنىش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تىلىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت تىلىغا ھۆرمەت قىلىدىغان پوزىتسىيىنى يېتىلدۈرۈش تەلەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپىدا مەلۇم ساندا خەنزۇچە خەتنى تونۇش، ئوقۇش - يېزىش، خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئوقۇش ئىزچىل تەلەپ قىلىندى.
ياپونىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپى ئون يىلدا بىر قېتىم ئۆزگىرىپ دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭىلاش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى؛ خەنزۇ مەدەبىيىتىنى ئۆگىنىش شەرق، غەرب ئامىللىرى تەڭ مەۋجۇد بولغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى.
بۇلاردىن باشقا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل تەربىيىسىدە تىل - ئەدەبىيات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندېۋىدۇئال تەرەققىياتىغا، ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش قوشۇمچە قىلىشقا ھەمدە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. دېمەك، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئانا تىل تەربىيىسىنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مىللىي مەنىۋىي مەدەبىياتنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىدا ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا نەرسە باسالمايدىغان رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتى.
زامانىمىزدىكى تىل - ئەدەبىيات مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ يۈزلىنىشى
1998 - يىل ب د ت مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش گەنسىسى مايورىنىڭ >دۇنيا مائارىپ دوكلاتى<غا يېزىپ بەرگەن كىرىش سۆزىدە ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: >ئەۋلادلىرىمىزغا قانداق دۇنيانى قالدۇرۇشىمىز ناھايىتى زور دەرىجىدە دۇنياغا قانداق ئەۋلادلارنى قالدۇرۇشىمىزغا باغلىق بولىدۇ< تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلىشى زامانىمىزدىكى تىل - ئەدەبىيات مائارىپى ئىسلاھاتىنىڭ يۈزلىنىشىگە باغلىق. زامانىمىزدىكى تىل - ئەدەبىيات مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ يۈزلىنىشىگە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنىڭ بىر نەچچە تەرىپىدىن قاراپ باقايلى.
(1) ئوقۇتۇشنىڭ ئىسلاھات يۈزلىنىشى
1. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئوقۇش ئوقۇتۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇش ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئۈچ تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، ئوقۇشنىڭ ئاساسىي قابىلىيىتىگە ۋە ماھارىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن؛ ئىككىنچىدىن، كىتاب خىللىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ كەڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن؛ ئۈچىنچىدىن، ئوقۇرمەن سۇبيېكتلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش داۋامىدا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن قىلغان.
2. >ئوقۇش ئىستاتېگىيىسى< ئوقۇتۇش
ئىستىراtېگىيە ئوقۇتۇش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ قىزىق ساھەلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا نۇرغۇن دەرس ئىسلاھاتلىرىنىڭ يەنە بىر بۆسۈش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇش ئىستىراتېگىيىسى ئوقۇتۇش بولسا ئىستىراتېگىيىلىك ئوقۇش ئىستىراتېگىيىسى ئوقۇتۇش بولسا ئىستىراتېگىيىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېما بولۇپ، ماھارەت مەشىقىنىڭ ئورنىنى تەدرىجى ئىگىلەپ، ئوقۇش ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى بولۇپ قالدى. نەزەرىيە جەھەتتە تەھلىل قىلىش ۋە سىناقتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇش ئىستىراتېگىيىسى ئاز ئەمەس. مەسىلەن، مۇھىم مەزمۇننى بەلگىلەش )مۇھىم ۋە مۇھىم بولمىغان ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش( ئىستىراتېگىيىسى، گۇمانلىنىش ۋە گۇمانىنى يېشىش ئىستىراتېگىيىسى قاتارلىقلار.
دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇش ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشلۇق ئوبيېكتىنى توغرا چۈشىنىش، يادىلاپ جۇغلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىلىپ كەلدى. يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە ئوقۇش ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسىرلىنىش، چۈشىنىش، ھوزۇرلىنىش ۋە باھالاش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە قارىتىلدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىك ئوقۇش ۋە ئىجادىي ئوقۇش ئىقتىدارىنى تەدرىجى يېتىشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. كۆپ نۇقتىدىن، ئىجادىي رەۋىشتە ئوقۇش ئۈمىدى، قايتا ئويلىنىش ۋە تەنقىد قاتارلىق ھالقىلاردىن پايدىلىنىپ تەپەككۇر بولشۇقىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەشەببۇس قىلىندى.
(2) يېزىقچىلىق ئوقۇش ئىسلاھاتىنىڭ يۆنۈلۈشى
1. يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى دۇچكەلگەن خىرس
يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى جەھەتتىكى خىرس ئاساسلىقى ئۇچۇر ئىنقىلابىدىن كېلىدۇ. ئۆتكەنكى يېزىقچىلىق قارىشىدا يېزىق تىلىنىڭ ئاساسلىق شەكلى خەت يېزىش ئىدى. كومپيۇتېرنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر يېزىقچىلىقى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە خىزمەت ئېھتىياجى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر كومپيۇتېر يېزىقچىلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2. يېزىقچىلىق يېتەكچىلىكى
يېزىقچىلىق جەريانى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا قوزغىتىدىغان جەريان ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە يېزىشىدا ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەزىلەر يېزىقچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسىنى تۈزىتىپ يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسى، چۈشىنىپ يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسى، ئەدەبىياتلىق يېتەكچىلىق قىلىش ئەندىزىسى، كۈندىلىك تۇرمۇش يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسىدىن ئىبارەت تۆت خىلغا يىغىنچاقلىغان. كۆزىتىپ يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسىنى مىسالغا ئالساق، سوخۇمىلىنىسكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا ماقالە يېزىدىغان 233 تېما چىقىرىپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ناتۇراسىزلىق خاراكتېرىدىكى كۆزىتىش ماقالە تېمىسىدىن 116 سى بولغان. ئەمەلىي نەرسىلەرنى ۋە تۇرمۇشنى كۆزەتكەندە. ئوقۇغۇچىلاردا روشەن ئوبراز شەكىللەندۈرۈپ يېزىقچىلىق ھېسىياتى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھال شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىرماش - چىرماش مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە مۇستەقىل پىكى ر قىلىشقا پايدىلىق. كۆزىتىش ئوقۇغۇچىلاردا >ئېنىق پىكىر<، >جانلىق تىل< ۋە >ئىجادى روھ< پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۈچى ئىلمىي تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ >ئۈچ تۈۋرۈكى< ھېسابلىنىدۇ.
3. ئىجادىي يېزىقچىلىق مەشىقى.
ئىجادىي يېزىقچىلىق مەشقى ئەنئەنىۋى ئۆلۈك، دوگما يېزىقچىلىق مەشىقىگە قارىتىلغان بىرخىل يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھات قەدىمىنىڭ تېزلىشىشگە ئەگىشىپ، ئىجادىي مەشىق نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. ھەتتا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى، دەپ قارالدى. يېقىنقى يىللردىن بۇيانقى بەزى دۆلەتلەردىكى ئىجادىي يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە شەكلىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى تۈزۈمدىكى ئىككى تەرەپكە مەركەزلەشكەن: بىرى، بۇرۇنقى يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىنىڭ دەرس ئەندىزىسى بۇزۇۋېتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچىلىق ئەركىنلىكى تولۇق بېرىلگەن. ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچىلىقتىن تېما، ژانىر، ھەجىم قاتارلىق تەلەپلەرنى قويمىغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ۋە ئىجادىيلىققا تولغان يەككە تۈر مەشىقى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇپ، كېيىنكى مۇكەممەل ھەم قېلىپلاشقان ئىجادىي يېزىقچىلىققا پۇختا ئاساس سالغان. يەنە بىرى، تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىش مەشىقى ئېلىپ بارغان.
(2) ئاغزاكى ئالاقە — ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇتۇشىدىكى يېڭى ئىدىيە
1. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى
ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، پىكىرىنى جانلاندۇرۇش، تەپەككۇرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ۋە ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈدىغان ئۈنۈم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت يېتىلدۈرۈشىدىمۇ ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئوقۇتۇشى نىشانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەقسىتىنى ئاغزاكى تىلدا ئۈنۈملۈك ئىپادىلەشنى يېتىشتۈرۈش ئاسا قىلىنغان. بولۇپمۇ ئاشكارە سۆز قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە سۆزلەش ئىستىراتېگىيىسىنى تەتبىق قىلىش قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلگەن. فرانسىيىنىڭ تىل - ئەدەبىياتتىكى ئاڭلاش، سۆزلەش دەرسىدە ئۈنۈملۈك ئوقۇش ئىقتىدارى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن. سۆزلەش جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى تۇرغان مۇھىتقا قاراپ، مۇۋاپىق تىلنى تاللاپ ئىپادىلەشنى يېتىشتۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلگەن. فرانسىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسىدە سۆزلەش بىلەن يېزىشنى بىرلەشتۈرۈلگەن. ياپونىيىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت تىلى ئوقۇتۇش پروگراممىسىدا ئوقۇتۇش مەزمۇنى سۆزلەش - ئاڭلاش، يېزىقچىلىق، ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپكە ئايرىلغان. كورىيىنىڭ تىل - ئەدەبىيات مائارىپ مەزمۇنى ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش، دۆلەت تىلى بىلىمى ۋە ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئالتە ساھەدىن تەركىب تاپقان. >دۆلەت تىلى بىلىمى<مۇ سۆزلەش ئىقتىدارىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر بىلەن كەڭ چېتىلغان. جۇڭگونىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسىدە >ئاغزاكى ئالاقە< ئاساسىي مەزمۇن قىلىندى. >تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى<دە بۇرۇنقى >سۆزلەش< ۋە >ئاڭلاش<تىن ئىبارەت ئىككى سىستېما قوشۇۋېتىلىپ، >ئاغزاكى ئالاقە< قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى بولماستىن، يېڭى ئىدىيىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىدىيە: >ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارى ھازىرقى زامان پۇقرالىرى ھازىرلايدىغان ئىقتىدار. كونكرېت ئاغزاكى ئالاقە مۇھىتىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، ئىپادىلەش ۋە جاۋاب ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلەر ئارا مەدەنىي - مۇلايىم پىكىر ئالماشتۇرۇدىغان ساپاغا ئىگە قىلىش لازىم< دېگەنىدىن ئىبارەت.
2. ئاغزاكى ئالاقىلەرنىڭ ئوقۇتۇش يۈزلىنىشى
ئاغزاكى ئالاقە سۆزلىگۈچى ۋە ئاڭلىغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدىن ئىبارەت. >ئاغزاكى ئالاقە<نى دەرسخانىدا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى ئورتاق ئوقۇتۇش ئىستىراتېگىيىسى بىرىنچىدىن، ئالاقە مۇھىتىنى ئىنچىكىلەپ يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى شۇ مۇھىتتا تۇرداندەك ھېسىياتقا ئىگە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئۆگىنىش ھەۋىسىنى ۋە قىزغىنلىقىنى قوزغاشنى؛ ئىككىنچىدىن، ئاغزاكى ئالاقە قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا قوزغىتىشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى؛ ئۈچىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارغا ئاغزاكى ئالاقە پۇرسىتىنى كۆپ بېرىپ، تۇرمۇشقا يېقىن سۆز تېمىسى ۋە مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئاغزاكى ئالاقە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاغزاكى ئالاقە بىلىملىرىنى ئۆگىتىش ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاغزاكى ئالاقىنىڭ يادروسى >ئالاقە<. ئۇنىڭدا ئاڭلاش ۋە سۆزلەشنى ئاددىي ھالدا توسۇپ قويۇشقا ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە تۇتاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئالاقە قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا قوزغىتىش ھالىتىدە تۇرغاندىلا ھەقىقىي مەنىدىكى ئاغزاكى ئالاقىدە بولىدۇ.
(4) تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى
ھازىرقى زامان مەنىسىگە ئىگە مائارىپ تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىشىغا، بولۇپمۇ كۆپ ۋاسىتىلىق تېخنىكا ۋە ئىنتېرنېت تور تېخنىكىسىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە تەتبىق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ كەڭ ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىستىقبالىدىن كۆردى. ئۆگىنىش قوراللىرىدىكى ئىنقىلاب ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ مۇقەررە ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ مائارىپ ئېڭى ۋە قارىشىنى مۇقەررە كېڭەيتىدۇ. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، سىنئالغۇ، ئۈنئۈلغۇ، پروپېكتور، پروپېكسىيە ئاپپاراتى، ئىكرانىنىڭ ئىشلىتىلىشى بارغانسېرى ئومۇملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە CAI ۋە كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ۋاسىتىلىرى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتى، تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى. شۇڭا ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلەش ۋە تەتبىق قىلىشمۇ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان مۇقەررە، ئەقەللىي تەلەپ بولدى. بۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن قارا دوسكا ئىشلىتىشكە، ئوقۇتقۇچى سۆزلىسە ئوقۇغۇچى ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان، ئوقۇقتۇچى دوسكىغا يازغاننى ئوقۇغۇچىلار كۆچۈرىدىغان ئادەتكە نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىنقىلاب ھېسابلىنىدۇ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر