ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:ياشلىرىمىز - ياشلىرىمىز - ئىجرا باھانىگە يول قويمايدۇ

ئىجرا باھانىگە يول قويمايدۇ

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-17 19:22:07 كۆرۈلىشى: $$访问$$



     ئىجرا باھانىگە يول قويمايدۇ
    باھانىگە يول قويماسلىق ئىجراچىلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتماسلىق، ھەرقانداق ئىش ئورنىدا ئۆز خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش لازىم. خىزمەت دېمەك باھانىگە يول بەرمەي ئىجرا قىلىش دېمەكتۇر.
  قىسىم ياكى پولكتا، ئەسكەر ياكى خادىم بولغۇچىدا يۇقىرى تاپشۇرغان  ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىجراچىلىق بولمىسا بولمايدۇ. ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغانلىق ئەھدە بەرگەنلىكتۇر. ئۆزىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلماي باھانە كۆرسىتىش يارىماسلىقتۇر. باھانىگە يول قويماسلىق ئىجراچىلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنى شەخسنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىگە بولغان پوزىتسىيىسى گەۋدىلەنگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىدىيە، دېيىشكە بولىدۇ. ئىدىيە پوزىتسىيىگە، پوزىتسىيە ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. باھانىگە يول قويمايدىغان خادىم چوقۇمكى ئىجراچىلىقى قالتىس خادىمدۇر. چۈنكى خىزمەت دېمەك باھانىغا يول قويماي ئىجرا قىلىش دېمەكتۇر.
  ناۋادا غەربىي پوينتنى نوقۇل ھالدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپى دەپ قارىساق،  بىز ناھايىتى تېزلىكتە ئۇنىڭ چېنىقتۇرۇشتىكى نۇرغۇن ئۇسۇل ۋە ئىدىيىلىرىنى كارخانىغا تەتبىقلىساق  ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بايقاپ يېتىمىز. مەسىلەن: قوماندان كۇرسانتقا  بۇيرۇق بەرگەندە، كۇرسانت قومانداننىڭ بۇيرۇقىنى بىر قېتىم تەكرارلىشى، قوماندان <شەرتىڭ بارمۇ؟> دەپ سورىسا، كۇرسانتنىڭ ھەر قاچان بېرىدىغان جاۋابى: <يوق، باشلىق> دېگەندىن  ئىبارەت بولۇشى  شەرت. كۇرسانتنىڭ جاۋابى ئەھدە بولۇپ، قوماندان يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى قوبۇل قىلغىنىدۇر. غەربىي پوينتتا كۇرسانتلارنىڭ ئىرادە، مەسئۇلىيەتچانلىق، چىدام يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولمايدىغان بىرمۇ ھەرىكەت يوقتۇر.  مەسىلەن: مىڭلاپ تەكرارلىنىدىغان چەپراس بولۇپ تۇرۇشتىن تارتىپ چاس بېرىشكىچە. مۇشۇنداق چېنىقىش ئارقىلىق غەربىي پوينت ھەربىي مەكتىپىنىڭ مەدەنىيىتى تەدرىجىي  ھالدا ھەربىر كۇرسانتنىڭ قەلبىگە ئۇيۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئىرادىنى  ھەر ۋاقىت ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان،  ئادەمگە ھەر قاچان تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق، قايناق ئىرادە بېغىشلايدىغان شۇنداق جەڭگىۋار مەدەنىيەتتۇر.
  گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاجايىپ ئىستىلى، ئۇلارنى  دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرگەن سەۋەب ئىكەنلىكى   پۇتبولغا ھەۋەسكار  دوستلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان. گېرمانىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئامىللار نۇرغۇن،  ئەلۋەتتە. بىراق مېنىڭ پەمىمچە بىر نۇقتا ئەڭ سالماقلىقتۇر. ئۇ بولسىمۇ — ئۇلارنىڭ ئەزالىرى مەشقاۋۇلنىڭ كۈتكىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۆز ئورنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش جەھەتتىكى ئىجراچىلىقتۇر. نومۇردا ئارقىدا قالغان، پۈتۈن  كوماندا قىيىنچىلىقتا قالغان ئەھۋالدىمۇ،  باھانىگە يول قويماي شۇنداق قىلىدۇ. سىز بەلكىم ئۇلارنى بەك قاتمال،  بەك مېخانىك  دېيىشىڭىزمۇ؛ ئۇلاردا ئىجادچانلىق يوق، پۇتبول سەنئىتىنى بىلمەيدۇ، دېيىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، نەتىجە ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇلار پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ بىر نۇقتىدا مۇنەۋۋەردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ جىسمىدىن ئىجراچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەتنىڭ خىسلىتى تەپچىپ تۇرىدۇ. ھەر قانداق تەشكىل، ھەرقانداق كارخانا، ھەر قانداق شەخس، ھەر قانداق خادىمدا ۋايىغا يەتكەن ئىجراچىلىق بولمىسا ھەر قانچە ئىجادچانلىق بولسىمۇ،  ۋاي  دېگۈدەك نەتىجىگە ئېرىشەلىشى ناتايىن. 
  مەن پۇتبول ھەۋەسكارى ئەمەسمەن،  بەلكى زەيتۇن توپ مەستانىسىمەن، فېسىش  لوڭباد ئامېرىكىنىڭ زەيتۇن توپ ھەرىكىتى تارىخىدىكى داڭدار مەشقاۋۇلدۇر. مەن ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىخلاسمەنىمەن. ئامېرىكا يېشىل تۇمشۇق زەيتۇن توپ كوماندىسى فېسىش  لوڭبادنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئاجايىپ نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئامېرىكىنىڭ زەيتۇن توپ تارىخىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان  كوماندىغا ئايلاندى. بىز فېسىش  لوڭبادنىڭ نوقتىئىنەزەرلىرىگە نەزەر سالساق،  ئىجراچىلىق ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر، ئۆزگىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز.
  <مەن سىلەردىن پەقەت بىرلا ئىشنى كۈتىمەن. ئۇ بولسىمۇ غەلىبە. ناۋادا نىشان چوقۇم غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشمىسە، مۇسابىقە ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. توپ ئويناش، خىزمەت، ئىدىيە  بولسۇن،  ھەممىسىدە  چوقۇم غەلىبە قىلىش كېرەك.>
  <سەن مەن بىلەن خىزمەت قىلىدىكەنسەن، پەقەت ئۆزۈڭ، ئائىلەڭ، كوماندىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسىنىلا مۇشۇ  تەرتىپ بويىچە ئويلىشىڭ كېرەك.>
  <مۇسابىقە دېمەك ھېچنېمىگە باقماسلىق دېگەنلىكتۇر. شۇڭا سەن ھېچنېمىگە باقماستىن ئالغا تاشلىنىشىڭ؛ ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق ئادەمگە پىسەنت قىلماسلىقىڭ، نومۇر ئېلىش سىزىقىغا يېقىنلاشقاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك.  سېنى ھېچقانداق نەرسە توسىيالماسلىقى، بىرونېۋىك، ئىستېھكام يولۇققان، قارشى تەرەپنىڭ 11 ئادىمى ئارىغا ئېلىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن  بۆسۈپ ئۆتۈپ نومۇر ئېلىشىڭ لازىم.>
  مانا مۇشۇنداق پولاتتەك ئىرادە، تەۋرەنمەس ئىشەنچ بولغاچقىلا ۋايىغا يەتكەن ئىجراچىلىق يېشىل تۇمشۇق زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا نېسىپ بولغان گەپ. مۇسابىقىگە چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ قەلبىدە غەلىبە، غەلىبە دېگەندىن باشقا ھېچقانداق ئۇقۇم يوق. ئۇلار ئۈچۈن غەلىبە بىردىنبىر  نىشاندۇر. ئۇلار غەلىبە ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن چىشىنى چىشلەپ ئىلگىرىلەيدۇ. ۋايساش، قورقۇش، يالتىيىش، باھانە دېگەنلەر ئۇلارغا يېقىن يولىيالمايدۇ. ئۇلار ياللانما خادىملارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپتۇر.
  گېنېرال بادوننىڭ ئۇرۇش ئەسلىمىسى <مەن بىلگەن ئۇرۇش> تا مۇنداق بىر تەپسىلات بار.
  <مەن ئادەم ئۆستۈرۈشكە توغرا كەلگەندە نامزاتلارنى رەتكە تۇرغۇزغاندىن كېيىن،  ئۇلارغا پەقەت: سەپداشلار ماڭا ئىسكىلاتنىڭ كەينىدە ئۇزۇنلۇقى سەككىز فوت (ئىنگلىزچىسى)، كەڭلىكى ئۈچ فوت، چوڭقۇرلۇقى ئالتە  دىيۇم (ئىنگلىز سۇڭى) كېلىدىغان ئاكوپ كېرەك بولۇپ قالدى، دەيمەن، بۇنىڭدىن باشقا لام - جىم دېمەيمەن. نامزاتلار جابدۇقلارنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، ئىسكىلاتقا كىرىۋېلىپ، دېرىزىسىدىن ئۇلارنى كۆزىتىمەن. ئۇلار چوت، گۈرجەكلىرىنى  ئىسكىلاتنىڭ كەينىدىكى يەرگە قويۇپ قويۇپ، بىر قانچە مىنۇت ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن مېنىڭ ئاكوپنى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق تېيىز قازدۇرىدىغانلىقىم  ھەققىدە مۇھاكىمىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. بەزىلەر: ئالتە  دىيۇم چوڭقۇرلۇقتىكى ئاكۇپ زەمبىرەكنىڭ گەۋدىسىنى يۇشۇرۇشقىمۇ يارىمايدۇ، دېسە، بەزىلەر: بۇنداق ئاكۇپ بەك ئىسسىق بولىدۇ،  دەپ، بەزىلەر بەك سوغۇق بولىدۇ، دەپ، تالاش - تارتىش قىلىشىدۇ. ناۋادا ئۇلار كوماندىر بولغان بولسا مۇشۇنداق ئاددىي ئىشنىمۇ بىز قىلامدۇق، دەپ كايىغان بولاتتى. ئەڭ ئاخىرىدا بىرى  قوپۇپ باشقىلىرىغا: ئاكۇپنى قېزىۋېتىپ بۇ يەردىن كېتەيلى. ئۇ قېرى ھايۋان بۇ ئاكۇپنى نېمىگە ئىشلەتسە ئىشلەتمەمدۇ، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.   بادۇن ئەڭ ئاخىرىدا: <بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئەشۇ نامزات ئۆستۈرۈلىدۇ. مەن ۋەزىپىنى باھانە كۆرسەتمەستىن ئورۇنلايدىغان ئادەمنى تاللىشىم كېرەكتە> دەپ يازغان.
   ھەر قانداق خىزمەت باھانىگە يول قويماي ئىجراغا كىرىشىدىغان ئادەملەرنى شەرت قىلىدۇ. بىز نېمە ئىش قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، قانداق ئىش ئورنىدا بولىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىشىمىز؛ ئىجرا باھانىگە يول قويمايدۇ، شۇڭا باھانە ئارقىلىق ئۆزىمىزنى چەتكە ئالىدىغان، كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان ئىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك.
   
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر