باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
ياشلىرىمىز
-
ياشلىرىمىز
-
ئىشەنچكە ئىگە بولۇش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ مۇھىم
ئىشەنچكە ئىگە بولۇش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ مۇھىم
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:30:04 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئىشەنچكە ئىگە بولۇش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ مۇھىم
ئىلگىرى ناھايىتى داغدۇغىلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىڭىزمۇ، ھەرگىز بۇلار ماڭا يېتەرلىك دېمەڭ. سىزگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەر يەنىلا ئالدىڭىزدا.
يېقىندا، مەن كالفورنىيە شتاتى سېرىنگۈل باغچىسى خرۇستال سارىيىنىڭ يەكشەنبە ئەتىگەنلىك ئىبادىتىدە نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىندىم. بۇ مۇقەددەس ساراينى دوكتور روبېرت شولى تەۋرەنمەس ئېتىقادى ۋە 500 ئامېرىكا دوللىرى فوندى ئاساسىدا قۇرۇپ چىققان. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە بۇ مۇقەددەس ساراينىڭ 30 يىللىق خاتىرە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ساراي ئادەملەر بىلەن توشۇپ كەتتى. گېزىتتە 11 مىڭ ئادەم كەلدى دەپ خەۋەر بېرىلدى.
بۇ خاسىيەتلىك يەكشەنبە كۈنى، دوكتور شۇلى مۇخلىسلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى مەركىزىنى قۇرۇش پىلانىنى ئىلان قېلدى. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە دوكتور شۇلى كىشىلىك ھاياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن كىشى ئىدى. كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ئاكتىپ كىشىلەر مەلۇم نىشانغا يېتىپ بولغان ھامان، يەنە يېڭى نىشاننى بەلگىلەيدۇ.
مەيلى سىز قانداق بەدەللەر بىلەن نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ، ھەرگىز ھەممىنى تاماملاپ بولدۇم دەپ جاكارلىماڭ. ئەگەر بىر قانچە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىڭىز يەنە يېڭى، ئادەمنى تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغان نىشان بەلگىلەڭ. مەن سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، ئالدىڭىزدا سانسىز ئېسىل پۇرسەتلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ئىلگىرى ناھايىتى داغدۇغىلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىڭىزمۇ، ھەرگىز بۇلار ماڭا يېتەرلىك دېمەڭ. سىزگە نىسبەتەن، ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەر يەنىلا ئالدىڭىزدا. ئۆزىڭىز ئىلگىرىكى نەتىجىلىرىڭىزنى ئەسلىگىنىڭىزدە: >ئەجەب ياخشى، يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىمنىڭ ھەممىسىگە يېتىپ بولدۇم<دېمەي، بەلكى ئىشلىرىمنى مۇشۇنداق ياخشى ئورۇنلاپ بولۇشۇم پەقەت >يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەققىي قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن< دەڭ. ھەر دائىم ئالدىڭىزدا گۈزەل كېلەچەكنىڭ قۇچاق ئېچىپ ياتقانلىقىغا ئىشىنىڭ، بۇنىڭدىن ھەرگىز دەرگۇمان بولماڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغۋار كىشىلىك ھاياتقا ئىگە بولىسىز.
ئەركىن دۇنيا كىشىلىك قاراشنىڭ ئاساسى دېموكراتىزم، شۇنداقلا ئۇ ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكى. ھەركىم ئۆز ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ يۈكسىلىشكە ئېرىشىدۇ. ھەرقانداق ئىشەنچ ۋە ئىدىيىگە ئىگە بولۇش، ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ مۇھىم.
مەن ئاكتىپ پوزىتسىيە ۋە ئىشەنچنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم - دە، نۇرغۇن كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە، ئېتىقاد ۋە ئىشەنچكە تايانغاندىلا، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. ئەمەلىيەتتىمۇ نۇرغۇن ئاددىي ئادەملەرنىڭ بۇخىل ئاكتىپ پوزىتسىيە ۋە ئىشەنچكە تايىنىپ، ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى قازانغانلىقى توغرىسىدىكى مىساللار ناھايىتى كۆپ.
مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر قانداق قىلغاندا مۇددىئا، مەقسەتلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى كىتابلارنى يېزىپ، كىشىلەرگە ئىلھام بەردى، ئەمما بۇ كىتابلارغا قارىغاندا مەشھۇر شەخسلەرنى بارلىققا كەلتۈردىغىنى يەنىلا ئەركىن جەمئىيەت ھازىرلىغان ئالاھىدىلىكلەر. مەن يەنە سىزگە شۇنى قايتا تەكرارلاي:
ئىشەنچىگە ئىگە بولۇش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ مۇھىم.
پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ!
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر